< 詩篇 75 >

1 阿撒夫的詩歌,交與樂官。 我們感謝您,上主,我們感謝您,稱頌您的名號,傳揚您的奇蹟。
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ تاپشۇرۇلغان، ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمىز، ئى خۇدا، تەشەككۈر ئېيتىمىز! چۈنكى نامىڭ بىزگە يېقىندۇر؛ بۇنى، قىلغان كارامەتلىرىڭ ئىسپاتلاپ جاكارلايدۇ.
2 我規定的日期一旦來臨,我必定要依照公道行審。
[مەنكى پەرۋەردىگار]: ــ «مەن بېكىتكەن ۋاقىتنى ئىختىيارىمغا ئالغىنىمدا، ئادالەت بىلەن سوراق قىلىمەن؛
3 大地和眾居民嚇得動搖,但我必使大地支柱堅牢。
يەر ھەم يەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتقانلار تەۋرىنىپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى تۇرغۇزغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن» ــ دېدى. سېلاھ.
4 我對蠻橫者說:不要再蠻橫跋扈!我向糊塗人說:不要再頭角高露!
ماختانغانلارغا: ــ «ماختانماڭلار»، ھەم رەزىللەرگە «مۈڭگۈزۈڭنى كۆتۈرمە» ــ دېدىم؛
5 不要舉您們的角,反抗至高者,不要再說驕傲的話反抗天主!
«مۈڭگۈزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرمە؛ بوينۇڭنى قاتتىق قىلىپ غادىيىپ سۆزلىمە!»
6 的確,救援不從東方來,也不從西方來,救援不從曠野來,也不從山嶺來。
چۈنكى كۆتۈرۈلۈش شەرقتىن ياكى غەربتىن ئەمەس، ياكى جەنۇبتىنمۇ كەلمەيدۇ؛
7 因為惟獨天主是審判大主,他將此人貶抑將那人高舉。
چۈنكى خۇدا سوتچىدۇر؛ ئۇ بىرسىنى كۆتۈرىدۇ، بىرسىنى چۈشۈرىدۇ.
8 爵杯已經握在上主的手掌,裝滿了起沫而調和的酒釀,他已倒出要地上的惡人喝,還要叫他們飲盡杯中的糟粕。
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا بىر قەدەھ تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭدىكى شاراب كۆپۈكلىشىۋاتىدۇ؛ ئۇ ئەبجەش شاراب بىلەن تولدى؛ خۇدا ئۇنىڭدىن تۆكىدۇ؛ دەرۋەقە يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىللەر ئۇنىڭ دۇغىنى قويماي ئىچىۋېتىدۇ؛
9 然而我要永遠歡舞,歌頌雅各伯的天主;
مەن بولسام، مەڭگۈگە گۇۋاھلىق بېرىمەن: ــ ياقۇپنىڭ خۇداسىغا كۈيلەرنى ئېيتىمەن.
10 惡人的角,我要一一打碎,惟有義人的角纔可豎起。
«مەن رەزىللەرنىڭ مۈڭگۈزلىرىنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلايمەن؛ بىراق ھەققانىيلارنىڭ مۈڭگۈزلىرى كۆتۈرۈلىدۇ!».

< 詩篇 75 >