بىنيامىننىڭ تۇنجى ئوغلى بېلا، ئىككىنچى ئوغلى ئاشبەل، ئۈچىنچى ئوغلى ئاخاراھ، |
تۆتىنچى ئوغلى نوخاھ، بەشىنچى ئوغلى رافا ئىدى. |
بېلانىڭ ئوغۇللىرى ئاددار، گېرا، ئابىھۇد، |
ئابىشۇئا، نائامان، ئاخوئاھ، |
گېرا، شېفۇفان ۋە ھۇرام ئىدى. |
تۆۋەندىكىلەر ئەخۇدنىڭ ئەۋلادلىرى: ــ نائامان، ئاخىياھ ۋە گېرا (ئەسلىدە ئۇلار گېبالىقلارنىڭ جەمەت بېشى ئىدى. گېبالىقلار ماناھاتقا كۆچۈرۈۋېتىلگەنىدى. بۇلارنى كۆچۈرۈۋەتكۈچى بولسا گېرا ئىدى؛ ئۇنىڭدىن ئۇززا بىلەن ئاخىھۇد تۆرەلگەن). |
شاھارائىم ھۇشىم بىلەن بائارا دېگەن ئىككى ئايالىنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن موئاب دىيارىدا ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن. |
ئۇنىڭ خودەش دېگەن ئايالىدىن يوباب، زىبىيا، مېشا، مالكام، |
يەئۇز، شاقىيا، مىرماھ دېگەن ئوغۇللار تۆرەلگەن؛ ئۇنىڭ بۇ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى جەمەت بېشى بولغانىدى. |
ھۇشىمدىنمۇ ئۇنىڭغا ئابىتۇب، ئەلپائال دېگەن ئوغۇللار تۆرەلگەن. |
ئەلپائالنىڭ ئوغۇللىرى ئېبەر، مىشام ۋە شېمەد (شېمەد ئونو بىلەن لود دېگەن ئىككى شەھەرنى ۋە ئۇلارغا تەۋە يېزا-كەنتلەرنى بىنا قىلغان)، |
بېرىياھ ۋە شېما ئىدى. ئۇ ئىككىسى ئايجالوندىكىلەر ئىچىدە جەمەت باشلىرى بولۇپ، گات ئاھالىسىنى قوغلىۋەتكەنىدى. |
ئاخىيو، شاشاق، يەرەموت، |
زەبادىيا، ئاراد، ئېدەر، |
مىكائىل، ئىشپاھ ۋە يوخا بولسا بېرىياھنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. |
زەبادىيا، مەشۇللام، ھىزكى، خېبەر، |
ئىشمېراي، يېزلىيا ۋە يوبابلارنىڭ ھەممىسى ئەلپائالنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. |
ياكىم، زىكرى، زابدى، |
ئەلىيەناي، زىلتاي، ئەلىيەل، |
ئادايا، بېرايا ۋە شىمراتلار شىمەينىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. |
ئىشپان، ئېبەر، ئەلىيەل، |
ئابدون، زىكرى، ھانان، |
ھانانىيا، ئېلام، ئانتوتىيا، |
ئېفدېئاھ ۋە پەنۇئەللەر شاشاقنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. |
شامشىراي، شېخارىيا، ئاتالىيا، |
يائارېشىيا، ئەلىيا ۋە زىكرىلار يەروھامنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. |
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى نەسەبنامىلەردە خاتىرىلەنگەن جەمەت بېشى ئىدى؛ بۇلار ھەممىسى مۆتىۋەرلەر بولۇپ، يېرۇسالېمغا ماكانلاشقانىدى. |
گىبېئوننىڭ ئاتىسى جەئىيەل گىبېئونغا ماكانلاشقانىدى؛ ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مائاكاھ ئىدى. |
ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى ئابدون، قالغان ئوغۇللىرى زۇر، كىش، بائال، ناداب، |
گېدور، ئاخىيو، زېكەر ۋە مىكلوت ئىدى؛ |
مىكلوتتىن شىمېيا تۆرەلگەن. بۇلارمۇ قېرىنداشلىرى بىلەن يېرۇسالېمدا قوشنا ئولتۇرۇشاتتى. |
نەردىن كىش تۆرەلگەن؛ كىشتىن سائۇل تۆرەلگەن؛ سائۇلدىن يوناتان، مالكىشۇئا، ئابىناداب ۋە ئېش-بائال تۆرەلگەن. |
مېرىب-بائال يوناتاننىڭ ئوغلى ئىدى؛ مىكاھ مېرىب-بائالدىن تۆرەلگەن. |
مىكاھنىڭ ئوغۇللىرى پىتون، مەلەك، تارىيا ۋە ئاھاز ئىدى. |
ئاھازدىن يەھوئادداھ تۆرەلگەن؛ يەھوئادداھدىن ئالەمەت، ئازماۋەت ۋە زىمرى تۆرەلگەن؛ زىمرىدىن موزا تۆرەلگەن؛ |
موزادىن بىنېئا تۆرەلگەن؛ بىنېئانىڭ ئوغلى رافا، رافانىڭ ئوغلى ئېلىئاساھ، ئېلىئاساھنىڭ ئوغلى ئازەل ئىدى. |
ئازەلنىڭ ئالتە ئوغلى بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىسمى ئازرىكام، بوكېرۇ، ئىشمائىل، شېئارىيا، ئوبادىيا ۋە ھانان ئىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئازەلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. |
ئازەلنىڭ ئىنىسى يېشەكنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئۇلام، ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى يېئۇش، ئۈچىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئەلىفەلەت ئىدى. |
ئۇلامنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى باتۇر جەڭچى، ئوقياچى ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، جەمئىي بىر يۈز ئەللىك ئىدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى بىنيامىن ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. |