< Józua 19 >

1 Potom padl los druhý Simeonovi, pokolení synů Simeonových, po čeledech jejich, a bylo dědictví jejich u prostřed dědictví synů Juda.
ئىككىنچى چەك شىمېئونغا چىقتى، يەنى شىمېئونلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛ ئۇلارنىڭ مىراسى بولسا يەھۇدالارنىڭ مىراس ئۈلۈشىنىڭ ئارىسىدا ئىدى.
2 A přišlo jim v dědictví jejich Bersabé, Seba a Molada;
ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن مىراسى ئىچىدە بەئەر-شېبا، شېبا، مولاداھ،
3 Azarsual a Bala, též Esem;
ھازار-شۇئال، بالاھ، ئېزەم،
4 Eltolad a Betul, a Horma;
ئەلتولاد، بىتۇل، خورماھ،
5 Sicelech a Betmarchabot, a Azarsusa;
زىكلاگ، بەيت-ماركابوت، ھازار-سۇساھ،
6 Betlebaot a Sarohem, měst třinácte i vsi jejich;
بەيت-لىبائوت ۋە شارۇھەن بولۇپ، جەمئىي ئون ئۈچ شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى.
7 Ain, Remmon, též Eter a Asan, města čtyři i vsi jejich;
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئايىن، رىممون، ئېتەر، ئاشان بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار
8 I všecky vsi, kteréž byly vůkolí měst těch, až do Balatber a Rámat poledního. To jest dědictví pokolení synů Simeonových po čeledech jejich.
ھەمدە جەنۇب تەرەپتىكى بائالات-بەئەر (يەنى جەنۇبدىكى راماھ)غىچە بولغان بۇ [تۆت] شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە كەنت-قىشلاقلارمۇ بار ئىدى. بۇلار شىمېئونلار قەبىلىسىنىڭ ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئېرىشكەن مىراسى ئىدى.
9 Z podílu synů Judových bylo dědictví synů Simeonových; nebo díl synů Judových byl jim příliš veliký, protož u prostřed dědictví jejich vzali dědictví synové Simeonovi.
شىمېئونلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى يەھۇدالارنىڭ ئۈلۈشىنىڭ ئىچىدىن ئېلىپ بېرىلدى؛ چۇنكى يەھۇدالارنىڭ مىراس ئۈلۈشى ئۆزلىرىگە كۆپلۈك قىلغانىدى، شۇڭا شىمېئونلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى ئۇلارنىڭ مىراس ئۈلۈشىنىڭ ئىچىدىن بېرىلدى.
10 Potom přišel třetí los synům Zabulon po čeledech jejich, a jest meze dědictví jejich až do Sarid.
ئۈچىنچى چەك زەبۇلۇنلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛ ئۇلارنىڭ مىراس چېگرىسى سارىدقا باراتتى،
11 Odkudž vstupuje meze jejich podlé moře k Merala, a přichází až do Debaset, a běží až ku potoku, kterýž jest proti Jekonam.
چېگرىسى غەرب تەرەپتە مارېئالاھقا بېرىپ داببەشەتكە يېتىپ يوكنېئامنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئېقىنغا تۇتىشاتتى؛
12 Obrací se pak od Sarid nazpátek k východu slunce, ku pomezí Chazelet Tábor, a odtud táhne se k Daberet, a vstupuje do Jafie.
ئۇ سارىدتىن شەرق تەرىپىگە قايرىلىپ، كۈن چىقىشقا بۇرۇلۇپ كىسلوت-تابور يۇرتىغا تۇتىشىپ، دابىراتقا ئۆتۈپ، يافىياغا باردى؛
13 Odtud přechází zase k východu, do Gethefer a do Itakasin, odkudž vychází do Remmon, a točí se k Nea.
ئاندىن شۇ يەردىن ئۇ شەرق تەرىپىگە كۈن چىقىشقا [يەنە] بۇرۇلۇپ، گات-ھەفەر ۋە ئەت-كازىنغا كېلىپ نېئاھقا سوزۇلغان رىممون يۇرتىغا يېتىپ باردى.
14 Točí se také táž meze od půlnoci do Anaton, a dochází až k údolí Jeftael;
ئاندىن ئۇ يەردىن شىمال تەرەپكە قايرىلىپ، ھانناتونغا يېتىپ بېرىپ، يىفتاھ-ئەلنىڭ جىلغىسىدا ئاخىرلاشتى.
15 A Katet, Naalol, Simron, Idala a Betlém, měst dvanácte i vsi jejich.
ئۇلارنىڭ ئۈلۈشى يەنە كاتتات، ناھالال، شىمرون، يىدالاھ ۋە بەيت-لەھەمنىمۇ ئوراپ، جەمئىي ئون ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
16 To jest dědictví synů Zabulonových po čeledech jejich, ta města i vsi jejich.
بۇ بولسا، يەنى بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار زەبۇلۇنلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى.
17 Izacharovi také padl los čtvrtý, totiž synům Izacharovým po čeledech jejich.
تۆتىنچى چەك ئىسساكارغا چىقتى، يەنى ئىسساكارلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛
18 A meze jejich: Jezreel, Kasalat a Sunem;
ئۇلارغا بېرىلگەن يۇرتلار يىزرەئەلگىچە بولۇپ، كەسۇللوت، شۇنەم،
19 Hafaraim, Sion, též Anaharat;
ھافارئايىم، شىئون، ئاناھارات،
20 Rabbot, Kesion a Abez,
راببىت، كىشىئون، ئېبەز،
21 Ramet, Engannim a Enhada, i Betfeses.
رەمەت، ئەن-گاننىم، ئەن-ھادداھ ۋە بەيت-پاززەزنى ئۆز ئىچىگە ئالدى؛
22 Odkudž přibíhá meze k Táboru a k Sehesima a k Betsemes, a dochází až k Jordánu, měst šestnácte i vsi jejich.
ئاندىن چېگرىسى تابور، شاھازىماھ ۋە بەيت-شەمەشكە يېتىپ، ئىئوردان دەرياسىدا ئاخىرلاشتى؛ ئۇلارنىڭ ئۈلۈشى جەمئىي ئون ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى.
23 To jest dědictví pokolení synů Izacharových po čeledech jejich, ta města i vsi jejich.
بۇ بولسا، يەنى بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىسساكارلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى.
24 Padl také los pátý pokolení synů Asser po čeledech jejich.
بەشىنچى چەك ئاشىرلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛
25 A byla meze jejich: Helkat a Chali, a Beten, a Achzaf;
ئۇلارنىڭ زېمىنى ھەلكات، ھالى، بەتەن، ئاقساف،
26 Elmelech, též Amaad a Mesal, a přibíhá až na Karmel k moři, a do Sichor Libnat;
ئاللاممەلەك، ئامېئاد ۋە مىشالنى ئۆز ئىچىگە ئالدى؛ چېگرىسى غەرب تەرەپتە كارمەل بىلەن شىھور-لىبناتقا تۇتىشىپ،
27 A obrací se k východu slunce do Betdagon, a dosahá k losu Zabulonovu, a do údolí Jeftael k půlnoci, a do Betemek a Nehiel, a táhne se do Kábul na levou stranu,
ئاندىن شەرق تەرەپكە قايرىلىپ بەيت-داگونغا بېرىپ، زەبۇلۇن [زېمىنى] بىلەن يىفتاھ-ئەل جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىدىن ئۆتۈپ، بەيت-ئېمەك بىلەن نېئىئەلگە يېتىپ بېرىپ كابۇلنىڭ شىمال تەرىپىگە چىقتى؛
28 A do Ebron a Rohob, a Hamon a Kána až do Sidonu velikého.
ئېبرون، رەھوب، ھاممون ۋە كاناھنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ چوڭ زىدونغا يېتىپ باردى.
29 Odtud se navrací ta meze do Ráma až k městu hrazenému Zor; tu se obrací do Chosa, a skonává se při moři podlé vyměření v Achziba.
ئاندىن چېگرىسى راماھ تەرىپىگە قايرىلىپ، تۇر دېگەن مۇستەھكەم شەھىرگە بېرىپ، خوساھقا قايرىلىپ، ئاقزىب بىلەن ھەبەلگە تۇتاش بولغان دېڭىزدا ئاخىرلاشتى؛
30 K tomu přísluší Afek a Rohob, měst dvamecítma i vsi jejich.
زېمىنى ئۇمماھ، ئافەك ۋە رەھوبنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ جەمئىي يىگىرمە ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى.
31 To jest dědictví pokolení synů Asser po čeledech jejich, ta města i vsi jejich.
بۇ بولسا، يەنى بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئاشىرلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى.
32 Synům Neftalímovým padl los šestý, po čeledech jejich.
ئالتىنچى چەك نافتالىغا چىقتى، يەنى نافتالىلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛
33 A byla meze jejich od Helef a od Elon do Sananim, a Adami, Nekeb a Jebnael, až do Lekum, a skonává se u Jordánu.
ئۇلارنىڭ چېگرىسى بولسا ھەلەفتىن چىقىپ، زائاناننىمدىكى دۇب دەرىخىدىن ئۆتۈپ، ئادامى-نەكەب ۋە يابنەئەلدىن چىقىپ، لاككۇمغا يېتىپ ئىئوردان دەرياسىغا بېرىپ ئاخىرلاشتى.
34 Potom navracuje se meze na západ k Azanot Tábor, a odtud jde do Hukuka, a vpadá k losu Zabulonovu od poledne, a k Asserovu přibíhá od západu, a k Judovu při Jordánu na východ slunce.
ئاندىن غەرب تەرەپكە قايرىلىپ ئازنوت-تابورغا بېرىپ، شۇ يەردىن ھۇككوكقا چىقىپ، جەنۇبتا زەبۇلۇننىڭ ئۈلۈش زېمىنىغا تۇتىشىپ، شىمالدا ئاشىرنىڭ ئۈلۈش زېمىنىغا يېتىپ، كۈن چىقىش تەرىپىدە ئىئوردان دەرياسىنىڭ يېنىدا، يەھۇدانىڭ ئۈلۈش زېمىنىغا ئۇلاشتى.
35 Města pak hrazená jsou: Assedim, Ser a Emat, Rechat a Ceneret;
نافتالىنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرى زىددىم، زەر، ھاممات، راككات، كىننەرەت،
36 Adama, Ráma a Azor;
ئاداماھ، راماھ، ھازور،
37 Kedes, Edrei a Enazor;
كەدەش، ئەدرەي، ئەن-ھازور،
38 Jeron, Magdalel, Horem, Betanat a Betsemes, měst devatenácte i vsi jejich.
يىرون، مىگدال-ئەل، ھورەم، بەيت-ئانات ۋە بەيت-شەمەشلەر بولۇپ، جەمئىي ئون توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى.
39 To jest dědictví pokolení synů Neftalím po čeledech jejich, ta města s vesnicemi svými.
بۇ بولسا، يەنى بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار نافتالىلار قەبىلىسىنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى.
40 Na pokolení synů Dan po čeledech jejich padl los sedmý.
يەتتىنچى چەك دانلارنىڭ قەبىلىسىگە چىقتى؛ ئۇ ئۇلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى.
41 A byla meze dědictví jejich: Zaraha a Estaol, a Hirsemes;
ئۇلارنىڭ مىراس زېمىنى بولسا زورېئاھ، ئەشتائول، ئىر-شەمەش،
42 Salbin, Aialon a Jetela;
شائالاببىن، ئايجالون، يىتلاھ،
43 Elon, Tamna a Ekron;
ئېلون، تىمناتاھ، ئەكرون،
44 Elteke, Gebbeton a Baalat;
ئەل-تەكەھ، گىببېتون، بائالات،
45 Jehud, Beneberak a Getremmon;
يەھۇد، بەنە-باراك، گات-رىممون،
46 Mehaiarkon a Rakon s pomezím, kteréž jest naproti Joppe.
مە-ياركون، راككون ۋە يافونىڭ ئۇدۇلىدىكى يۇرتنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
47 Přišlo pak pomezí synům Dan příliš malé. Protož vstoupili synové Dan, a bojovali proti Lesen, a dobyvše ho, pobili obyvatele ostrostí meče, a vzavše je v dědictví, bydlili tam, a přezděli Lesenu Dan, vedlé jména Dan otce svého.
لېكىن دانلارنىڭ زېمىنى ئۆز قولىدىن كەتكەن بولغاچقا، دانلار چىقىپ لەشەمگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى؛ ئاھالىسىنى قىلىچلاپ يوقىتىپ، ئۇ يەرنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ماكانلاشتى؛ ئاندىن ئۇلار لەشەمگە ئاتىسى داننىڭ ئىسمىنى قويۇپ، ئۇنى دان دەپ ئاتىدى.
48 To jest dědictví pokolení synů Dan po čeledech jejich, ta města i vsi jejich.
مانا بۇلار، يەنى بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار دانلار قەبىلىسىگە، ئۇلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە مىراس قىلىپ بېرىلگەنىدى.
49 Když pak přestali děliti se zemí po mezech jejích, dali synové Izraelští dědictví Jozue, synu Nun, mezi sebou.
بۇ تەرىقىدە [ئىسرائىللار] زېمىننى چېگرا-چېگرا بويىچە بۆلۈپ بولدى؛ ئاندىن ئۇلار نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئاغا ئۆز ئارىسىدىن مىراس بۆلۈپ بەردى.
50 Podlé rozkázaní Hospodinova dali jemu město, kteréhož žádal, Tamnatsára, na hoře Efraim. I vystavěl město, a přebýval v něm.
پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە يەشۇئا تىلىگىنىدەك ئۇنىڭغا ئەفرائىم تاغلىق يۇرتىدىكى تىمنات-سېراھ دېگەن شەھەرنى بەردى؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇ شەھەرنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۇنىڭدا تۇردى.
51 Ta jsou dědictví, kteráž dali k vládařství Eleazar kněz a Jozue syn Nun, i přední z otců pokolení synů Izraelských, losem v Sílo před Hospodinem, u dveří stánku úmluvy, a tak dokonali rozdělování země.
مانا بۇلار ئەلىئازار كاھىن بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئىسرائىلنىڭ قەبىلە-جەمەتلىرىنىڭ كاتتاباشلىرى بىر بولۇپ شىلوھدا، جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا چەك تاشلاپ بۆلۈپ تەقسىم قىلغان مىراسلاردۇر. بۇ تەرىقىدە ئۇلار زېمىننىڭ تەقسىماتىنى تۈگەتتى.

< Józua 19 >