< Ezekiel 33 >

1 Dođe mi riječ Jahvina:
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ
2 “Sine čovječji, govori sinovima naroda svojega! Reci: 'Ako ja na neku zemlju dovedem mač, a narod te zemlje uzme jednoga između sebe i postavi ga za stražara,
ئى ئىنسان ئوغلى، ئەل-يۇرتۇڭدىكىلەرگە سۆز يەتكۈزۈپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ مەن قىلىچنى مەلۇم بىر زېمىن ئۈستىگە چىقارغىنىمدا، زېمىندىكى خەلق ئۆز ئارىسىدىن بىر ئادەمنى تېپىپ ئۇنى كۆزەتچى بېكېتسە، ــ
3 a on - videći da mač dolazi na zemlju - zatrubi u rog i opomene sav narod:
ئۇ قىلىچنىڭ زېمىن ئۈستىگە چىققانلىقىنى كۆرۈپ، كاناي چېلىپ خەلقنى ئاگاھلاندۇرسا،
4 ako se tada onaj koji čuje glas roga ne da opomenuti te mač dođe i pogubi ga - krv njegova past će na glavu njegovu:
كىمدىكىم كاناي ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئاگاھنى ئالمىسا، قىلىچ كېلىپ ئۇنى ئېلىپ كەتسە، ئەمدى ئۇنىڭ قېنى ئۆز بېشى ئۈستىگە بولىدۇ.
5 jer, čuo je glas roga, ali se ne dade opomenuti - krv njegova past će na njega. Da se dao opomenuti, spasio bi život.
ئۇ كاناي ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئاگاھنى ئالمىغان؛ شۇڭا ئۇنىڭ قېنى ئۆزىگە بولىدۇ؛ ئۇ ئاگاھ ئالغان بولسا، جېنىنى قۇتقۇزغان بولاتتى.
6 A opet, ako stražar - videći da mač dolazi na zemlju - ne zatrubi u rog i ne opomene narod te mač dođe i pogubi koga od njih: taj je, doduše, poginuo zbog svoga grijeha, ali ću ja krv njegovu tražiti iz stražarove ruke.'
بىراق كۆزەتچى قىلىچنىڭ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، كاناي چالماي، خەلقنى ئاگاھلاندۇرمىسا، ئەمدى قىلىچ كېلىپ ئۇلار ئارىسىدىن بىراۋنى ئېلىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز قەبىھلىكىدە ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ بىراق ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن مەن كۆزەتچىدىن ھېساب ئالىمەن.
7 I tebe sam, sine čovječji, postavio za stražara domu Izraelovu: kad čuješ riječ iz mojih usta, opomeni ih u moje ime.
ئەمدى، ئى ئىنسان ئوغلى، مەن سېنى ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن كۆزەتچى دەپ بېكىتكەنمەن؛ سەن مېنىڭ ئاغزىمدىن خەۋەر ئاڭلاپ، ئۇلارغا مەندىن ئاگاھ يەتكۈزىسەن.
8 Reknem li bezbožniku: 'Bezbožniče, umrijet ćeš!' - a ti ne progovoriš i ne opomeneš bezbožnika da se vrati od svojega zloga puta, bezbožnik će umrijeti zbog svojega grijeha, ali krv njegovu tražit ću iz tvoje ruke.
مەن رەزىل ئادەمگە: «ئى رەزىل ئادەم، سەن چوقۇم ئۆلىسەن» دېسەم، ۋە ئۆزۈڭ بۇ رەزىلنى يولىدىن ياندۇرۇشقا سۆز قىلماي ئۇنى ئاگاھلاندۇرمىساڭ، ئۇ رەزىل ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ؛ بىراق ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن سەندىن ھېساب ئالىمەن.
9 Ali ako bezbožnika opomeneš da se vrati od svojega zloga puta, a on se ne vrati sa svojega puta: on će umrijeti zbog svojega grijeha, a ti si spasio život svoj.
بىراق سەن رەزىلنى يولىدىن يېنىش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرساڭ، ئۇ يولىدىن يانمىسا، ئۇ ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ؛ بىراق ئۆزۈڭ ئۆز جېنىڭنى قۇتقۇزۇپ قالىسەن.
10 Sine čovječji, reci domu Izraelovu: Vi govorite: 'Prijestupi i grijesi naši pritišću nas i zbog njih propadamo! I da još živimo?'
ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتىگە سۆز قىلىپ: ــ سىلەر: «بىزنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىمىز ۋە گۇناھلىرىمىز بېشىمىزدىدۇر، بىز ئۇلار بىلەن زەئىپلىشىپ كېتىۋاتىمىز؛ ئەمدى بىز قانداقمۇ ھاياتقا ئېرىشىمىز؟» دەيسىلەر.
11 Odgovori im: 'Života mi moga - riječ je Jahve Gospoda - nije meni do smrti bezbožnikove, nego da se odvrati od zloga puta svojega i da živi! Obratite se, dakle, obratite od zloga puta svojega! Zašto da umrete, dome Izraelov!'
ئۇلارغا سۆزۈمنى يەتكۈزۈپ: «مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ مەن رەزىل ئادەمنىڭ ئۆلۈمىدىن ھېچ خۇرسەنلىكىم يوقتۇر؛ پەقەت ئۇلارنى رەزىل يولىدىن يېنىپ ھاياتقا ئېرىشسۇن دەيمەن؛ رەزىل يوللىرىڭلاردىن يېنىڭلار، يېنىڭلار! نېمىشقا ئۆلگۈڭلار كېلىدۇ، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟!» ــ دېگىن.
12 Sine čovječji, reci sinovima naroda svoga: 'Pravednika neće izbaviti pravednost njegova u dan kad sagriješi niti će bezbožnik stradati zbog svoje bezbožnosti u dan kad se od nje odvrati, kao što ni pravednik neće moći ostati na životu u dan kad sagriješi.
ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئەل-يۇرتۇڭدىكىلەرگە مۇنداق دېگىن: ــ ھەققانىي ئادەمنىڭ ھەققانىيلىقى ئاسىيلىق قىلغان كۈنىدە ئۇنى قۇتقۇزمايدۇ؛ ھەم رەزىل ئادەم بولسا، ئۇ ئۆز رەزىللىكىدىن يانغان كۈنىدە رەزىللىكىدىن يىقىلمايدۇ؛ ھەققانىي ئادەم گۇناھ سادىر قىلغان كۈنىدە، ئۇ ئەسلىدىكى ھەققانىيلىقى بىلەن ھاياتتا تۇرىۋەرمەيدۇ.
13 Reknem li ja prevedniku: 'Živjet ćeš!' a on se pouzda u svoju pravednost i stane činiti nepravdu, zaboravit ću svu njegovu pravednost, i on će umrijeti zbog nepravde što je počini!
مەن ھەققانىيغا: «سەن بەرھەق ھاياتقا ئېرىشسەن» دېگىنىمدە، ئۇ ئۆز ھەققانىيلىقىغا تايىنىپ قەبىھلىك سادىر قىلسا، ئەمدى ئۇنىڭ ھەققانىي ئىشلىرىدىن ھېچقايسىسى ئەسلەنمەيدۇ؛ ئەكسىچە ئۇ ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن ئۆلىدۇ.
14 A reknem li bezbožniku: 'Umrijet ćeš!' a on se odvrati od grijeha svojega i stane raditi po zakonu i pravdi,
ئەمدى مەن رەزىلگە: «سەن چوقۇم ئۆلىسەن» دېسەم، بىراق ئۇ گۇناھىدىن يېنىپ، كۆز ئالدىمدا ئادالەت ۋە ھەققانىيلىقنى يۈرگۈرسە ــ
15 vrati zalog, plati oteto i stane živjeti po zakonima života, ne čineći bezakonja - živjet će, neće umrijeti!
رەزىل ئادەم قەرزگە كاپالەتكە ئالغان نەرسىنى قايتۇرۇپ بەرسە، ــ بۇلاڭچىلىقتا ئالغاننى قايتۇرۇپ بەرسە ــ قەبىھلىك سادىر قىلماي، ھايات بەلگىلىمىلىرىدە ماڭسا ــ ئەمدى ئۇ بەرھەق ھاياتقا ئىگە بولىدۇ، ئۇ ئۆلمەيدۇ.
16 I svi grijesi njegovi što ih bijaše počinio bit će mu zaboravljeni. Radi po zakonu i pravdi, živjet će!'
ئۇنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرىدىن ھېچقايسىسى ئەسلەنمەيدۇ؛ ئۇ ئادالەت ۋە ھەققانىيلىقنى يۈرگۈرگەن ــ ئۇ بەرھەق ھاياتقا ئىگە بولىدۇ.
17 Ali sinovi naroda tvoga govore: 'Jahvin put nije pravedan!' Njihov put nije pravedan!
بىراق ئەل-يۇرتۇڭدىكىلەر: «رەبنىڭ يولى ھەممىگە باراۋەر ئەمەس» دەيدۇ؛ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ يولى بولسا ھەممىگە باراۋەر ئەمەس.
18 Ako se pravednik odvrati od svoje pravednosti i stane činiti nepravdu, on će stoga umrijeti.
ھەققانىي ئادەم ئۆز ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىكنى سادىر قىلسا، ئۇ بۇنىڭدا ئۆلىدۇ.
19 A ako se bezbožnik odvrati od svoje bezbožnosti i stane raditi po zakonu i pravdi, on će zbog toga živjeti.
رەزىل ئادەم ئۆز رەزىللىكىدىن يېنىپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق يۈرگۈرسە، بۇ ئىشلاردىن ھاياتقا ئىگە بولىدۇ.
20 A vi velite: 'Jahvin put nije pravedan!' Svakome ću od vas suditi prema putovima njegovim, dome Izraelov!”
لېكىن سىلەر: «رەبنىڭ يولى ھەممىگە باراۋەر ئەمەس» دەيسىلەر؛ ئى ئىسرائىل جەمەتى، مەن ھەرقايسىڭلارغا ئۆز يوللىرىڭلار بويىچە ئۈستۈڭلەرگە ھۆكۈم چىقىرىمەن!
21 Godine dvanaeste, desetoga mjeseca, petoga dana našeg izgnanstva, dođe k meni bjegunac iz Jeruzalema i reče: “Pade grad!”
ۋە شۇنداق بولدىكى، سۈرگۈن بولغان ئون ئىككىنچى يىلى، ئونىنچى ئاينىڭ بەشىنچى كۈنىدە، يېرۇسالېمدىن قاچقان بىرسى يېنىمغا كېلىپ: «شەھەر بۆسۈلدى!» ــ دېدى.
22 Ruka se Jahvina spustila na me uveče, prije dolaska toga bjegunca, i otvorila mi usta prije negoli on dođe k meni ujutro! Otvoriše mi se, dakle, usta i ja više ne bijah nijem.
ئەمدى قاچقان ئادەمنىڭ يېتىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنقى ئاخشىمىدا پەرۋەردىگارنىڭ قولى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمغا قونغانىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاغزىمنى ئېچىپ قويدى؛ ئاغزىم ئېچىلىپ، مەن يەنە گاچا بولمىدىم.
23 I dođe mi riječ Jahvina:
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ
24 “Sine čovječji, oni koji žive u ovim ruševinama zemlje Izraelove govore: 'Jedan bijaše Abraham i baštini ovu zemlju, a nas je mnogo - nama je zemlja dana u posjed!'
ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل زېمىنىدىكى خارابە جايلاردا تۇرۇۋاتقانلار: «ئىبراھىم پەقەت بىر ئادەم تۇرۇپمۇ بۇ زېمىنغا مىراس بولغانىدى؛ بىراق بىز كۆپ ئادەممىز؛ ئەمدى زېمىن بەرىبىر بىزگە تەقدىم قىلىندى» ــ دەپ ئېيتىۋاتىدۇ.
25 Stoga im reci: 'Ovako govori Jahve Gospod: Vi blagujete po gorama, oči podižete kumirima svojim, krv prolijevate - i još da posjedujete ovu zemlju?
شۇڭا ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر گۆشنى قان بىلەن يەيسىلەر؛ سىلەر ئۆز مەبۇدلىرىڭلارنى باش كۆتۈرۈپ ئىزدەيسىلەر؛ سىلەر قان تۆكۈۋاتىسىلەر؛ ئەمدى سىلەر زېمىنغا مىراس بولامسىلەر؟
26 Na svoj se mač oslanjate, činite gadosti, oskvrnjujete ženu bližnjega - i još da posjedujete ovu zemlju?'
سىلەر قىلىچىڭلارغا تايىنىسىلەر، سىلەر يىرگىنچلىك ئىشلارنى چىقىرىسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۆز قوشنىسىنىڭ ئايالىغا بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ. ئەمدى سىلەر زېمىنغا مىراس بولامسىلەر؟».
27 Ovo im reci: 'Ovako govori Jahve Gospod: Života mi moga, oni koji su u ruševinama od mača će pasti; one koji su u polju dat ću zvijerima da ih proždru; a koji su u utvrdama i po pećinama od kuge će poginuti!
ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بەرھەق، خارابە جايلاردا تۇرۇۋاتقانلار قىلىچلىنىپ يىقىلىدۇ؛ دالادا قالغاننى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ يەۋېتىشكە تاپشۇرىمەن؛ ئىستىھكاملار ۋە غارلاردا تۇرغانلارمۇ ۋابا كېسىلىدىن ئۆلىدۇ.
28 Tako ću zemlju ovu razoriti i opustošiti i nestat će zauvijek drskoga njezina ponosa. Opustjet će gore Izraelove i nitko više neće njima prolaziti.
مەن زېمىننى ۋەيرانە ۋە چۆل-باياۋان قىلىمەن؛ ئۇنىڭ كۈچىدىن بولغان پەخرى يوقىلىدۇ؛ ئىسرائىلنىڭ تاغلىرى ۋەيرانە بولىدۇكى، ئۇلاردىن ئۆتكۈچى ھېچبىر ئادەم بولمايدۇ.
29 I znat će da sam ja Jahve kad zemlju njihovu razorim i opustošim zbog svih gadosti što ih počiniše.'
ئۇلارنىڭ يۈرگۈزگەن يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن مەن زېمىننى ۋەيرانە ۋە چۆل-باياۋان قىلغىنىمدا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ».
30 A o tebi, sine čovječji, sinovi naroda tvoga kazuju uza zidove i na kućnim vratima i govore jedan drugom: 'Hajde da čujemo kakva je to riječ došla od Jahve!'
ــ ئەمدى سەن بولساڭ، ئى ئىنسان ئوغلى، ئەل-يۇرتۇڭدىكىلەر ھەردائىم سېنى ئاغزىغا ئېلىپ ئۆيلىرىنىڭ تاملىرىنىڭ يېنىدا ۋە دەرۋازىلاردا سۆزلەپ بىر-بىرىگە ھەم ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىغا سەن توغرۇلۇق: «قېنى بېرىپ، پەرۋەردىگاردىن نېمە سۆز باركىن، ئاڭلاپ كېلەيلى!» ــ دەيدۇ.
31 I hrle k tebi kao na zbor narodni; i narod moj sjeda preda te i sluša tvoje riječi, ali ih ne izvršuje: naslađuju se njima u ustima, a srce im ide za nepravednim dobitkom.
ئۇلار جامائەت سۈپىتىدە يېنىڭغا كېلىپ، مېنىڭ خەلقىمنىڭ سۈپىتىدە ئالدىڭدا ئولتۇرىدۇ؛ ئۇلار سۆزلىرىڭنى ئاڭلايدۇ، بىراق ئۇلارغا ئەمەل قىلمايدۇ؛ ئۇلار ئاغزى بىلەن ساڭا مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ، بىراق كۆڭلى ھارام مەنپەئەتكە تارتىدۇ؛
32 I gle, ti si za njih kao slatka pjesma uz glazbu otpjevana glasom umilnim: riječi ti slušaju, ali ih ne izvršuju.
مانا، سەن ئۇلار ئۈچۈن پەقەت يېقىملىق ئاۋاز بىلەن،سازلىرى ئوبدان تەڭشىلىپ ئېيتىلغان مۇھەببەت ناخشىسىسەن، خالاس؛ ئۇلار سۆزلىرىڭنى ئاڭلايدۇ، بىراق ئۇلارغا ئەمەل قىلمايدۇ.
33 Ali kad sve ovo dođe - gle, već dolazi - znat će da prorok bijaše među njima!”
ئەمدى بۇنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنىدا (ئۇ بەرھەق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ!) ئۇلار بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ».

< Ezekiel 33 >