< 以賽亞書 5 >

1 我要為我的愛友謳唱一首論及他葡萄園的愛歌:我的愛友有一座葡萄園,位於肥沃的山岡上;
مەن ئۆز سۆيگەن يارىمغا، مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ئۈچۈن ئۆز ئۈزۈمزارى توغرۇلۇق بىر كۈي ئېيتىپ بېرەي؛ سۆيۈملۈكۈمنىڭ مۇنبەت بىر دۆڭ ئۈستىدە ئۈزۈمزارى بار ئىدى؛
2 他翻掘了土地,除去了石塊,栽上了精選的葡萄樹,園中築了一座守望台,又鑿了一個榨酒池:原希望它結好葡萄,它反倒結了野葡萄。
ئۇ ھەممە يېرىنى كولاپ تاشلارنى ئېلىپ تاشلىدى، ئەڭ ئېسىل ئۈزۈم تېلى تىكتى؛ ئۇ ئۈزۈمزار ئوتتۇرىسىغا كۆزىتىش مۇنارى سالدى، ئۈزۈمزار ئىچىدىمۇ شاراپ كۆلچىكى قازدى، ئاندىن ئۈزۈمدىن ياخشى ھوسۇل كۈتتى؛ بىراق بۇنىڭ ئورنىغا، ئۈزۈمزار ئاچچىق ئۈزۈملەرنىلا بەردى.
3 耶路撒冷的居民和猶大人啊!現在請你們在我與我葡萄園之間,判別是非:
قېنى، ئى يېرۇسالېمدىكىلەر ۋە يەھۇدانىڭ ئادەملىرى، مەن بىلەن ئۈزۈمزارىمنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ھۆكۈم چىقىرىڭلار!
4 我為我的葡萄園所能做的,還有什麼沒有做到﹖我原希望它結好葡萄,為什麼卻結了野葡萄﹖
مېنىڭ ئۈزۈمزارىمدا قىلغۇدەك يەنە نېمە ئىشىم قالدى؟ ياخشى ئۈزۈملەرنى كۈتكىنىمدە، نېمىشقا پەقەت ئاچچىق ئۈزۈمنىلا چىقىرىپ بەردى؟
5 現在我要告訴你們,我將怎樣對待我的葡萄園:我必撤去它的籬笆,讓它被吞噬;拆毀它的圍牆,讓它受踐踏;
ئەمدى ھازىر ئۆز ئۈزۈمزارىمنى نېمە قىلىدىغىنىمنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي: ــ ئۇنىڭ چىتلاقلىرىنى ئېلىپ تاشلايمەن، ئۇ يۇتۇۋېتىلىدۇ؛ ئۇنىڭ تاملىرىنى چېقىپ غۇلىتىمەن، ئۇ چەيلىنىدۇ.
6 我要使他變成荒地,不再修剪,不再耕鋤,荊棘和蒺藜將叢叢而生;並且我要命令雲彩不再在它上降下時雨。
مەن ئۇنى چۆللۈككە ئايلاندۇرىمەن؛ ھېچكىم ئۇنى چاتاپ-پۇتاپ، پەرۋىش قىلمايدۇ؛ جىغانلار ۋە تىكەنلەر ئۇنىڭدا ئۆسۈپ چىقىدۇ؛ بۇلۇتلارغا ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچ يامغۇر ياغدۇرماڭلار دەپ بۇيرۇيمەن.
7 萬軍上主的葡萄園就是以色列家,而猶大人即是他鍾愛的幼苗。他原希望正義,看,竟是流血;他原希望公平,看,卻是冤聲!
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۈزۈمزارى ــ ئىسرائىل جەمەتى، ئۇنىڭ خۇشاللىقى بولغان ئۆسۈملۈك بولسا ــ يەھۇدادىكىلەردۇر؛ ئۇ ئادالەت مېۋىسىنى كۈتكەن، بىراق مانا ئەمدى زۇلۇم كۆردى؛ ھەققانىيلىقنى كۈتكەن، بىراق مانا ئەمدى نالە-پەرياد بولدى!
8 禍哉,你們這些使房屋毗連房屋,田地接連田地,而只讓你們自己單獨住在那地域內的人!
خەقلەرگە ھېچ ئورۇن قالدۇرماي ئۆينى-ئۆيگە، ئېتىزنى-ئېتىزغا ئۇلىغانلارغا ۋاي! ئۆزۈڭلارنى يالغۇز زېمىندا قالدۇرماقچىمۇسىلەر؟
9 萬軍的上主在我耳邊宣誓說:那許多房屋必將成為廢墟;巍峨華麗的,必無人居住;
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مېنىڭ قۇلىقىمغا مۇنداق دېدى: ــ «كۆپلىگەن ئۆيلەر، دەرۋەقە ھەيۋەتلىك، ھەشەمەتلىك ئۆيلەر ئادەمزاتسىز، خاراب بولىدۇ.
10 十畝葡萄園將只出一「巴特」酒,一「曷默爾」種子,只出一「厄法」穀。
بەرھەق، قىرىق مولۇق ئۈزۈمزار پەقەت ئالتە كۈپ شاراب بېرىدۇ، ئوتتۇز كۈرە دان بولسا پەقەت ئۈچ كۈرە ھوسۇل بېرىدۇ.
11 禍哉,那些早晨一起來即追求烈酒,留連至深夜,飲至酒酣耳熱的人!
مەي ئىچىشكە ئالدىراپ تاڭ ئاتقاندا ئورنىدىن تۇرغانلارغا، قاراڭغۇ چۈشىشىگە قارىماي، شارابتىن كەيپ بولغۇچە بېسىپ ئولتۇرغانلارغا ۋاي!
12 在他們的宴會上只有琴、瑟、手鼓、管笛和酒。卻沒有人注視上主的作為,沒有人留意他手中的工作:
ئۇلارنىڭ زىياپەتلىرىدە چىلتار ۋە لىرا، تەمبۇر ۋە نەي، شارابمۇ بار؛ بىراق ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىغا ۋە قول ئىشلىرىغا ھېچ ئېتىۋار قىلمايدۇ.
13 因此,我的百姓必因無知而被放逐,顯貴必將餓得要死,民眾必將渴得要命。
شۇ سەۋەبتىن ئۆز خەلقىم بىلىمدىن خەۋەرسىز بولغانلىقى تۈپەيلىدىن سۈرگۈن بولۇپ كېتىدۇ؛ ئېسىلزادىلىرى ئېچىرقىشىپ، پۇقرالىرى ئۇسسۇزلۇقتىن قۇرۇپ كېتىدۇ.
14 為此,陰府張大了咽喉,敞開了無限的大口,顯貴、群眾以及那些喧嘩宴樂的人,都要落在裏面。 (Sheol h7585)
شۇڭا تەھتىسارا نەپسىنى يوغىنىتىپ، ئاغزىنى ھاڭ ئاچىدۇ؛ ئۇلارنىڭ شۆھرەتلىرى، توپ-توپ ئادەملىرى، قىقاس-سۈرەن كۆتۈرگۈچىلىرى ۋە نەغمە ئوينىغۇچىلىرى بىراقلا ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. (Sheol h7585)
15 人必將屈服,人必被抑制,目空一切的人必低首下心。
پۇقرالار ئېگىلدۈرۈلىدۇ، مۆتىۋەرلەرمۇ تۆۋەن قىلىنىدۇ، تەكەببۇرلارنىڭ كۆزلىرى يەرگە قارىتىلىدۇ؛
16 萬軍的上主必因正義而受尊崇,至聖的天主必因公平而顯為聖。
بىراق ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئادالەت يۈرگۈزگىنىدە ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلىنىدۇ، پاك-مۇقەددەس بولغۇچى تەڭرى ھەققانىيلىقىدىن پاك-مۇقەددەس دەپ بىلىنىدۇ.
17 羔羊要在那裏吃草,有如在自己的草場上;肥羊要在荒田裏吃草。
شۇ چاغدا قوزىلار ئۆز يايلاقلىرىدا تۇرغاندەك ئوتلايدۇ، مۇساپىرلارمۇ بايلارنىڭ ۋەيرانە ئۆيلىرىدە ئوزۇقلىنىدۇ.
18 禍哉,那些用牛犢的韁繩引來邪惡,用牛車的繩索勾出罪孽的人,
قەبىھلىكنى ئالدامچىلىقنىڭ يىپلىرى بىلەن، گۇناھنى ھارۋا ئارغامچىسى بىلەن تارتقانلارغا ۋاي!
19 和那些說:「願他趕快,迅速完成他的工作,好使我們看看;願以色列聖者的決策盡速執行,好使我們知道」的人!
يەنى: «[خۇدا] ئالدىرىسۇن! ئىشلىرىنى ئۆزى ئىتتىكرەك ئادا قىلسۇن، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى كۆرەلەيمىز! «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»نىڭ نىيەت قىلغىنى يېقىنلىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلغاي، بىز ئۇنى بىلىۋالايلى!» ــ دېگەنلەرگە ۋاي!
20 禍哉,那些稱惡為善,稱善為惡;以暗為光,以光為暗;以苦為甘,以甘為苦的人!
ياماننى ياخشى، ياخشىنى يامان دېگۈچىلەرگە، قاراڭغۇلۇقنى نۇرنىڭ، نۇرنى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئورنىغا قويغۇچىلارغا، ئاچچىقنى تاتلىقنىڭ، تاتلىقنى ئاچچىقنىڭ ئورنىغا قويغۇچىلارغا ۋاي!
21 禍哉,那些自視為聰明和自以為通達的人!
ئۆزلىرىنى دانا دەپ چاغلىغانلارغا، ئۆز نەزىرىدە ئۆزلىرىنى ئەقىللىق دەپ قارىغانلارغا ۋاي!
22 禍哉,那些飲酒的英雄,調酒的壯士!
شاراب ئىچىشكە باتۇر بولغانلارغا، ھاراقنى ئەبجەش قىلىشتا قەھرىمان بولغانلارغا،
23 那些受賄釋放罪人,奪取義人權利的人!
يەنى پارا ئۈچۈن رەزىللەرنى ئاقلاپ، شۇنىڭ بىلەن ھەققانىيلارنىڭ ئادالىتىنى رەت قىلغۇچىلارغا ۋاي!
24 因此,他們必如捲入火舌中的禾湝,焚於烈燄中的枯草;他們的根必要糜爛,他們的嫩芽必要如塵埃般的飛揚,因為他們拋棄了萬軍上主的教導,藐視了以色列聖者的訓誨。
شۇڭا، ئوت يالقۇنلىرى سامانلارنى يۇتۇۋەتكەندەك، يالقۇنلاردا مەڭگەنلەر سولىشىپ يوقالغاندەك، ئۇلارنىڭ يىلتىزلىرى چىرىپ كېتىدۇ، گۈل-چېچەكلىرى چاڭ-توزاڭدەك توزۇپ كېتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ يوليورۇق-قانۇنىنى چەتكە قاققان، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ سۆز-كالامىنى كۆزگە ئىلمىغانىدى.
25 為此,上主向自己的百姓大發雷霆,伸出自己的手來打擊他們;其時,山嶽為之震撼,他們的屍體,有如街道上的糞土。然而他的震怒並未因此而息滅,他的手仍然伸著。
شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۆز خەلقىگە قاراپ قاينايدۇ، ئۇ ئۇلارغا قاراپ قولىنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى ئۇرۇپ يىقىتىدۇ. تاغلار تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ ئۆلۈكلەر ئەخلەتلەردەك كوچىلار ئوتتۇرىسىدا دۆۋە-دۆۋە بولىدۇ. مۇشۇنداق ئىشلار بولسىمۇ، ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ.
26 上主要向遠方的異民豎起一面旗幟,好由大地的四極號召他們,看,他們將疾趨前來。
ئۇ يىراقتىكى ئەللەرنى چاقىرىپ تۇغنى كۆتۈرىدۇ، ئۇ يەر يۈزىنىڭ چەت ياقىسىدىن بىر ئەلنى ئۈشقىرتىپ چاقىرىدۇ؛ مانا ئۇلار تېزدىن ئالدىراپ كېلىدۇ!
27 他們中沒有疲倦的,沒有仆倒的;沒有打盹的,沒有睡覺的;他們的腰帶沒有鬆解,他們的鞋帶也沒有折斷;
ئۇلاردىن ھېچبىرى چارچاپ كەتمەيدۇ، پۇتلىشىپمۇ كەتمەيدۇ. ھېچبىرى مۈگدىمەيدۇ، ئۇخلىمايدۇ، باغلىغان بەلۋاغلىرىدىن ھېچبىرى بوشىمايدۇ، چورۇقلىرىنىڭ بوغقۇچلىرىدىن ھېچبىرى ئۈزۈلمەيدۇ؛
28 他們的箭矢銳利,他們的弓弩全已張開;他們的馬蹄好似火石,他們的車輪有如旋風;
ئۇلارنىڭ ئوقلىرى ئىتتىك، بارلىق ئوقيالىرىنىڭ كىرىچلىرى تارتىلىپ تەييار تۇرىدۇ، ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرى چاقماق تېشىدەك بولىدۇ، [جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ] چاقلىرى قويۇنتازدەك ئايلىنىدۇ؛
29 他們怒吼有如母獅,吼叫有如幼獅;他們咆哮攫食,攜之而去,無人予以挽救。
ئۇلارنىڭ ھۆركىرەشلىرى شىرنىڭكىدەك بولىدۇ، ئۇلار ئارسلانلاردەك ھۆركىرىشىدۇ، دەرۋەقە، ئۇلار ئوۋغا ئېرىشكەندە غاژ-غۇژ قىلىپ ھۆرپىيىشىدۇ؛ ئوۋنى قۇتقۇزغۇدەك ھېچكىم بولماي، ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېتىدۇ.
30 那一日,他們必如海嘯般向這民族怒號。人若注視大地,看,盡是黑暗痛苦;光明遮蔽在密雲中,成了晦暗。
شۇ كۈنى ئۇلار دېڭىزلار ھۆركۈرىگەندەك ئوۋغا ھۆركىرىشىدۇ؛ ئەگەر بىرەرسى يەر-زېمىنغا قارىغۇدەك بولسا، پەقەت قاراڭغۇلۇق، دەرد-ئەلەمنىلا كۆرىدۇ! ھەرقانداق نۇر بۇلۇت-تۇمان تەرىپىدىن غۇۋالىشىدۇ.

< 以賽亞書 5 >