< 出埃及記 25 >

1 上主訓示梅瑟說:
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ
2 「你吩咐以色列子民,叫他們送給我獻儀。凡甘心樂捐的人,你們可以收下他們獻於我的獻儀。
سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئۇلار ماڭا بىر «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى كەلتۈرسۇن؛ كىمنىڭ كۆڭلى ھەدىيە سۇنۇشقا خۇش بولسا، ئۇنىڭدىن ماڭا سۇنۇلىدىغان «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى تاپشۇرۇۋېلىڭلار.
3 以下是你們要接受的獻儀:金銀銅,
سىلەر ئۇلاردىن تاپشۇرۇۋالىدىغان كۆتۈرمە ھەدىيە: ــ ئالتۇن، كۈمۈش، مىس،
4 紫色、紅色、朱紅色的毛線,細麻和山羊毛,
كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل رەڭلىك يىپ، كاناپ رەخت، تىۋىت،
5 染紅的公羊皮、海豚皮和皂莢木,
قىزىل بويالغان قوچقارنىڭ تېرىلىرى، دېلفىننىڭ تېرىلىرى، ئاكاتسىيە ياغىچى،
6 燈油,為傅體用的油和焚香的香料,
چىراغ ئۈچۈن زەيتۇن مېيى، «مەسىھلەش مېيى» ۋە خۇشبۇي ئۈچۈن خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەر،
7 紅瑪瑙石和為鑲在「厄弗得」和胸牌上的各種寶石。
ئەفود بىلەن «قوشېن»غا ئورنىتىلىدىغان ئاق ھېقىق ۋە باشقا ئېسىل تاشلار بولسۇن.
8 他們要為我建造一座聖所,好讓我住在他們中間。
مېنىڭ ئۆزلىرى ئارىسىدا ماكان قىلىشىم ئۈچۈن [شۇلاردىن] ماڭا بىر مۇقەددەس تۇرالغۇنى ياسىسۇن.
9 我現今指示你作帳棚和其中一切器皿的式樣,要完全按照式樣去製造。約櫃式樣
ئۇنى مەن ساڭا بارلىق كۆرسەتمەكچى بولغىنىمغا ئاساسەن، يەنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ نۇسخىسى ۋە بارلىق ئەسۋاب-سايمانلىرىنىڭ نۇسخىسىغا ئوپئوخشاش قىلىپ ياساڭلار.
10 應用皂莢木製造一個櫃,長二吋半,寬一肘半,高一肘半;
ئۇلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ساندۇق ياسىسۇن. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز بولسۇن.
11 要內外全包上純金,上端周圍應鑲上金花邊。
سەن ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛ ئىچى ۋە سىرتىنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقار.
12 鑄四個金環,安在櫃的腳上:這邊兩個,那邊兩個。
ئۇنىڭغا ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيدۇرۇپ، تۆت چېتىقىغا بېكىتكىن. بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا، يەنە بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا بولسۇن.
13 用皂莢木作兩根杠桿,包上金;
سەن ھەم ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، ھەر ئىككىسىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛
14 將杠桿穿入櫃邊的環內,作抬櫃之用。
ئاندىن ساندۇق ئۇلار ئارقىلىق كۆتۈرۈلسۇن دەپ، بالداقلارنى ساندۇقنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ قويغىن.
15 穿入櫃環內的杠桿,不可抽出。
بالداقلار ھەمىشە ساندۇقتىكى ھالقىدا تۇرسۇن؛ ئۇلار ئۇنىڭدىن چىقىرىلمىسۇن.
16 將我要交給你的約版放在櫃內。
مەن ساڭا بېرىدىغان ھۆكۈم-گۇۋاھلىقنى ساندۇققا قويغىن.
17 用純金做贖罪蓋,長二肘半,
ساندۇقنىڭ [ياپقۇچى سۈپىتىدە] سەن ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز بولغان بىر «كافارەت تەختى» ياسىغىن.
18 寬一肘半。在贖罪蓋的兩端用鎚工造一對金革魯賓,
ئىككى كېرۇبنى ئالتۇندىن سوقۇپ ياسىغىن. ئۇلارنى كافارەت تەختىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورناتقىن.
19 在這端做一個革魯賓,在那端做一個革魯賓,應使兩端的革魯賓與贖罪蓋連在一起。
بىر كېرۇبنى بىر تەرىپىگە، يەنە بىر كېرۇبنى يەنە بىر تەرىپىگە ئورنىتىش ئۈچۈن ياسىغىن. ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلارنى كافارەت تەختى بىلەن بىر گەۋدە قىلىڭلار.
20 革魯賓的翅膀應伸開遮住贖罪蓋;他們的臉彼此相對,面朝贖罪蓋。
كېرۇبلار بىر-بىرىگە يۈزلەنسۇن، قاناتلىرىنى كافارەت تەختىنىڭ ئۈستىگە كېرىپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى ياپسۇن؛ كېرۇبلارنىڭ يۈزى كافارەت تەختىگە قارىتىلسۇن.
21 你把贖罪蓋安裝在約櫃上面,將我交給你的約版放在櫃內。
سەن كافارەت تەختىنى ساندۇقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، مەن ساڭا بېرىدىغان ھۆكۈم-گۇۋاھلىقنى ساندۇقنىڭ ئىچىگە قويغىن.
22 我要在那裏與你會晤,從贖罪蓋上,從約櫃上的兩革魯賓中間,將我命令以色列子民的一切事,都告訴給你。供桌式樣
مەن شۇ يەردە سەن بىلەن كۆرۈشىمەن؛ كافارەت تەختى ئۈستىدە، يەنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ ساڭا ئىسرائىللارغا يەتكۈزۈشكە تاپشۇرىدىغان بارلىق ئەمرلىرىم توغرىسىدا سۆز قىلىمەن.
23 用皂莢木做一張供桌,長二肘,寬一肘,高一肘半,
ھەم ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز بولغان بىر شىرە ياسىغىن.
24 包上純金,周圍做上金花邊。
ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقار.
25 周圍做上一掌寬的框子,框子四周也做上金花邊。
سەن شىرەنىڭ چۆرىسىگە تۆت ئىلىك ئېگىزلىكتە بىر لەۋ ياسىغىن؛ بۇ لەۋنىڭ چۆرىسىگىمۇ ئالتۇندىن بىر گىرۋەك چىقار.
26 還要作四個金環,將這些金環安在桌四腳的角上。
سەن ئۇ شىرەگە ئالتۇندىن تۆت ھالقا ياساپ، بۇ ھالقىلارنى شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى چېتىققا ئورناتقىن.
27 環子要靠近框子,為穿抬供桌的紅桿。
شىرەنى كۆتۈرۈشكە بالداقلار ئۆتكۈزۈلسۇن دەپ، ھالقىلار شىرە لېۋىگە يېقىن بېكىتىلسۇن.
28 用皂莢木做兩根紅桿,包上金,為抬供桌之用。
بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛ شىرە ئۇلار ئارقىلىق كۆتۈرىلىدۇ.
29 再製造供桌上的盤、碟、杯和奠祭用的爵,全用純金製造。
شىرەگە يانداپ لېگەن، قاچا-تەخسە، پىيالە ۋە «شاراب ھەدىيەلىرى»نى چاچىدىغان قەدەھلەرنى ياسىغىن؛ ئۇلارنى ساپ ئالتۇندىن ياسىغىن.
30 要常常在供桌上,在我面前擺上供餅。燈台式樣
مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا تۇرۇشقا سەن شىرەگە ھەمىشە «تەقدىم نان»نى قويغىن.
31 用純金製造一座燈台,要用鎚工打成這燈台;燈台燈幹和花朵,即花托與花瓣,都應由燈台發出。
سەن ھەم ساپ ئالتۇندىن بىر چىراغدان ياسىغىن. ئۇ چىراغدان سوقۇپ ياسالسۇن؛ چىراغداننىڭ پۇتى، غولى، قەدەھلىرى، غۇنچە ۋە چېچەكلىرى پۈتۈن بىر ئالتۇندىن سوقۇلسۇن.
32 燈台兩面發出右叉:這面三叉,那面三叉。
چىراغداننىڭ غولىنىڭ ئىككى يېنىدىن ئالتە شاخچە چىقىرىلسۇن ــ چىراغداننىڭ بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە، چىراغداننىڭ يەنە بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە چىقىرىلسۇن؛
33 在一叉上應有像杏花的三朵花,有花托和花瓣;在另一叉上應有像杏花的三朵花,有花托和花瓣;由燈台所發出的六叉都要這樣。
بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلسۇن، يەنە بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلسۇن. چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياسالسۇن.
34 在燈台的直幹上應有像杏花的四個花朵,有花托和花瓣。
چىراغداننىڭ [غولىدىن] بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان تۆت قەدەھ چىقىرىلسۇن.
35 由燈幹發出的每兩叉之下,各有一個花朵;從燈幹發出的六個叉都應如此。
بۇلاردىن باشقا [بىرىنچى] ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، [ئىككىنچى] ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، [ئۈچىنچى] ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە بولسۇن؛ چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ئاستى ھەممىسى شۇنداق بولسۇن.
36 這些花朵和燈叉應由燈台發出,全用整塊純金鎚成。
ئۇنىڭ شۇ غۇنچىلىرى ھەم شاخچىلىرى چىراغدان بىلەن بىر گەۋدە قىلىنسۇن ــ بىر پۈتۈن ساپ ئالتۇندىن سوقۇپ ياسالسۇن.
37 燈台上應做七盞燈,把七盞燈放上,使光照耀燈台前面的空間。
سەن چىراغداننىڭ يەتتە چىرىغىنى ياسىغىن؛ چىراغلار ئۇدۇلغا يورۇق چۈشۈرەلىشى ئۈچۈن ئۈستى تەرەپكە ئورنىتىلسۇن.
38 燈台的燈剪和碟子,應是純金的。
ئۇنىڭ پىلىك قايچىلىرى بىلەن كۈلدانلىرى ساپ ئالتۇندىن ياسالسۇن.
39 為製造燈台和這些用具,應用一「塔冷通」鈍金。
چىراغدان ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرى بىر تالانت ساپ ئالتۇندىن ياسالسۇن.
40 要留神按照在山上指示給你的式樣去做。
ساڭا تاغدا ئايان قىلىنغان نۇسخا بويىچە بۇلارنى ئېھتىيات بىلەن ياسىغىن.

< 出埃及記 25 >