< 申命記 16 >

1 你應遵守「阿彼布」月,為上主你的天主舉行逾越節,因為在「阿彼布」月的一個夜裏,上主你的天主領你出了埃及。
ئابىب ئېيىنى ئالاھىدە ئېسىڭدە تۇت ۋە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتاپ تەبرىكلىگىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئابىب ئېيىدا مىسىردىن كېچىدە چىقارغان.
2 你應在上主所選定立自己名號的地方,給上主你的天主祭殺牛羊,作為逾越節犧牲。
سەن «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نىڭ مېلىنى (مەيلى قوي ياكى كالا پادىسىدىن بولسۇن) پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللاپ بېكىتىدىغان جايدا ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلغىن؛
3 吃這祭肉時,不可吃發酵餅;七天之內,當吃無酵餅,即困苦餅,因為你曾倉猝地走來出了埃及地。為此你一生應天天記念你出埃及的日子。
شۇنداقلا سەن ھېچقانداق بولدۇرۇلغان ناننى يېمەسلىكىڭ كېرەك؛ سەن ئۇنىڭ بىلەن يەتتە كۈن پېتىر نان، يەنى «كۈلپەت نېنى»نى يېيىشىڭ كېرەك؛ چۈنكى سەن مىسىر زېمىنىدىن ئالدىراشلىقتا چىقتىڭ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە مىسىر زېمىنىدىن چىققان شۇ كۈننى يادىڭدا تۇتقايسەن.
4 七天之久,在你全境內不許見到酵母;你前一天晚上祭獻的牲肉,不可有剩下的,留到早晨。
يەتتە كۈن چېگرالىرىڭ ئىچىدە، ئۆيۈڭدە ھېچقانداق ئېچىتقۇ تېپىلمىسۇن؛ سەن بىرىنچى كۈنى كەچتە قىلغان قۇربانلىق گۆشلەرنى ئەتىگەنگە قالدۇرماسلىقىڭ كېرەك.
5 你不可在上主你的天主賜給你的任何城鎮內,祭殺逾越節犧牲;
سەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى قۇربانلىقىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان شەھەر-يېزىلىرىڭنىڭ ھەرقاندىقىدا قىلساڭ بولمايدۇ؛
6 只可在上主你的天主所選定立自己名號的地方,晚上太陽快落時,就是你出埃及的時刻,祭殺逾越節犧牲。
بەلكى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى قۇربانلىقىنى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆز نامىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن تاللايدىغان جايدىلا قىل؛ ئۇنى كەچقۇرۇن، كۈن پېتىش ۋاقتىدا، يەنى مىسىردىن چىققاندىكى ۋاقىتقا ئوخشاش ۋاقىتتا قىلىسەن.
7 並應在上主你的天主所選定的地方,將祭牲煮熟分食;到了早晨,你可回到你的帳棚中去。
ئۇنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللايدىغان جايدا پىشۇرۇپ يېگىن؛ ئاندىن ئەتىگەندە چېدىرلىرىڭغا قايتساڭ بولىدۇ.
8 六天內應吃無酵餅,到第七天,應為上主你的天主召開盛會,任何勞工都不許做。
سەن ئالتە كۈن پېتىر نان يەيسەن؛ يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا تەنتەنىلىك سورۇن كۈنى بولىدۇ؛ سەن ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلمايسەن.
9 你應數七個星期,從鐮刀收割莊稼算起,數七個星期,
ئاندىن يەتتە ھەپتىنى سانايسەن؛ ئاشلىققا ئورغاق سالغاندىن باشلاپ يەتتە ھەپتىنى ساناشقا باشلايسەن؛
10 為上主你的天主舉行七七節,照上主你的天主祝福你的,獻上你手中自願獻的祭品。
ئاندىن سەن «ھەپتىلەر ھېيتى»نى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا قولۇڭدىكى ئىختىيارىي ھەدىيە بىلەن ئۆتكۈزىسەن؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بەرىكەتلىگىنىگە قاراپ ئۇنى ئىختىيارەن سۇنىسەن.
11 你和你的兒女、僕婢,以及在你城鎮內的肋未人,在你中間的外方人、孤兒和寡婦,都應在上主你的天主所選定立自己名號的地方,於上主你的天主面前歡樂。
شۇنىڭ بىلەن سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا، ئۇ ئۆز نامىنى تۇرغۇزۇشقا تاللايدىغان جايدا شادلىنىسەن؛ سەن ئۆزۈڭ، ئوغلۇڭ، قىزىڭ، قۇلۇڭ، دېدىكىڭ، سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلار، ئاراڭلاردىكى مۇساپىرلار، يېتىم-يېسىرلەر ۋە تۇل خوتۇنلار شادلىنىسىلەر.
12 應記得你在埃及也曾做過奴隸,所以應謹守遵行這些法令。
سەن شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە مىسىردا قۇل بولغانلىقىڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرۈپ، بۇ بارلىق بەلگىلىمىلەرنى تۇتۇپ ئەمەل قىلغىن.
13 你由禾場和榨酒池內收藏了出產以後,應七天舉行帳棚節。
سەن «كەپىلەر ھېيتى»نى يەتتە كۈن ئۆتكۈزىسەن؛ سەن خامان ۋە شاراب كۆلچىكىڭنى يىغقان چېغىڭدا، ئوغلۇڭ، قىزىڭ، قۇلۇڭ، دېدىكىڭ، شەھەر دەرۋازىسى ئىچىدە تۇرىدىغان لاۋىيلار، مۇساپىرلار، يېتىم-يېسىرلەر ۋە تۇل خوتۇنلار شۇ ھېيتتا شادلىنىسىلەر.
14 在這慶節內,你和你的兒女、僕婢,以及在你城鎮內的肋未人、外方人、孤兒和寡婦都應歡樂。
15 你應在上主所選定的地方,為上主你的天主舉行這慶節七天,因為上主你的天主,要在你的一切收穫和你著手進行的一切事業上祝福你,使你滿心喜樂。
پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايدا سەن يەتتە كۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا ھېيت ئۆتكۈزىسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرىڭدا، قولۇڭ قىلغان ئىشلاردا سېنى بەرىكەتلەيدۇ ۋە سەن دەرۋەقە پۈتۈنلەي شادلىنىسەن.
16 每年三次,即在無酵節、七七節和帳棚節,你所有的男子都應到上主所選的地方去,朝拜上主你的天主;但不要空手出現在上主面前,
يىلدا ئۈچ قېتىم، پېتىر نان ھېيتى، ھەپتىلەر ھېيتى ۋە كەپىلەر ھېيتىدا سېنىڭ بارلىق ئەركەكلىرىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا، ئۇ تاللايدىغان جايدا ھازىر بولۇشى كېرەك؛ ئۇلار پەرۋەردىگار ئالدىدا قۇرۇق قول ھازىر بولسا بولمايدۇ؛
17 每人應照上主你的天主賜與你的,依自己的財力,奉獻禮品。
بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ساڭا تەقدىم قىلغان بەرىكىتى بويىچە ھەربىرى قولىدىن كېلىشىچە سۇنسۇن.
18 在上主你的天主賜給你的各城鎮內,要為各支派設立判官和書記,他們應按照公道審判人民,
خەلقنىڭ ئۈستىدىن ئادالەت يۈرگۈزۈپ ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان بارلىق شەھەر-يېزىلىرىڭ ئىچىدە ھەربىر قەبىلىدە سوراقچى ۋە ئەمەلدارلارنى بېكىتىشىڭ كېرەك.
19 不可違犯公平,不可徇情顧面,不可接受賄賂,因為賄賂令智慧人的眼目失明;
ئادالەتنى بۇرمىلىساڭ بولمايدۇ؛ ئادەملەرگە يۈز-خاتىرە قىلساڭ بولمايدۇ؛ پارا ئالساڭ بولمايدۇ؛ پارا بولسا ئاقىلانىلەرنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىدۇ ھەم ئادىللارنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلايدۇ.
20 只應追求公道與正義,好叫你能生存,佔有上主你的天主賜給你的土地。
سەن مۇتلەق ئادالەتنى ئىزدىشىڭ كېرەك؛ شۇنداق قىلساڭ ھايات كۆرىسەن ھەمدە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان زېمىننى ئىگىلەيسەن.
21 在你為上主你的天主所建的祭壇旁,不許豎立任何木頭的神柱;
سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ياسايدىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئەتراپىغا «ئاشەراھ» بۇتى قىلىنىدىغان ھېچقانداق دەرەخ تىكمەسلىكىڭ كېرەك
22 也不可立置上主你的天主所憎惡的石碣。
ۋە ئۆزۈڭ ئۈچۈن ھېچقانداق بۇت تۈۋرۈكى تىكلىمەسلىكىڭ كېرەك؛ ئۇنداق نەرسىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا يىرگىنچلىكتۇر.

< 申命記 16 >