< Izaiáš 24 >

1 Aj, Hospodin vyprázdní zemi, a pustou učiní; promění zajisté způsob její, a rozptýlí obyvatele její.
مانا، پەرۋەردىگار يەر يۈزىنى بەربات، ۋەيران قىلىپ، ئۇنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتىپ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنى تەرەپ-تەرەپكە تارقىتىدۇ؛
2 I budeť jakož lid tak kníže, jakož služebník tak pán jeho, jakož děvka tak paní její, jakož kupující tak prodávající, jakož půjčující tak vypůjčující, jakož lichevník tak ten, jenž lichvu dává.
شۇ ۋاقىتتا شۇنداق بولىدۇكى، خەلقلەر قانداق بولسا، كاھىن شۇنداق بولىدۇ؛ قۇل قانداق بولسا، خوجايىنى شۇنداق بولىدۇ؛ دېدەك قانداق بولسا، ئايال خوجايىنى شۇنداق بولىدۇ؛ سېتىۋالغۇچى قانداق بولسا، سېتىۋەتكۈچى شۇنداق بولىدۇ؛ ئۆتنە ئالغۇچى قانداق بولسا، ئۆتنە بەرگۈچى شۇنداق بولىدۇ؛ ئۆسۈم ئالغۇچى قانداق بولسا، ئۆسۈم بەرگۈچى شۇنداق بولىدۇ.
3 Náramně vyprázděna bude země, a velice zloupena; nebo Hospodin mluvil slovo toto.
يەر يۈزى پۈتۈنلەي بەربات قىلىنىدۇ، پۈتۈنلەي بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مۇشۇ سۆزنى قىلدى.
4 Kvíliti bude a padne země, zemdlí a padne okršlek země, zemdlejí vysocí národové zemští,
يەر يۈزى ماتەم تۇتىدۇ، ئۇ زەئىپلىشىدۇ، جاھان ھالسىزلىنىپ زەئىپلىشىدۇ، يەر يۈزىدىكى بەگ-تۆرىلەرمۇ ھالىدىن كېتىدۇ.
5 Proto že i ta země poškvrněna jest pod obyvateli svými; nebo přestoupili zákony, změnili ustanovení, zrušili smlouvu věčnou.
يەر-زېمىن ئۆزىدە تۇرۇۋاتقانلار تەرىپىدىن بۇلغىنىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار كۆرسەتمە-قانۇندىن چەتلىگەن؛ [تەبىئەتنىڭ] قانۇنىيەت-تەرتىپىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، مەڭگۈلۈك ئەھدىنىمۇ يوققا چىقىرىۋەتكەن.
6 Protož prokletí zžíře zemi, a vypléněni budou obyvatelé její; protož hořeti budou obyvatelé země, a pozůstane lidí maličko.
شۇڭا لەنەت يەر يۈزىنى يۇتۇۋالىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلار «گۇناھى بار» دەپ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا يەر يۈزىدىكىلەر يۇتۇۋېلىنىدۇ، ئىنسانلار ئاز قالىدۇ.
7 Žalostiti bude mest, usvadne vinný kmen, úpěti budou všickni veselého srdce.
يېڭى شاراب تۈگەي دەپ قالدى، ئۈزۈم تاللىرى بولسا سولىشىپ كېتىدۇ؛ كەيپلىكتىن كۆڭلى خۇش ئادەملەرمۇ ئۇھ تارتىشىدۇ؛
8 Odpočine radost bubnů, přestane hluk veselících se, utichne veselí harfy.
داپلارنىڭ شوخ سادالىرى توختايدۇ، كۆڭۈل ئېچىۋاتقانلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىمۇ تۈگەيدۇ، چىلتارنىڭ شادلىق مۇڭلىرىمۇ توختايدۇ.
9 Nebudou píti vína s prozpěvováním, zhořkne opojný nápoj pitelům jeho.
شاراب ئىچكەنلەرنىڭمۇ ناخشىسى يوقايدۇ؛ ھاراق ئىچكەنلەرگە ھاراق ئاچچىق تۇيۇلىدۇ.
10 Potříno bude město marnosti; zavřín bude každý dům, aby do něho nechodili.
تەرتىپسىز، مەنىسىز شەھەر بۇزۇلىدۇ؛ ھېچكىم كىرمىسۇن دەپ ھەممە ئۆيلەر ئېتىلىدۇ؛
11 Naříkání bude na ulicích pro víno, zatemněno bude všeliké veselí, odstěhuje se radost země.
كوچىلاردا شاراب ئۈچۈن نالە-پەرياد كۆتۈرۈلىدۇ؛ بار شاد-خۇراملىق تۈتەككە ئايلىنىدۇ؛ يەر-زېمىندىكى شادلىق يوقايدۇ.
12 Zůstane v městě poušť, i brány zbořeny budou.
شەھەردە پەقەت ۋەيرانچىلىقلا قالىدۇ، دەرۋازا بولسا چېقىلغان، ھەممىسى ــ خاراب بولىدۇ!
13 Nebo tak bude u prostřed země, u prostřed národů, jako očesání olivy, jako paběrkování, když se dokoná vinobraní.
چۈنكى خەلق-مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدا، يەر-جاھاننىڭ ئوتتۇرىسىدا شۇنداق بولىدۇكى، زەيتۇن دەرىخىنى قاققاندىن كېيىن قېپ قالغان زەيتۇنلاردەك، ئۈزۈم ھوسۇلىنى يىغىۋالغاندىن كېيىن تەرگۈدەك بىرنەچچىلا ئۈزۈم قالغاندەك، بىر قالدىسى قالدۇرۇلىدۇ.
14 Tiť pozdvihnou hlasu svého, prozpěvovati budou v důstojnosti Hospodinově, prokřikovati budou i při moři.
[قالدىلار] بولسا ئاۋازلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ھەيۋىسىگە قاراپ تەنتەنە قىلىدۇ؛ ئۇلار دېڭىز تەرەپتىن سۈرەن سالىدۇ.
15 Protož v údolích oslavujte Hospodina, na ostrovích mořských jméno Hospodina Boha Izraelského.
شۇڭا پەرۋەردىگارنى شەرقتىمۇ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى غەربتىكى يىراق ئاراللاردىمۇ ئۇلۇغلاڭلار؛
16 Od končin země slyšíme písničky o slávě spravedlivého. Ale já řekl jsem: Zchuravěl jsem, zchuravěl jsem. Ach, na mé hoře, že nešlechetní nešlechetnost provodí, nešlechetnost, pravím, že tak nestydatě páší.
جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدىن بىز ناخشىلارنى ئاڭلىدۇق: ــ «ھەققانىي بولغۇچىغا شان-شەرەپ بولسۇن!» بىراق مەن شۇنداق دېدىم: ــ «ئاھ، مېنىڭ ياداڭغۇلۇقۇم! مېنىڭ ياداڭغۇلۇقۇم! ھالىمغا ۋاي! چۈنكى خائىنلار خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ؛ بەرھەق، خائىنلار نومۇسسىزلارچە خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ!
17 Hrůza a jáma a osídlo tě očekává, ó obyvateli země.
ئى يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقان ئىنسانلار! ۋەھىمە، ئورا ۋە تۇزاق بېشىڭغا چۈشىدۇ؛
18 I stane se, že kdož uteče před pověstí strachu, upadne do jámy, a kdož vyleze z jámy, v osídle uvázne; nebo průduchové s výsosti otevříni budou, a zatřesou se základové země.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ۋەھىمە ساداسىدىن قاچقانلار ئورىغا چۈشىدۇ، ئورىدىن چىققان بولسا تۇزاققا تۇتۇلىدۇ. چۈنكى ئاسماندىكى دېرىزىلەر ئېچىلىدۇ، يەر ئۇللىرى تەۋرەپ كېتىدۇ.
19 Velmi se rozstoupí země, velice se rozpadne země, náramně pohybovati se bude země.
يەر مۇتلەق دەزلىنىپ كېتىدۇ، يەر پۈتۈنلەي پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ، يەر دەھشەتلىك تەۋرىنىدۇ.
20 Motaje, motati se bude země jako opilý, a přenešena bude jako chaloupka; nebo těžce na ni dolehne nepravost její, i padne tak, že nepovstane více.
يەر مەست ئادەمدەك ئىلەڭ-سىلەڭ ماڭىدۇ؛ خۇددى لاپاستەك ئىرغاڭشىپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدىكى ئاسىيلىق گۇناھى ئۆزىنى قاتتىق باسىدۇ، ئۇ يىقىلىپ، ئىككىنچى تۇرالمايدۇ.
21 I stane se v ten den, navštíví Hospodin vojsko vysoké na výsosti, též i krále zemské na zemi.
شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار يۇقىرىدا تۇرغان قوشۇنلارنى يۇقىرىدا، ۋە يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى يەر يۈزىدە جازالايدۇ.
22 Kteřížto shromážděni budou, tak jako shromažďováni bývají vězňové do žaláře, a zavříni budou u vězení; po mnohých, pravím, dnech navštíveni budou.
ئۇلار ئورەككە يىغىلىدىغان بىر توپ ئەسىرلەردەك يىغىۋېلىنىدۇ، گۇندىخانىغا سولاپ قويۇلىدۇ. نۇرغۇن كۈنلەردىن كېيىن ئۇلار جازالىنىدۇ.
23 I zahanbí se měsíc, a zastydí slunce, když kralovati bude Hospodin zástupů na hoře Sion, a v Jeruzalémě, a před starci svými slavně.
ئاي ئۇياتلىقتا قالىدۇ؛ كۈنمۇ خىجىل بولۇپ كۆرۈنمەيدۇ؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار زىئون تېغىدا، يەنى يېرۇسالېمدا سەلتەنىتىنى يۈرگۈزىدۇ؛ ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئۆز ئاقساقاللىرى ئالدىدا پارلايدۇ!

< Izaiáš 24 >