< Psalmi 96 >

1 Pjevajte Jahvi pjesmu novu! Pjevaj Jahvi, sva zemljo!
پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار! پۈتكۈل يەر يۈزى، پەرۋەردىگارنى كۈيلەڭلار!
2 Pjevajte Jahvi, hvalite ime njegovo! Navješćujte iz dana u dan spasenje njegovo,
پەرۋەردىگارغا ناخشا ئېيتىڭلار، نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار، نىجاتلىقىنى ھەر كۈنى ئېلان قىلىڭلار!
3 kazujte poganima njegovu slavu, svim narodima čudesa njegova.
ئۇنىڭ شان-شۆھرىتىنى ئەللەر ئارىسىدا، ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى بارلىق خەلقلەر ئارىسىدا جاكارلاڭلار!
4 Velik je Jahve, hvale predostojan, strašniji od svih bogova!
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلۇغ، زور مەدھىيەلەرگە لايىقتۇر! ئۇ بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈن، ئۇنىڭدىن قورقۇش كېرەكتۇر؛
5 Ništavni su svi bozi naroda. Jahve stvori nebesa!
چۈنكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرى ــ بۇتلار خالاس، بىراق پەرۋەردىگار ئاسمان-پەلەكنى ياراتقاندۇر.
6 Slava je i veličanstvo pred njim, (sila) i sjaj u Svetištu njegovu.
شانۇ-شەۋكەت ۋە ھەيۋەت ئۇنىڭ ئالدىدا، مۇقەددەس جايىدا قۇدرەت ۋە گۈزەللىك كۆرۈنىدۇ.
7 Dajte Jahvi, narodna plemena, dajte Jahvi slavu i silu!
پەرۋەردىگارغا [تەئەللۇقىنى] بەرگەيسىلەر، ئى ئەل-قەبىلىلەر، پەرۋەردىگارغا شان-شۆھرەت ۋە قۇدرەتنى بەرگەيسىلەر!
8 Dajte Jahvi slavu imena njegova! Prinosite žrtvu i uđite u dvorove njegove,
پەرۋەردىگارغا ئۆز نامىغا لايىق شان-شۆھرەتنى بەرگەيسىلەر؛ سوۋغا-سالام ئېلىپ ھويلىلىرىغا كىرىڭلار!
9 poklonite se Jahvi u sjaju svetosti njegove. Strepi pred njim, zemljo sva!
پەرۋەردىگارغا پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ گۈزەللىكىدە سەجدە قىلىڭلار؛ پۈتكۈل يەر-يۈزى، ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەڭلار!
10 Nek' se govori među poganima: “Jahve kraljuje!” Svijet on učvrsti da se ne pomakne, narodima pravedno upravlja.
ئەللەر ئارىسىدا ئېلان قىلىڭلار: ــ «پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! شۇڭا مانا، دۇنيا مەزمۇت قىلىنغان، ئۇ تەۋرەنمەس ئەسلا. ئۇ ئادىللىق بىلەن خەلقلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
11 Raduj se, nebo, i kliči, zemljo! Neka huči more i što je u njemu!
ئاسمانلار شادلانسۇن، يەر-جاھان خۇش بولسۇن، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە چۇقان سېلىپ جۇش ئۇرسۇن!
12 Nek' se raduje polje i što je na njemu, neka klikće šumsko drveće
دالالار ھەم ئۇلاردىكى ھەممە يايرىسۇن! ئۇ چاغدا ئورماندىكى پۈتكۈل دەرەخلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا ياڭرىتىپ ناخشا ئېيتىدۇ؛ چۈنكى مانا، ئۇ كېلىدۇ! ئۇ جاھاننى سوراق قىلىشقا كېلىدۇ؛ ئۇ ئالەمنى ئادىللىق بىلەن، خەلقلەرنى ئۆز ھەقىقەت-ساداقىتىدە سوراق قىلىدۇ.
13 pred Jahvom, jer dolazi, jer dolazi suditi zemlji. Sudit će svijetu u pravdi i narodima u istini svojoj.

< Psalmi 96 >