< 創世記 39 >

1 若瑟被人帶到埃及,有個埃及人普提法爾,是法郎的內臣兼衛隊長,從帶若瑟來的依市瑪耳人手裏買了他。
يۈسۈپ بولسا مىسىرغا ئېلىپ كېلىندى؛ ئۇنى پىرەۋننىڭ غوجىدارى، پاسىبان بېشى پوتىفار شۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن ئىسمائىللارنىڭ قولىدىن سېتىۋالدى.
2 上主與若瑟同在,他便事事順利,住在他埃及主人家裏。
لېكىن پەرۋەردىگار يۈسۈپ بىلەن بىللە بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىشلىرى ئوڭغا تارتتى؛ ئۇ مىسىرلىق خوجىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى.
3 他主人見上主與若瑟同在,又見上主使他手中所做的事,無不順利;
ئۇنىڭ خوجىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇ نېمە ئىش قىلسا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ قولىدا روناق تاپقۇزغانلىقىنى بايقىدى.
4 為此若瑟在他主人眼中得了寵,令他服事自己,託他管理自己的家務,將所有的一切,都交在他手中。
شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تېپىپ، ئۇنىڭ خاس خىزمەتچىسى بولدى. خوجىسى ئۇنى ئۆيىنى باشقۇرۇشقا قويدى ۋە بارلىق تەئەللۇقاتىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردى.
5 自從主人託他管理家務和所有一切以來,上主為若瑟的原故,祝福了這埃及人的家庭,他家內和田間所有的一切,都蒙受了上主的祝福。
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۇنى ئۆيى ۋە بارلىق تەئەللۇقاتىنى باشقۇرۇشقا قويغاندىن تارتىپ، پەرۋەردىگار بۇ مىسىرلىقنىڭ ئۆيىنى يۈسۈپنىڭ سەۋەبىدىن بەرىكەتلىدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى ۋە بارلىق تېرىقچىلىقىغا كەلدى.
6 普提法爾將自己所有的一切,都交在若瑟的手裏;只要有他在,除自己所吃的食物外,其餘一概不管。若瑟生來體態秀雅,容貌俊美。
شۇنىڭ بىلەن [پوتىفار] بارلىق ئىشلىرىنى يۈسۈپنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۆز تامىقىنى يېيىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن كارى بولمىدى. يۈسۈپ بولسا قامىتى كېلىشكەن، خۇشچىراي يىگىت ئىدى.
7 這些事以後,有一回,主人的妻子向若瑟以目傳情,並且說:「你與我同睡罷! 」
بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ خوجىسىنىڭ ئايالىنىڭ يۈسۈپكە كۆزى چۈشۈپ قېلىپ: ــ مەن بىلەن ياتقىن! ــ دېدى.
8 他立即拒絕,對主人的妻子說:「你看,有我在,家中的事,我主人什麼都不管;凡他所有的一切,都交在我手中。
ئەمما ئۇ ئۇنىماي خوجىسىنىڭ ئايالىغا مۇنداق دېدى: ــ مانا خوجام ئۆيدىكى ئىشلارنى، شۇنداقلا بارلىق تەئەللۇقاتىنى قولۇمغا تاپشۇردى، ماڭا تولىمۇ ئىشىنىپ ئىشلىرىم بىلەن كارى بولمايدۇ.
9 在這一家內,他並不比我更有權勢,因為他沒有留下一樣不交給我;只有你除外,因為你是他的妻子。我怎能做這極惡的事,得罪天主呢﹖」
بۇ ئۆيدە مەندىن چوڭ ئادەم يوق. سەندىن باشقا ئۇ ھېچبىر نەرسىنى مەندىن ئايىمىدى ــ چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئايالىدۇرسەن! شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن قانداقمۇ بۇنداق رەزىللىكنى قىلىپ خۇدا ئالدىدا گۇناھكار بولاي؟ ــ دېدى.
10 她雖然天天這樣對若瑟說,若瑟總不聽從與她同睡,與她結合。
گەرچە ھەر كۈنى يۈسۈپكە شۇنداق دېسىمۇ، شۇنداقلا ئۇ ئۇنىڭ بىلەن يېتىپ ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلىشنى ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرۇشنى رەت قىلغان بولسىمۇ،
11 有這麼一天,若瑟走進屋內辦事,家人都沒有在屋裏,
شۇنداق بىر ۋەقە بولدىكى، بىر كۈنى ئۇ ئۆز ئىشى بىلەن ئۆي ئىچىگە كىرگەنىدى، ئۆيدىكىلەردىن ھېچقايسىسى ئۆينىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى؛
12 她便抓住若瑟的衣服說:「與我同睡罷! 」若瑟把自己的外衣,捨在她手中,就跑到外面去了。
بۇ ئايال ئۇنىڭ تونىنى تۇتۇۋېلىپ: ــ مەن بىلەن ياتقىن! دېدى. ئۇ تونىنى ئۇنىڭ قولىغا تاشلاپ قويۇپ، يۈگۈرگەن پېتى قېچىپ تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى.
13 她一見若瑟把自己的外衣捨在她手中,跑到外面去了。
ئايال يۈسۈپنىڭ تونىنى ئۆز قولىغا تاشلاپ قېچىپ چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ،
14 就召喚她的家人來,對他們說:「你們看! 他給我們帶來的希伯來人竟敢調戲我啊! 他來到我這裏,要與我同睡,我就大聲呼喊。
ئۆيىدىكى خىزمەتچىلىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ قاراڭلار، ئېرىم بىزگە ھاقارەت كەلتۈرسۇن دەپ بىر ئىبرانىي ئادەمنى ئېلىپ كەپتۇ! بۇ ئادەم يېنىمغا كىرىپ: «سەن بىلەن ياتاي» دېۋىدى، قاتتىق ۋارقىرىدىم!
15 他一聽見我高聲呼喊,把他的衣服捨在我身邊,就跑到外面去了。」
ئۇ مېنىڭ قاتتىق ۋارقىرىغىنىمنى ئاڭلاپ، تونىنى يېنىمغا تاشلاپ، تاشقىرىغا قېچىپ كەتتى، دېدى.
16 她便將若瑟的衣服留在身邊,等他的主人回家,
شۇنىڭ بىلەن خوجىسى ئۆيىگە يېنىپ كەلگۈچە ئۇ يۈسۈپنىڭ تونىنى يېنىدا ساقلاپ قويدى.
17 她又用同樣的話給他講述說:「你給我們帶來的那個希伯來僕人,竟到這裏來調戲我。
ئاندىن ئۇ ئېرىگىمۇ شۇ گەپنى قىلىپ: ــ سەن ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى ئىبرانىي قۇل ماڭا ھاقارەت قىلىشقا قېشىمغا كىردى.
18 我一高聲呼喊,他就把他的衣服捨在我身邊,跑到外面去了。」
لېكىن مەن قاتتىق ۋارقىراپ-جارقىردىم، ئۇ تونىنى قېشىمدا تاشلاپ، تاشقىرىغا قېچىپ كەتتى، ــ دېدى.
19 主人一聽見他妻子對他所說:「你的僕人如此如此對待我的話,」便大發憤怒。
ئۇنىڭ خوجىسى ئايالىنىڭ: ــ سېنىڭ قۇلۇڭ مېنى ئۇنداق-مۇنداق قىلدى، دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ غەزىپى ئوتتەك تۇتاشتى.
20 若瑟的主人遂捉住若瑟放在監裏,即囚禁君王囚犯人的地方。他雖在那裏坐監,
شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ خوجىسى ئۇنى تۇتۇپ ئوردا مۇنارلىق زىندانغا قاماپ قويدى. شۇ يەرگە پەقەت پادىشاھنىڭ مەھبۇسلىرى سولىناتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يەردە سولاقتا يېتىپ قالدى.
21 上主仍與他同在,對他施恩,使他在獄長眼中得寵;
لېكىن پەرۋەردىگار يۈسۈپ بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنىڭغا شاپائەت كۆرسىتىپ، ئۇنى زىندان بېگىنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپتۇردى.
22 因此獄長將監中所有的囚犯都交在若瑟手中;凡獄中應辦的事,都由他辦理。
شۇنىڭ بىلەن زىندان بېگى گۇندىخانىدا ياتقان ھەممە مەھبۇسلارنى يۈسۈپنىڭ قولىغا تاپشۇردى. شۇ يەردە قىلىنىدىغان ھەرقانداق ئىش ئۇنىڭ قولى بىلەن بولاتتى.
23 凡交在若瑟手中的事,獄長一概不聞不問,因為上主與他同在,凡他所做的,上主無不使之順遂。
زىندان بېگى يۈسۈپنىڭ قولىدىكى ھېچقانداق ئىشتىن غەم قىلماتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇ ھەرنېمە قىلسا پەرۋەردىگار ئۇنى ئوڭۇشلۇق قىلاتتى.

< 創世記 39 >