< 出埃及記 15 >

1 那時梅瑟和以色列子民唱了這篇詩歌,歌頌上主說:我要歌頌上主,因他獲得全勝,將馬和騎兵投於海中。
شۇ چاغدا مۇسا بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇپ مۇنۇ كۈينى ئېيتتى: ــ «مەن پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەپ كۈي ئېيتاي، چۈنكى ئۇ كارامەت ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسەتتى؛ ئۇ ئات ۋە مىنگۈچىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى.
2 上主是我的力量和保障,他作了我的救援。他是我的天主,我要頌揚他;是我祖先的天主,我要讚美他。
مېنىڭ كۈچۈم ھەم مېنىڭ كۈيۈم ياھ ئۆزىدۇر؛ ئۇ ماڭا نىجات بولدى؛ ئۇ مېنىڭ تەڭرىمدۇر، مەن ئۇنى ئۇلۇغلايمەن؛ ئۇ مېنىڭ ئاتامنىڭ خۇداسىدۇر، مەن ئۇنى ئالىي دەپ مەدھىيىلەيمەن.
3 上主是戰士,名叫「雅威。」
پەرۋەردىگار جەڭچىدۇر، ياھۋەھ ئۇنىڭ نامىدۇر.
4 法郎的戰車軍隊,他投於海中,使他的良將沉於紅海。
پىرەۋننىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەم قوشۇنلىرىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى؛ ئۇنىڭ ئالىي لەشكەر باشلىقلىرى قىزىل دېڭىزدا غەرق قىلىندى.
5 浪濤淹沒了他們,像大石沉入海底。
چوڭقۇر سۇلار ئۇلارنى كۆمۈۋەتتى، ئۇلار خۇددى تاشتەك دېڭىز تېگىگە چۆكۈپ كەتتى.
6 上主,你的右手大顯神能;上主,你的右手擊碎了敵人。
سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، ئەي پەرۋەردىگار، قۇدرىتى بىلەن شان-شەرەپ تاپتى؛ سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، ئەي پەرۋەردىگار،دۈشمەننى كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتتى.
7 以你無比的威嚴,毀滅了你的敵人;你發出的怒火,燒滅他們像燒麥楷。
ئۆز ئۇلۇغلۇقۇڭنىڭ ھەيۋىسى بىلەن ئۆزۈڭگە قارشى چىققانلارنى نابۇت قىلدىڭ، سەن ئوتلۇق غەزىپىڭنى ئەۋەتتىڭ، ئۇ ساماننى كۆيدۈرگەن ئوتتەك ئۇلارنى يۇتۇۋەتتى.
8 你鼻孔一噴氣,大水聚集,浪濤直立如堤,深淵凝固於海心。
دىمىغىڭنىڭ نەپىسى بىلەن سۇلار دۆڭ بولۇپ ئۆرلىدى، جۇشقۇنلىغان دولقۇنلار دۆڭ كەبى تىك تۇردى، دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر سۇلار قاتۇرۇپ قويۇلدى.
9 仇人說:「我要追擊擒獲,分得獵物,才心滿意足;我要拔刀出鞘,親手斬滅。」
دۈشمەن دېدى: «مەن ئۇلارنى قوغلايمەن، يېتىشىمەن، ئولجا ئېلىپ ئۈلەشتۈرىمەن، ئۇلاردىن دەردىمنى چىقىرىمەن، قىلىچىمنى سۇغۇرۇپ، ئۆز قولۇم بىلەن ئۇلارنى نابۇت قىلىمەن».
10 但你一噓氣,海將他們覆沒,像鉛沉入深淵。
لېكىن سەن نەپىسىڭ بىلەن پۈۋلىدىڭ، دېڭىز ئۇلارنى كۆمۈۋەتتى؛ ئۇلار جۇشقۇنلۇق سۇلاردا قوغۇشۇندەك چۆكۈپ كەتتى.
11 上主,眾神誰可與你相比﹖誰能像你那樣,神聖尊威,光榮可畏,施行奇蹟!
ئىلاھلارنىڭ ئارىسىدا، ئەي پەرۋەردىگار، كىم سېنىڭ تەڭدىشىڭ بولسۇن؟ پاك-مۇقەددەسلىك ئىچىدە ئۆز ھەيۋىتىڭنى كۆرسىتىدىغان، ھەمد-مەدھىيىلەر ئارىسىدا دەھشەتلىك تۇرىدىغان، مۆجىزە-كارامەت يارىتىدىغان، سەندەك كىم بولسۇن؟
12 你伸出右手,大地就吞了他們;
سەن ئوڭ قولۇڭنى ئۇزىتىشىڭ بىلەن، يەر-زېمىن ئۇلارنى يۇتۇۋەتتى.
13 以你的慈愛,領出了你所救的百姓;憑你的能力,領他們進入了你的聖所。
لېكىن ئۆزۈڭگە ھەمجەمەت قىلىپ قۇتقۇزغان قوۋمنى رەھىمدىللىقىڭ بىلەن باشلاپ چىقتىڭ؛ سەن ئۇلارنى ئۆز مۇقەددەس ماكانىڭغا قۇدرىتىڭ بىلەن ھىدايەت قىلىپ يېتەكلىدىڭ.
14 外邦聽了,必驚慌顫慄,恐怖籠罩了培肋舍特居民;
يات خەلقلەر بۇنى ئاڭلاپ، تىترىشىپ كەتتى؛ فىلىستىيەدە تۇرۇۋاتقانلارنى تولغاقتەك ئازاب تۇتتى.
15 那時厄東的酋長驚慌失措,摩阿布的首領嚇的發抖,客納罕的居民膽顫心寒。
ئاندىن ئېدومنىڭ ئەمىرلىرى دەككە-دۈككىگە چۈشتى؛ موئابنىڭ پالۋانلىرىنى بولسا، راسا تىترەك باستى؛ قانائان زېمىنىدىكىلەرنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ ئاقتى؛
16 驚慌與恐怖降在他們身上;因你大能的手臂,他們像石塊僵立不動,直到你的百姓走過,上主! 直到你所救贖的百姓走過。
قورقۇنچ ۋە دەھشەت ئۇلارنى باستى؛ بىلىكىڭنىڭ ھەيۋىتى بىلەن ئۇلار خۇددى تاشتەك مىدىرلىيالماي قالدى؛ خەلقىڭ ئۆتۈپ كەتكۈچە، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭ رەنە تۆلەپ ھۆر قىلغان خەلقىڭ ئۆتۈپ بولغۇچە.
17 上主,你引領他們,吾主,在你為物業的山上,在你為自己準備的住所,在你親手建立的聖所,培植了他們。
ئۇلارنى باشلاپ كىرىپ، ئۆز مىراسىڭ بولغان تاغدا كۆچەتتەك تىكىسەن، ئۆز ماكانىڭ قىلغان جايغا، ئى پەرۋەردىگار، ئۆز قوللىرىڭ تەييارلىغان مۇقەددەس جايغا، ئى رەب، ئۇلارنى ئېلىپ بارىسەن.
18 上主為王,萬世無疆!
پەرۋەردىگار ئەبەدىلئەبەدگىچە پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈم سۈرىدۇ!
19 法郎的馬、戰車和騎兵一到海中,上主就使海水回流,淹沒了他們;以色列子民卻在海中乾地上走過。
چۈنكى پىرەۋننىڭ ئاتلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ئاتلىقلىرى بىلەن بىللە دېڭىزغا كىرىپ بولدى؛ پەرۋەردىگار دېڭىزنىڭ سۇلىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ياندۇردى، لېكىن ئىسرائىللار بولسا دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قۇرۇق يەردىن مېڭىپ ئۆتۈپ كەتتى».
20 此時亞郎的姐妹女先知米黎盎手中拿著鼓,眾婦女也都跟著她,拿著鼓舞蹈。
ئاندىن ھارۇننىڭ ھەدىسى پەيغەمبەر مەريەم قولىغا داپنى ئالدى، بارلىق قىز-ئاياللارمۇ قولىغا داپ ئېلىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىپ ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
21 米黎盎應和他們說:「你們應歌頌上主,因他獲得全勝,將馬和騎士投入海中。」變苦水為甜水
مەريەم ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق كۈينى ئوقۇدى: ــ «پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەپ كۈي ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇ زور ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسەتتى؛ ئۇ ئات ۋە مىنگۈچىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى!».
22 以後梅瑟命以色列人由紅海起營,往叔爾曠野去;他們在曠野裏走了三天,沒有找到水。
ئاندىن مۇسا ئىسرائىللارنى قىزىل دېڭىزدىن باشلاپ، شۇر چۆلىگە ئېلىپ باردى. ئۇلار ئۇدا ئۈچ كۈن چۆلدە يۈرۈپ، سۇ تاپالمىدى.
23 隨後,到了瑪辣,但不能喝瑪辣的水,因為水苦;因此稱那地為瑪辣。
ئاندىن ئۇلار ماراھقا يېتىپ كەلدى؛ لېكىن ئۇ يەرنىڭ سۈيى ئاچچىق بولۇپ، سۈيىنى ئىچكىلى بولمايتتى؛ شۇڭا ئۇ جاينىڭ نامى «ماراھ» دەپ قويۇلغان.
24 那時百姓抱怨梅瑟說:「我們喝什麼呢﹖」
ئۇ ۋاقىتتا خالايىق: ــ بىز نېمە ئىچىمىز؟ ــ دەپ مۇسادىن ئاغرىنىپ غوتۇلداشقىلى تۇردى.
25 梅瑟遂呼號上主,上主便指給他一塊木頭;他把木頭扔在水裏,水就變成甜水。上主在那裏給百姓立定了法律和典章,也在那裏試探了他們。
ئۇ پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بىر دەرەخنى كۆرسەتتى؛ ئۇ دەرەخ ياغىچىنى ئېلىپ، سۇغا تاشلىۋىدى، سۇ تاتلىق سۇغا ئايلاندى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگار ئۇلارغا ھۆكۈم-بەلگىلىمە بېكىتىپ، ئۇلارنى سىناپ، مۇنداق دېدى: ــ
26 上主說:「你若誠心聽從上主你天主的話,行他眼中視為正義的事,服從他的命令,遵守他的一切法律,我決不加於埃及人的災殃,加於你們,因為我是醫治你的上主。」
«ئەگەر سىلەر كۆڭۈل قويۇپ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ئەمرلىرىگە قۇلاق سېلىپ، بارلىق ھۆكۈملىرىنى تۇتساڭلار، ئۇنداقتا، مەن مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە سالغان كېسەللەردىن ھېچبىرىنى ئۈستۈڭگە سالمايمەن؛ چۈنكى مەنكى سىلەرگە شىپالىق بەرگۈچى پەرۋەردىگاردۇرمەن».
27 以後他們到了厄林,那裏有十二股水泉,七十棵棕樹。他們便在那裏靠近水邊安了營。
ئاندىن ئۇلار ئېلىمغا يېتىپ كەلدى. شۇ يەردە ئون ئىككى بۇلاق بىلەن يەتمىش خورما دەرىخى بار ئىدى؛ ئۇلار شۇ يەردە سۇلارنىڭ بويىدا چېدىر تىكتى.

< 出埃及記 15 >