< 詩篇 74 >

1 阿撒夫的訓誨詩。 天主,您為何常久棄捨不管,對您牧場的羊群怒火炎炎?
ئاساف يازغان «ماسقىل»: ــ ئى خۇدا، سەن نېمىشقا مەڭگۈگە بىزنى تاشلىۋەتتىڭ؟ نېمىشقا غەزىپىڭنى تۈتۈن چىقارغاندەك ئۆز يايلىقىڭدىكى قويلىرىڭغا چىقىرىسەن؟
2 求您懷念您自古所佔有的會伴,您所贖回給您作產業的族團,及您在那裏設置寶座的熙雍山,
ئۆزۈڭ رەنە تۆلەپ ئازاد قىلغان جامائىتىڭنى، يەنى ئۆز مىراسىڭ بولۇشقا قەدىمدە ئۇلارغا ھەمجەمەت بولۇپ قۇتقۇزغان قەبىلىنى، ئۆزۈڭ ماكان قىلغان زىئون تېغىنى يادىڭغا كەلتۈرگەيسەن!
3 求您舉步踏向久存的荒野:敵人在聖所中摧毀了一切。
قەدەملىرىڭنى مۇشۇ مەڭگۈلۈك خارابلىقلارغا قاراتقايسەن، دۈشمەنلەر مۇقەددەس جايىڭدا گۇمران قىلغان بارلىق نەرسىلەرگە [قارىغايسەن]؛
4 您的仇人在您的會場上咆哮狂謾,豎立起自己的旗幟作為凱旋紀念。
رەقىبلىرىڭ جامائەتگاھىڭنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆر-پۆر قىلىدۇ؛ مۆجىزاتلار ساقلانغان ئورۇنغا ئۇلار ئۆز تۇغلىرىنى تىكتى.
5 他們相似高舉斧子的樵夫,在森林中砍伐堅硬的樹木。
ھەربىرى ئۆزلىرىنى كۆرسىتىشىپ، پالتا ئوينىتىپ ئورمان كەسكۈچىدەك،
6 他們竟用斧頭鐵鎚,搗毀了聖殿的門扉;
ئۇلار ھازىر [مۇقەددەس جايىڭدىكى] نەقىشلەرنى ئالا قويماي، پالتا-بولقىلار بىلەن چېقىۋەتتى؛
7 他們又縱火焚燒了您的聖殿,把您聖名的居所褻瀆於地面。
ئۇلار مۇقەددەس جايىڭغا ئوت قويدى؛ ئۆز نامىڭدىكى ماكاننى بۇلغاپ، يەر بىلەن تەڭ قىلىۋەتتى.
8 心裏說:我們把它們全部摧毀,燒盡天主在地上所有的殿宇。
ئۇلار كۆڭلىدە: «بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتايلى» دەپ، تەڭرىنىڭ زېمىندىكى جامائەتگاھلىرىنىڭ ھەربىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى.
9 我們的標幟,已再不見,一個先知也不復出現,我們都不知幾時纔完。
بىزگە ئەسلەتمە بولغان مۆجىزاتلارنى ھېچ كۆرەلمەيمىز؛ پەيغەمبەرلەرمۇ كەلمەسكە كەتتى؛ ئارىمىزدىمۇ بۇ ئىشلارنىڭ قاچانغىچە بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بىرسى يوقتۇر.
10 天主,仇人欺凌辱罵要到何時﹖敵人豈能永遠褻瀆您的名字?
قاچانغىچە، ئى خۇدا، رەقىبىڭ سېنى مەسخىرە قىلىدۇ؟ دۈشمەن نامىڭنى مەڭگۈگە ھاقارەتلەمدۇ؟
11 為何您把您的手收回,將您的右手插入懷裏?
سەن قولۇڭنى، يەنى ئوڭ قولۇڭنى نېمىشقا تارتىۋالىسەن؟ قولۇڭنى قوينۇڭدىن ئېلىپ، ئۇلارنى يوقاتقايسەن!
12 天主,從古以來是我的君主,是他在人世間實行了救助。
بىراق خۇدا قەدىمدىن پادىشاھىم بولۇپ كەلگەن، يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇتقۇزۇشلارنى ئېلىپ بارغۇچى ئۇدۇر.
13 您以您的權能分開了大海,在水中擊破了毒龍的頭蓋。
سەن دېڭىز سۈيىنى كۈچۈڭ بىلەن بۆلدۇڭ، سۇلاردىكى ئەجدىھالارنىڭ باشلىرىنى ياردىڭ.
14 打碎了里外雅堂的頭顱,且將牠作為海怪的食物。
دېڭىزدىكى لېۋىئاتاننىڭ باشلىرىنى چېقىپ، ئۇنىڭ گۆشىنى ئوزۇق قىلىپ چۆلدىكى ياۋايىلارغا بۆلۈپ بەردىڭ.
15 您引源泉溪水流滾涓涓,卻使洶湧江河涸竭枯乾,
يەرنى يېرىپ بۇلاقلارنى، ئېرىقلارنى ئاققۇزدۇڭ، سەن توختىماي ئېقىۋاتقان دەريالارنى قۇرۇتۇۋەتتىڭ.
16 白日屬於您,黑夜也屬於您,月亮和太陽都是由您佈置。
كۈن سېنىڭ، تۈنمۇ سېنىڭكىدۇر؛ ئاي بىلەن قۇياشنى ئورۇنلاشتۇردۇڭ.
17 您劃出了大地的界限,您制定了冬夏的時間。
يەر يۈزىنىڭ چېگرالىرىنى بەلگىلىدىڭ؛ ياز بىلەن قىشنى ــ سەن شەكىللەندۈردۈڭ.
18 上主求您切記:仇人褻瀆了您,無知的百姓侮辱了您的名字。
شۇنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، ئى پەرۋەردىگار: ــ بىر دۈشمەن سېنى مەسخىرە قىلدى، ھاماقەت بىر خەلق نامىڭنى ھاقارەتلىدى.
19 求您不要將您斑鳩的性命交給野鷹,永遠也不要忘記您的窮苦人的性命。
پاختىكىڭنى يىرتقۇچ ھايۋانلارغا تۇتۇپ بەرمىگەيسەن؛ ئېزىلگەن مۆمىنلىرىڭنىڭ ھاياتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمىغايسەن.
20 求您回顧您所立的誓盟,因各地暗處充滿了強橫。
ئۆز ئەھدەڭگە قارىغايسەن، چۈنكى زېمىندىكى قاراڭغۇ بۇلۇڭ-پۇچقاقلار زورلۇق-زۇمبۇلۇقنىڭ تۇرالغۇلىرى بىلەن تولدى.
21 願受壓迫的人不要含羞回程,願貧苦窮乏的人歌頌您的名。
ئېزىلگۈچىلەرنى نومۇس بىلەن ياندۇرمىغايسەن؛ ئېزىلگەنلەر، يوقسۇللار نامىڭنى مەدھىيىلىگەي.
22 天主,求您速來處理您的案件,切記糊塗人天天對您的侮慢。
ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى خۇدا، ئۆز دەۋايىڭنى سورىغايسەن؛ ھاماقەت كىشىنىڭ ئۆزۈڭنى كۈن بويى مەسخىرە قىلىۋاتقىنىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن.
23 千萬不要忘了您敵人的喧囂,和反抗您的人們不斷的狂叫。
دۈشمەنلىرىڭنىڭ چۇقانلىرىنى ئۇنتۇمىغايسەن؛ ساڭا قارشى قوزغالغانلارنىڭ داۋراڭلىرى توختىماي كۆتۈرۈلمەكتە.

< 詩篇 74 >