< 創世記 30 >

1 辣黑耳見自己沒有給雅各伯生子,就嫉妒姐姐,對雅各伯說:「你要給我孩子;不然,我就死啦! 」
ئەمما راھىلە ئۆزىنىڭ ياقۇپقا بالا تۇغۇپ بېرەلمىگىنىنى كۆرگەندە، ئاچىسىغا ھەسەت قىلىپ ياقۇپقا: ــ ماڭا بالا بەرگىن؛ بولمىسا ئۆلىمەن، ــ دېدى.
2 雅各伯對辣黑耳生氣說:「不肯使你懷孕的是天主,難道我能替他作主﹖」
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپنىڭ راھىلەگە غەزىپى كېلىپ: ــ مەن بالىياتقۇنىڭ مېۋىسىنى سەندىن ئايىغان خۇدانىڭ ئورنىدىمۇ؟! ــ دېدى.
3 辣黑耳回答說:「這裏有我的婢女彼耳哈,你親近她,叫她在我膝下生子,使我能由她得子。」
ــ مانا، دېدىكىم بىلھاھ بۇ يەردە تۇرىدۇ؛ سەن ئۇنىڭ قېشىغا كىرگىن، ئۇ مېنىڭ قۇچىقىمغا تۇغسۇن؛ مەن ئۇ ئارقىلىق بالىلىق بولاي، ــ دېدى راھىلە.
4 辣黑耳就將自己的婢女彼耳哈給了雅各伯作妾;雅各伯親近了她,
شۇنىڭ بىلەن ئۇ دېدىكى بىلھاھنى ئۇنىڭغا خوتۇن قىلىپ بەردى؛ ياقۇپ ئۇنىڭ قېشىغا كىردى.
5 她遂懷孕,給雅各伯生了一子。
بىلھاھ ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى.
6 辣黑耳就說:「天主對我公道,俯聽了我的哀聲,給了我一子。」為此給他起名叫丹。
راھىلە: ــ «خۇدا مەن ئۈچۈن ئادالەت يۈرگۈزۈپ پەريادىمنى ئاڭلاپ، ماڭا بىر ئوغۇل بەردى»، دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى دان قويدى.
7 辣黑耳的婢女彼耳哈又懷孕,給雅各伯生了第二個兒子。
راھىلەنىڭ دېدىكى بىلھاھ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغلىنى تۇغۇپ بەردى.
8 辣黑耳就說:「我以天大的力量與我姐姐相爭,得到勝利了。」便給他起名叫納斐塔里。
راھىلە: ــ «مەن ئاچام بىلەن بەسلىشىپ قاتتىق تۇتۇشۇپ، يەڭدىم» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى نافتالى قويدى.
9 肋阿見自己停止生育,也將自己的婢女齊耳帕給了雅各伯作妾。
لېياھ ئۆزىنىڭ تۇغۇتتىن توختاپ قالغانىنى كۆرۈپ، دېدىكى زىلپاھنى ياقۇپقا خوتۇن قىلىپ بەردى.
10 肋阿的婢女齊耳帕給雅各伯生了一子。
لېياھنىڭ دېدىكى زىلپاھ ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى.
11 肋阿遂說:「好幸運! 」就給他起名叫加得。
لېياھ: ــ «نېمىدېگەن تەلەيلىك-ھە!» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى گاد قويدى.
12 肋阿的婢女齊耳帕給雅各伯又生了第二個兒子。
لېياھنىڭ دېدىكى زىلپاھ ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغلىنى تۇغۇپ بەردى.
13 肋阿遂說:「我真有福! 女人都要以為我有福。」就給他起名叫阿協爾。
لېياھ: «مەن بەختلىكتۇرمەن! چۈنكى خوتۇن-قىزلار مېنى بەختلىك دېيىشىدۇ!» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاشىر قويدى.
14 到了割麥的時節,勒烏本出去,在田間尋得了一些曼陀羅,帶回來給了他母親肋阿。辣黑耳對肋阿說:「請你將你兒子得的曼陀羅給我一些。」
بۇغداي ئورمىسى كۈنلىرىدە رۇبەن چىقىپ ئېتىزلىققا باردى ۋە ئېتىزدىن بىرقانچە مۇھەببەتگۈلىنى تېرىپ، بۇلارنى ئانىسى لېياھنىڭ قېشىغا ئەكەلدى. ئەمدى راھىلە لېياھقا: ــ ئۆتۈنۈپ قالاي، ئوغلۇڭنىڭ مۇھەببەتگۈلىدىن بىرنەچچىنى ماڭا بەرگىن! ــ دېدى.
15 肋阿回答說:「你奪去了我的丈夫還不夠;你還想奪去我兒的曼陀羅麼﹖」辣黑耳說:「好罷! 今夜就讓他與你同睡,為交換你兒子的曼陀羅。」
[لېياھ] ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئېرىمنى تارتىۋالغىنىڭ يەتمەمدۇ؟ ئەمدى ئوغلۇمنىڭ مۇھەببەتگۈلىنىمۇ تارتىۋالماقچىمۇسەن؟ ــ دېدى. راھىلە جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنداق بولسا ئۇ ئوغلۇڭنىڭ مۇھەببەتگۈللىرى ئۈچۈن بۈگۈن كېچە سەن بىلەن ياتسۇن، ــ دېدى.
16 到了晚上雅各伯由田間回來,肋阿就跑出去迎接他說:「你該來我這裏,因為我用我兒子的曼陀羅雇了你。」那夜雅各伯便與她同睡。
ياقۇپ كەچقۇرۇن ئېتىزدىن قايتىپ كەلگىنىدە، لېياھ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ: ــ مېنىڭ قېشىمغا كىرىشىڭ كېرەك؛ چۈنكى مەن ئوغلۇمنىڭ مۇھەببەتگۈللىرى بىلەن سېنى ئىجارىگە ئالدىم، ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، ئۇ بۇ كېچە ئۇنىڭ بىلەن ياتتى.
17 天主俯允了肋阿,她又懷孕,給雅各伯生了第五個兒子。
خۇدا لېياھنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلىدى؛ ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بەشىنچى ئوغلىنى تۇغۇپ بەردى.
18 肋阿說:「天主給了我報酬,因為我將我的婢女給了我的丈夫。」便給他起名叫依撒加爾。
شۇنىڭ بىلەن لېياھ: «دېدىكىمنى ئېرىمگە بەرگىنىمگە خۇدا ئەمدى ماڭا «ئىجارە ھەققىم»نى ئاتا قىلدى» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسساكار قويدى.
19 肋阿又懷孕,給雅各伯生了第六個兒子。
لېياھ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا ئالتىنچى ئوغلىنى تۇغۇپ بەردى.
20 肋阿說:「天主給了我一個很好的禮物;這一回我的丈夫要與我同居了,因為我給他生了六個兒子。」便給他起名叫則步隆。
لېياھ: ــ «خۇدا ماڭا ياخشى تويلۇق ئاتا قىلدى؛ ئەمدى ئېرىم مېنىڭ بىلەن بىللە تۇرىدىغان بولدى؛ چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئالتە ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى زەبۇلۇن قويدى.
21 後來她生了一個女兒,給她起名叫狄納。
شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بىر قىز تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى دىناھ قويدى.
22 天主想起了辣黑耳,垂允了她,開了她的子宮,
ئەمما خۇدا راھىلەنى ياد قىلىپ، دۇئاسىنى ئاڭلاپ ئۇنى تۇغىدىغان قىلدى.
23 她遂懷孕,生了一個兒子,說:「天主拭去了我的恥辱。」
ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: ــ «خۇدا مېنى نومۇستىن خالاس قىلدى»، دېدى.
24 她給他起名叫若瑟說:「願上主再給我添子。」
ئۇ: ــ «پەرۋەردىگار ماڭا يەنە بىر بالا بەرسە» دەپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يۈسۈپ قويدى.
25 辣黑耳生了若瑟以後,雅各伯對拉班說:「請讓我回到我的本鄉故土!
راھىلە يۈسۈپنى تۇغقاندىن كېيىن ياقۇپ لابانغا: ــ مېنى ئۆز يۇرتۇمغا، ئۆز ۋەتىنىمگە كەتكىلى قويغىن.
26 請你將我服事你所得的妻子兒女交給我,讓我回去;你知道我怎樣服事了你。」
مېنىڭ ساڭا ئىشلەپ ئېرىشكەن ئىش ھەققىم بولغان ئاياللىرىم بىلەن بالىلىرىمنى ماڭا بەرگىن؛ مەن كېتەي؛ چۈنكى مېنىڭ ساڭا ئىشلىگەن جاپالىق خىزمىتىم ئۆزۈڭگە ئايان، ــ دېدى.
27 拉班對他說:「如果我在你眼中得寵,請你住下;我覺察出,上主祝福我,是為了你的原故。」
لابان ئۇنىڭغا جاۋابەن: نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۆتۈنۈپ قالاي، [يېنىمدىن كەتمە]. چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ سېنىڭ سەۋەبىڭدىن ماڭا بەرىكەت بەرگىنىنى تونۇپ يەتتىم، دېۋىدى، [ياقۇپ] يەنە: ــ
28 繼而說:「請規定你的工價,我必付給你。」
ماڭا ئالىدىغان ھەققىڭنى توختاتقىن؛ مەن ساڭا شۇنى بېرەي، دېدى.
29 雅各伯對他說:「你知道,我是怎樣服事了你;你的牲畜跟著我是怎樣的情形。
[ياقۇپ] ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ساڭا قانداق خىزمەت قىلىپ كەلگىنىم، مېنىڭ قولۇمدا ماللىرىڭنىڭ قانداق بولغىنى ئۆزۈڭگە ئايان.
30 我未來之前,你所有的是那麼少,現在增加了那麼多;我一來,上主就祝福了你。但是,我幾時也能為我興家立業呢﹖」
چۈنكى مەن كەلمەستە مېلىڭ ئاز ئىدى؛ ئەمدى ناھايىتى زور بىر توپ بولدى. مېنىڭ قەدىمىم قەيەرگە يەتسە، پەرۋەردىگار ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلدى. ئەمدى مەن قاچان ئۆز ئائىلەم ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەيمەن؟ ــ دېدى.
31 拉班問說:「我該給你什麼﹖」雅各伯答說:「你什麼也不必給我,只要你應承我這件事,我就仍牧放照顧你的羊群:
شۇنىڭ بىلەن لابان: ــ مەن ساڭا نېمە بېرەي، دېۋىدى، ياقۇپ: ــ سەن ماڭا ھېچنېمە بەرمىگىن؛ پەقەت مېنىڭ شۇ ئىشىمغا قوشۇلساڭلا، مەن يەنە پاداڭنى بېقىپ، ئۇلاردىن خەۋەر ئالىمەن.
32 你今天走遍你的羊群,將其中凡有斑點或黑點的,即綿羊群中有黑色的,山羊群中有黑點或斑點的,都挑出來,當作我的工價。
مەن بۈگۈن پۈتكۈل پاداڭنى ئارىلاپ، ئالا-چىپار قويلارنى، قارا-قوڭۇر پاخلانلارنى، شۇنداقلا ئۆچكىلەرنىڭ ئىچىدىنمۇ ئالا-چىپارلىرىنى ئايرىپ چىقىمەن. بۇلار مېنىڭ ئىش ھەققىم بولسۇن.
33 後來任何一天,你來察看我的工價時,我好對你證明我的公正。山羊中凡是沒有斑點或黑點的,綿羊中凡是不黑的,都算是偷來的。」
كېيىن، مېنىڭ ھەققىمنى تەكشۈرۈپ كەلگەن ۋاقتىڭدا، ھەققانىي بولغىنىم كۆز ئالدىڭدا ئىسپاتلىنىدۇ؛ ئۆچكىلەر ئارىسىدا ئالا-چىپار بولمىغانلىرىنىڭ ھەممىسى، پاخلانلار ئارىسىدا قارا-قوڭۇر بولمىغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئوغرىلاپ كېلىنگەن ھېسابلانسۇن، ــ دېدى.
34 拉班回答說:「好,就照你的話辦罷!」
ئۇ ۋاقىتتا لابان: ــ ماقۇل، دېگىنىڭدەك بولسۇن، ــ دېدى.
35 當天拉班就將有條紋有斑點的公山羊,凡有白紋,或斑點和黑點的母山羊,並黑色的綿羊都挑出來,交在自己兒子們手中;
شۇ كۈنى [لابان] تاغىل ۋە ئالا-چىپار تېكىلەرنى، ئالا-چىپار چىشى ئۆچكىلەرنى، شۇنداقلا ئاز-پاز ئاق چىكىمى بولغان بارلىق ئۆچكىلەرنى، بارلىق قارا-قوڭۇر قوزىلارنى ئايرىپ، ئۆز ئوغۇللىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ،
36 又使雅各伯與自己相距三日的路程。雅各伯便牧放拉班其餘的羊群。
ئۆزى بىلەن ياقۇپنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۈچ كۈنلۈك ئارىلىقنى قويدى. ياقۇپ بولسا لاباننىڭ پادىلىرىنىڭ قالغىنىنى باقتى.
37 雅各伯拿了楊樹、杏樹和楓樹的嫩枝,將皮剝成一條一條的白紋,使樹枝的光白露出;
لېكىن ياقۇپ تېرەك، بادام ۋە چىنار دەرەخلىرىدىن يۇمران چىۋىقلارنى ئېلىپ، قوۋزىقىنى يوللۇق قىلىپ شىلىپ، ئاق سىزىقلارنى چىقاردى.
38 然後將剝去皮的枝條,插在水溝和水漕裏,羊群前來喝水時,正與羊群相對。羊群前來喝水時,就彼此相配。
ئاندىن مال كۈيلىگەن ۋاقىتلىرىدا سۇ ئىچكىلى كەلگەندە، ئۇ مۇشۇ شىلغان چىۋىقلارنى پادىلار سۇ ئىچىدىغان يەرلەردىكى ئۇلاقلارغا مالنىڭ ئالدىغا تىكلەپ قوياتتى. مال بۇ [تاغىل] چىۋىقلارنىڭ ئالدىدا جۈپلەشكەندىن كېيىن ئۇلار تاغىل ۋە ئالا-چىپار قوزىلارنى تۇغدى.
39 羊群對著枝條相配,就生出了有條紋,有斑點和黑點的小羊。
40 雅各伯將這些羔羊分開,將這些羊放在拉班羊群中有條紋和有黑點的羊前;這樣他為自己另組羊群,不將牠們放在拉班的羊群中。
ئاندىن ياقۇپ بۇ قوزىلارنى لاباننىڭ پادىسىدىن ئايرىپ چىقاردى؛ ئاندىن ئۇ لاباننىڭ پادىسىنىڭ يۈزلىرىنى تاغىل ۋە قوڭۇر قويلىرىغا قارىتىپ جۈپلەشتۈردى؛ شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆز مېلىنى لاباننىڭ مېلىغا قوشماي بۆلەك قويۇپ، ئۆزى ئۈچۈن ئايرىم بادىلارنى قىلدى.
41 到了肥壯的羊要配合時,雅各伯就將枝條插在水溝裏,對著羊群的眼,使羊對著枝條彼此相配。
ساغلام كۈچلۈك مال جۈپلەشكىنىدە، ياقۇپ چىۋىقلارنى پادىنىڭ كۆز ئالدىغا ئۇلاقلاردا قوياتتى؛ ماللار شۇ چىۋىقلارنىڭ يېنىدا جۈپلىشەتتى.
42 當羊群瘦弱時,他就不插枝條:這樣,瘦弱的都歸拉班,肥壯的都歸雅各伯。
لېكىن جۈپلىشىۋاتقان مال ئاجىز بولسا، ئۇ چىۋىقلارنى قويمايتتى. بۇ تەرىقىدە ئاجىزلىرى لابانغا، كۈچلۈكلىرى ياقۇپقا تەۋە بولدى.
43 為此這人越來越富,擁有許多羊群,婢女和奴僕,駱駝和驢子。
شۇنداق قىلىپ، بۇ كىشى ناھايىتى باي بولۇپ، ماللىرى، دېدەكلىرى، قۇللىرى، تۆگىلىرى ۋە ئېشەكلىرى خېلى كۆپ بولدى.

< 創世記 30 >