< Skutky Apoštolů 23 >

1 Tedy Pavel, pohleděv pilně na to shromáždění, řekl: Muži bratří, já všelijak s dobrým svědomím sloužil jsem Bohu až do dnešního dne.
پاۋلۇس ئالىي كېڭەشمە ھەيئەتلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ: قېرىنداشلار، مەن بۈگۈنگىچە خۇدانىڭ ئالدىدا پاك ۋىجداندا مېڭىپ كەلدىم، ــ دېدى.
2 Tedy nejvyšší kněz Ananiáš kázal těm, kteříž tu stáli, aby jej bili v ústa.
بۇنى ئاڭلىغان باش كاھىن ئانانىياس [پاۋلۇسنىڭ] يېنىدا تۇرغانلارغا ئۇنىڭ ئاغزىغا ئۇرۇشنى بۇيرۇدى.
3 Pavel pak řekl jemu: Budeť tebe bíti Bůh, stěno zbílená. A ty sedíš, soudě mne vedle Zákona, a proti Zákonu velíš mne bíti.
پاۋلۇس ئۇنىڭغا: ــ خۇدا سېنى ئۇرىدۇ، ئەي ئاقارتىلغان تام! سەن ئۇ يەردە مېنى تەۋرات قانۇنى بويىچە سوراققا تارتىشقا ئولتۇرىسەن، لېكىن تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ھالدا مېنى ئۇرۇڭلار دەپ بۇيرۇدىڭغۇ؟! ــ دېدى.
4 A někteří stojíce tu řekli: Nejvyššímu knězi Božímu zlořečíš?
ــ سەن خۇدانىڭ باش كاھىنىغا ئاشۇنداق ھاقارەت كەلتۈرەمسەن؟! ــ دېيىشتى يېنىدا تۇرغانلار.
5 I řekl Pavel: Nevědělť jsem, bratří, byť nejvyšším knězem byl; psánoť jest zajisté: Knížeti lidu svého nebudeš zlořečiti.
پاۋلۇس: ــ ئى قېرىنداشلار، مەن ئۇنىڭ باش كاھىن ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن. چۈنكى تەۋراتتا: «خەلقىڭنى ئىدارە قىلغۇچىنىڭ يامان گېپىنى قىلما!» دېيىلگەن، ــ دېدى.
6 A věda Pavel, že tu byla jedna strana saduceů a druhá farizeů, zvolal v radě: Muži bratří, já jsem farizeus, syn farizeův; pro naději a z mrtvých vstání já tuto k soudu stojím.
لېكىن پاۋلۇس ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ سادۇقىي، يەنە بىر قىسمىنىڭ پەرىسىيلەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئالىي كېڭەشمىدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ قېرىنداشلار، مەن بولسام پەرىسىيلەردىن بولىمەن ۋە پەرىسىيلەرنىڭ پەرزەنتىمەن. مەن ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلىشقا باغلىغان ئۈمىد توغرۇلۇق بۇ يەردە سوراققا تارتىلىۋاتىمەن! ــ دەپ ۋارقىرىدى.
7 A když on to promluvil, stal se rozbroj mezi farizei a saducei, a rozdvojilo se množství.
ئۇ بۇ سۆزنى دېيىشى بىلەنلا، پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلار ئارىسىدا جېدەل-غوۋغا قوزغىلىپ، كېڭەشمىدىكىلەر ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى
8 Nebo saduceové tak praví, že není vzkříšení, ani anděla, ani ducha, ale farizeové obé to vyznávají.
(چۈنكى سادۇقىيلار ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشى، ياكى پەرىشتە ياكى روھلار مەۋجۇت ئەمەس، دەيدۇ. لېكىن پەرىسىيلەر ھەممىسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ).
9 I stal se křik veliký. A povstavše učitelé strany farizejské, zastávali ho, řkouce: Nic jsme zlého nenalezli na tomto člověku; protož buď že mluvil jemu duch neb anděl, nebojujme s Bohem.
بۇنىڭ بىلەن قاتتىق بىر چۇقان-سۈرەن كۆتۈرۈلۈپ، پەرىسىي تەرەپدارى بولغان بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ: ــ بىز بۇ ئادەمدىن ھېچقانداق ئەيىب تاپالمىدۇق! بىر روھ ياكى پەرىشتە ئۇنىڭغا سۆز قىلغان بولسا نېمە بوپتۇ! ــ دەپ، قاتتىق مۇنازىرىلەشتى.
10 A když veliký rozbroj vznikl, obávaje se hejtman, aby Pavel nebyl od nich roztrhán, rozkázal žoldnéřům sjíti dolů a vychvátiti ho z prostředku jejich a vésti do vojska.
چۇقان-سۈرەن تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەچكە، مىڭبېشى [يەھۇدىيلارنىڭ] پاۋلۇسنى تارتىشتۇرۇپ تىتما-تىتما قىلىۋېتىشىدىن قورقۇپ، قىسىمغا زالغا چۈشۈپ ئۇنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن زورلۇق بىلەن تارتىپ چىقىپ، قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشىنى بۇيرۇدى.
11 V druhou pak noc ukázav se jemu Pán, řekl: Budiž stálý, Pavle; nebo jakož jsi svědčil o mně v Jeruzalémě, tak musíš svědčiti i v Římě.
شۇ كۈنى كېچىسى، رەب پاۋلۇسنىڭ يېنىدا تۇرۇپ: ــ جاسارەتلىك بول! چۈنكى يېرۇسالېمدا مەن توغرامدىكى ئىشلارغا تولۇق گۇۋاھلىق بەرگىنىڭدەك، رىم شەھىرىدىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق قىلىشىڭ مۇقەررەر بولىدۇ! ــ دېدى.
12 A když byl den, sšedše se někteří z Židů, zapřisáhli se s klatbou, řkouce, že nebudou jísti ani píti, až zabijí Pavla.
ئەتىسى ئەتىگەندە، يەھۇدىيلار پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلەپ، ئۇنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچنەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دەپ ئۆزلىرىگە لەنىتى بىر قەسەمنى قىلىشتى.
13 A bylo jich více než čtyřidceti, kteříž se byli tak spikli.
بۇ سۇيىقەست قەسىمىنى ئىچكەنلەر قىرىق نەچچە كىشى ئىدى.
14 Kteřížto přistoupivše k předním kněžím a k starším, řekli: Prokletím prokleli jsme se, že neokusíme ničehož, dokudž nezabijeme Pavla.
ئۇلار باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ بىز پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچنەرسە تېتىماسلىققا قاتتىق قەسەم ئىچتۇق.
15 Protož vy nyní dejte věděti hejtmanu, z jednostejného vší rady svolení, aby jej zítra k vám přivedl, jako byste něco jistšího chtěli zvěděti o jeho věcech; my pak, prve nežliť se k vám přiblíží, hotovi jsme jej zabíti.
ھازىر سىلەر ۋە ئالىي كېڭەشمە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈشنى باھانە قىلىپ، ۋەكىل ئەۋىتىپ ئۇنى كېڭەشمىگە ئېلىپ كېلىشنى مىڭبېشىدىن تەلەپ قىلىڭلار. ئۇ بۇ يەرگە يېقىن كەلمەيلا ئۇنى جايلىۋېتىشكە تەييار تۇرىمىز، ــ دېدى.
16 Slyšev pak o těch úkladech, syn sestry Pavlovy odšel, a všel do vojska a pověděl Pavlovi.
لېكىن پاۋلۇسنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئوغلى بۆكتۈرمىدىن خەۋەر تېپىپ قەلئەگە كىرىپ، پاۋلۇسقا مەلۇم قىلىپ قويدى.
17 Tedy zavolav Pavel k sobě jednoho z setníků, řekl: Doveď mládence tohoto k hejtmanu; neboť má jemu něco povědíti.
بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس يۈزبېشىلىرىدىن بىرىنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: ــ بۇ بالىنى مىڭبېشى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويسىڭىز. چۈنكى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلىدىغان ئىشى بار ئىكەن، ــ دېدى.
18 A on pojav jej, vedl k hejtmanu a řekl jemu: Vězeň Pavel zavolav mne, prosil, abych tohoto mládence přivedl k tobě, že by měl něco mluvit s tebou.
يۈزبېشى ئۇنى ئېلىپ مىڭبېشىنىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرىپ: ــ مەھبۇس پاۋلۇس مېنى چاقىرتىپ، بۇ بالىنى سىز بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويۇشۇمنى تەلەپ قىلدى. چۈنكى ئۇنىڭ سىزگە مەلۇم قىلىدىغان ئىشى بار ئىكەن، ــ دېدى.
19 I vzav jej hejtman za ruku jeho, a odstoupiv s ním soukromí, otázal se ho: Co jest to, ješto mi máš oznámiti?
مىڭبېشى ئۇنى قولىدىن تۇتۇپ، بىر چەتكە تارتىپ: ــ ماڭا مەلۇم قىلىدىغان نېمە ئىشىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى.
20 Tedy on řekl: Že jsou Židé uložili prositi tebe, abys k nim zítra do rady uvedl Pavla, jako by něco jistšího chtěli vyzvěděti o něm.
ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ يەھۇدىيلار پاۋلۇسنىڭ ئىشلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرەيلى دەپ سەۋەب كۆرسىتىپ ئۆزلىرىدىن ئەتە ئۇنى ئالىي كېڭەشمىگە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن تىل بىرىكتۈرۈشتى.
21 Ale ty nepovoluj jim; neboť úklady činí jemu více než čtyřidceti mužů z nich, kteříž se zapřisáhli s klatbou, že nebudou ani jísti, ani píti, až jej zabijí. A jižť jsou hotovi, čekajíce na odpověd od tebe.
ئۇلارغا قايىل بولمىغايلا، چۈنكى قىرىقتىن ئارتۇق ئادەم ئۇنى پايلاپ تۇرىدۇ. ئۇلار پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچنەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دېگەن قارغىش قەسىمىگە باغلىنىپتۇ. ئۇلار ھازىر ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولۇشلىرىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.
22 Tedy hejtman propustil toho mládence, přikázav: Abys žádnému nepravil, žes mi to oznámil.
مىڭبېشى ئۇنىڭغا: ــ بۇ ئىشنى ماڭا مەلۇم قىلغانلىقىڭنى ھېچكىمگە تىنما! ــ دەپ تاپىلاپ، بالىنى قايتۇردى.
23 A zavolav dvou setníků, řekl jim: Připravte žoldnéřů dvě stě, aby šli až do Cesaree, a jezdců sedmdesáte, a drabantů dvě stě k třetí hodině na noc.
مىڭبېشى يۈزبېشىدىن ئىككىنى چاقىرتىپ: ــ ئىككى يۈز پىيادە لەشكەر، يەتمىش ئاتلىق لەشكەر ۋە ئىككى يۈز نەيزىۋاز لەشكەرنى بۈگۈن كېچە سائەت توققۇزدا قەيسەرىيە شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىشقا ھازىرلاڭلار!
24 I hovada přiveďte, aby vsadíce na ně Pavla, ve zdraví jej dovedli k Felixovi vladaři;
شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاۋلۇسنى ۋالىي فېلىكسنىڭ يېنىغا ساق-سالامەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ مىنىشىگە ئۇلاغلارنى تەييارلاڭلار! ــ دەپ بۇيرۇدى.
25 Napsav jemu také i list v tento rozum:
مىڭبېشى [فېلىكسكە] مۇنداق بىر خەت يازدى: ــ
26 Klaudius Lyziáš výbornému vladaři Felixovi vzkazuje pozdravení.
«ھۆرمەتلىك ۋالىي فېلىكس جانابلىرىغا كلاۋدىيۇس لىسىياستىن سالام!
27 Muže tohoto javše Židé, hned zamordovati měli. Kteréhožto já, přispěv s houfem žoldnéřů, vydřel jsem, zvěděv, že jest Říman.
ئۇشبۇ ئادەمنى يەھۇدىيلار تۇتۇۋالغان بولۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا، ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىپ، قىسىمنى باشلاپ بېرىپ ئۇنى قۇتقۇزدۇم.
28 A chtěje zvěděti, z čeho by jej vinili, uvedl jsem ho do rady jejich.
مەن ئۇلارنىڭ بۇ كىشى ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىماقچى بولۇپ، ئۇنى يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىگە ئېلىپ باردىم.
29 I shledal jsem, že na něj žalují o nějaké otázky Zákona jejich a že nemá žádné viny, pro kterouž by byl hoden smrti neb vězení.
ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەۋرات قانۇنىغا دائىر دەتالاش مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، بىراق ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە ياكى زىندانغا تاشلاشقا لايىق بىرەر شىكايەت قىلغۇدەك ئىشنى تاپالمىدىم.
30 A když mi povědíno o úkladech, kteréž jsou o něm skládali Židé, ihned jsem jej poslal k tobě, přikázav také i žalobníkům jeho, aby, což mají proti němu, oznámili před tebou. Měj se dobře.
كېيىن، يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىش قەستىدە يۈرۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئاخبارات ماڭا مەلۇم قىلىنغاندا، دەرھال ئۇنى سىلىگە يوللاتتىم ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭغا ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا شىكايەتلىرىنى ئېيتىشىنى بۇيرۇدۇم. خەير!».
31 Tedy žoldnéři, jakž jim poručeno bylo, pojavše Pavla, přivedli jej v noci do Antipatridy.
لەشكەرلەر ئەمدى بۇيرۇق بويىچە پاۋلۇسنى كېچىلەپ ئانتىپاترىس شەھىرىگە يەتكۈزدى.
32 A nazejtří, nechavše jízdných, aby s ním jeli, vrátili se do vojska.
ئەتىسى، ئاتلىق لەشكەرلەر پاۋلۇسنى ئېلىپ مېڭىشقا قالدۇرۇلۇپ، قالغان لەشكەرلەر [يېرۇسالېمدىكى] قەلئەگە قايتىپ كەلدى.
33 Oni pak přijevše do Cesaree, dali list vladaři, a Pavla také postavili před ním.
ئاتلىقلار قەيسەرىيەگە كىرىپ، خەتنى ۋالىيغا تاپشۇردى ۋە پاۋلۇسنىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ھازىر قىلدى.
34 A přečta list vladař, i otázal se ho, z které by krajiny byl. A zvěděv, že jest z Cilicie,
ۋالىي خەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، پاۋلۇسنىڭ قايسى ئۆلكىدىن ئىكەنلىكىنى سوراپ، ئۇنىڭ كىلىكىيەدىن كەلگەنلىكىنى بىلىپ،
35 Řekl: Budu tě slyšeti, když tvoji žalobníci také přijdou. I rozkázal ho ostříhati v domě Herodesově.
ئۇنىڭغا: ــ ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلغۇچىلار كەلگەندە ئىشلىرىڭنى تولۇق ئاڭلايمەن، ــ دېدى ۋە ئۇنى ھېرود خاننىڭ ئوردىسىدا نەزەربەند قىلىپ قويۇشنى بۇيرۇدى.

< Skutky Apoštolů 23 >