< 約伯記 34 >

1 厄里烏接著說:
ئېلىخۇ يەنە جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
2 你們有智慧的人,請聽我言;你們明白人,請側耳聽我。
«ئى دانىشمەنلەر، سۆزلىرىمنى ئاڭلاڭلار، ئى تەجرىبە-ساۋاقلىق ئادەملەر، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار.
3 原來耳朵是為辨別言語,有如口腔是為辨嘗食物。
ئېغىز تائام تېتىپ باققاندەك، قۇلاق سۆزنىڭ تەمىنى سىناپ باقىدۇ.
4 讓我們來檢討一下誰為正義,讓我們看看何者為善。
ئۆزىمىز ئۈچۈن نېمىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بايقاپ تاللايلى؛ ئارىمىزدا نېمىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلەيلى!
5 約伯說過:「我是無罪的,但我的理,卻為天主奪去。
چۈنكى ئايۇپ: «مەن ھەققانىيدۇرمەن»، ۋە: «تەڭرى مېنىڭ ھەققىمنى بۇلاپ كەتكەن» ــ دەيدۇ.
6 我雖無罪無辜,卻成了說謊者;我雖未行不義,卻受了不可醫治的創傷。」
يەنە ئۇ: «ھەققىمگە زىيان يەتكۈزىدىغان، يالغان گەپنى قىلىشىم توغرىمۇ؟ ھېچ ئاسىيلىقىم بولمىغىنى بىلەن، ماڭا سانجىلغان ئوق زەخمىگە داۋا يوق» ــ دەيدۇ،
7 那有一人像約伯,肆口漫罵如飲水﹖
قېنى، ئايۇپقا ئوخشايدىغان كىم بار؟! ئۇنىڭغا نىسبەتەن باشقىلارنى ھاقارەتلەش سۇ ئىچكەندەك ئاددىي ئىشتۇر.
8 他豈不是與作惡的人結夥,同壞人交結來往﹖
ئۇ قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا ھەمراھ بولۇپ يۈرىدۇ، ئۇ رەزىللەر بىلەن بىللە ماڭىدۇ.
9 他豈不是說過:「盡心悅樂天主,為人能有什麼好處﹖」
چۈنكى ئۇ: «ئادەم خۇدادىن سۆيۈنسە، بۇ ئۇنىڭغا ھېچقانداق پايدىسى يوق» دېدى.
10 為此,你們心地明白的人,請聽我說,天主決不行惡,全能者決無不義!
شۇڭا، ئى دانىشمەنلەر، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ رەزىللىك تەڭرىدىن يىراقتا تۇرسۇن! يامانلىق ھەممىگە قادىردىن نېرى بولسۇن!
11 他必照人的行為報答他,按他的品行對待他。
چۈنكى ئۇ ئادەمنىڭ قىلغانلىرىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ، ھەر بىر ئادەمگە ئۆز يولى بويىچە تېگىشلىك نېسىۋە تاپقۇزىدۇ.
12 天主絕對不能作惡,全能者絕對不能顛倒是非。
دەرھەقىقەت، تەڭرى ھېچ ئەسكىلىك قىلمايدۇ، ھەممىگە قادىر ھۆكۈمنى ھەرگىز بۇرمىلىمايدۇ.
13 誰委派他掌管大地,誰任命他治理普世﹖
كىم ئۇنىڭغا يەر-زېمىننى ئامانەت قىلغان؟ كىم ئۇنى پۈتكۈل جاھاننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدى؟
14 他若將自己的神魂收回,將氣息復歸於自己,
ئۇ پەقەت كۆڭلىدە شۇ نىيەتنى قىلسىلا، ئۆزىنىڭ روھىنى ھەم نەپىسىنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالسىلا،
15 所有血肉的人必都消滅,世人都要歸於塵土。
شۇئان بارلىق ئەت ئىگىلىرى بىرگە نەپەستىن قالىدۇ، ئادەملەر توپا-چاڭغا قايتىدۇ.
16 若你聰明,請聽這事,側耳傾聽我的話。
سەن دانىشمەن بولساڭ، بۇنى ئاڭلا! سۆزلىرىمنىڭ ساداسىغا قۇلاق سال!
17 憎恨正義的,豈能掌權﹖而你竟敢定那至公義者的罪﹖
ئادالەتكە ئۆچ بولغۇچى ھۆكۈم سۈرەلەمدۇ؟ سەن «ھەممىدىن ئادىل بولغۇچى»نى گۇناھكار بېكىتەمسەن؟!
18 他能稱君王為歹徒,能稱官吏為壞人。
ئۇ بولسا پادىشاھنى: «يارىماس!»، مۆتىۋەرلەرنى: «رەزىللەر» دېگۈچىدۇر.
19 他對權貴不顧情面,亦不重富輕貧,因為都是他一手造成的。
ئۇ نە ئەمىرلەرگە ھېچ يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، نە بايلارنى كەمبەغەللەردىن يۇقىرى كۆرمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئۆز قولى بىلەن ياراتقاندۇر.
20 他們猝然在半夜死去,貴族能立即氣絕逝世;他剷除權貴者,無須人手。
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلار ئۆتۈپ كېتىدۇ، تۈن يېرىمىدا خەلقلەرمۇ تەۋرىنىپ دۇنيادىن كېتىدۇ؛ ئادەمنىڭ قولىسىز ئۇلۇغلار ئېلىپ كېتىلىدۇ.
21 因為他的眼監視人的動作,觀察他的行徑。
چۈنكى ئۇنىڭ نەزەرى ئادەمنىڭ يوللىرىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ؛ ئۇ ئىنساننىڭ بار قەدەملىرىنى كۆرۈپ يۈرىدۇ.
22 沒有黑暗,也沒有陰影,可將作惡的人掩蔽。
شۇڭا قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا يوشۇرۇنغۇدەك ھېچ قاراڭغۇلۇق يوقتۇر، ھەتتا ئۆلۈمنىڭ سايىسىدىمۇ ئۇلار يوشۇرۇنالمايدۇ.
23 天主不必給人指定時間,為使人到他前去受審。
چۈنكى تەڭرى ئادەملەرنى ئالدىغا ھۆكۈم قىلىشقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۇزۇنغىچە كۆزىتىپ يۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوقتۇر.
24 他粉碎權勢者,無須審察,即刻能派定別人代替他們。
ئۇ كۈچلۈكلەرنى تەكشۈرۈپ ئولتۇرمايلا پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ، ھەم باشقىلارنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا قويىدۇ؛
25 他原知道他們的行為,一夜之間將他們推翻消滅。
چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى ئۇنىڭغا ئېنىق تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى كېچىدە ئۆرىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يانجىلىدۇ.
26 在眾目昭彰之下,鞭打他們有如罪犯。
ئۇ يامانلارنى خالايىق ئالدىدا كاچاتلىغاندەك ئۇلارنى ئۇرىدۇ،
27 因為他們遠離了他,不重視他一切的道,
چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن باش تارتقان، ئۇنىڭ يوللىرىدىن ھېچبىرىنى ھېچ ئەتىۋارلىمىغان.
28 致使窮人的哀號上達於他,使他聽到了受苦者的哀求。
ئۇلار شۇنداق قىلىپ مىسكىنلەرنىڭ نالە-پەريادىنى ئۇنىڭ ئالدىغا كىرگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېزىلگۈچىلەرنىڭ يالۋۇرۇشىنى ئاڭلايدۇ.
29 他若安息,誰敢騷擾﹖他若掩面,誰敢窺視﹖他對國對人都予以監視,
ئۇ سۈكۈتتە تۇرسا، كىم ئاغرىنىپ قاقشىسۇن. مەيلى ئەلدىن، مەيلى شەخستىن بولسۇن، ئەگەر ئۇ [شەپقىتىنى كۆرسەتمەي] يۈزىنى يوشۇرۇۋالسا، كىم ئۇنى كۆرەلىسۇن؟
30 使凡欺壓人民的,不得為王。
ئۇنىڭ مەقسىتى ئىپلاسلار ھۆكۈمرانلىق قىلمىسۇن، ئۇلار ئەل-ئەھلىنى دامىغا چۈشۈرمىسۇن دېگەنلىكتۇر.
31 如果惡人向天主說:「我受了欺騙,以後不再作惡。
چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن بىرسى تەڭرىگە: «مەن تەكەببۇرلۇق قىلغانمەن؛ مەن توغرىنى يەنە بۇرمىلىمايمەن؛
32 我所看不透的,求你指教我;我若以前作了孽,不敢再做了。」
ئۆزۈم بىلمىگىنىمنى ماڭا ئۆگىتىپ قويغايسەن؛ مەن يامانلىق قىلغان بولسام، مەن قايتا قىلمايمەن» ــ دېسە،
33 他施行報應,豈應隨你的心意﹖或者你能拒絕不受嗎﹖決定的是你,而不是我! 你若知道,儘管說罷!
سەن ئۇنىڭ بېكىتكىنىنى رەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئۇ پەقەت سېنىڭ پىكرىڭ بويىچىلا ئىنساننىڭ قىلغانلىرىنى ئۆزىگە قايتۇرۇشى كېرەكمۇ. مەن ئەمەس، سەن قارار قىلىشىڭ كېرەكتۇر؛ ئەمدى بىلگەنلىرىڭنى بايان قىلساڭچۇ!
34 但是心地聰明,具有智慧,且聽我說話的人,必要對我說:「
ئەقلى بار ئادەملەر بولسا، گېپىمنى ئاڭلىغان دانا كىشى بولسا: ــ
35 約伯所講的話毫無知識,他的話全不明智。」
«ئايۇپ ساۋاتسىزدەك گەپ قىلدى؛ ئۇنىڭ سۆزلىرىدە ئەقىل-پاراسەتتىن ئەسەر يوق» ــ دەيدۇ.
36 為此,約伯還要受徹底的究察,因為他的答覆好似出自惡人之口,
ئايۇپ رەزىل ئادەملەردەك جاۋاب بەرگەنلىكىدىن، ئاخىرغىچە سىنالسۇن!
37 因為他在罪上又加反叛,當著我們磨拳擦掌,講出許多相反天主的話。
چۈنكى ئۇ ئۆز گۇناھىنىڭ ئۈستىگە يەنە ئاسىيلىقنى قوشىدۇ؛ ئۇ ئارىمىزدا [ئاھانەت بىلەن] چاۋاك چېلىپ، تەڭرىگە قارشى سۆزلەرنى كۆپەيتمەكتە».

< 約伯記 34 >