< 以賽亞書 54 >

1 不生育的石女,歡樂罷!未經產痛的女子!歡呼高唱罷!因為被棄者的子女比有夫者的子女還多:這是上主說的。
ــ تەنتەنە قىل، ئى پەرزەنت كۆرمىگەن تۇغماس ئايال! ناخشىلارنى ياڭرات، شادلىنىپ توۋلا، ئى تولغاق تۇتۇپ باقىمىغان ئايال! ــ چۈنكى غېرىب ئايالنىڭ بالىلىرى ئېرى بار ئايالنىڭكىدىن كۆپتۇر! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ
2 拓展你帳幕的空位,伸展你住所的帷幔,不必顧忌!拉長你的繩索,堅固你的木橛!
چېدىرىڭنىڭ ئورنىنى كېڭەيتىپ، تۇرالغۇلىرىڭنىڭ ئېتىكلىرىنى ئۇلار يايسۇن؛ كۈچۈڭنى ھېچ ئايىماي چېدىر تانىلىرىڭنى ئۇزارتقىن، قوزۇقلىرىڭنى چىڭايتقىن؛
3 因為你要向左右拓展,你的後裔將以外邦之地為業,住滿廢棄了的城邑!
چۈنكى سەن ئوڭ ۋە سول تەرەپكە كېڭىيىسەن؛ سېنىڭ ئەۋلادىڭ باشقا ئەللەرنى ئىگەلەيدۇ؛ ئۇلار غېرىب شەھەرلەرنى ئاھالىلىك قىلىدۇ.
4 不要害怕!因為你再不會蒙羞;不要羞慚!因為你再不會受辱;其實,你要忘記你幼年時所受的恥辱,再不懷念居寡時所受的侮慢,
قورقما، چۈنكى سەن ھېچ خىجالەتتە بولمايسەن، ھېچ ئۇياتقا قالدۇرۇلمايسەن، چۈنكى يەرگە ھېچ قارىتىلىپ قالمايسەن، چۈنكى ياشلىقىڭدىكى خىجىلچانلىقنى ئۇنتۇيسەن، تۇللۇقۇڭنىڭ ئاھانىتىنى ھېچ ئېسىڭگە كەلتۈرەلمەيسەن.
5 因為你的夫君是你的造主,他的名字是「萬軍的上主;」你的救主是以色列的聖者,他將稱為「全世界的天主。」
چۈنكى سېنى يارىتىپ شەكىللەندۈرگۈچىڭ بولسا سېنىڭ ئېرىڭ، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامى؛ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ بولسا ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى، ئۇ بارلىق يەر-زېمىننىڭ خۇداسى دەپ ئاتىلىدۇ.
6 是的,上主召見你時,你是一個被棄而心靈憂傷的婦女;人豈能遺棄他青年時的妻子﹖你的天主說。
چۈنكى پەرۋەردىگار سېنى چاقىردى، ــ خۇددى ئېرى ئۆزىدىن ۋاز كەچكەن، كۆڭلى سۇنۇق بىر ئايالدەك، ياشلىقىدا ياتلىق بولۇپ ئاندىن تاشلىۋېتىلگەن بىر ئايالنى چاقىرغاندەك چاقىردى» ــ دەيدۇ سېنىڭ خۇدايىڭ؛
7 其實,我離棄了你,只是一會兒,但是我要用絕大的仁慈召你回來。
مەن بىر دەقىقە سەندىن ئايرىلىپ كەتتىم، بىراق زور كۆيۈمچانلىق بىلەن سېنى يېنىمغا يىغىمەن؛
8 在我的盛怒中,我曾一會兒掩面不看你,可是我要以永遠的慈悲憐憫你,你的救主上主說。
غەزىپىمنىڭ تېشىشى بىلەن مەن بىر دەقىقىلا يۈزۈمنى سەندىن يوشۇرۇپ قويدۇم؛ بىراق مەڭگۈلۈك مېھىر-مۇھەببىتىم بىلەن ساڭا كۆيۈمچانلىق كۆرسىتىمەن» ــ دەيدۇ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ پەرۋەردىگار.
9 這事對我有如諾厄的時日一般:就如那時我曾發誓說:諾厄的大水不再淹沒世界;同樣,我如今起誓:再不向你發怒,再不責斥你。
مۇشۇ ئىشلار خۇددى نۇھ [پەيغەمبەر] دەۋرىدىكى توپان سۇلىرىدەك بولىدۇ ــ مەن نۇھ دەۋرىدىكى سۇلار ئىككىنچى يەر يۈزىنى بېسىپ ئۆتمەيدۇ دەپ قەسەم ئىچكىنىمدەك، ــ مەن شۇنداق قەسەم ئىچكەنمەنكى، سەندىن ئىككىنچى غەزەپلەنمەيمەن، ساڭا ئىككىنچى تەنبىھ بەرمەيمەن.
10 高山可移動,丘陵能挪去,但我對你的仁慈決不移去,我的和平盟約總不動搖:憐憫你的上主說。
چۈنكى تاغلار يوقىلىدۇ، دۆڭلەرمۇ يۆتكىلىپ كېتىدۇ، بىراق مېھىر-مۇھەببىتىم سەندىن ھەرگىز كەتمەيدۇ، ساڭا ئارام-خاتىرجەملىك بەرگەن ئەھدەممۇ سەندىن نېرى بولمايدۇ» ــ دەيدۇ ساڭا كۆيۈمچانلىق قىلغۇچى پەرۋەردىگار.
11 你這遭磨難,受顛沛,無安慰的城啊!看,我要用孔雀石安置你的基石,以碧玉奠定你的根基;
ئى خار بولغان، بوراندا ئۇيان-بۇيان چايقالغان، ھېچ تەسەللى قىلىنمىغان [قىز]، مانا، مەن تاشلىرىڭنى رەڭدار سېمونت لاي بىلەن قىرلايمەن، كۆك ياقۇتلار بىلەن ئۇلۇڭنى سالىمەن؛
12 我要以紅瑪瑙修你的城垛,以水晶石築你的門戶,以各種寶石建你的圍牆。
پارقىراق مۇنارلىرىڭنى لەئەللەردىن، دەرۋازىلىرىڭنى چاقناق ياقۇتلاردىن، بارلىق سېپىللىرىڭنى جاۋاھىراتلاردىن قىلىپ ياسايمەن.
13 你所有的兒子,都是上主所訓誨的;你的兒子們,要享受絕大的幸福。
سېنىڭ بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆگىتىلىدۇ؛ بالىلىرىڭنىڭ ئارام-خاتىرجەملىكى زور بولىدۇ!
14 你將建築在正義的根基上;欺壓已遠去,你無需再有所恐懼;驚嚇也遠去了,它再不會臨近你。
سەن ھەققانىيلىق بىلەن تىكلىنىسەن؛ سەن زۇلۇمدىن يىراق، (چۈنكى سەن ھېچ قورقمايسەن) ۋەھشەتتىنمۇ يىراق تۇرغۇچى بولىسەن، چۈنكى ئۇ ساڭا ھېچ يېقىنلاشمايدۇ.
15 請看!如果有人攻擊你,那不是出於我;凡攻打你的,必在你前跌倒。
مانا، بىرەرسى ھامان يىغىلىپ ساڭا ھۇجۇم قىلسا، (بىراق بۇ ئىش مېنىڭ ئىختىيارىمدا بولغان ئەمەس)، كىمكى يىغىلىپ ساڭا ھۇجۇم قىلسا سېنىڭ سەۋەبىڭدىن يىقىلىدۇ.
16 請看!是我造了吹煤火的鐵匠,由於他工作中造出了各種武器,可是也是我造了毀滅者來加以破壞。
مانا، كۆمۈر ئوتىنى يەلپۈتۈپ، ئۆزىگە مۇۋاپىق بىر قورالنى ياسىغۇچى تۆمۈرچىنى مەن ياراتقانمەن، ھەم خار قىلىش ئۈچۈن ھالاك قىلغۇچىنىمۇ مەن ياراتقانمەن؛
17 所製造的各種武器,為攻打你,一概無用;在訴訟中,凡起來與你爭辯的舌頭,都要被你駁倒。這是上主的僕人應得之分,是他們由我所得的報酬──上主的斷語。
ساڭا قارشى ياسالغان ھېچقانداق قورال كارغا كەلمەيدۇ؛ ساڭا ئەرز-شىكايەت قىلغۇچى ھەربىر تىلنى سەن مات قىلىسەن. مانا شۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرىنىڭ ئالىدىغان مىراسىدۇر! ئۇلارنىڭ ھەققانىيلىقى بولسا مەندىندۇر!

< 以賽亞書 54 >

A Dove is Sent Forth from the Ark
A Dove is Sent Forth from the Ark