ئىبراھىم قېرىپ، يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغانىدى؛ پەرۋەردىگار ئىبراھىمغا ھەر تەرەپتە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغانىدى. |
ئىبراھىم ئۆيىدىكى ئەڭ مۆتىۋەر خىزمەتكارى، ئۆزىنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكىنى باشقۇرىدىغان غوجىدارغا: ــ قولۇڭنى يوتامنىڭ ئاستىغا قويغىن؛ |
مەن سېنى ئاسمانلارنىڭ خۇداسى شۇنداقلا يەرنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇرىمەنكى، سەن مەن ھازىر تۇرۇۋاتقان بۇ قانائانىيلارنىڭ ئارىسىدىن ئوغلۇمغا قىز ئېلىپ بەرمەي، |
بەلكى ئۆز يۇرتۇمغا، شۇنداقلا ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئوغلۇم ئىسھاققا خوتۇن ئېلىپ بەرگەيسەن، ــ دېدى. |
خىزمەتكارى ئۇنىڭغا: ــ مۇبادا ئۇ قىز مەن بىلەن بۇ يۇرتقا كەلگىلى ئۇنىمىسا، ئۇنداقتا ئۆزلىرى چىققان شۇ يۇرتقا ئوغۇللىرىنى ياندۇرۇپ ئاپىرامدىمەن؟ ــ دېدى. |
ئىبراھىم ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ھېزى بول، ئوغلۇمنى ھەرگىز شۇ يەرگە ياندۇرۇپ بارمىغىن! |
مېنى ئاتامنىڭ ئۆيى بىلەن تۇغۇلغان يۇرتۇمدىن يېتەكلەپ ئېلىپ كەلگۈچى، يەنى ماڭا سۆز قىلىپ: ــ «سېنىڭ نەسلىڭگە بۇ يۇرتنى بېرىمەن»، دەپ ماڭا قەسەم قىلغان، ئاسماننىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز پەرىشتىسىنى ئالدىڭغا ئەۋەتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇ يەردىن ئوغلۇمغا قىز ئېلىپ كېلەلەيسەن. |
شۇنداقتىمۇ، ئەگەر قىز سەن بىلەن بۇ يەرگە كەلگىلى ئۇنىمىسا، مەن ساڭا قىلدۇرىدىغان قەسەمدىن خالاس بولىسەن؛ ئەمما ئوغلۇمنى ئۇ يەرگە ھەرگىز ياندۇرۇپ بارمىغىن، ــ دېدى. |
شۇنىڭ بىلەن خىزمەتكار قولىنى خوجىسى ئىبراھىمنىڭ يوتىسىنىڭ ئاستىغا قويۇپ تۇرۇپ، بۇ توغرىدا ئۇنىڭغا قەسەم قىلدى. |
ئاندىن خىزمەتكار بۇ توغرىدا خوجىسىنىڭ تۆگىلىرىدىن ئوننى، شۇنداقلا خوجىسىنىڭ ھەرخىل ئېسىل نەرسىلىرىنى ئېلىپ يولغا چىقتى؛ ئۇ ئارام-ناھارائىم رايونىغا سەپەر قىلىپ، ناھورنىڭ شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. |
ئۇ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىدا تۆگىلىرىنى چۆكۈندۇردى: بۇ كەچقۇرۇن، قىز-ئاياللارنىڭ سۇ تارتقىلى چىقىدىغان چېغى ئىدى. |
ئۇ دۇئا قىلىپ: ــ ئەي خوجام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار، ئۆتۈنىمەنكى، بۈگۈن مېنىڭ ئىشىمنى ئوڭغا تارتقايسەن، خوجام ئىبراھىمغا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن. |
مانا مەن بۇ يەردە قۇدۇقنىڭ بېشىدا تۇرۇۋاتىمەن ۋە شەھەر خەلقىنىڭ قىزلىرى بۇ يەرگە سۇ تارتقىلى كېلىۋاتىدۇ. |
ئەمدى شۇنداق بولسۇنكى، مەن قايسى قىزغا: «كوزمزىكىڭنى چۈشۈرسەڭ، مەن سۇ ئىچىۋالسام بوپتىكەن!» دېسەم، ئۇ جاۋاب بېرىپ: «مانا ئىچكىن، مەن تۆگىلىرىڭنىمۇ سۇغىرىپ قوياي»، دېسە، ئۇ قىز سەن قۇلۇڭ ئىسھاققا بېكىتكىنىڭنىڭ ئۆزى بولسۇن. بۇنىڭدىن سېنىڭ خوجام ئىبراھىمغا شاپائەت قىلغىنىڭنى بىلەلەيمەن، ــ دېدى. |
ئۇ تېخى سۆزىنى تۈگەتمەيلا، مانا رىۋكاھ كومزەكنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ چىقىپ كەلدى؛ ئۇ بولسا ئىبراھىمنىڭ ئىنىسى ناھورنىڭ ئايالى مىلكاھتىن تۇغۇلغان ئوغلى بېتۇئەلنىڭ قىزى ئىدى؛ |
قىز ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، ھېچ ئەر كىشى تەگمىگەن پاك قىز ئىدى. ئۇ قۇدۇقنىڭ بويىغا چۈشۈپ، كومزەكنى تولدۇرۇپ ئاندىن چىقتى. |
خىزمەتكار ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ: ــ ئۆتۈنۈپ قالاي، كومزىكىڭتىن ئازغىنا سۇ ئوتلىۋالاي، دېدى. |
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ئىچكەيلا، ئەي خوجام! دەپلا، كومزەكنى دەرھال قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ سۇ ئىچىشى ئۈچۈن سۇندى. |
ئۇ سۈيىدىن ئۇنىڭغا قانغۇچە ئىچكۈزگەندىن كېيىن: ــ تۆگىلىرىگىمۇ قانغۇچە سۇ ئىچكۈزۈپ قوياي، ــ دېدى. |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال كومزەكتىكى سۇنى ئولاققا تۆكۈۋېتىپ، يەنە قۇدۇققا سۇ تارتقىلى يۈگۈرۈپ باردى؛ ئۇ ئۇنىڭ ھەممە تۆگىلىرىگە سۇ تارتىپ بەردى. |
ئۇ كىشى ئۇنىڭغا كۆزىنى تىككىنىچە جىمجىت تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى ئوڭ قىلغان، قىلمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن كۈتۈۋاتاتتى. |
تۆگىلەر سۇ ئىچىپ قانغاندا، شۇنداق بولدىكى، ھېلىقى كىشى يېرىم شەكەللىك بىر ئالتۇن بۇرۇن ھالقىسى بىلەن ئىككى قولىغا ئون شەكەللىك ئالتۇن بىلەزۈكنى چىقىرىپ قىزغا بېرىپ ئۇنىڭغا: |
سەن كىمنىڭ قىزى بولىسەن؟ ماڭا دەپ بەرسەڭ! ئاتاڭنىڭ ئۆيىدە بىزگە قونغۇدەك جاي بارمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. |
قىز ئۇنىڭغا: ــ مەن مىلكاھنىڭ ناھورغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلى بېتۇئەلنىڭ قىزى بولىمەن، ــ دېدى، |
يەنە ئۇنىڭغا: ــ بىزنىڭكىدە سامان بىلەن بوغۇز كەڭرى، [سىلەرگە] قونغىلى جايمۇ بار، ــ دېدى. |
شۇئان بۇ ئادەم ئېڭىشىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىپ: |
ئۆز شاپائىتى بىلەن خوجامدىن ۋاپادارلىقىنى ئايىمىغان، خوجام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇلغاي! پەرۋەردىگار بۇ سەپىرىمدە مېنى خوجامنىڭ قېرىنداشلىرى تۇرغان ئۆيگە باشلاپ كەلدى! ــ دېدى. |
قىز يۈگۈرۈپ بېرىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئانىسىنىڭ ئۆيدىكىلەرگە ئېيتىپ بەردى. |
ئەمدى رىۋكاھنىڭ لابان دېگەن بىر ئاكىسى بار ئىدى. لابان قۇدۇقنىڭ بېشىغا، ئۇ ئادەمنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ چىقتى. |
چۈنكى ئۇ سىڭلىسىنىڭ بۇرۇن ھالقىسىنى ۋە قوللىرىدىكى بىلەزۈكلەرنى كۆرۈپ، ھەمدە سىڭلىسىنىڭ: ئۇ ئادەم ماڭا مۇنداق-مۇنداق دېدى، دېگىنىنى ئاڭلاپ، ئۇ ئادەمنىڭ قېشىغا باردى. مانا، ئۇ كىشى قۇدۇقنىڭ يېنىدا تۆگىلەرنىڭ قېشىدا تۇراتتى. |
لابان ئۇنىڭغا: ــ ئەي پەرۋەردىگارنىڭ بەخت-بەرىكىتى ئاتا قىلىنغۇچى، كىرگەيلا! نېمە ئۈچۈن تاشقىرىدا تۇردىلا؟ مەن ئۆينى تەييارلاپ قويدۇم، تۆگىلەرگىمۇ جاي راسلىدىم، ــ دېدى. |
ئۇ ئادەم ئۆيگە كىردى؛ لابان تۆگىلەردىن يۈكنى چۈشۈرۈپ، تۆگىلەرگە سامان بىلەن بوغۇز بېرىپ، ئۇ كىشىنىڭ ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ پۇتلىرىنى يۇغىلى سۇ ئېلىپ كەلدى؛ |
ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ ئالدىغا تائام قويۇلدى؛ لېكىن ئۇ: ــ مەن گېپىمنى دېمەي تۇرۇپ تائام يېمەيمەن، ــ دېدى. لابان جاۋاب بېرىپ: ــ ئېيتقايلا، دېدى. |
ئۇ: ــ مەن بولسام ئىبراھىمنىڭ خىزمەتكارىمەن؛ |
پەرۋەردىگار خوجامغا كۆپ بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاچقا، ئۇ ئۇلۇغ بىر كىشى بولدى. ئۇ ئۇنىڭغا قوي بىلەن كالا، كۈمۈش بىلەن ئالتۇن، قۇل بىلەن دېدەكلەرنى، تۆگە بىلەن ئېشەكلەرنى بەردى. |
خوجامنىڭ ئايالى ساراھ قېرىغاندا خوجامغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. خوجام [ئوغلىغا] ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتىدى. |
خوجام مېنى قەسەم قىلدۇرۇپ: «سەن مەن تۇرۇۋاتقان زېمىندىكى قانائانىيلارنىڭ قىزلىرىدىن ئوغلۇمغا خوتۇن ئېلىپ بەرمە، |
بەلكى جەزمەن ئاتامنىڭ ئۆيىگە، ئۆز تۇغقانلىرىمنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئوغلۇمغا خوتۇن ئېلىپ بەرگەيسەن»، ــ دېدى. |
ئۇ ۋاقىتتا مەن خوجامغا: «ئۇ قىز مەن بىلەن كەلگىلى ئۇنىمىسىچۇ؟» ــ دېسەم، |
ئۇ ماڭا جاۋاب بېرىپ: «تۇتقان يوللىرىم ئۇنىڭغا ئوچۇق بولغان پەرۋەردىگارىم ئۆز پەرىشتىسىنى سېنىڭ بىلەن ئەۋەتىپ، يولۇڭنى ئوڭ قىلىدۇ. بۇ تەرىقىدە سەن مېنىڭ ئائىلىدىكىلىرىم ئارىسىدىن، ئاتامنىڭ جەمەتى ئىچىدىن ئوغلۇمغا خوتۇن ئېلىپ بېرىسەن. |
شۇنداق قىلىپ ئائىلەمدىكىلەرنىڭ قېشىغا يېتىپ بارغىنىڭدا، سەن مەن قىلدۇرغان قەسەمدىن خالاس بولىسەن؛ ئۇلار ساڭا قىزنى بەرمىسىمۇ ئوخشاشلا قەسەمدىن خالاس بولىسەن»، ــ دېگەنىدى. |
شۇڭا مەن بۈگۈن بۇ قۇدۇقنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ ئەي، خوجام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار، ئەگەر سەن بۇ سەپىرىمنى ئوڭ قىلساڭ: ــ |
مانا مەن سۇ قۇدۇقىنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتىمەن؛ ۋە شۇنداق بولسۇنكى، سۇ تارتقىلى كەلگەن قىزغا: «كوزاڭدىن ماڭا بىر ئوتلام سۇ بەرگەن بولساڭ»، دېسەم، |
ئۇ ماڭا: «سەن ئىچكىن، تۆگىلىرىڭگىمۇ سۇ تارتىپ بېرەي»، دەپ جاۋاب بەرسە، ئۇنداقتا بۇ قىز دەل پەرۋەردىگار ئۆزى خوجامنىڭ ئوغلى ئۈچۈن بېكىتكەن قىز بولسۇن، دەپ دۇئا قىلغانىدىم. |
كۆڭلۈمدە تېخى سۆزۈم تۈگىمەيلا، مانا، رىۋكاھ كومزەكنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ چىقىپ، قۇدۇقنىڭ بويىغا چۈشۈپ سۇ تارتتى؛ مەن ئۇنىڭغا: ــ ئىلتىپات قىلىپ، ماڭا سۇ ئىچكىلى قويساڭ، دېۋىدىم، |
ئۇ دەرھال كومزىكىنى مۈرىسىدىن چۈشۈرۈپ: «ئىچكەيلا، تۆگىلىرىنىمۇ سۇغىرىپ قوياي»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىچتىم؛ ئۇ تۆگىلىرىمنىمۇ سۇغىرىپ قويدى. |
ئاندىن مەن ئۇنىڭدىن: ــ كىمنىڭ قىزى بولىسەن، دەپ سورىسام، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ناھورنىڭ مىلكاھدىن تۇغۇلغان ئوغلى بېتۇئەلنىڭ قىزى بولىمەن، ــ دېدى. شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ بۇرنىغا ھالقا، قوللىرىغا بىلەزۈكلەرنى سېلىپ قويدۇم؛ |
ئاندىن ئېڭىشىپ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدىم؛ خوجامنىڭ قېرىندىشىنىڭ قىزىنى ئۇنىڭ ئوغلى ئۈچۈن ئېلىپ كېتىشكە مېنىڭ يولۇمنى ئوڭ قىلغىنى ئۈچۈن، خوجامنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتتىم. |
ئەمدى سىلەر خوجامغا ئىخلاس قىلىپ شاپائەت كۆرسىتەيلى دېسەڭلار، بۇنى ماڭا دەڭلار. ئەگەر خالىمىساڭلار، ئۇنىمۇ ماڭا ئېيتىڭلار، مەن ئوڭ تەرەپكە ياكى سول تەرەپكە بارىمەن، ــ دېدى. |
ئەمدى لابان بىلەن بېتۇئەل جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىن بولغاچ، سىلىگە يا ئۇنداق يا بۇنداق دېيەلمەيمىز. |
مانا، رىۋكاھ ئالدىلىرىدا تۇرىدۇ؛ ئۇنى ئېلىپ كەتكەيلا. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك ئۆز خوجىلىرىنىڭ ئوغلىغا خوتۇن بولسۇن، ــ دېدى. |
ئىبراھىمنىڭ خىزمەتكارى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، يەرگە ئېڭىشىپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. |
ئاندىن، خىزمەتكار كۈمۈش بۇيۇملارنى، ئالتۇن بۇيۇملارنى ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى چىقىرىپ، بۇلارنى رىۋكاھقا بەردى؛ ئۇ يەنە قىزنىڭ ئاكىسى ۋە ئانىسىغىمۇ قىممەتلىك ھەدىيەلەرنى سۇندى. |
ئاندىن ئۇ ۋە ھەمراھلىرى بىلەن بىللە يەپ-ئىچىپ، شۇ يەردە قونۇپ قالدى. ئەتىسى سەھەردە قوپۇپ، ئۇ ئۇلارغا: مېنى خوجامنىڭ قېشىغا يولغا سېلىپ قويۇڭلار، دېۋىدى، |
قىزنىڭ ئاكىسى بىلەن ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ قىز بىرقانچە كۈن ياكى ئون كۈن يېنىمىزدا تۇرسۇن؛ ئاندىن بارسۇن، ــ دېدى. |
ئەمما ئۇ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ سەپىرىمنى ئوڭ قىلغانىكەن، مېنى توسماڭلار؛ خوجامنىڭ قېشىغا بېرىشىم ئۈچۈن مېنى يولغا سېلىپ قويۇڭلار، ــ دېدى. |
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ قىزنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ باقايلى، دەپ |
رىۋكاھنى چاقىرىپ ئۇنىڭدىن: ــ بۇ ئادەم بىلەن بارامسەن؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ــ باراي، دەپ جاۋاب بەردى. |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىڭلىسى رىۋكاھنى، ئۇنىڭ ئىنىكئانىسى، ئىبراھىمنىڭ خىزمەتكارى ۋە ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ يولغا سېلىپ قويدى. |
ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار رىۋكاھقا بەخت تىلەپ: ــ ئەي سىڭلىمىز، مىڭلىغان ئون مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ ئانىسى بولغايسەن! نەسلىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ دەرۋازىلىرىغا ئىگە بولغاي! ــ دېدى. |
شۇنىڭ بىلەن رىۋكاھ بىلەن ئۇنىڭ دېدەكلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، تۆگىلەرگە مىنىپ، ئۇ كىشىگە ئەگىشىپ ماڭدى. شۇنداق قىلىپ خىزمەتكار رىۋكاھنى ئېلىپ يولغا چىقتى. |
ئىسھاق بەئەر-لاھاي-روي دېگەن جايدىن بايىلا قايتىپ كەلگەنىدى؛ چۈنكى ئۇ جەنۇبتىكى نەگەۋدە تۇراتتى؛ |
ئىسھاق كەچقۇرۇن ئىستىقامەتكە دالاغا چىققانىدى؛ ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، مانا تۆگىلەر كېلىۋاتاتتى. |
رىۋكاھ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئىسھاقنى كۆردى؛ ئۇ دەرھال تۆگىدىن چۈشۈپ، خىزمەتكاردىن: ــ سەھرادا بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىۋاتقان بۇ كىشى كىم بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. خىزمەتكار: ــ بۇ خوجامدۇر! دېدى. رىۋكاھ دەرھال چۈمبىلىنى تارتىپ يۈزىنى يېپىۋالدى. |
خىزمەتكار ئەمدى قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ئىسھاققا ئېيتىپ بەردى. |
ئىسھاق قىزنى ئانىسى ساراھنىڭ چېدىرىغا باشلاپ كىردى؛ ئۇ رىۋكاھنى ئۆز ئەمرىگە ئالدى؛ ئۇ ئۇنىڭ خوتۇنى بولدى. ئۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى؛ بۇ تەرىقىدە ئىسھاق ئانىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تەسەللى تاپتى. |