< Žalmy 37 >

1 Žalm Davidův. Nehněvej se příčinou zlostníků, nechtěj záviděti těm, kteříž páší nepravost.
داۋۇت يازغان كۈي: ــ يامانلىق قىلغۇچىلار تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە، ناكەسلەرگە ھەسەت قىلما.
2 Nebo jako tráva v náhle podťati budou, a jako zelená bylina uvadnou.
چۈنكى ئۇلار ئوت-چۆپلەردەك تېزلا ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، يۇمران ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش توزۇپ كېتىدۇ.
3 Doufej v Hospodina, a čiň dobré, přebývej na zemi a živ se spravedlivě.
پەرۋەردىگارغا تايان، تىرىشىپ ياخشىلىق قىل، زېمىندا ماكانلىشىپ ياشاپ، ئۇنىڭ ۋاپا-ھەقىقىتىنى ئوزۇق بىلىپ ھۇزۇرلان.
4 Těš se v Hospodinu, a dá tobě žádosti srdce tvého.
«پەرۋەردىگارنى خۇرسەنلىكىم» دەپ بىلگىن، ئۇ ئارزۇ-تىلەكلىرىڭگە يەتكۈزىدۇ.
5 Uval na Hospodina cestu svou, a slož v něm naději, onť zajisté všecko spraví.
يولۇڭنى پەرۋەردىگارغا ئامانەت قىل؛ ئۇنىڭغا تايان، ئۇ چوقۇم [تىلىكىڭنى] ئىجابەت قىلىدۇ.
6 A vyvedeť spravedlnost tvou jako světlo, a nevinu tvou jako poledne.
ئۇ ھەققانىيلىقىڭنى نۇردەك، ئادالىتىڭنى چۈشتىكى قۇياشتەك چاقنىتىدۇ.
7 Mlčelivě se měj k Hospodinu, a očekávej na něj pečlivě. Nekormuť se příčinou toho, jemuž se daří na cestě jeho, příčinou člověka, kterýž provodí, cožkoli umyslil.
پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىنچ بولۇپ، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈت؛ ھارامدىن روناق تاپقان ئادەم تۈپەيلىدىن، يامان نىيەتلىرى ئىشقا ئاشىدىغان كىشى تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە.
8 Pusť mimo sebe hněv, a zanech prchlivosti; nezpouzej se tak, abys zle činiti chtěl.
ئاچچىقىڭدىن يان، غەزەپتىن قايت، ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە؛ ئۇ پەقەت سېنى يامانلىققا ئېلىپ بارىدۇ.
9 Nebo zlostníci vypléněni budou, ale ti, kteříž očekávají na Hospodina, dědičně zemí vládnouti budou.
چۈنكى يامانلىق قىلغۇچىلار زېمىندىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەر بولسا، زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.
10 Po malé chvíli zajisté, anť bezbožníka nebude, a pohledíš na místo jeho, anť ho již není.
: كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا، رەزىل ئادەم ھالاك بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ماكانىغا سەپسېلىپ قارىساڭ، ئۇ يوق بولىدۇ.
11 Ale tiší dědičně obdrží zemi, a rozkoš míti budou ve množství pokoje.
بىراق ياۋاش-مۆمىنلەر زېمىنغا مىراسلىق قىلىدۇ، ۋە چەكسىز ئارامبەخشلىكتىن ھۇزۇرلىنىدۇ.
12 Zle myslí bezbožník o spravedlivém, a škřipí na něj zuby svými,
رەزىل ئادەم ھەققانىيغا قەست قىلىدۇ؛ ئۇنىڭغا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ خىرىس قىلىدۇ؛
13 Ale Hospodin směje se jemu; nebo vidí, že se přibližuje den jeho.
لېكىن رەب ئۇنىڭغا قاراپ كۈلىدۇ؛ چۈنكى [رەب] ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان كۈننى كۆرىدۇ.
14 Vytrhujíť bezbožníci meč, a natahují lučiště své, aby porazili chudého a nuzného, aby hubili ty, kteříž jsou ctného obcování;
ياۋاشلار ۋە يوقسۇللارنى يىقىتىش ئۈچۈن، يولى دۇرۇسلارنى قىرىپ تاشلاش ئۈچۈن، رەزىللەر قىلىچىنى غىلىپىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى تارتىپ تەييارلىدى.
15 Ale meč jejich vejde v jejich srdce, a lučiště jejich budou polámána.
لېكىن قىلىچى بولسا ئۆز يۈرىكىگە سانجىلىدۇ، ئوقيالىرى سۇندۇرۇۋېتىلىدۇ.
16 Lepší jest málo, což má spravedlivý, než veliká bohatství bezbožníků mnohých.
ھەققانىيلاردىكى «ئاز»، كۆپلىگەن يامانلارنىڭ بايلىقلىرىدىن ئەۋزەلدۇر.
17 Nebo ramena bezbožných polámána budou, spravedlivé pak zdržuje Hospodin.
چۈنكى رەزىللەرنىڭ بىلەكلىرى سۇندۇرۇلىدۇ؛ لېكىن پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى يۆلەيدۇ؛
18 Znáť Hospodin dny upřímých, protož dědictví jejich na věky zůstane.
پەرۋەردىگار كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ كۈنلىرىنى بىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مىراسى مەڭگۈگە بولىدۇ.
19 Nebudouť zahanbeni v čas zlý, a ve dnech hladu nasyceni budou;
ئۇلار ئېغىر كۈنلەردە يەرگە قاراپ قالمايدۇ؛ قەھەتچىلىكتىمۇ ئۇلار توق يۈرىدۇ.
20 Ale bezbožníci zahynou, a nepřátelé Hospodinovi, jak tuk beranů s dymem mizí, tak zmizejí.
بىراق رەزىللەر ھالاك بولىدۇ؛ پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلاشقۇچىلار چىمەنزاردىكى گۈل-گىياھدەك توزۇپ كېتىدۇ؛ ئۇلار تۈگەيدۇ؛ ئىس-تۈتۈندەك تارقىلىپ تۈگەيدۇ.
21 Vypůjčuje bezbožník, a nemá co oplatiti, ale spravedlivý milost činí, a rozdává.
رەزىل ئادەم ئۆتنە ئېلىپ قايتۇرمايدۇ؛ ئەمما ھەققانىي ئادەم مېھرىبانلىق بىلەن ئۆتنە بېرىدۇ؛
22 Nebo požehnaní ode Pána zemí vládnouti budou, ale zlořečení od něho budou vypléněni.
چۈنكى [پەرۋەردىگار] رەھمەت قىلغانلار زېمىنغا ئىگە بولىدۇ، بىراق ئۇنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلار ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛
23 Krokové člověka spravedlivého od Hospodina spravováni bývají, a cestu jeho libuje.
مەردانە ئادەمنىڭ قەدەملىرى پەرۋەردىگار تەرىپىدىندۇر؛ [رەب] ئۇنىڭ يولىدىن خۇرسەن بولىدۇ.
24 Jestliže by upadl, neurazí se; nebo Hospodin drží jej za ruku jeho.
ئۇ تېيىلىپ كەتسىمۇ، يىقىلىپ چۈشمەيدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ يۆلەپ تۇرىدۇ.
25 Mlad jsem byl, a sstaral jsem se, a neviděl jsem spravedlivého opuštěného, ani semene jeho žebrati chleba.
مەن ياش ئىدىم، ھازىر قېرىپ قالدىم؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى، ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ نان تىلىگەنلىكىنى ئەسلا كۆرگەن ئەمەسمەن؛
26 Každého dne milost činí, i půjčuje, a však símě jeho jest v požehnání.
ئۇ كۈن بويى مەرد-مېھرىبان بولۇپ ئۆتنە بېرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ خەلققە بەرىكەت يەتكۈزىدۇ.
27 Odstup od zlého, a čiň dobré, a bydliti budeš na věky.
يامانلىقنى تاشلاڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار، مەڭگۈ ياشايسىلەر!
28 Nebo Hospodin miluje soud, a neopouští svatých svých, na věky v stráži jeho budou; símě pak bezbožníků bude vypléněno.
چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتنى سۆيىدۇ، ئۇ ئۆز مۆمىن بەندىلىرىنى تاشلىمايدۇ؛ ئۇلار مەڭگۈگە ساقلىنىدۇ؛ لېكىن رەزىللەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
29 Ale spravedliví ujmou zemi dědičně, a na věky v ní přebývati budou.
ھەققانىيلار يەر-جاھانغا ئىگە بولىدۇ، ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۇنىڭدا ماكان تۇتۇپ ياشايدۇ.
30 Ústa spravedlivého mluví moudrost, a jazyk jeho vynáší soud.
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى دانالىق جاكارلايدۇ؛ ئۇنىڭ تىلى ئادىل ھۆكۈملەرنى سۆزلەيدۇ؛
31 Zákon Boha jeho jest v srdci jeho, pročež nepodvrtnou se nohy jeho.
قەلبىدە خۇدانىڭ [مۇقەددەس] قانۇنى تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ قەدەملىرى تېيىلىپ كەتمەس.
32 Špehujeť bezbožník po spravedlivém, a hledá ho zahubiti;
رەزىللەر ھەققانىي ئادەمنى پايلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرگۈدەك پەيتنى ئىزدەپ يۈرىدۇ.
33 Ale Hospodin ho nenechá v ruce jeho, aniž ho dopustí potupiti, když by souzen byl.
لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنى دۈشمەننىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈرمەيدۇ؛ ياكى ھۆكۈمدە ئۇنى گۇناھقا پۈتمەيدۇ.
34 Očekávejž tedy na Hospodina, a ostříhej cesty jeho, a on tě povýší, abys dědičně obdržel zemi, z níž že vykořeněni budou bezbožníci, uhlédáš.
پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈت، ئۇنىڭ يولىنى چىڭ تۇتقىن؛ ئۇ سېنىڭ مەرتىۋەڭنى كۆتۈرۈپ، زېمىنغا ئىگە قىلىدۇ ، رەزىللەر ھالاك قىلىنغاندا، سەن بۇنى كۆرىسەن.
35 Viděl jsem bezbožníka hrozné síly, an se rozložil jako zelený samorostlý strom.
مەن رەزىل ئادەمنىڭ زومىگەرلىك قىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم، ئۇ خۇددى ئاينىغان باراقسان ياپيېشىل دەرەختەك روناق تاپقان.
36 Ale tudíž pominul, a aj nebylo ho; nebo hledal jsem ho, a není nalezen.
بىراق ئۇ ئۆتۈپ كەتتى، مانا، ئۇ يوق بولدى؛ مەن ئۇنى ئىزدىسەممۇ، ئۇ تېپىلمايدۇ.
37 Pozor měj na pobožného, a viz upřímého, žeť takového člověka poslední věci jsou potěšené,
مۇكەممەل ئادەمگە نەزەر سال، دۇرۇس ئىنسانغا قارا! چۈنكى بۇنداق ئادەمنىڭ ئاخىر كۆرىدىغىنى ئارامبەخش خاتىرجەملىك بولىدۇ.
38 Přestupníci pak že tolikéž vyhlazeni budou, a bezbožníci naposledy vyťati.
ئىتائەتسىزلەر بولسا بىرلىكتە ھالاك بولىشىدۇ؛ ئۇلارنىڭ كېلەچىكى ئۈزۈلىدۇ؛
39 Ale spasení spravedlivých jest od Hospodina, onť jest síla jejich v času ssoužení.
بىراق ھەققانىيلارنىڭ نىجاتلىقى پەرۋەردىگاردىندۇر؛ ئۇ ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارنىڭ كۈچلۈك پاناھىدۇر.
40 Spomáháť jim Hospodin, a je vytrhuje, vytrhuje je od bezbožníků, a zachovává je; nebo doufají v něho.
پەرۋەردىگار ياردەم قىلىپ ئۇلارنى ساقلايدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى رەزىللەردىن ساقلاپ قۇتقۇزىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنى باشپاناھى قىلىدۇ.

< Žalmy 37 >