< 以弗所書 6 >

1 你們作子女的,要在主內聽從你們的父母,因為這是理所當然的。『
بالىلار، رەبدە ئاتا-ئانىلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار؛ چۈنكى بۇ دۇرۇسدۇر.
2 孝敬你的父親和母親──這是附有恩許的第一條誡命──
«ئاتاڭنى ۋە ئاناڭنى ھۆرمەتلە» ــ بۇ بولسا ئىچىگە ۋەدىنى ئالغان بىرىنچى ئەمردۇر ــ
3 為使你得到幸福,並在地上延年益壽。』
«شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئىشلىرىڭ قۇتلۇق بولىدۇ، زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن» ــ [دەپ ۋەدە قىلىنغان].
4 你們作父母的,不要惹你們的子女發怒;但要用主的規範和訓誡,教養他們。
سىلەر ئاتىلار، بالىلىرىڭلارنى خاپا قىلماڭلار، بەلكى ئۇلارنى رەبنىڭ تەربىيىسى ھەم كۆرسەتمىسىدە بېقىڭلار.
5 你們作奴僕的,要戰戰兢兢,以誠實的心,隨從你們肉身的主人,如同隨同基督一樣。
سىلەر قۇللار، ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلارغا مەسىھكە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك چىن كۆڭلۈڭلاردىن ئەيمىنىش ۋە تىترەش بىلەن ئىتائەت قىلىڭلار؛
6 不要只在人眼前服事,好像單討人的喜歡,而要像基督的僕人,從心裏遵行天主的旨意;
پەقەت كۆز ئالدىدىلا خىزمەت قىلىپ، ئادەمنى خۇش قىلغۇچى قۇللاردىن بولماڭلار، بەلكى مەسىھنىڭ قۇللىرىنىڭ سۈپىتىدە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى جان-دىل بىلەن بەجا كەلتۈرۈڭلار،
7 甘心服事,好像服事主,而非服事人,
ئادەملەرگە ئەمەس، بەلكى رەبگە چىن دىلىڭلاردىن خىزمەت قىلىڭلار؛
8 因為你們知道:每一個人,或為奴的,或自主的,不論行了什麼善事,都要按他所行的領取主的賞報。
شۇنى بىلگەنكى، ھەرقانداق ئادەم بىرەر ياخشىلىق قىلسا، مەيلى ئۇ قۇل بولسۇن ياكى ھۆر بولسۇن، شۇ ئىش رەبدىن ئۇنىڭغا يانىدۇ.
9 至於你們作主人的,要同樣對待奴僕,戒用恐嚇,因為你們知道,他們和你們在天上有同一個主,而且祂是不看情面的。
سىلەر خوجايىنلار، قۇللىرىڭلارغىمۇ ئوخشاش يول بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا ھەيۋە قىلىشتىن قول ئۈزۈڭلار؛ چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ ۋە سىلەرنىڭمۇ خوجايىنىڭلار ئەرشتىدۇر، ئۇنىڭدا ھەرقانداق ئادەمنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلىش دېگەننىڭ يوقلۇقىنى بىلىسىلەر.
10 此外,你們務要在主內,藉祂的能力作堅強的人。
ئاخىردا، قېرىنداشلار، رەبدە ۋە ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدە كۈچلەندۈرلۈڭلار؛
11 要穿上天主的全副武裝,為能抵抗魔鬼的陰謀,
ئىبلىسنىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىگە تاقابىل تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن خۇدانىڭ پۈتكۈل ساۋۇت-يارىغىنى كىيىۋېلىڭلار؛
12 因為我們戰鬥不是對抗血和肉,而是對抗率領者,對抗掌權者,對抗這黑暗世界的霸主,對抗天界裏邪惡的鬼神。 (aiōn g165)
چۈنكى ئېلىشىدىغىنىمىز ئەت ۋە قان ئىگىلىرى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمرانلار، ھوقۇقدارلار، بۇ دۇنيادىكى قاراڭغۇلۇقنى باشقۇرغۇچى دۇنياۋى ئەمىرلەر، يەنى ئەرشلەردە تۇرۇۋاتقان رەزىل روھىي كۈچلەردۇر. (aiōn g165)
13 為此,你們應拿起天主的全副武裝,為使你們在邪惡的日子能夠抵得住,並在獲得全勝之後,仍屹立不動。
مۇشۇ ۋەجىدىن ئۆزۈڭلارغا خۇدانىڭ پۈتۈن ساۋۇت-يارىقىنى ئېلىپ ئارتىڭلاركى، رەزىللىك كۈنىدە بەرداشلىق بىلەن قاتتىق تۇرىدىغان، ئاخىر ھەممە ئىشنى ئادا قىلىپ، يەرنى چىڭ دەسسەپ تۇرىدىغان بولىسىلەر.
14 所以要站穩! 用真理作帶,束起你們的腰,穿上正義作甲,
ئەمدى چىڭ تۇرۇڭلار ــ ھەقىقەت بەلۋېغىنى بېلىڭلارغا باغلاپ، مەيدەڭلەرگە ھەققانىيلىق ساۋۇتىنى كىيىپ، پۇتۇڭلارغا خاتىرجەم-ئىناقلىق خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە تەييارلىق چورۇقىنى كىيىپ، يەرنى چىڭ دەسسەپ تۇرۇڭلار.
15 以和平的福音作準備走路的鞋,穿在腳上;
16 上此外,還要拿起信德作盾牌,使你們能以此撲滅惡者的一切火箭;
بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئىمان-ئىشەنچنىڭ قالقىنىنى قولغا ئېلىڭلار؛ ئۇنىڭ بىلەن سىلەر رەزىل بولغۇچىنىڭ بارلىق ئوت ئوقلىرىنى ئۆچۈرىۋېتەلەيدىغان بولىسىلەر.
17 並戴上救恩當盔,拿著聖神作利劍,即天主的話,
ھەمدە بېشىڭلارغا نىجاتنىڭ دۇبۇلغىسىنى كىيىپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى، يەنى روھنىڭ قىلىچىنى ئېلىڭلار؛
18 時時靠著聖神,以各種祈求和哀禱祈禱;且要醒寤不倦,為眾聖徒祈求,
ھەممە ۋاقىت-پەسىلدە روھتا ھەرخىل دۇئا-تىلاۋەت ھەم ئىلتىجا بىلەن دۇئا قىلىڭلار؛ دەل بۇ ئىشتا قەتئىي ھوشيار تۇرۇپ بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە دۇئا-ئىلتىجالار قىلىڭلار؛
19 也為我祈求,使我在開口的時候,賜我能說相稱的話,能放心大膽地傳揚福音的奧祕──
مەن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلاركى، ــ ئېغىز ئاچقىنىمدا ماڭا سۆزلەر كەلسۇن، خۇش خەۋەرنىڭ سىرىنى دادىللىق بىلەن ئاشكارە قىلاي.
20 為這福音我竟作了帶鎖鍊的使者──使我能放心大膽,我應該宣講的去宣講。
مەن دەل شۇ ئىشقا زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان ئەلچىمەن؛ شۇڭا قىلىشقا تېگىشلىكىم بويىچە، [خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتە] دادىللىق بىلەن سۆز قىلىشىمغا [دۇئا قىلىڭلار].
21 今我有可愛的弟兄,且忠於主的服務者提希苛給你們報告一切,好使你們知道我的事和我現在做什麼。
ئەمدى مېنىڭ توغرامدىكى ئىشلاردىن، مېنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىمدىن خەۋەرلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سۆيۈملۈك قېرىنداش ھەم رەبدە سادىق خىزمەتكار بولغان تىكىكۇس سىلەرگە ھەممە ئىشلارنى مەلۇم قىلىدۇ.
22 我特意打發他到你們那裏去,為叫你們知道我們的情形,並叫他安慰你們的心。
مېنىڭ ئۇنى دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن يېنىڭلارغا ئەۋەتىشىم، سىلەرنىڭ ئىشلىرىمىزدىن خەۋەردار بولۇشىڭلار ۋە ئۇنىڭ كۆڭلۈڭلارغا تەسەللى ۋە ئىلھام بېرىشى ئۈچۈندۇر.
23 願平安、愛德和信德由天主父和主耶穌基督賜與眾弟兄!
قېرىنداشلارغا خاتىرجەملىك، مۇھەببەت ھەم ئىمان-ئىشەنچ خۇدائاتا ۋە رەب ئەيسا مەسىھدىن بولغاي!
24 恩寵與那些以永恆不變的愛愛我們的主耶穌基督的人同在!
رەب ئەيسا مەسىھنى ئۆلمەس-چىرىماس سۆيگۈ بىلەن سۆيگۈچىلەرگە مېھىر-شەپقەت يار بولغاي!

< 以弗所書 6 >