< 撒母耳記下 8 >

1 此後,達味攻打培肋舍特人,將他們克服,由他們手中奪得了京城的治權。
بۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، داۋۇت فىلىستىيلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇردى. شۇنداق قىلىپ، داۋۇت فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن مەركىزىي شەھەرنىڭ ھوقۇقىنى ئالدى.
2 他也打敗了摩阿布人,叫他們躺在地上,用繩子來量,兩繩子內的人處死,一繩內的人生存;如此,摩阿布人遂臣服達味,給他納貢。
ئۇ ھەم موئابىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىمۇ مەغلۇپ قىلدى. ئۇ ئۇلارنى يەرگە ياتقۇزۇپ، تانا بىلەن ئۆلچەپ، ئىككى تانا كەلگەنلەرنى ئۆلتۈردى، بىر تانا كەلگەنلەرنى تىرىك قالدۇردى. موئابىيلار بولسا داۋۇتقا بېقىنىپ، ئۇنىڭغا سېلىق تاپشۇردى.
3 當勒曷布的兒子,祚巴王哈達德則爾向幼發拉的河伸展自己的勢力時,達味也打敗了他,
ئاندىن زوباھنىڭ پادىشاھى رەھوبنىڭ ئوغلى ھادادئېزەر ئەفرات دەرياسىغا چىقىپ، شۇ يەردىكى ھاكىمىيەتنى ئۆزىگە قايتىدىن تارتىۋالماقچى بولغاندا، داۋۇت ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، مەغلۇپ قىلدى.
4 擄獲了他的馬兵一千七百,步兵兩萬,割斷了所有拉戰車的馬蹄筋,只留下了足以拉一百輛車的馬。
داۋۇت ئۇنىڭ قوشۇنىدىن بىر مىڭ يەتتە يۈز ئاتلىق ئەسكەرنى ۋە يىگىرمە مىڭ پىيادە ئەسكەرنى ئەسىر قىلدى؛ داۋۇت ھارۋا ئاتلىرىنىڭ پىيىنى كەستۈردى، لېكىن ئۆزىگە يۈز ھارۋىلىق ئاتنى قالدۇرۇپ قويدى.
5 後有大馬士革的阿蘭人,
دەمەشقتىكى سۇرىيلەر زوباھنىڭ پادىشاھى ھادادئېزەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن چىقتى، لېكىن داۋۇت سۇرىيلەردىن يىگىرمە ئىككى مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى.
6 達味遂在大馬士革阿蘭屯兵駐守,阿蘭也臣服於達味,給他進貢。達味無論往那裏去,上主總是輔助他。
ئاندىن داۋۇت بىرنەچچە بارگاھ ئەسكەرلەرنى دەمەشقتىكى سۇرىيلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرغۇزدى؛ شۇنىڭ بىلەن سۇرىيلەر داۋۇتقا بېقىنىپ ئۇنىڭغا سېلىق تاپشۇردى. داۋۇت قەيەرگە بارسا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا نۇسرەت بېرەتتى.
7 達味奪了哈達德則爾臣僕所帶的金盾牌,送到耶路撒冷。
داۋۇت ھادادئېزەرنىڭ غۇلاملىرىغا تەمىنلەنگەن ئالتۇن قالقاننى تارتىۋېلىپ، يېرۇسالېمغا كەلتۈردى
8 達味王又由貝塔和貝洛泰,哈達德則爾的兩座城內,奪取了大量的銅。
ۋە ھادادئېزەرنىڭ شەھەرلىرى بولغان بىتاھ بىلەن بىروتاي شەھەرلىرىدىنمۇ ئىنتايىن كۆپ مىسنى قولغا چۈشۈردى.
9 當哈瑪特王托烏,聽說達味打敗了哈達德則爾,
خاماتنىڭ پادىشاھى توي داۋۇتنىڭ ھادادئېزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ،
10 便派自己的兒子哈多蘭到達味王那裏,向他致敬,祝賀他攻打了哈達德則爾,並將他打敗,因為哈達德則爾原是托烏的敵人。哈多蘭帶來了一些金器銀器和銅器。
ئۆز ئوغلى يورامنى داۋۇتنىڭ ھالىنى سوراشقا ۋە داۋۇتنىڭ ھادادئېزەر بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇنى مەغلۇپ قىلغىنىغا ئۇنى تەبرىكلەشكە ئەۋەتتى. چۈنكى ھادادئېزەر دائىم توي بىلەن جەڭ قىلىپ كېلىۋاتاتتى. يورام بولسا كۈمۈش، ئالتۇن ۋە مىس قاچا-بۇيۇملارنى ئېلىپ كەلدى.
11 達味也把這一切金銀,和他從所征服的民族:
داۋۇت پادىشاھ مۇشۇلارنى ۋە ئۆزى بېقىندۇرغان ھەممە ئەللەردىن، جۈملىدىن سۇرىيلەردىن، موئابىيلاردىن، ئاممونىيلاردىن، فىلىستىيلەردىن ۋە ئامالەكلەردىن ئولجا ئالغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بېغىشلىدى. بۇلار زوباھنىڭ پادىشاھى رەھوبنىڭ ئوغلى ھادادئېزەردىن ئالغان ئولجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
12 即阿蘭、摩阿布、阿孟子民、培肋舍特人、阿瑪肋克和祚爾王勒曷布之子哈達德則爾的戰利品中所得,且已奉獻了的金銀,一同獻給了上主。
13 達味戰勝阿蘭人歸來時,在鹽谷又擊殺了一萬八千厄東人,他的聲譽就更大了。
داۋۇت سۇرىيلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، يەنى ئون سەككىز مىڭ ئادەمنى «شور ۋادىسى»دا ئۆلتۈرۈپ يانغاندا، ئۇنىڭ نام-داڭقى خېلى چىققانىدى.
14 他遂屯兵厄東,全厄東都臣服了達味;達味無論往那裏去,上主總是輔助他。
ئۇ ئېدومدا ئەسكەر بارگاھلىرىنى تۇرغۇزدى؛ پۈتۈن ئېدومدا بارگاھلارنى قۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئېدومىيلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا بېقىندى. داۋۇت قەيەرگە بارسا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا نۇسرەت بېرەتتى.
15 達味統治了全以色列,對自己所有的人民秉公行義。
داۋۇت پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈستىگە سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇ پۈتكۈل خەلقىنى سوراپ، ئادىل ھۆكۈملەر چىقىرىپ ئادالەت يۈرگۈزەتتى.
16 責魯雅的兒子約阿布統領軍隊,阿希路得的兒子約沙法特為後御史。
زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب قوشۇننىڭ سەردارى بولدى؛ ئاھىلۇدنىڭ ئوغلى يەھوشافات مىرزا بولدى؛
17 阿希突布的兒子匝多克及阿希默肋客的兒子厄貝雅塔爾作司祭,沙委沙作秘書,
ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوك بىلەن ئابىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك كاھىن بولدى؛ سېرايا دىۋان بېگى بولدى.
18 約雅達的兒子貝納雅管理革勒提和培肋提人;達味的兒子也作司祭。
يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەرنىڭ يولباشچىسى بولدى؛ داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرىمۇ كاھىن بولدى.

< 撒母耳記下 8 >