< 4 Mojžišova 9 >

1 Mluvil pak Hospodin k Mojžíšovi na poušti Sinai, léta druhého po vyjití z země Egyptské, měsíce prvního, řka:
مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىنكى ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئايدا، پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە مۇساغا بۇيرۇپ: —
2 Slaviti budou synové Izraelští velikunoc v čas svůj vyměřený.
ئىسرائ‍ىللار بېكىتىلگەن ۋاقىتتا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزسۇن؛
3 Čtrnáctého dne měsíce toho u večer budete ji slaviti jistým časem svým, vedlé všech ustanovení jejích, a podlé všech řádů jejích slaviti ji budete.
يەنى مۇشۇ ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى گۇگۇمدا، بېكىتىلگەن ۋاقىتتا، بارلىق بەلگىلىمە ۋە قائىدە-تەرتىپ بويىچە ھېيتنى ئۆتكۈزۈڭلار، — دېدى.
4 I mluvil Mojžíš k synům Izraelským, aby slavili Fáze.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشنى بۇيرۇدى.
5 Tedy slavili Fáze v měsíci prvním, čtrnáctého dne u večer na poušti Sinai; vedlé všeho toho, což přikázal Hospodin Mojžíšovi, tak učinili synové Izraelští.
ئۇلار بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى گۇگۇمدا، سىناي چۆلىدە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى؛ پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، ئىسرائ‍ىللار شۇنداق قىلدى.
6 I byli někteří muži, ješto se poškvrnili při mrtvém, kteříž nemohli slaviti Fáze toho dne. I přistoupili před Mojžíše a Arona v ten den,
بىر نەچچەيلەن بىر ئۆلۈككە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار شۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزەلمىدى-دە، ئۇلار شۇ كۈنى مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇساغا: —
7 A promluvili muži ti k němu: My jsme se poškvrnili nad mrtvým. Nebude-liž nám zbráněno obětovati oběti Hospodinu v jistý čas spolu s syny Izraelskými?
بىز ئۆلۈپ قالغان ئادەمگە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولۇپ قالغان بولساقمۇ، لېكىن نېمىشقا ئىسرائ‍ىللارنىڭ قاتارىدا، بېكىتىلگەن ۋاقىتتا پەرۋەردىگارغا سۇنۇشقا كېرەك بولغىنىنى ئېلىپ كېلىشتىن رەت قىلىنىمىز؟ — دېيىشتى.
8 I řekl jim Mojžíš: Počekejte, až uslyším, co vám učiniti rozkáže Hospodin.
— توختاپ تۇرۇڭلار، مەن بېرىپ پەرۋەردىگار سىلەر توغراڭلاردا نېمە بۇيرۇيدىكىن، ئاڭلاپ باقاي، ــ دېدى مۇسا ئۇلارغا.
9 Mluvil pak Hospodin k Mojžíšovi, řka:
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
10 Mluv k synům Izraelským a rci: Kdož by koli byl poškvrněný nad mrtvým, aneb byl by na cestě daleké, buď z vás aneb z potomků vašich, budeť slaviti Fáze Hospodinu.
سەن ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق دېگىن: «سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار ئىچىدە بەزىلەر ئۆلۈكلەرگە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولۇپ قالغان بولسا ياكى ئۇزاق سەپەر ئۈستىدە بولسا، ئۇلار يەنىلا پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ.
11 Měsíce druhého, čtrnáctého dne u večer slaviti budou je, s chleby nekvašenými, a s řeřichami jísti je budou.
ئۇنداق كىشىلەر ئىككىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى گۇگۇمدا ھېيتنى ئۆتكۈزسۇن؛ [ھېيت تائامىنى] پېتىر نان ۋە ئاچچىق كۆكتاتلار بىلەن بىللە يېسۇن؛
12 Nezanechajíť ho nic až do jitra, a kosti v něm nezlámí; vedlé všelikého ustanovení Fáze budou je slaviti.
ئۇلاردىن ئەتىگە ئازراقمۇ قالدۇرمىسۇن ۋە [قوزىسىنىڭ] ئۇستىخانلىرىدىن بىرەرسىنىمۇ سۇندۇرغۇچى بولمىسۇن؛ ئۇلار ھېيتنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ بارلىق بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئۆتكۈزسۇن.
13 Ale člověk ten, kterýž by byl čistý, a nebyl na cestě, a však by zanedbal slaviti Fáze, vyhlazena bude duše ta z lidu svého; nebo oběti Hospodinu neobětoval v jistý čas její; hřích svůj ponese člověk ten.
ھالبۇكى، پاك بولغان، سەپەر ئۈستىدىمۇ بولمىغان ئەمما ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە ئېتىبار بەرمىگەن كىشى بولسا ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ چۈنكى بېكىتىلگەن ۋاقىتتا پەرۋەردىگارغا سۇنۇش كېرەك بولغىنىنى سۇنمىغانلىق ىۈچۈن، ئۇ ئۆز گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
14 Jestliže by s vámi bydlil příchozí, a slavil by Fáze Hospodinu, vedlé ustanovení Fáze, a vedlé řádu jeho bude je slaviti. Ustanovení jednostejné bude vám, tak příchozímu, jako obyvateli v zemi.
ئەگەر ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان يات ئەللىك بىر مۇساپىر پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشنى خالىسا، ئۇ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە ۋە قائىدە-تەرتىپ بويىچە ئۆتكۈزسۇن؛ يات ئەللىك مۇساپىرلار ئۈچۈن ۋە زېمىندا تۇغۇلغانلار ئۈچۈنمۇ ئاراڭلاردا شۇ بىرلا نىزام بولسۇن.
15 Toho pak dne, v kterémž vyzdvižen jest příbytek, přikryl oblak příbytek, a stál nad stánkem svědectví; u večer pak bývalo nad příbytkem na pohledění jako oheň až do jitra.
ئىبادەت چېدىرى تىكلەنگەن كۈنى، بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنى، يەنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرىنى قاپلاپ تۇردى؛ كەچتىن تاكى ئەتىگەنگىچە، بۇلۇت خۇددى ئوتتەك ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە تۇردى.
16 Tak bývalo ustavičně, oblak přikrýval jej ve dne, záře pak ohnivá v noci.
دائىم شۇنداق بولاتتى؛ [كۈندۈزى] بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنى قاپلاپ تۇراتتى، كېچىسى ئۇ ئوتقا ئوخشايتتى.
17 A když se zdvihl oblak od stánku, hned také hýbali se synové Izraelští; a na kterém místě pozůstal oblak, tu také kladli se synové Izraelští.
قاچانىكى بۇلۇت جامائەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلسە، ئىسرائ‍ىللار يولغا چىقاتتى؛ بۇلۇت قەيەردە توختىسا، ئىسرائ‍ىللار شۇ يەردە بارگاھ تىكەتتى.
18 K rozkazu Hospodinovu hýbali se synové Izraelští, a k rozkazu Hospodinovu kladli se; po všecky dny, dokudž zůstával oblak nad příbytkem, i oni leželi.
ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ماڭاتتى، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بارگاھ تىكەتتى؛ بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە قانچە ئۇزاق توختىسا، ئۇلار بارگاھتا شۇنچە ئۇزاق تۇراتتى.
19 Když pak trval oblak nad příbytkem po mnohé dny, tedy drželi synové Izraelští stráž Hospodinovu, a netáhli odtud.
بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە خېلى كۈنلەرگىچە توختاپ تۇرسا، ئىسرائ‍ىللارمۇ پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسىتمىسىنى تۇتۇپ سەپەرگە چىقمايتتى؛
20 A když oblak byl nad příbytkem po nemnohé dny, k rozkazu Hospodinovu kladli se, a k rozkazu Hospodinovu hýbali se.
مۇبادا بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە پەقەت بىرنەچچە كۈنلا توختىسا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە شۇ ۋاقىتتا بارگاھ قۇرۇپ ياتاتتى، ئاندىن يەنە پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە سەپەرگە ئاتلىناتتى.
21 Kdyžkoli byl oblak od večera až do jitra, a v jitře se vznesl, hned i oni šli; buď že trval přes den a noc, (jakž kdy vznášel se oblak, tak oni táhli, )
ۋە مۇبادا بۇلۇت پەقەتلا كەچتىن ئەتىگەنگىچە توختاپ، ئەتتىگەندە بۇلۇت يەنە كۆتۈرۈلسە، ئۇلار يەنە يولغا چىقاتتى؛ مەيلى كۈندۈزى ياكى كېچىسى بۇلۇت كۆتۈرۈلسىلا، ئۇلار سەپەرگە چىقاتتى.
22 Buď že za dva dni, aneb za měsíc, aneb za rok prodléval oblak nad příbytkem, zůstávaje nad ním, synové Izraelští také leželi, a nehnuli se; když pak on vznášel se, též i oni táhli.
بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇزۇنراق تۇرسا، مەيلى ئىككى كۈن، بىر ئاي، بىر يىل تۇرسىمۇ، ئىسرائ‍ىللار يولغا چىقماي بارگاھتا تۇرۇۋېرەتتى؛ لېكىن بۇلۇت كۆتۈرۈلۈپ ماڭسىلا ئۇلار سەپىرىنى داۋاملاشتۇراتتى.
23 K rozkazu Hospodinovu kladli se, a k rozkazu Hospodinovu hýbali se, stráž Hospodinovu držíce podlé rozkazu jeho skrze Mojžíše.
پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇلار بارگاھ قۇراتتى، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇلار سەپەرنى داۋاملاشتۇراتتى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن بەرگەن ئەمرى بويىچە، پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسىتمىسىنى تۇتاتتى.

< 4 Mojžišova 9 >