< Ezdráš 9 >

1 A když se to vykonalo, přistoupili ke mně knížata, řkouce: Neoddělil se lid Izraelský, ani kněží a Levítové od národů zemí, ale činí podlé ohavností Kananejských, Hetejských, Ferezejských, Jebuzejských, Ammonitských, Moábských, Egyptských a Amorejských.
بۇ ئىشلار پۈتكەندىن كېيىن ئەمىرلەر مېنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى يېنىمغا كېلىپ: ــ ئىسرائىللار، كاھىنلار ۋە لاۋىيلار ئۆزلىرىنى مۇشۇ زېمىنلاردىكى تائىپىلەردىن، يەنى ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىدىن ئايرىپ تۇرمىدى، ــ دېمەك، ئۇلار قانائانىيلار، ھىتتىيلار، پەرىززىيلەر، يەبۇسىيلار، ئاممونىيلار، موئابىيلار، مىسىرلىقلار ۋە ئامورىيلارغا ئەگىشىپ ماڭدى.
2 Nebo nabrali sobě a synům svým dcer jejich, a smísili se símě svaté s národy zemí, a knížata a vrchnost první byla v tom přestoupení.
چۈنكى ئۇلار بۇ يات تائىپىلەردىن ئۆزلىرىگە ۋە ئوغۇللىرىغا خوتۇن ئېلىپ بېرىپ، [خۇداغا] خاس مۇقەددەس نەسىلنى مۇشۇ زېمىنلاردىكى تائىپىلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋەتتى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەمىرلەر بىلەن ئەمەلدارلار بۇ ساداقەتسىزلىكنىڭ باشلامچىلىرىدۇر، ــ دېيىشتى.
3 Kteroužto věc když jsem uslyšel, roztrhl jsem roucho své i plášť, a trhal jsem vlasy s hlavy své i z brady, a seděl jsem zděšený.
مەن بۇ ئىشنى ئاڭلاپلا كۆڭلەك بىلەن تونۇمنى يىرتىپ، چاچ-ساقاللىرىمنى يۇلۇپ غەم-قايغۇغا چۈشۈپ ئولتۇرۇپ كەتتىم.
4 I shromáždili se ke mně všickni, třesoucí se před řečmi Boha Izraelského pro přestoupení lidu přestěhovaného, já pak seděl jsem zděšený, až do oběti večerní.
ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ سۆزلىرىدىن قورقۇپ تىترىگەنلەرنىڭ ھەربىرى سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن يېنىمغا كەلدى. مەن تاكى كەچلىك قۇربانلىق سۇنۇلغۇچە غەم-قايغۇغا چۆمۈپ ئولتۇردۇم.
5 Ale v čas oběti večerní vstal jsem od trápení svého, maje na sobě roucho roztržené i plášť svůj, a klekl jsem na kolena svá, rozprostíraje ruce své k Hospodinu Bohu svému.
كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىدا مەن ئۆزۈمنى تۆۋەن قىلغان ھالەتتىن تۇرۇپ، كۆڭلەك ۋە تونۇم يىرتىق ھالدا خۇدايىم پەرۋەردىگارغا يۈزلىنىپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، قوللىرىمنى يېيىپ،
6 A řekl jsem: Bože můj, stydím se a hanbím pozdvihnouti, Bože můj, tváři své k tobě; nebo nepravosti naše rozmnožily se nad hlavou, a provinění naše vzrostlo až k nebi.
دۇئا قىلىپ: ــ «ئاھ خۇدايىم، شەرمەندىلىكتە يۈزۈمنى ساڭا قارىتىشتىن ئىزا تارتماقتىمەن، ئى خۇدايىم؛ چۈنكى قەبىھلىكلىرىمىز تولىلىقىدىن باشلىرىمىزدىن ئاشتى، ئاسىيلىق-ئىتائەتسىزلىكىمىز ئاسمانلارغا تاقاشتى.
7 Ode dnů otců našich u veliké jsme vině až do tohoto dne, a pro nepravosti naše vydáni jsme my, králové naši i kněží naši v ruku králů zemí pod meč, v zajetí a v loupež, a v zahanbení tváři, tak jakž se to nyní děje.
ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر زور ئىتائەتسىزلىكتە يۈرۈپ كەلدۇق، شۇڭا قەبىھلىكلىرىمىز تۈپەيلىدىن بىز، بىزنىڭ پادىشاھلىرىمىز ۋە كاھىنلىرىمىز خۇددى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك ھەرقايسى يۇرتلاردىكى پادىشاھلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، قىلىچقا، سۈرگۈنلۈككە، بۇلاڭ-تالاڭغا، نومۇسقا تاپشۇرۇلدۇق.
8 Teď pak rychle stala se nám milost od Hospodina Boha našeho, že zanechal nám ostatků, a dal nám obydlí na místě svatém, aby osvítil oči naše Bůh náš, a dal nám maličké povydchnutí od služby naší.
ئەمدى ھازىر ئازغىنە ۋاقىت خۇدايىمىز كۆزلىرىمىزنى نۇرلاندۇرۇپ، قۇللۇقىمىزدا بىزگە ئازغىنا ئارام بېرىلسۇن دەپ، قېچىپ قۇتۇلغان بىر قالدىنى ساقلاپ قېلىپ، بىزگە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس جايىدىن خۇددى قاققان قوزۇقتەك مۇقىم ئورۇن بېرىپ، بىزگە خۇدايىمىز پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات كۆرسىتىلدى.
9 Nebo ač jsme byli služebníci, však nenechal nás Bůh náš v porobě naší, ale naklonil k nám milostí krále Perské, dav nám život, abychom vyzdvihli dům Boha našeho, a zase obnovili pustiny jeho, nýbrž ohradil nás v Judstvu a v Jeruzalémě.
چۈنكى بىز ھازىر قۇللارمىز؛ ھالبۇكى، خۇدايىمىز مۇشۇ قۇللۇقىمىزدا يەنىلا بىزنى تاشلىۋەتمەي، بەلكى پارس پادىشاھلىرىنىڭ ئالدىدا رەھىمگە ئېرىشتۈرۈپ، خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىنى سېلىپ، خارابىلەشكەن جايلىرىنى يېڭىۋاشتىن ئوڭلاشقا بىزنى روھلاندۇردى، شۇنداقلا بىزنى يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا سېپىللىق قىلدى.
10 Nyní tedy což díme, ó Bože náš, po těch věcech, poněvadž jsme opustili přikázaní tvá,
ئى خۇدا، بىز بۇ [ئىلتىپاتلار] ئالدىدا يەنە نېمە دېيەلەيمىز؟ چۈنكى بىز يەنىلا سېنىڭ مۆمىن بەندىلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تاپىلغان ئەمرلىرىڭنى تاشلىۋەتتۇق؛ سەن [ئۇلار ئارقىلىق]: «سىلەر كىرىپ مىراس قىلىپ ئىگىلەيدىغان زېمىن بولسا، شۇ زېمىندىكى تائىپىلەرنىڭ نىجىسلىقى بىلەن بۇلغانغان بىر زېمىن؛ چۈنكى ئۇلار تۈرلۈك ناپاكلىقلارنى قىلىپ، يىرگىنچلىك ئادەتلىرى بىلەن بۇ زېمىننى بۇ چەتتىن ئۇ چېتىغىچە تولدۇرۇۋەتتى.
11 Kteráž jsi vydal skrze služebníky své proroky, řka: Země ta, do kteréž jdete, abyste jí dědičně vládli, jest země nečistá, pro nečistotu národů těch zemí, pro ohavnosti jejich, kterýmiž ji naplnili všudy naskrze v nečistotě své.
12 Protož nyní dcer vašich nedávejte synům jejich, a dcer jejich nebeřte synům vašim, a nehledejte pokoje jejich a dobrého jejich, až na věky, abyste se zmocnili, a jedli dobré věci země, a k dědičnému vládařství zanechali ji synům svým až na věky.
شۇڭا سىلەر قىزلىرىڭلارنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بەرمەڭلار، ئوغۇللىرىڭلارغا ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئېلىپ بەرمەڭلار؛ سىلەر كۈچىيىپ، زېمىننىڭ نازۇ-نېمەتلىرىدىن يېيىشكە، زېمىننى ئەبەدىلئەبەد ئەۋلادلىرىڭلارغا مىراس قىلىپ قالدۇرۇش ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇلارنىڭ ئامان-تىنچلىقى ياكى مەنپەئىتىنى ھەرگىز ئىزدىمەڭلار» ــ دېگەنىدىڭ.
13 Po všech pak těch věcech, kteréž na nás přišly pro zlé skutky naše, a pro veliké naše provinění, poněvadž ty, Bože náš, netrestal jsi nás podlé nepravostí našich, a dal jsi nám vysvobození takové,
بىزنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىمىز ۋە ناھايىتى ئېغىر ئىتائەتسىزلىكىمىز تۈپەيلىدىن بۇ ھەممە بالا-قازا بېشىمىزغا كەلگەنىدى ۋە سەن، ئى خۇدايىمىز، قەبىھلىكلىرىمىزگە تېگىشلىك بولغان جازايىمىزنى يېنىكلىتىپ، بىزگە بۈگۈنكىدەك نىجاتلىق ئىلتىپاتنى كۆرسەتكەن تۇرۇقلۇق،
14 Opět-liž bychom rušiti měli tvá přikázaní, a přízniti se s národy těmito ohavnými? Zdaliž bys se zůřivě nehněval na nás, až bys nás do konce vyhladil, tak že by žádný nezůstal a neušel?
بىز قانداقمۇ يەنە ئەمرلىرىڭگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇنداق يىرگىنچلىك قائىدىلەرنى تۇتقان بۇ تائىپىلەر بىلەن نىكاھلىنىۋېرىمىز؟ مۇبادا شۇنداق قىلىدىغان بولساق، سەن بىزگە غەزەپلىنىپ، بىزگە بىر قالدى ياكى قۇتۇلغۇدەك بىرسىنىمۇ قالدۇرماي يوقاتماي قالامسەن؟
15 Hospodine Bože Izraelský, ty jsi spravedlivý; nebo jsme pozůstali ostatkové, jakž se to vidí dnešního dne. Aj, my jsme před tebou s proviněním svým, ač bychom neměli postavovati se před tváří tvou pro věci takové.
ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار، سەن ھەققانىيدۇرسەن! شۇ سەۋەبتىن بىز بۈگۈنكىدەك قۇتۇلۇپ قالغان بىر قالدىمىز. قارا، بىز سېنىڭ ئالدىڭدا ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزدە تۇرۇۋاتىمىز، شۇڭا سېنىڭ ئالدىڭدا ھېچقايسىمىز تىك تۇرالماي قالدۇق» ــ دېدىم.

< Ezdráš 9 >