< Psalmi 104 >

1 Blagoslivljaj Jahvu, dušo moja, Jahve, Bože moj, silno si velik! Odjeven veličanstvom i ljepotom,
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇر، ئى جېنىم! ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ئىنتايىن ئۇلۇغسەن؛ شانۇ-شەۋكەت ۋە ھەيۋەت بىلەن كىيىنگەنسەن؛
2 svjetlošću ogrnut kao plaštem! Nebo si razapeo kao šator,
لىباس بىلەن پۈركەنگەندەك يورۇقلۇققا پۈركەنگەنسەن، ئاسمانلارنى چېدىر پەردىسى كەبى يايغانسەن.
3 na vodama sagradio dvorove svoje. Od oblaka praviš kola svoja, na krilima vjetrova putuješ.
ئۇ يۇقىرىقى راۋاقلىرىنىڭ لىملىرىنى سۇلارغا ئورناتقان، بۇلۇتلارنى جەڭ ھارۋىسى قىلىپ، شامال قاناتلىرى ئۈستىدە ماڭىدۇ؛
4 Vjetrove uzimaš za glasnike, a žarki oganj za slugu svojega.
ئۇ پەرىشتىلىرىنى شاماللار، خىزمەتكارلىرىنى ئوت يالقۇنى قىلىدۇ.
5 Zemlju si stavio na stupove njene: neće se poljuljati u vijeke vjekova,
يەرنى ئۇ ئۇللىرى ئۈستىگە ئورناتقان؛ ئۇ ئەسلا تەۋرىنىپ كەتمەيدۇ.
6 pokrio si je vodama bezdanim k'o haljinom, iznad bregova stajahu vode;
لىباس بىلەن ئورالغاندەك، ئۇنى چوڭقۇر دېڭىزلار بىلەن ئورىغانسەن، سۇلار تاغلار چوققىلىرى ئۈستىدە تۇردى.
7 na tvoju se prijetnju povukoše, od tvoje grmljavine zadrhtaše.
سېنىڭ تەنبىھىڭ بىلەن سۇلار بەدەر قاچتى، گۈلدۈرماماڭنىڭ ساداسىدىن ئۇلار تېزدىن ياندى؛
8 Bregovi se digoše, doline spustiše na mjesto koje si im odredio.
تاغلار ئۆرلەپ چىقتى، ۋادىلار چۈشۈپ كەتتى، [سۇلار] سەن بېكىتكەن جايغا چۈشۈپ كەتتى.
9 Odredio si granicu koju ne smiju prijeći, da opet ne pokriju zemlju.
ئۇلار تېشىپ، يەرنى يەنە قاپلىمىسۇن دەپ، سەن ئۇلارغا چەكلىمە قويغانسەن.
10 Izvore svraćaš u potoke što žubore među brdima.
[تەڭرى] ۋادىلاردا بۇلاقلارنى ئېچىپ ئۇرغۇتىدۇ، سۇلىرى تاغلار ئارىسىدا ئاقىدۇ.
11 Oni poje sve živine poljske, divlji magarci žeđ gase u njima.
دالادىكى ھەربىر جانىۋارغا ئۇسسۇلۇق بېرىدۇ، ياۋايى ئېشەكلەر ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدۇ.
12 Uz njih se gnijezde ptice nebeske i pjevaju među granama.
كۆكتىكى قۇشلار ئۇلارنىڭ بويىدا قونىدۇ، دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدا سايرايدۇ.
13 Ti natapaš bregove iz dvorova svojih, zemlja se nasićuje plodom tvojih ruku.
ئۇ يۇقىرىدىكى راۋاقلىرىدىن تاغلارنى سۇغىرىدۇ؛ يەر سېنىڭ ياسىغانلىرىڭنىڭ مېۋىلىرىدىن قاندۇرۇلىدۇ!
14 Ti daješ te niče trava za stoku i bilje na korist čovjeku da izvede kruh iz zemlje
ئۇ ماللار ئۈچۈن ئوت-چۆپلەرنى، ئىنسانلار ئۈچۈن كۆكتاتلارنى ئۆستۈرىدۇ، شۇنداقلا ناننى يەردىن چىقىرىدۇ؛
15 i vino što razvedruje srce čovječje; da uljem lice osvježi i da kruh okrijepi srce čovjeku.
ئادەمنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان شارابنى، ئىنسان يۈزىنى پارقىرىتىدىغان ماينى چىقىرىدۇ؛ ئىنساننىڭ يۈرىكىگە نان بىلەن قۇۋۋەت بېرىدۇ؛
16 Stabla se Jahvina napajaju hranom, cedri libanonski koje on zasadi.
پەرۋەردىگارنىڭ دەرەخلىرى، يەنى ئۆزى تىككەن لىۋان كېدىر دەرەخلىرى [سۇ ئىچىپ] قانائەتلىنىدۇ.
17 Ondje se ptice gnijezde, u čempresu dom je rodin.
ئەنە ئاشۇلار ئارىسىغا قۇشلار ئۇۋا ياسايدۇ، لەيلەك بولسا، ئارچا دەرەخلىرىنى ماكان قىلىدۇ.
18 Visoki bregovi daju kozorogu a pećine jazavcu sklonište.
ئېگىز چوققىلار تاغ ئۆچكىلىرىنىڭ، تىك يارلار سۇغۇرلارنىڭ پاناھى بولىدۇ.
19 Ti si stvorio mjesec da označuje vremena i sunce znade kada ima zaći.
پەسىللەرنى بېكىتمەك ئۈچۈن ئۇ ئاينى ياراتتى، قۇياش بولسا پېتىشىنى بىلىدۇ.
20 Kad razastreš tmine i noć se spusti, tad se šuljaju u njoj životinje šumske.
سەن قاراڭغۇلۇق چۈشۈرىسەن، تۈن بولىدۇ؛ ئورماندىكى جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدا شىپىر-شىپىر كېزىپ يۈرىدۇ.
21 Lavići riču za plijenom i od Boga hranu traže.
ئارسلانلار ئولجا ئىزدەپ ھۆركىرەيدۇ، تەڭرىدىن ئوزۇق-تۈلۈك سورىشىدۇ؛
22 Kad sunce ograne, nestaju i liježu na ležaje.
قۇياش چىقىپلا، ئۇلار چېكىنىدۇ، قايتىپ كىرىپ ئۇۋىلىرىدا ياتىدۇ.
23 Tad čovjek izlazi na dnevni posao i na rad do večeri.
ئىنسان بولسا ئۆز ئىشىغا چىقىدۇ، تا كەچكىچە مېھنەتتە بولىدۇ.
24 Kako su brojna tvoja djela, o Jahve! Sve si to mudro učinio: puna je zemlja stvorenja tvojih.
ئى پەرۋەردىگار، ياسىغان ھەرخىل نەرسىلىرىڭ نەقەدەر كۆپتۇر! ھەممىسىنى ھېكمەت بىلەن ياراتقانسەن، يەر يۈزى ئىجات-بايلىقلىرىڭ بىلەن تولدى.
25 Eno mora, velika i široka, u njemu vrve gmazovi bez broja, životinje male i velike.
ئەنە بۈيۈك بىپايان دېڭىز تۇرىدۇ! ئۇنىڭدا سان-ساناقسىز غۇژ-غۇژ جانىۋارلار، چوڭ ۋە كىچىك ھايۋانلار بار.
26 Onud prolaze nemani, Levijatan kojeg stvori da se igra u njemu.
شۇ يەردە كېمىلەر قاتنايدۇ، ئۇنىڭدا ئويناقلىسۇن دەپ سەن ياسىغان لېۋىئاتانمۇ بار؛
27 I sva ova bića željno čekaju da ih nahraniš na vrijeme.
ۋاقتىدا ئوزۇق-تۈلۈك بەرگىن دەپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قارايدۇ.
28 Daješ li im, tada sabiru: otvaraš li ruku, nasite se dobrima.
ئۇلارغا بەرگىنىڭدە، تېرىۋالىدۇ، قولۇڭنى ئاچقىنىڭدىلا، ئۇلار نازۇنېمەتلەرگە تويىدۇ.
29 Sakriješ li lice svoje, tad se rastuže; ako dah im oduzmeš, ugibaju i opet se u prah vraćaju.
يۈزۈڭنى يوشۇرساڭ، ئۇلار دەككە-دۈككىگە چۈشىدۇ، روھلىرىنى ئالساڭ، ئۇلار جان ئۈزۈپ، يەنە تۇپراققا قايتىدۇ.
30 Pošalješ li dah svoj, opet nastaju, i tako obnavljaš lice zemlje.
روھىڭنى ئەۋەتكىنىڭدە، ئۇلار يارىتىلىدۇ، يەر-يۈزى يېڭى [بىر دەۋر بىلەن] ئالمىشىدۇ.
31 Neka dovijeka traje slava Jahvina: nek' se raduje Jahve u djelima svojim!
پەرۋەردىگارنىڭ شان-شۆھرىتى ئەبەدىيدۇر، پەرۋەردىگار ئۆز ياراتقانلىرىدىن خۇرسەن بولىدۇ.
32 On pogleda zemlju i ona se potrese, dotakne bregove, oni se zadime.
ئۇ يەرگە باققىنىدا، يەر تىترەيدۇ، تاغلارغا تەگكىنىدە، ئۇلار تۈتۈن چىقىرىدۇ.
33 Pjevat ću Jahvi dokle god živim, svirat ću Bogu svome dokle god me bude.
ھاياتلا بولىدىكەنمەن، پەرۋەردىگارغا ناخشا ئېيتىمەن؛ ۋۇجۇدۇم بولسىلا خۇدايىمنى كۈيلەيمەن.
34 Bilo mu milo pjevanje moje! Ja ću se radovati u Jahvi.
ئۇ سۈرگەن ئوي-خىياللىرىمدىن سۆيۈنسە! پەرۋەردىگاردا خۇشاللىنىمەن!
35 Nek' zločinci sa zemlje nestanu i bezbožnika nek' više ne bude! Blagoslivljaj Jahvu, dušo moja! Aleluja!
گۇناھكارلار يەر يۈزىدىن تۈگىتىلىدۇ، رەزىللەر يوق بولىدۇ. ئى جېنىم، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇر! ھەمدۇسانا!

< Psalmi 104 >