< 詩篇 73 >

1 阿撒夫的詩歌。
ئاساف يازغان كۈي: ــ دەرۋەقە خۇدا ئىسرائىلغا، قەلبى ساپ بولغانلارغا مېھرىباندۇر؛
2 天主待正直的人多麼美善,上主對心裏潔淨的人亦然!
لېكىن ئۆزۈم بولسام، پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشۈشكە تاسلا قالدىم؛ ئاياغلىرىم تېيىلىپ كەتكىلى قىل قالدى؛
3 我的腳幾乎要跌跤,我的腳險些要滑倒,
چۈنكى رەزىللەرنىڭ روناق تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، ھاكاۋۇرلارغا ھەسەت قىلدىم؛
4 因我看見惡人安寧幸福,就對驕橫的人心生嫉妒。
چۈنكى ئۇلار ئۆلۈمىدە ئازابلار تارتمايدۇ، ئەكسىچە تېنى مەزمۇت ۋە ساغلام تۇرىدۇ.
5 原來他們總沒有受過重創,所以他們的身體健康肥胖;
ئۇلار ئىنسانغا خاس جاپانى كۆرمەيدۇ، ياكى خەقلەردەك بالايىئاپەتكە ئۇچرىمايدۇ.
6 他們沒有別人所受的憂傷,也沒有常人所遭遇的災殃。
شۇڭا مەغرۇرلۇق مارجاندەك ئۇلارغا ئېسىلىدۇ، زورلۇق-زومىگەرلىك توندەك ئۇلارغا چاپلىشىدۇ.
7 故此,驕傲纏繞他們相似項鍊,殘暴遮蔽他們有如衣衫。
ئۇلار سەمرىپ كەتكەنلىكىدىن كۆزلىرى تومپىيىپ چىقتى؛ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى خىيالەتلەر ھەددىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
8 他們的邪惡,出自肥胖的心田,讓他們自己的惡念,肆意氾濫。
باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ زەھەرلىك سۆزلەيدۇ؛ ھالىنى ئۈستۈن قىلىپ دىۋىنىپ، دوق قىلىدۇ.
9 他們譏諷嘲弄,言惡語狂,他們欺壓恐嚇蠻橫倔強;
ئۇلار ئاغزىنى پەلەككە قويىدۇ، ئۇلارنىڭ تىللىرى يەر يۈزىنى كېزىپ يۈرىدۇ.
10 用自己的口褻瀆上天,以自己的舌詆毀塵寰。
شۇڭا [خۇدانىڭ] خەلقى مۇشۇلارغا مايىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنى سۇ ئىچكەندەك ئاخىرىغىچە ئىچىپ: ــ
11 因此我的百姓向他們依歸,滿口啜飲由他們供給的水,
«تەڭرى قانداق بىلەلەيتتى؟»، «ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىدا بىلىم بارمۇ؟» ــ دەيدۇ.
12 且說:天主豈能知悉,難道至高者能理會?
مانا بۇلار رەزىللەردۇر؛ ئۇلار بۇ دۇنيادا راھەت-پاراغەتنى كۆرىدۇ، بايلىقلارنى توپلايدۇ.
13 看,這些人為非作歹,常享平安,積存錢財,
«ئاھ، ھەقىقەتەن بىكاردىن-بىكار كۆڭلۈمنى پاكلاندۇرۇپتىمەن، گۇناھسىز تۇرۇپ قولۇمنى ئارتۇقچە يۇيۇپ كەپتىمەن؛
14 的確,我白白清心寡欲,我徒然洗手表白無辜。
بىكارغا كۈن بويى جاپا چېكىپتىمەن؛ شۇندىمۇ ھەر سەھەردە [ۋىجداننىڭ] ئەيىبىگە ئۇچراپ كەلدىم!».
15 我時時遭受鞭擊,也天天遇到責斥。
بىراق مەن: ــ «بۇنداق [دېسەم]، بۇ دەۋردىكى پەرزەنتلىرىڭگە ئاسىيلىق قىلغان بولمامدىمەن؟» ــ دېدىم.
16 我若想:我說話若與他們相同,就等於放棄與您子民為同宗。
ئۇلارنى كاللامدىن ئۆتكۈزەي دېسەم، كۆزۈمگە شۇنداق ئېغىر كۆرۈندى.
17 我愈設法了解這事,我愈覺得神妙莫測。
تەڭرىنىڭ مۇقەددەس جايلىرىغا كىرگۈچە شۇنداق ئويلىدىم؛ كىرگەندىلا [يامانلارنىڭ] ئاقىۋىتىنى چۈشەندىم.
18 直到我接近天主的奧妙,直到我注意他們的結果。
دەرۋەقە سەن ئۇلارنى تېيىلغاق يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرىسەن، ئۇلارنى يىقىتىپ پارە-پارە قىلىۋېتىسەن.
19 您的確將他們置於坡路,讓他們滑倒於消滅之途。
ئۇلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا شۇنچە پاراكەندە بولىدۇ، دەھشەتلەر ئۇلارنى بېسىپ يوقىتىدۇ!
20 他們瞬息之間變得如此悽涼,他們因受驚過度而從此滅亡。
سەن ئى رەب، چۈشتىن ئويغانغاندەك ئويغىنىپ، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ سىياقىنى كۆزگە ئىلمايسەن.
21 上主,世人睡醒,怎樣了解夢境;您醒時,也怎樣看他們的幻影。
يۈرەكلىرىم قايناپ، ئىچلىرىم سانجىلغاندەك بولغان چاغدا،
22 幾時我的心靈遭受酸苦,刺痛也會進入我的肺腑。
ئۆزۈمنى ھېچنېمە بىلمەيدىغان بىر ھاماقەت، ئالدىڭدا بىر ھايۋان ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يەتتىم.
23 原來是我愚昧毫無理性,在您面前竟燃好像畜牲。
ھالبۇكى، مەن ھەمىشە سەن بىلەن بىللە؛ سەن مېنى ئوڭ قولۇمدىن تۇتۇپ يۆلىدىڭ؛
24 但以後,我要常與您同處,您已經握住了我的右手。
ئۆز نەسىھەتىڭ بىلەن مېنى يېتەكلەيسەن، شان-شەرىپڭنى نامايان قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا سەن مېنى ئۆزۈڭگە قوبۇل قىلىسەن.
25 您要以您的聖訓來領導我,最後引我進入您的榮耀。
ئەرشتە سەندىن باشقا مېنىڭ كىمىم بار؟ يەر يۈزىدە بولسا سەندىن باشقا ھېچكىمگە ئىنتىزار ئەمەسمەن.
26 在天上除您以外,為我還能有誰﹖在地上除您以外,為我一無所喜。
ئەتلىرىم ھەم قەلبىم زەئىپلىشىدۇ، لېكىن خۇدا قەلبىمدىكى قورام تاش ھەم مەڭگۈلۈك نېسىۋەمدۇر!
27 我的肉身和我的心靈,雖以憔瘁;天主卻永是我心的福分和磐石。
چۈنكى مانا، سەندىن يىراق تۇرغانلار ھالاك بولىدۇ؛ ۋاپاسىزلىق قىلغان پاھىشە ئايالدەك سەندىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەربىرىنى يوقىتىسەن.
28 看,遠離您的人必將趨於沉淪。您必消滅一切背棄您的人民。 親近天主對我是多麼的美好:只有上主天主是我的避難所。我要在熙雍女子門前,把您一切的工程宣傳。
بىراق مەن ئۈچۈن، خۇداغا يېقىنلىشىش ئەۋزەلدۇر! ئۇنىڭ بارلىق قىلغان ئىشلىرىنى جاكارلاش ئۈچۈن، رەب پەرۋەردىگارنى تايانچىم قىلدىم.

< 詩篇 73 >