< Amos 3 >

1 Počujte, sinovi Izraelovi, ovu riječ koju Jahve zbori protiv vas, protiv svakoga roda što ga izvedoh iz zemlje egipatske:
پەرۋەردىگار سىلەرنى ئەيىبلەپ ئېيتقان بۇ سۆز-كالامنى ئاڭلاڭلار، ئى ئىسرائىل بالىلىرى، يەنى مەن مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقارغان بۇ پۈتكۈل جەمەت: ــ
2 “Među svim plemenima zemaljskim samo vas poznah, zato ću vas kazniti za sve grijehe vaše.”
«يەر يۈزىدىكى بارلىق جەمەتلەر ئارىسىدىن پەقەت سىلەرنى تونۇپ كەلدىم؛ شۇڭا ئۈستۈڭلارغا بارلىق قەبىھلىكلىرىڭلارنىڭ [جازاسىنى] چۈشۈرىمەن».
3 Idu li dvojica zajedno da se ne dogovore?
ئىككى كىشى بىر نىيەتتە بولمىسا، قانداقمۇ بىللە ماڭالىسۇن؟
4 Riče li lav u šumi ako plijena nema? Reži li lavić u brlogu ako ništa ne ulovi?
ئولجىسى يوق شىر ئورماندا ھۆركىرەمدۇ؟ ئارسلان ھېچنېمىنى ئالمىغان بولسا ئۇۋىسىدا ھۇۋلامدۇ؟
5 Pada l' ptica na zemlju ako na njoj zamke nema? Diže li se mreža sa zemlje ako se ništa ne uhvati?
تۇزاقتا يەمچۈك بولمىسا قۇش يەرگە يىقىلامدۇ؟ ئالغۇدەك نەرسە بولمىسا، قىسماق يەردىن ئېتىلىپ چىقامدۇ؟
6 Trubi li truba po gradu da se narod ne uzbuni? Hoće li kob pogoditi grad ako je Jahve ne pošalje?
شەھەردە [ئاگاھ] كانىيى چېلىنسا، خەلق قورقمامدۇ؟ پەرۋەردىگار قىلمىغان بولسا، شەھەرگە يامانلىق چۈشەمدۇ؟
7 Ništa ne čini Jahve Gospod a da osnove svoje ne otkrije slugama svojim prorocima.
رەب پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە ئاۋۋال ئاشكارىلىماي تۇرۇپ، ئۇ ھېچ ئىش قىلمايدۇ.
8 Lav riče: tko da se ne prestravi? Gospod Jahve govori: tko da ne prorokuje?
شىر ھۆركىرىگەن تۇرسا، كىم قورقمايدۇ؟ رەب پەرۋەردىگار سۆز قىلغاندا، كىم [ئۇنىڭ] بېشارىتىنى يەتكۈزمەي تۇرالايدۇ؟
9 Proglasite ovo po dvorcima asirskim i po dvorcima u zemlji egipatskoj; recite: “Skupite se na planini Samarije, pogledajte velik nered u njoj i tlačenje posred nje.”
ئاشدودتىكى قەلئە-ئوردىلاردا، شۇنداقلا مىسىردىكى قەلئە-ئوردىلاردا ئېلان قىلىپ: ــ «سامارىيە تاغلىرى ئۈستىدە يىغىلىڭلار، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زور قىيقاس-سۈرەنلەرنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى جەبىر-زۇلۇملارنى كۆرۈپ بېقىڭلار» ــ دەڭلار.
10 Jer ne znaju činiti pravo - riječ je Jahvina - u dvorcima gomilaju nasilje i tlačenje.
ــ ئۇلار ھەق ئىش قىلىشنى بىلمەيدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار ئوردىلىرىغا زۇلۇم-زوراۋانلىق بىلەن تارتىۋالغانلىرىنى ھەم ئولجىلارنى جۇغلىغۇچىلار!
11 Stog ovako govori Jahve Gospod: “Neprijatelj će opkoliti zemlju, utvrde će tvoje razvaliti, tvoje dvorce oplijeniti.”
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا بىر ياۋ! ئۇ زېمىننى قورشىۋالدى! ئۇ مۇداپىئەڭنى ئېلىپ تاشلايدۇ، قەلئە-ئوردىلىرىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ.
12 Ovako govori Jahve: “Kao kad pastir istrgne dvije golijeni ili komadić uha iz lavljih ralja, tako će se istrgnuti sinovi Izraelovi koji sjede u Samariji na rubu počivaljke i na divanima.”
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــــ پادىچى شىرنىڭ ئاغزىدىن قوينىڭ ئىككى پۇتىنى ياكى قۇلىقىنىڭ بىر پارچىسىنى قۇتقۇزۇپ ئالغاندەك، سامارىيىدە ئولتۇرغان ئىسرائىللارمۇ شۇنداق قۇتقۇزۇلىدۇ، ــ شەھەردە پەقەت كارىۋاتنىڭ بىر بۇرجىكى، دىۋاندىكى بىر پارچە دەمەشق لىباسىلا قالىدۇ!
13 Čujte i posvjedočite protiv doma Jakovljeva - riječ je Jahve Gospoda, Boga nad Vojskama:
ــ ئاڭلاڭلار، ياقۇپنىڭ جەمەتىدە گۇۋاھلىق بېرىڭلار، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا،
14 “Onoga dana kad kaznim Izraela za zločine, kaznit ću i žrtvenike betelske; žrtvenički će se rozi odlomiti i na tlo popadati.
ــ مەن ئىسرائىلنىڭ ئاسىيلىقلىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرگەن كۈنىدە، بەيت-ئەل شەھىرىنىڭ قۇربانگاھلىرىنىمۇ جازالايمەن؛ قۇربانگاھنىڭ بۇرجەكلىرىدىكى مۈڭگۈزلەر كېسىۋېتىلىپ يەرگە چۈشۈرۈلىدۇ.
15 Razorit ću zimsku kuću i ljetnu kuću, propast će kuće bjelokosne. Mnogih će kuća nestati” - riječ je Jahvina.
مەن «قىشلىق ساراي» ۋە «يازلىق ساراي»نى بىراقلا ئۇرۇۋېتىمەن؛ پىل چىشى ئۆيلەرمۇ يوقىلىپ كېتىدۇ، كۆپلىگەن ئۆيلەر تۈگىشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.

< Amos 3 >