< 創世記 5 >

1 以下是亞當後裔的族譜:當天主造人的時候,是按天主的肖像造的,
بۇ ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نەسەبنامىسىدۇر: ــ خۇدا ئىنساننى ياراتقان كۈنىدە، ئۇنى ئۆزىگە ئوخشاش قىلىپ ياراتتى.
2 造了一男一女,且在造他們的那一天,祝福了他們,稱他們為「人。」
ئۇ ئۇلارنى ئەر جىنىس ۋە ئايال جىنىس قىلىپ يارىتىپ، ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ، يارىتىلغان كۈنىدە ئۇلارنىڭ نامىنى «ئادەم» دەپ ئاتىدى.
3 亞當一百三十歲時,生了一個兒子,也像自己的模樣和肖像,給他起名叫舍特。
ئادەمئاتا بىر يۈز ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئۆزىگە ئوخشايدىغان، ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدەك بىر ئوغۇل تۆرەلدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا شېت دەپ ئات قويدى.
4 亞當生舍特後,還活了八百年,生了其他的兒女。
شېت تۇغۇلغاندىن كېيىن ئادەمئاتا سەككىز يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن [يەنە] ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.
5 亞當共活了九百三十歲死了。
ئادەمئاتىمىز جەمئىي توققۇز يۈز ئوتتۇز يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
6 舍特一百零五歲時,生了厄諾士。
شېت بىر يۈز بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئېنوش تۆرەلدى.
7 舍特生厄諾士後,還活了八百零七年,生了其他的兒女。
ئېنوش تۇغۇلغاندىن كېيىن شېت سەككىز يۈز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن [يەنە] ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.
8 舍特共活了九百一十二歲死了。
شېت جەمئىي توققۇز يۈز ئون ئىككى يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
9 厄諾士九十歲時生了刻南。
ئېنوش توقسان ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن كېنان تۆرەلدى.
10 厄諾士生刻南後,還活了八百一十五年,生了其他的兒女。
كېنان تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئېنوش سەككىز يۈر ئون بەش يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.
11 厄諾士共活了九百零五歲死了。
ئېنوش جەمئىي توققۇز يۈز بەش يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
12 刻南七十歲時,生了瑪拉肋耳。
كېنان يەتمىش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ماھالالېل تۆرەلدى.
13 刻南生瑪拉肋耳後,還活了八百四十年,生了其他的兒女。
ماھالالېل تۇغۇلغاندىن كېيىن كېنان سەككىز يۈز قىرىق يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن [يەنە] ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.
14 刻南共活了九百一十歲死了。
كېنان جەمئىي توققۇز يۈز ئون يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
15 瑪拉肋耳六十五歲時,生了耶勒得。
ماھالالېل ئاتمىش بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن يارەد تۆرەلدى.
16 瑪拉肋耳生耶勒得後,還活了八百三十年,生了其他的兒女。
يارەد تۇغۇلغاندىن كېيىن ماھالالېل سەككىز يۈز ئوتتۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن [يەنە] ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.
17 瑪拉肋耳共活了八百九十五歲死了。
ماھالالېل جەمئىي سەككىز يۈز توقسان بەش يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
18 耶勒得一百六十二歲時,生了哈諾客。
يارەد بىر يۈز ئاتمىش ئىككى ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ھانوخ تۆرەلدى.
19 耶勒得生哈諾客後,還活了八百年,生了其他的兒女。
ھانوخ تۇغۇلغاندىن كېيىن يارەد سەككىز يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.
20 耶勒得共活了九百六十二歲死了。
يارەد جەمئىي توققۇز يۈز ئاتمىش ئىككى يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
21 哈諾客六十五歲時,生了默突舍拉。
ھانوخ ئاتمىش بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن مەتۇشەلاھ تۆرەلدى.
22 哈諾客生默突舍拉後,還活了三百年,生了其他的兒女。
مەتۇشەلاھ تۇغۇلغاندىن كېيىن ھانوخ ئۈچ يۈز يىلغىچە خۇدا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، يەنە ئوغۇل-قىزلارنى تاپتى.
23 哈諾客共活了三百六十五歲。
ھانوخنىڭ [يەر يۈزىدە] بارلىق كۆرگەن كۈنلىرى ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش يىل بولدى؛
24 哈諾客時與天主往來,然後就不見了,因為天主將他提去。
ئۇ خۇدا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ ياشايتتى؛ ئۇ [تۇيۇقسىز كۆزدىن] غايىب بولدى؛ چۈنكى خۇدا ئۇنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كەتكەنىدى.
25 默突舍拉一百八十七歲時,生了拉默客。
مەتۇشەلاھ بىر يۈز سەكسەن يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن لەمەخ تۆرەلدى.
26 默突舍拉生了拉默客後,還活了七百八十二年,生了其他的兒女。
لەمەخ تۇغۇلغاندىن كېيىن مەتۇشەلاھ يەتتە يۈز سەكسەن ئىككى يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.
27 默突舍拉共活了九百六十九歲死了。
مەتۇشەلاھ جەمئىي توققۇز يۈز ئاتمىش توققۇز يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
28 拉默客一百八十二歲時,生了一個兒子,
لەمەخ بىر يۈز سەكسەن ئىككى ياشقا كىرگەندە بىر ئوغۇل تېپىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى نۇھ ئاتاپ: ــ پەرۋەردىگار تۇپراققا لەنەت قىلدى؛ شۇڭا بىز [يەرگە] ئىشلىگىنىمىزدە ھەمدە قوللىرىمىزنىڭ جاپالىق ئەمگىكىدە بۇ بالا بىزگە تەسەللى بېرىدۇ، ــ دېدى.
29 給他起名叫諾厄說:「這孩子要使我們在上主詛咒的地上,在我們做的工作和勞苦上,獲得欣慰! 」
30 拉默客生諾厄後,還活了五百九十五年,生了其他的兒女。
نۇھ تۇغۇلغاندىن كېيىن لەمەخ بەش يۈز توقسان بەش يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.
31 拉默客共活了七百七十七歲死了。
لەمەخ جەمئىي يەتتە يۈز يەتمىش يەتتە يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
32 諾厄五百歲時,生了閃、含、和耶斐特。
نۇھ بەش يۈز ياشقا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن شەم، ھام ۋە يافەت تۆرەلدى.

< 創世記 5 >