< 约伯记 2 >

1 又有一天, 神的众子来侍立在耶和华面前,撒但也来在其中。
يەنە بىر كۈنى، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولۇشقا كەلدى. شەيتانمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدى.
2 耶和华问撒但说:“你从哪里来?”撒但回答说:“我从地上走来走去,往返而来。”
پەرۋەردىگار شەيتاندىن: ــ نەدىن كەلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. شەيتان پەرۋەردىگارغا جاۋابەن: ــ يەر يۈزىنى كېزىپ پايلاپ، ئۇياق-بۇياقلارنى ئايلىنىپ چۆرگىلەپ كەلدىم، ــ دېدى.
3 耶和华问撒但说:“你曾用心察看我的仆人约伯没有?地上再没有人像他完全正直,敬畏 神,远离恶事。你虽激动我攻击他,无故地毁灭他,他仍然持守他的纯正。”
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ قۇلۇم ئايۇپقا دىققەت قىلغانسەن؟ يەر يۈزىدە ئۇنىڭدەك مۇكەممەل، دۇرۇس، خۇدادىن قورقىدىغان ھەم يامانلىقتىن يىراق تۇرىدىغان ئادەم يوق. مەيلى سەن مېنى ئۇنى بىكاردىن-بىكار يۇتۇۋېتىشكە دەۋەت قىلغان بولساڭمۇ، ئۇ يەنىلا ساداقەتلىكىدە چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ، ــ دېدى.
4 撒但回答耶和华说:“人以皮代皮,情愿舍去一切所有的,保全性命。
شەيتان پەرۋەردىگارغا جاۋابەن: ــ ھەر ئادەم ئۆز جېنىنى دەپ تېرىسىنى بېرىشكىمۇ رازى بولىدۇ، ھەتتا ھەممە نېمىسىنىمۇ بېرىشكە تەيياردۇر؛
5 你且伸手伤他的骨头和他的肉,他必当面弃掉你。”
بىراق سەن ھازىر قولۇڭنى سوزۇپ ئۇنىڭ سۆڭەك-ئەتلىرىگە تەگسەڭ، ئۇ سەندىن يۈز ئۆرۈپ تىللىمىسا [شەيتان بولماي كېتەي]! ــ دېدى.
6 耶和华对撒但说:“他在你手中,只要存留他的性命。”
پەرۋەردىگار شەيتانغا: ــ مانا، ئۇ ھازىر سېنىڭ قولۇڭدا تۇرۇۋاتىدۇ! بىراق ئۇنىڭ جېنىغا تەگمە! ــ دېدى.
7 于是撒但从耶和华面前退去,击打约伯,使他从脚掌到头顶长毒疮。
شۇنداق قىلىپ شەيتان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ، ئايۇپنىڭ بەدىنىنى تاپىنىدىن بېشىغىچە ئىنتايىن ئازابلىق ھۈررەك-ھۈررەك يارىلار بىلەن توشقۇزىۋەتتى.
8 约伯就坐在炉灰中,拿瓦片刮身体。
ئايۇپ بولسا بەدىنىنى تاتىلاش-غىرداش ئۈچۈن بىر ساپال پارچىسىنى قولىغا ئېلىپ، كۈللۈككە كىرىپ ئولتۇردى.
9 他的妻子对他说:“你仍然持守你的纯正吗?你弃掉 神,死了吧!”
ئايالى ئۇنىڭغا: ــ ئەجەبا سەن تېخىچە ئۆز ساداقەتلىكىڭدە چىڭ تۇرۇۋاتامسەن؟ خۇدانى قارغا، ئۆلۈپلا تۈگەش! ــ دېدى.
10 约伯却对她说:“你说话像愚顽的妇人一样。嗳!难道我们从 神手里得福,不也受祸吗?”在这一切的事上约伯并不以口犯罪。
لېكىن ئايۇپ ئۇنىڭغا: ــ سەن ھاماقەت ئاياللاردەك گەپ قىلىۋاتىسەن. بىز خۇدانىڭ ياخشىلىقىنى قوبۇل قىلغانىكەنمىز، ئەجەبا ئۇنىڭدىن كەلگەن كۈلپەتنىمۇ قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. ئىشلاردا ئايۇپ ئېغىزدا ھېچقانداق گۇناھ ئۆتكۈزمىدى.
11 约伯的三个朋友—提幔人以利法、书亚人比勒达、拿玛人琐法—听说有这一切的灾祸临到他身上,各人就从本处约会同来,为他悲伤,安慰他。
ئايۇپنىڭ دوستلىرىدىن ئۈچەيلەن ئۇنىڭغا چۈشكەن كۈلپەتتىن خەۋەردار بولدى. ئۇلار، يەنى تېمانلىق ئېلىفاز، شۇخالىق بىلداد ۋە نائاماتلىق زوفار دېگەن كىشىلەر بولۇپ، ئۆز يۇرتلىرىدىن چىقىپ، ئايۇپقا ھېسداشلىق بىلدۈرۈش ھەم تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشقا بىللە كېلىشكەنىدى.
12 他们远远地举目观看,认不出他来,就放声大哭。各人撕裂外袍,把尘土向天扬起来,落在自己的头上。
ئۇلار كېلىپ يىراقتىنلا ئۇنىڭغا قارىۋىدى، ئۇنى تونىيالماي قالدى-دە، ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈپ يىغلاپ تاشلىدى. ھەربىرى ئۆز تونلىرىنى يىرتىۋېتىپ، توپا-چاڭلارنى ئاسمانغا ئېتىپ ئۆز باشلىرىغا چېچىشتى.
13 他们就同他七天七夜坐在地上,一个人也不向他说句话,因为他极其痛苦。
ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە داق يەردە يەتتە كېچە-كۈندۈز ئولتۇردى، ئۇنىڭغا ھېچكىم گەپ قىلمىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ دەرد-ئەلىمىنىڭ ئىنتايىن ئازابلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەنىدى.

< 约伯记 2 >