< Ponovljeni zakon 17 >

1 Ne žrtvuj Jahvi, Bogu svome, ni vola ni ovna koji bi na sebi imao manu ili kakvo zlo, jer bi to bilo ružno pred Jahvom, Bogom tvojim.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ھەرقانداق نۇقسانى ياكى باشقا كەمچىلىكى بولغان كالا ياكى قوينى قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنماسلىقىڭ كېرەك؛ چۈنكى ئۇنداق قىلىش پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا يىرگىنچلىكتۇر.
2 Ako se u tvojoj sredini - u bilo kojem tvojem gradu što ti ga dade Jahve, Bog tvoj - nađe čovjek ili žena da učini što je zlo u očima Jahve, Boga tvoga, i krši njegov Savez:
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان شەھەر-يېزاڭ ئىچىدە ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، بىرسىنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا بىرەر رەزىل ئىشنى قىلغانلىقى ــ ئۇنىڭ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى، باشقا ئىلاھلارغا (مەسىلەن، مەن ساڭا ئىبادەت قىلىشقا مەنئى قىلغان قۇياش، ئاي ياكى پۈتكۈل ساماۋى قوشۇن بولغان يۇلتۇزلارغا)، ئىبادەت قىلىپ ئۇلارغا باش ئۇرغانلىقى بايقالسا،
3 otišavši da iskazuje štovanje drugim bogovima te se pokloni njima, suncu, mjesecu ili bilo čemu od nebeske vojske, a što sam ja zabranio,
4 i tebi se to javi i ti to čuješ, onda pomno istraži; i bude li istina i doista se ta grozota učinila u Izraelu,
ــ شۇنداق بىر ئىشتىن خەۋەر تاپقان ياكى ئۇنى ئاڭلىغان بولساڭ، ئۇنداقتا سەن ئەستايىدىللىق بىلەن سۈرۈشتۈرگىن؛ بۇ ئىش ئىسپاتلىنىپ راست چىقسا، دەرۋەقە ئىسرائىلدا شۇنداق يىرگىنچلىك ئىش قىلىنغان بولسا،
5 onda toga čovjeka ili tu ženu koji učiniše takvu opačinu izvedi na gradska vrata te ih kamenuj da poginu.
سەن شۇ رەزىل ئىشنى قىلغان ئەر ياكى ئايالنى دەرۋازىلىرىڭغا ئېلىپ چىقىپ، شۇ ئەر ياكى ئايالنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىپ چالما-كېسەك قىلىشىڭ كېرەك.
6 Na smrt osuđeni neka se pogubi na iskaz dvojice ili trojice svjedoka. Na riječ jednoga svjedoka ne smije se pogubiti.
بىرسىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزلىرى بولۇشى كېرەك. بىرسىنى بىرلا گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ.
7 Neka najprije svjedoci dignu ruku na nj da ga smaknu, a poslije toga neka je digne sav narod. Tako ćeš iskorijeniti zlo iz svoje sredine.
ئۆلتۈرۈلىدىغاندا ئاۋۋال گۇۋاھچىلار قول سالسۇن، ئاندىن بارلىق خەلق قول سالسۇن؛ شۇنداق قىلساڭلار سىلەر رەزىللىكنى ئاراڭلاردىن ھەيدىۋېتىسىلەر.
8 Bude li ti preteško štogod rasuditi: ubojstvo, sukob o pravima, kakvu ozljedu ili svađu u tvome gradu, tada ustani i pođi u mjesto što ga odabere Jahve, Bog tvoj.
شەھەر-يېزاڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىشقا ساڭا تەس كېلىدىغان بىر ئىش چىقسا، مەيلى خۇن دەۋاسى، ھەق-تەلەپ دەۋاسى ياكى زوراۋانلىق دەۋاسىدا، ھەرقانداق تالاش-تارتىش بولسا ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللايدىغان جايغا بېرىڭلار.
9 Obrati se svećenicima, levitima i sucu koji bude za ono vrijeme. Njih pitaj, oni će ti rasuditi.
سىلەر لاۋىي كاھىنلارنىڭ ۋە شۇ چاغدا بولىدىغان سوراقچى بەگنىڭ يېنىغا بارىسىلەر ۋە ئۇلاردىن ھۆكۈم سورايسىلەر؛ ئۇلار سىلەر ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
10 I učini onako kako ti budu kazali u mjestu koje Jahve odabere. Pazi: sve učini kako te upute.
سىلەر پەرۋەردىگار تاللايدىغان ئاشۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ سىلەرگە تاپشۇرىدىغان ھۆكۈم سۆزى بويىچە ئىجرا قىلىسىلەر؛ ئۇلارنىڭ سىلەرگە كۆرسەتكىنىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىپ كۆڭۈل بۆلۈشۈڭلار كېرەك.
11 Uradi prema uputi koju ti dadnu i prema presudi koju donesu. Od presude koju ti kažu ne odstupaj ni desno ni lijevo.
سىلەر ئۇلارنىڭ سىلەرگە كۆرسەتكەن قانۇن ھۆكۈمى بويىچە، چىقىرىدىغان قارارى بويىچە قىلىسىلەر؛ ئۇلار سىلەرگە تاپشۇرىدىغان سۆزدىن ئوڭ يا سولغا چەتنەپ كەتمەڭلار.
12 Ako bi se tko drsko odupro i ne bi poslušao ni svećenika koji ondje stoji da služi Jahvi, Bogu tvome, ni suca, neka se taj čovjek pogubi. Tako ćeš iskorijeniti zlo iz Izraela,
ۋە باشباشتاقلىق قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن شۇ يەردە تۇرىدىغان كاھىنغا ياكى سوراقچى بەگكە قۇلاق سالمىغان كىشى بولسا، شۇ ئادەم ئۆلۈمگە مەھكۇم بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر رەزىللىكنى ئىسرائىلدىن ھەيدەپ چىقىرىسىلەر.
13 a sav će se narod, kad sazna, bojati i više se neće drsko odupirati.
شۇنداقلا، بارلىق خەلق بۇلارنى ئاڭلاپ قورقىدۇ ۋە يەنە باشباشتاقلىق قىلمايدۇ.
14 Kad stigneš u zemlju koju ti Jahve, Bog tvoj, daje; kad je zaposjedneš i u njoj se nastaniš, pa onda kažeš: 'Želim da nad sobom postavim kralja, kako ga imaju svi drugi narodi oko mene' -
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلىگەندە، شۇنداقلا ئۇنىڭدا تۇرغاندا: «مەن ئەتراپىمدىكى ئەللەرنىڭكىدەك ئۆزۈمگە بىر پادىشاھ تىكلىمەكچىمەن» دېسەڭ،
15 tada ćeš onoga koga Jahve, Bog tvoj, odabere, sebi postaviti za kralja. Nekoga od svoje braće postavi sebi za kralja, a ne smiješ postavljati nad sobom tuđina koji ti nije brat.
شۇ چاغدا سەن ئۆزۈڭگە پەقەت پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللايدىغىنىنى تىكلەيسەن؛ ئۈستۈڭگە قېرىنداش بولمىغان چەتئەللىكنى بېكىتمەسلىكىڭ كېرەك.
16 Samo neka ne drži mnogo konja i ne šalje naroda u Egipat da poveća broj konja. Jer vam je Jahve rekao: 'Ovim se putem nikada više ne vraćajte!'
[پادىشاھ] بولسا ئۆزى ئۈچۈن ئاتلارنى كۆپەيتمەسلىكى ياكى ئاتلارنى كۆپەيتىمەن دەپ خەلقنى مىسىرغا قايتۇرماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە: «سىلەر شۇ يول بىلەن ھەرگىز قايتماسلىقىڭلار كېرەك» دېگەنىدى.
17 I neka nema mnogo žena da mu srce ne pođe stranputicom; i neka sebi ne gomila srebra ni zlata!
پادىشاھ كۆپ ئاياللارنى ئۆز ئەمرىگە ئالماسلىقى كېرەك؛ بولمىسا ئۇنىڭ كۆڭلى ئېزىپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئالتۇن-كۈمۈشنى كۆپەيتمەسلىكى كېرەك.
18 A kad sjedne na kraljevsko prijestolje, neka sebi na svitak prepiše ovaj Zakon od svećenika Levijevaca.
پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغىنىدا ئۇ ئۆزى ئۈچۈن لاۋىي كاھىنلارنىڭ ئالدىدا مۇشۇ قانۇننى بىر دەپتەرگە كۆچۈرۈپ پۈتۈشى كېرەك.
19 Neka ga drži uza se; neka ga čita sve vrijeme svoga života da nauči bojati se Jahve, Boga svoga, držati sve riječi ovoga Zakona i vršiti ove odredbe;
شۇ دەپتەر ئۇنىڭ يېنىدا دائىم بولۇشى ۋە ئۇنى ئۆمرىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە ئوقۇشى كېرەك؛ شۇنداق قىلسا ئۇ پەرۋەردىگار خۇداسىدىن قورقۇپ، مۇشۇ قانۇننىڭ سۆزلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىشنى ئۆگىنىدۇ.
20 da se svojim srcem ne uzdigne iznad svoje braće i da ne skrene od ove zapovijedi ni desno ni lijevo, kako bi dugo kraljevao, on i sinovi njegovi, u Izraelu.
شۇنداقلا ئۇنىڭ كۆڭلى قېرىنداشلىرى ئالدىدا ھاكاۋۇرلىشىپ كەتمەيدۇ، بۇ ئەمرلەردىن ئوڭ يا سولغا چەتنەپ كەتمەيدۇ ۋە شۇنىڭدەك ئىسرائىل ئارىسىدا ئۇنىڭ ۋە ئوغۇللىرىنىڭ پادىشاھلىق كۈنلىرى كۆپ بولىدۇ.

< Ponovljeni zakon 17 >