< 約伯記 36 >

1 厄里烏又接著說:
ئېلىخۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ
2 你且等一會,容我教導你,因為為天主,我還有些話要說。
«مېنى بىردەم سۆزلىگىلى قويساڭ، مەن يەنە تەڭرىگە ۋاكالىتەن قىلىدىغان سۆزۈمنىڭ بارلىقىنى ساڭا ئايان قىلىمەن.
3 我要將我所知的傳到遠方,將正義歸於我的造主。
بىلىمنى يىراقلاردىن ئېلىپ كەلتۈرىمەن، ئادەملەرنى ياراتقۇچىمنى ھەققانىي دەپ ھېسابلايدىغان قىلىمەن.
4 的確,我的話正確無偽,知識全備的人同你一起。
مېنىڭ گېپىم ھەقىقەتەن يالغان ئەمەستۇر؛ بىلىمى مۇكەممەل بىرسى سەن بىلەن بىللە بولىدۇ.
5 的確,天主寬宏大量,決不藐視任何人,並且有廣大的同情心。
مانا، تەڭرى دېگەن ئۇلۇغدۇر، بىراق ئۇ ھېچكىمنى كەمسىتمەيدۇ؛ ئۇنىڭ چۈشىنىشى چوڭقۇردۇر، مەقسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ.
6 他決不容許惡人生存,但給窮苦人伸冤;
ئۇ يامانلارنى ھايات ساقلىمايدۇ؛ بىراق ئېزىلگەنلەر ئۈچۈن ئادالەت يۈرگۈزىدۇ.
7 他也不剝奪義人的權利。他使君王永久坐在寶座上,但是他們卻驕矜自大;
ئۇ ھەققانىيلاردىن كۆزىنى ئېلىپ كەتمەيدۇ، بەلكى ئۇلارنى مەڭگۈگە پادىشاھلار بىلەن تەختتە ئولتۇرغۇزىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسى ئۈستۈن بولىدۇ.
8 故此,當他們一旦被鎖鏈束縛,被痛苦的繩索所繫,
ۋە ئەگەر ئۇلار كىشەنلەنگەن بولسا، جاپانىڭ ئاسارىتىگە تۇتۇلغان بولسا،
9 天主就向他們指明他們的惡行,和他們所誇耀的過犯,
ئۇنداقتا ئۇ ئۇلارغا قىلغانلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىنى، يەنى ئۇلارنىڭ كۆرەڭلەپ كەتكەنلىكىنى ئۆزلىرىگە كۆرسەتكەن بولىدۇ.
10 開啟他們的耳朵,以聽訓戒,囑咐他們離開邪惡。
شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇلاقلىرىنى تەربىيىگە ئېچىپ قويىدۇ، ئۇلارنى يامانلىقتىن قايتىشقا بۇيرۇيدۇ.
11 如果他們服從順命,便能幸福地度過歲月,能安樂地享受天年。
ئۇلار قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭغا بويسۇنسىلا ئۇلار [قالغان] كۈنلىرىنى ئاۋاتچىلىقتا، يىللىرىنى خۇشلۇقتا ئۆتكۈزىدۇ.
12 如果不服從,必被射死,於不知不覺中逝去。
بىراق ئۇلار قۇلاق سالمىسا، قىلىچلىنىپ دۇنيادىن كېتىدۇ، بىلىمسىز ھالدا نەپەستىن توختاپ قالىدۇ.
13 心術敗壞的人,憤怒填胸,縱被囚禁,仍不呼求救助;
بىراق كۆڭلىگە ئىپلاسلىقنى پۈككەنلەر يەنىلا ئاداۋەت ساقلايدۇ؛ ئۇ ئۇلارغا ئاسارەت چۈشۈرگەندىمۇ ئۇلار يەنىلا تىلاۋەت قىلمايدۇ.
14 他們必早年夭折,喪命如男倡。
ئۇلار ياش تۇرۇپلا جان ئۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ ھاياتى بەچچىۋازلار ئارىسىدا تۈگەيدۇ.
15 所以天主藉痛苦拯救受難的人,以患難開啟他們的耳鼓。
بىراق ئۇ ئازاب تارتقۇچىلارنى ئازابلاردىن بولغان تەربىيە ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ، ئۇ ئۇلار خار بولغان ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ قۇلىقىنى ئاچىدۇ.
16 他也要救你擺脫災難,領你到廣闊自由之地,在你桌上常擺滿肥饌美味;
ئۇ شۇنداق قىلىپ سېنىمۇ ئازارنىڭ ئاغزىدىن قىستاڭچىلىقى يوق كەڭ بىر يەرگە جەلپ قىلغان بولاتتى؛ ئۇنداقتا داستىخىنىڭ مايغا تولدۇرۇلغان بولاتتى.
17 無如你判斷與惡人完全一樣,那麼懲罰和判案必集於你身。
بىراق سەن ھازىر يامانلارغا قارىتىلغان تېگىشلىك جازالارغا تولدۇرۇلغانسەن؛ شۇڭا [خۇدانىڭ] ھۆكۈمى ھەم ئادالىتى سېنى تۇتۇۋالدى.
18 小心! 不要讓忿怒引你肆口謾罵,也不要為重罰讓你離棄正道。
غەزىپىڭنىڭ قايناپ كېتىشىنىڭ سېنى مازاققا باشلاپ قويۇشىدىن ھۇشيار بول؛ ئۇنداقتا ھەتتا زور كاپالەتمۇ سېنى قۇتقۇزالمايدۇ.
19 你的哀號和你所有的力量,豈能使你擺脫患難﹖
ياكى بايلىقلىرىڭ، ياكى كۈچۈڭنىڭ زور تىرىشىشلىرى، ئۆزۈڭنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن نېرى قىلالامدۇ؟
20 不要希望黑夜,那是人民由本地被劫去的時候。
كېچىگە ئۈمىد باغلىما، چۈنكى ئۇ چاغدا خەلق ئۆز ئورنىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ.
21 小心! 別傾向不義,因為這正是你遭難的真正原因。
ھۇشيار بول، ئەسكىلىككە بۇرۇلۇپ كەتمە؛ چۈنكى سەن [قەبىھلىكنى] دەردكە [سەۋر بولۇشنىڭ] ئورنىدا تاللىغانسەن.
22 天主的能力確實偉大,那有像他那樣的主宰﹖
مانا، تەڭرى كۈچ-قۇدرىتى تۈپەيلىدىن ئۈستۈندۇر؛ ئۇنىڭدەك ئۆگەتكۈچى بارمۇ؟
23 誰能規定他的道路,誰敢說:你行的不對﹖
كىم ئۇنىڭغا ماڭىدىغان يولنى بېكىتىپ بەرگەنىدى؟ ۋە ياكى ئۇنىڭغا: «يامان قىلدىڭ؟» دېيىشكە پېتىنالايدۇ؟
24 你應記住要讚頌他的工程,這是人們應歌詠的。
ئىنسانلار تەبرىكلەيدىغان خۇدانىڭ ئەمەللىرىنى ئۇلۇغلاشنى ئۇنتۇما!
25 人人都能觀賞,都能從遠處仰望:
ھەممە ئادەم ئۇلارنى كۆرگەندۇر؛ ئىنسان بالىلىرى يىراقتىن ئۇلارغا قاراپ تۇرىدۇ».
26 天主何其偉大,我們不能理解! 他的歲數,無法考究。
« ــ بەرھەق، تەڭرى ئۇلۇغدۇر، بىز ئۇنى چۈشىنەلمەيمىز، ئۇنىڭ يىللىرىنىڭ سانىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ.
27 他汲取水滴,使水氣化為雨露,
چۈنكى ئۇ سۇنى تامچىلاردىن شۈمۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئۇلار پارغا ئايلىنىپ ئاندىن يامغۇر بولۇپ ياغىدۇ.
28 雨即從雲中傾盆而降,沛然落在眾人身上。
شۇنداق قىلىپ ئاسمانلار [يامغۇرلارنى] قۇيۇپ بېرىپ، ئىنسان بالىلىرى ئۈستىگە مولچىلىق ياغدۇرىدۇ.
29 但誰能明瞭雲彩怎樣散布,天幕中怎樣發出隆隆之聲﹖
بىراق كىم بۇلۇتلارنىڭ توقۇلۇشىنى، ئۇنىڭ [ساماۋى] چېدىرىنىڭ گۈمبۈر-گۈمبۈر قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنەلىسۇن؟
30 他將雲霧展開,遮蓋了群山山頂。
مانا، ئۇ چاقمىقى بىلەن ئەتراپىنى يورۇق قىلىدۇ، ھەتتا دېڭىز تەكتىنىمۇ يورۇق قىلىدۇ.
31 他藉此養育萬民,賜給他們豐富的食糧。
ئۇ بۇلار ئارقىلىق خەلقلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ ھەم ئۇلار [ئارقىلىقمۇ] مول ئاشلىق بېرىدۇ.
32 他掌中握著電光,對準目標發射出去。
ئۇ قوللىرىنى چاقماق بىلەن تولدۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ئۇرىدىغان نىشاننى بۇيرۇيدۇ.
33 雷霆報告他的來臨,他的怒火將要懲罰邪惡。
[خۇدانىڭ] گۈلدۈرمامىسى ئۇنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ؛ ھەتتا كالىلارمۇ سېزىپ، ئۇنى ئېلان قىلىدۇ.

< 約伯記 36 >