< 創世記 27 >

1 依撒格年紀已老,雙目失明,看不見了,遂叫了他的大兒厄撒烏來,對他說:「我兒! 」他回答說:「我在這裏。」
ئىسھاق قېرىپ، كۆزلىرى تورلىشىپ، كۆزى غۇۋا كۆرىدىغان بولۇپ قالغاندا شۇنداق بولدىكى، ئۇ چوڭ ئوغلى ئەساۋنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئوغلۇم! ــ دېدى. ئۇ: ــ مانا مەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى.
2 他說:「你看,我已年老,不知道那天就死。
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مانا مەن ئەمدى قېرىپ كەتتىم، قانچىلىك كۈن كۆرىدىغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن.
3 現在你拿器械、箭囊和弓,往田間去打點獵物,
شۇڭا سەندىن ئۆتۈنىمەن، قوراللىرىڭ، يەنى ساداق ۋە ئوقيايىڭنى ئېلىپ جاڭگالغا چىقىپ، مەن ئۈچۈن بىر ئوۋ ئوۋلاپ كەل؛
4 照我的嗜好給我作成美味,拿來給我吃,好叫我在未死以前祝福你。」
مەن ياخشى كۆرىدىغان مەززىلىك تاماقتىن بىرنى ئېتىپ، ماڭا كەلتۈرگىن. مەن ئۇنى يەپ، ئۆلۈشتىن ئىلگىرى كۆڭلۈمدىن ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلاي، ــ دېدى.
5 依撒格對他的兒子厄撒烏說這話時,黎貝加聽見了。厄撒烏就到田間去給父親打獵,
ئىسھاق ئوغلى ئەساۋغا سۆز قىلغاندا رىۋكاھمۇ ئاڭلىدى. ئەساۋ ئوۋ ئوۋلاپ كەلگىلى جاڭگالغا چىقىپ كەتكەندە،
6 黎貝加對自己的兒子雅各伯說:「我聽見你父親對你哥哥厄撒烏說:
رىۋكاھ ئوغلى ياقۇپقا: ــ مانا مەن ئاتاڭنىڭ ئاكاڭ ئەساۋغا: «سەن ئوۋ ئوۋلاپ كېلىپ، ماڭا مەززىلىك بىر تائامنى ئەتكىن؛ مەن ئۇنى يەپ ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن پەرۋەردىگار ئالدىدا ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلاي»، ــ دەپ ئېيتقىنىنى ئاڭلاپ قالدىم.
7 你去給我打點獵物來,作成美味,叫我吃了,好在死前當著上主的面祝福你。」
8 現在,我兒,要聽從我吩咐你的話。
ئەمدى، ئى ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ بۇيرۇغىنىمنى قىلغىن.
9 到羊群裏去,給我拿兩隻肥美的小山羊來,我要照你父親的嗜好,給他作成美味,
سەن دەرھال پادىغا بېرىپ، ئۆچكىلەرنىڭ ئىچىدىن ئېسىل ئىككى ئوغلاقنى ئېلىپ كەلگىن؛ مەن ئۇلاردىن ئاتاڭ ئۈچۈن ئۇ ياخشى كۆرىدىغان مەززىلىك بىر تائام تەييار قىلاي.
10 你端給父親吃,好叫他死前祝福你。」
سەن ئۇنى ئاتاڭنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرگىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەپ، ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىدۇ، ــ دېدى.
11 雅各伯對母親黎貝加說:「但是我哥哥渾身是毛,我卻皮膚光滑,
لېكىن ياقۇپ ئانىسى رىۋكاھغا: ــ مانا ئاكام ئەساۋ بولسا تۈكلۈك كىشى، مەن بولسام تۈكسىز سىلىق تەنلىك ئادەممەن.
12 萬一我父親摸我,必以為我哄騙他,我必招來咒罵,而不是祝福。」
مۇبادا ئاتام مېنى سىلاپ قالسا، ئۇنداقتا مەن ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇنى مازاق قىلغۇچى ئادەم بولۇپ قېلىپ، بېشىمغا بەرىكەت ئەمەس، بەلكى لەنەت تاپارمەنمىكىن، دېدى.
13 母親對他說:「我兒,咒罵歸於我,你只管聽我的話,去給我拿來。」
ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئوغلۇم، ساڭا چۈشىدىغان لەنەت ماڭا چۈشسۇن؛ ئەمما سەن پەقەت سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، بېرىپ [ئوغلاقلارنى] ئېلىپ كەل، ــ دېدى.
14 他遂拿了來,交給了他的母親,他母親就照他父親的嗜好作成了美味。
ئۇ بېرىپ ئۇلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئانىسىغا بەردى. ئانىسى ئۇنىڭ ئاتىسى ياخشى كۆرىدىغان مەززىلىك بىر تائامنى تەييار قىلدى.
15 黎貝加又將家中所存的大兒厄撒烏最好的衣服,給她小兒雅各伯穿上;
ئاندىن رىۋكاھ تۇنجى ئوغلى ئەساۋنىڭ ئۆيدە ئۆز يېنىدا ساقلاقلىق ئەڭ ئېسىل كىيىملىرىنى ئېلىپ كىچىك ئوغلى ياقۇپقا كىيدۈرۈپ،
16 又用小山羊的皮,包在他的手上和他光滑的頸上,
ئوغلاقلارنىڭ تېرىسىنى ئىككى قولى بىلەن بوينىنىڭ تۈكسىز جايىغا يۆگەپ،
17 然後將自己作好的美味和餅,放在他兒子雅各伯的手裏。
ئاندىن ئۆزى ئەتكەن مەززىلىك تائاملار بىلەن نانلارنى ئوغلى ياقۇپنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.
18 雅各伯來到他父親前說:「我父! 」他答說:「我在這裏! 我兒,你是誰﹖」
ياقۇپ ئاتىسىنىڭ قېشىغا كىرىپ: ــ ئەي ئاتا! دېدى. ئۇ: ــ مانا مەن! ئوغلۇم، سەن كىم بولىسەن؟ ــ دېۋىدى،
19 雅各伯對父親說:「我是你長子厄撒烏。我已照你吩咐的作了。請坐起來,吃我作的野味,好祝福我。」
ياقۇپ ئاتىسىغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن چوڭ ئوغۇللىرى ئەساۋمەن، ماڭا ئېيتقانلىرىدەك قىلدىم؛ ئەمدى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئولتۇرۇپ قىلغان ئوۋۇمنىڭ گۆشىگە ئېغىز تېگىپ، ئاندىن كۆڭۈللىرىدىن ماڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلغايلا، ــ دېدى.
20 依撒格對他兒子說:「我兒! 你怎麼這樣快就找著了﹖」雅各伯答說:「因為上主你的天主使我碰得好。」
ئىسھاق ئوغلىغا: ــ ئەي ئوغلۇم، قانداقمۇ ئۇنى شۇنچە تېز تېپىپ كەلدىڭ؟ ــ دېۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدالىرى ئۇنى دەل يولۇمغا يولۇقتۇردى، ــ دېدى.
21 依撒格對雅各伯說:「我兒! 你前來,讓我摸摸,看你是不是我兒厄撒烏﹖」
ئىسھاق ياقۇپقا: ــ ئەي ئوغلۇم، يېقىنراق كەل، سەن راست ئوغلۇم ئەساۋمۇ، ئەمەسمۇ، سىلاپ باقاي، ــ دېدى.
22 雅各伯就走近他父親依撒格前;依撒格摸著他說:「聲音是雅各伯的聲音,手卻是厄撒烏的手。」
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ قېشىغا يېقىن باردى؛ ئۇ ئۇنى سىلاپ تۇرۇپ: ــ ئاۋاز ياقۇپنىڭ ئاۋازى، لېكىن قول بولسا ئەساۋنىڭ قولىدۇر، ــ دېدى.
23 依撒格沒有分辨出來,因為他的手,像他哥哥厄撒烏的手一樣有毛,就祝福了他。
ئۇنىڭ قوللىرى بولسا ئاكىسى ئەساۋنىڭ قوللىرىدەك تۈكلۈك بولغىنى ئۈچۈن ئۇنى تونىيالماي، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدى.
24 隨後說:「你真是我兒厄撒烏嗎﹖」雅各伯答說:「我是。」
ئاندىن ئۇ يەنە: ــ سەن راست ئوغلۇم ئەساۋمۇسەن؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ دەل مەن، ــ دېدى.
25 依撒格說:「我兒! 遞給我,叫我吃了你作的野味,好祝福你。」雅各伯於是遞過去,他吃了;又給他拿了酒來,他也喝了。
ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ تائامنى ئېلىپ كەلگىن، مەن ئوغلۇمنىڭ ئوۋ گۆشىدىن يەپ، كۆڭلۈمدىن ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلاي، ــ دېدى. [ياقۇپ] ئۇنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى؛ ئۇ يېدى. ئۇ شاراب كەلتۈرۈۋىدى، ئۇنىمۇ ئىچتى.
26 他父親依撒烏就對他說:「我兒! 你前來吻我。」
ئاندىن ئاتىسى ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئوغلۇم، ئەمدى يېقىن كېلىپ مېنى سۆيگىن، ــ دېدى.
27 他就前去吻了父親。他父親一聞到他衣服上的香氣,就祝福他說:「看! 我兒子的香氣,像上主祝福的肥田的香氣。
ئۇ ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنى سۆيدى. ئاتىسى ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىپ: ــ «مانا، ئوغلۇمنىڭ تېنىدىكى پۇراق پەرۋەردىگار بەرىكەتلىگەن كۆكلەمزارنىڭ خۇش پۇرىقىغا ئوخشايدىكەن!
28 惟願天主賜與你天上的甘露,土地的肥沃,五穀美酒的豐裕!
خۇدا ساڭا ئاسماننىڭ شەبنىمى، يەرنىڭ مۇنبەت كۈچىنى ئاتا قىلىپ، ئاشلىق-تۈلۈك بىلەن شارابنىمۇ كۆپ بەرگەي.
29 願眾民福事你,萬國叩拜你! 願你作你兄弟的主人,你母親的兒子叩拜你! 凡詛咒你的,必受詛咒;凡祝福你的,必受祝福。」
خەلقلەر سېنىڭ قۇللۇقۇڭدا بولغاي، ئەل-مىللەتلەر ئالدىڭدا تىزلانغاي؛ قېرىنداشلىرىڭغا خوجا بولغايسەن؛ ئاناڭنىڭ ئوغۇللىرى ساڭا تىزلانغاي؛ ساڭا لەنەت قىلغانلار لەنەتكە قالغاي؛ ساڭا بەخت تىلىگەنلەر بەخت تاپقاي!» ــ دېدى.
30 依撒格一祝福了雅各伯,雅各伯剛由他父親依撒格面前出來,他哥哥厄撒烏打獵回來了。
شۇنداق بولدىكى، ئىسھاق ياقۇپقا دۇئا قىلىپ بولۇپ، ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ قېشىدىن چىقىپ بولۇشىغا، ئاكىسى ئەساۋ ئوۋدىن قايتىپ كەلدى.
31 他也作了美味,給他父親端來,對他父親說:「我父! 請起來吃,你兒預備的野味,好祝福我。」
ئۇمۇ مەززىلىك تائاملارنى ئېتىپ، ئاتىسىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كىرىپ، ئاتىسىغا: ــ ئاتا قوپقايلا، ئوغۇللىرىنىڭ ئوۋ گۆشىدىن يەپ، كۆڭۈللىرىدىن ماڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلغايلا، ــ دېدى.
32 他父親依撒格對他說:「你是誰﹖」他答說:「我是你兒,你長子厄撒烏。」
ئاتىسى ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ سەن كىمسەن؟ ــ دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئوغۇللىرى، چوڭ ئوغۇللىرى ئەساۋمەن! ــ دېدى.
33 依撒格不禁戰慄起來,驚問說:「那麼,是誰打了獵物給我送了來﹖並且在你未來以前,我已吃了,已祝福了他;他從此必蒙祝福。」
بۇنى ئاڭلاپ ئىسھاق ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ، پۈتۈن بەدىنى جالاقلاپ تىترەپ: ــ ئۇنداقتا باياتىن ئوۋ ئوۋلاپ ئېلىپ كەلگىنى كىم؟ سەن كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىدىن يەپ، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدىم؛ ۋە بەرھەق، ئۇ بەخت-بەرىكەت كۆرىدۇ! ــ دېدى.
34 厄撒烏一聽見他父親說出這話,就放聲哀號,對他父親說:「我父,請你也祝福我! 」
ئەساۋ ئاتىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپلا ئىنتايىن ئېچىنارلىق ھالدا ئۈن سېلىپ ئاچچىق پەرياد كۆتۈرۈپ ئاتىسىغا: ــ مېنىمۇ، ئى ئاتا، مېنىمۇ بەخت-بەرىكەتلىگەيلا! ــ دېدى.
35 父親答說:「你弟弟用詭計來奪去了你的祝福。」
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ سېنىڭ ئىنىڭ ھىيلە بىلەن كىرىپ، ساڭا تېگىشلىك بەخت-بەرىكەتنى ئېلىپ كېتىپتۇ، دېدى.
36 厄撒烏說:「他不是名叫雅各伯嗎﹖他已兩次欺騙了我:以前奪去了我長子的名分,現在又奪去了我的祝福。」繼而問說:「你沒有給我留下祝福嗎﹖」
ئەساۋ: ــ راست ئۇنىڭ ئېتى ياقۇپ ئەمەسمۇ؟! چۈنكى ئۇ ئىككى قېتىم مېنى پۇتلاپ، ئورنۇمنى تارتىۋالدى. ئاۋۋال تۇنجىلىق ھوقۇقۇمنى تارتىۋالدى ۋە مانا ھازىر ئۇ ماڭا تېگىدىغان بەخت-بەرىكەتنى ئېلىپ كەتتى، ــ دېدى، ئاندىن يەنە: ــ مېنىڭ ئۈچۈن بىرەر بەخت-بەرىكەت قالدۇرمىدىلىمۇ؟ ــ دېدى.
37 依撒格回答厄撒烏說:「看,我已立他作你的主人,將所有的兄弟都給他作僕人,將五穀美酒都供給他了。我兒,我還能為你作什麼﹖」
ئىسھاق ئەساۋغا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا، مەن ئۇنى ئۈستۈڭگە خوجا قىلدىم؛ ھەممە قېرىنداشلىرىنى ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولىدىغان قىلدىم؛ ئاشلىق ۋە يېڭى شاراب بىلەن ئۇنى قۇۋۋەتلىدىم؛ ئەي ئوغلۇم، ئەمدى ساڭا يەنە نېمىمۇ قىلىپ بېرەلەيمەن؟ ــ دېدى.
38 厄撒烏對父親說:「我父,你只有一個祝福嗎﹖我父,你也得祝福我。」厄撒烏就放聲大哭。
ئەساۋ ئاتىسىغا يەنە: ــ ئەي ئاتا، سىلىدە پەقەت شۇ بىرلا بەخت-بەرىكەت بار ئىدىمۇ؟ ماڭا، ئەي ئاتا، ماڭىمۇ بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلغايلا! دېدى. ئاندىن ئۇ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى.
39 他父親依撒格回答他說:「看,你住的地方必缺乏肥沃的土地,天上的甘露。
ئاتىسى ئىسھاق ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ «مانا، تۇرالغۇ جايىڭ يەرنىڭ مۇنبەت كۈچىدىن نېرى، ئېگىز ئاسماننىڭ شەبنىمىدىن يىراق بولۇر؛
40 你要憑仗刀劍生活,要服事你的弟弟;但你一強盛起來,將由你的頸上擺脫他的束縛。」
سەن قىلىچىڭغا تايىنىپ جان باقىسەن، ئىنىڭنىڭ خىزمىتىدە بولىسەن؛ لېكىن چېگرىدىن چىقىپ كەزگىنىڭدە، سەن بوينۇڭدىن ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى چىقىرىپ سۇندۇرۇۋېتىسەن» ــ دېدى.
41 厄撒烏因為他父親祝福了雅各伯,便懷恨雅各伯,心下思念說「為父親居喪的日期已近,到時我必要殺死我弟弟雅各伯。」
شۇڭا ئەساۋ ئاتىسى ئۇنىڭغا تىلىگەن بەخت-بەرىكەت سەۋەبىدىن ياقۇپقا ئۆچمەنلىك ساقلاپ يۈردى. ئەساۋ كۆڭلىدە: ــ ئاتامنىڭ ماتەم كۈنلىرى يېقىنلىشىپ قالدى؛ شۇ چاغدا ئىنىم ياقۇپنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، دەپ خىيال قىلدى.
42 有人告訴了黎貝加他大兒子厄撒烏所說的話;她便派人叫了她小兒雅各伯來,對他說:「看,你哥哥厄撒烏想要殺你洩恨。
لېكىن رىۋكاھ چوڭ ئوغلى ئەساۋنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن خەۋەر تاپتى. ئۇ كىچىك ئوغلى ياقۇپنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ مانا ئاكاڭ ئەساۋ سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن دەپ ئۆز-ئۆزىدىن تەسەللى تېپىۋېتىپتۇ؛
43 現在,我兒! 你得聽我的話,起身逃往哈蘭我哥哥拉班那裏去,
ئەمدى ئەي ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، قوپۇپ ھارانغا، ئاكام لاباننىڭ قېشىغا قېچىپ كەتكىن؛
44 與他住些時日,直到你哥哥忿怒消失了。
ئاكاڭنىڭ قەھرى يانغۇچە، ئۇنىڭ قېشىدا بىرنەچچە ۋاقىت تۇرغىن.
45 幾時你哥哥對你息了怒,忘了你對他作的事,我就派人去,從那裏接你回來。為什麼我在一日內要喪失你們兩個人呢﹖」
ئاكاڭ ئاچچىقىدىن يېنىپ، سېنىڭ ئۇنىڭغا قىلغىنىڭنى ئۇنتۇپ كەتكۈچە شۇ يەردە تۇرۇپ تۇرغىن؛ ئاندىن مەن ئادەم ئەۋەتىپ، سېنى ئۇ يەردىن ئالدۇرۇپ كېلىمەن. نېمە ئۈچۈن بىر كۈندىلا ھەر ئىككىڭلاردىن مەھرۇم بولۇپ قالاي؟ ــ دېدى.
46 黎貝加就對依撒格說:「為了這兩個赫特女人,我厭惡得要死;假使雅各伯也從這地的女人中娶一個像這樣的赫特女人為妻,我還活著做什麼﹖」
ئەمما رىۋكاھ ئىسھاققا: ــ مەن مۇشۇ ھىتتىي قىزلار ۋەجىدىن جېنىمدىن جاق تويدۇم. ئەگەر ياقۇپمۇ بۇ يۇرتتىكى قىزلاردىن، مۇشۇنداق ھىتتىي قىزنى خوتۇنلۇققا ئالسا ياشىغىنىمنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى؟ ــ دېدى.

< 創世記 27 >