< 民數記 34 >

1 上主訓示梅瑟說:「
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
2 你命令以色列子民說:你們幾時進入客納罕地,這地應是你們抽籤分配的產業。客納罕地的邊界是:
سەن ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق بۇيرۇغىن: «سىلەر قانائان زېمىنىغا كىرگەن چاغدا، سىلەرگە مىراس بولۇشقا تەقسىم قىلىنىدىغان زېمىن قانائان زېمىنى بولىدۇ؛ زېمىننىڭ بېكىتىلگەن جاي-چېگرالىرى مۇنداق بولىدۇ: —
3 你們南部的地區,是由親曠野直到厄東邊境。你們南邊的邊界是:由鹽海的極端往東,
سىلەرنىڭ جەنۇب تەرىپىڭلەر زىن چۆلىدىن باشلاپ ئېدوم چېگرىسىغا تاقالسۇن؛ ئاندىن جەنۇب تەرەپتىكى چېگراڭلار «شور دېڭىزى»نىڭ جەنۇب تەرىپىنىڭ ئەڭ ئايىغىغا يەتسۇن؛
4 繞過阿刻辣賓高地的南部,經過親直達卡德士巴爾乃亞南部,再到哈匝爾阿達爾,經過阿茲孟,
شۇ يەردىن چېگراڭلار «سېرىق ئېشەك داۋىنى»نىڭ جەنۇب تەرىپىدىن بۇرۇلۇپ زىنغا ئۆتسۇن؛ ئۇنىڭ ئايىغى توپتوغرا قادەش-بارنېئانىڭ جەنۇبىدا بولىدۇ؛ ئاندىن ئۇ يەردىن يەنە ھازار-ئاددارغا بېرىپ، ئازمونغا تۇتىشىدۇ؛
5 由阿茲孟邊界再轉向埃及河,直到大海。
ئاندىن چېگرا ئازموندىن بۇرۇلۇپ مېڭىپ، مىسىر ئېقىنىغا بارىدۇ ۋە دېڭىزغىچە تۇتىشىدۇ.
6 西部的邊界:大海作你們的邊界,這是你們西方的邊界。
كۈن پېتىش تەرەپتە چېگراڭلار «ئۇلۇغ دېڭىز»نىڭ ئۆزى بولىدۇ، يەنى ئۇنىڭ بويلىرى بولىدۇ؛ مانا بۇ سىلەرنىڭ كۈن پېتىش تەرەپتىكى چېگراڭلار بولىدۇ.
7 你們北方的邊界如下:由大海劃界,直到曷爾山;
شىمال تەرەپتىكى چېگراڭلار مۇنداق بولىدۇ: — «ئۇلۇغ دېڭىز»دىن باشلاپ ھور تېغىغىچە پاسىل سىزىلسۇن؛
8 由曷爾山劃到哈瑪特關口,使邊界直達責辣得。
پاسىل سىزىقى ھور تېغىدىن باشلاپ خامات ئېغىزىغا سوزۇلۇپ، ئاندىن چېگرا زەدادغا تۇتاشسۇن؛
9 這邊界再伸至齊弗龍,直達哈匝爾厄南:這是你們北方的邊界。
چېگرا يەنە زىفرونغا ئۆتۈپ ھازار-ئېناندا ئاخىرلاشسۇن؛ مانا بۇ سىلەرنىڭ شىمالىي چېگراڭلار بولىدۇ.
10 你們東部的邊界:自哈匝爾厄南劃到舍番。
ئاندىن شەرقىي چېگرايىڭلارنىڭ پاسىل سىزىقى ھازار-ئېناندىن شېفامغىچە سىزىلسۇن.
11 由舍番邊界下延至阿殷東面的黎貝拉;由此邊界,再下延與基乃勒特海東岸相接。
بۇ چېگرا شېفامدىن ئايىننىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى رىبلاھقا چۈشىدۇ؛ ئاندىن چېگرا شۇ يەردىن چۈشۈپ كىننەرەت دېڭىزىنىڭ داۋىنىدىن ئۆتۈپ كۈن چىقىش تەرەپكە تۇتىشىدۇ.
12 此後,邊界再沿約但河下延,直達鹽海:這是你們疆土四周的邊界。」
ئاندىن چېگرا تۆۋەنلەپ ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ چۈشۈپ، شور دېڭىزىغىچە يەتسۇن. مانا بۇ چېگرالار بىلەن بېكىتىلگەن زېمىنىڭلار بولىدۇ».
13 梅瑟又吩咐以色列子民說:「這就是你們應抽籤分為產業的地方,是上主命令分給九個半支派的,
مۇسا ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ بۇيرۇدى: — «مانا بۇ پەرۋەردىگار توققۇز قەبىلە ۋە يېرىم قەبىلىگە تەقدىم قىلىنسۇن دەپ بۇيرۇغان، چەك تاشلىنىش ئارقىلىق ئۆزۈڭلار ۋارىسلىق قىلىدىغان زېمىنىڭلار بولىدۇ؛
14 因為勒烏本子孫支派和加得子孫支派,為自己的家族已取得產業;默納協半支派也取得了自己的產業:
چۈنكى رۇبەن قەبىلىسىدىكىلەر ئاتا جەمەتى بويىچە ۋە گاد قەبىلىسىدىكىلەر ئاتا جەمەتى بويىچە ئۆز مىراسىغا ئاللىقاچان ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنى ئىگىلىگەن، ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىمۇ ئۆز مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنى ئىگىلىگەن؛
15 這兩個半支派,已在耶里哥對面,約但河東岸,向日出之地,取得了產業。」
بۇ ئىككى قەبىلە ۋە يېرىم قەبىلە يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى كۈن چىقىش تەرەپتە ئۆز مىراسلىرىنى ئېلىپ بولغا».
16 上主又訓示梅瑟說:「
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
17 這是給你們分配土地的人名:厄肋阿匝爾大司祭和農的兒子若蘇;
تۆۋەندىكىلەر زېمىننى سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى: — كاھىن ئەلىئازار ۋە نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا.
18 此外由每支派選派一位首領來分配土地;
سىلەرمۇ يەنە زېمىن تەقسىم قىلىشقا ياردەملىشىش ئۈچۈن ھەر قەبىلىدىن بىردىن ئەمىر تاللاپ بېرىڭلار.
19 這些人的名字就是:猶大支派,是耶孚乃的兒子加肋布;
بۇلارنىڭ ئىسمى مۇنداق: — يەھۇدا قەبىلىسىدىن يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب.
20 西默盎子孫支派,是阿米胡得的兒子舍慕耳;
شىمېئون قەبىلىسىدىكىلەردىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى شەمۇئەل.
21 本雅明支派,是基斯隆的兒子厄里達得;
بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىسلوننىڭ ئوغلى ئەلىداد.
22 丹子孫支派的首領,是約革里的兒子步克;
دان قەبىلىسىدىكىلەردىن يوگلىنىڭ ئوغلى، ئەمىر بۇككى ئىدى.
23 若瑟子孫:默納協子孫支派的首領,是厄缶得的兒子哈尼耳;
يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: — ماناسسەھ قەبىلىسىدىكىلەردىن ئەفودنىڭ ئوغلى ئەمىر ھاننىيەل
24 厄弗辣因子孫支派的首領,是色弗堂的兒子刻慕耳;
ھەم ئەفرائىم قەبىلىسىدىكىلەردىن شىفتاننىڭ ئوغلى ئەمىر كەمۇئەل.
25 則步隆子孫支派的首領,是帕爾納客的兒子厄里匝番;
زەبۇلۇن قەبىلىسىدىكىلەردىن پارناقنىڭ ئوغلى ئەمىر ئەلىزافان؛
26 依撒加爾子孫支派的首領,是阿倉的兒子帕耳提耳;
ئىسساكار قەبىلىسىدىكىلەردىن ئاززاننىڭ ئوغلى ئەمىر پالتىيەل؛
27 阿協爾子孫支派的首領,是舍羅米的兒子阿希胡得;
ئاشىر قەبىلىسىدىكىلەردىن شېلومىنىڭ ئوغلى ئەمىر ئاخىھۇد؛
28 納斐塔里子孫支派的首領,是阿米胡得的兒子培達赫耳。」
نافتالى قەبىلىسىدىكىلەردىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەمىر پەداھەل ئىدى.
29 這些人是上主任命,為在客納罕地給以色列子民分配產業的人。」
مانا بۇلار پەرۋەردىگار ئەمر قىلىپ ئىسرائ‍ىللارغا قانائان زېمىنىدىكى مىراسلىرىنى تەقسىم قىلىشقا بېكىتكەنلەر ئىدى.

< 民數記 34 >