< 撒母耳記下 7 >

1 那時,君王住在宮殿裏,上主賜他安享太平,不為四周仇敵所侵擾,
پادىشاھ ئۆز ئوردىسىدا تۇراتتى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرىدىن ئارام بەرگەندىن كېيىن،
2 君王遂對納堂先知說:「請看,我住在香柏木的宮殿,而天主的約櫃卻在帳幕內。」
پادىشاھ ناتان پەيغەمبەرگە: مانا قارا، مەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئۆيدە ئولتۇرىمەن، لېكىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى بىر چىدىرنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ ــ دېدى.
3 納堂回答君王說:「你心內打算的,你全可照辦! 因為上主與你同在。」
ناتان پادىشاھقا جاۋاپ بېرىپ: كۆڭلۈڭدە نېمە ئويلىغىنىڭ بولسا، شۇنى قىلغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ بىلەن بىللىدۇر ــ دېدى.
4 但是,當夜就有上主的話傳於納堂說:「
لېكىن كېچىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ناتانغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى:
5 你去告訴我的僕人達味,上主這樣說:你要建築一座殿宇給我居住嗎﹖
ــ بېرىپ قۇلۇم داۋۇتقا دېگىن: «پەرۋەردىگار: ــ «سەن دەرۋەقە ماڭا تۇرىدىغانغا ئۆي سالماقچىمۇسەن؟» ــ دەيدۇ.
6 我自從埃及領以色列子民上來那一天起,直到今日,從沒有居住過殿宇,只隨帳棚和會幕漂泊。
ــ «مەن ئىسرائىللارنى مىسىردىن چىقارغاندىن تارتىپ، بۇ كۈنگىچە بىر ئۆيدە ئولتۇرمىدىم، بەلكى بىر چېدىرنى ماكان قىلىپ، كېزىپ يۈردۈم.
7 我與去色列子民同行時,我何嘗向我立為牧養我民以色列的一個民長說過:你們為什麼不為我建造一座香柏木的殿宇﹖
مەن ئۆزۈم بارلىق ئىسرائىللار بىلەن يۈرگەن ھەممە يەرلەردە، خەلقىم ئىسرائىلنى پادىچى بولۇپ بېقىشقا ئەمر قىلغانلارغا، يەنى ئىسرائىلنىڭ ھەرقانداق قەبىلىسىنىڭ بىر [يېتەكچىسىگە]: نېمىشقا ماڭا كېدىر ياغاچتىن بىر ئۆي ياسىمايسىلەر؟ ــ دەپ باققانمۇ؟
8 現在,你要對我的僕人達味說:萬軍的上主這樣說:是我揀選你離開牧場,離開放羊的事,作我民以色列的領袖。
ئەمدى قۇلۇم داۋۇتقا مۇنداق دېگىن: ــ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ سېنى خەلقىم ئىسرائىلغا باشلامچى قىلىپ تىكلەش ئۈچۈن سېنى يايلاقلاردىن، قوي بېقىشتىن ئېلىپ كەلدىم، ــ دەيدۇ،
9 你不論到那裏去,我總是偕同你,由你面前消滅你的一切仇敵;我要使你成名,像世上出名的大人物;
ــ ۋە مەيلى قەيەرگە بارمىغىن، مەن ھامان سېنىڭ بىلەن بىللە بولدۇم ۋە سېنىڭ ئالدىڭدىن بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى يوقىتىپ كەلدىم؛ يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغلار نام-شۆھرەتكە ئىگە بولغاندەك سېنى ئۇلۇغ نام-شۆھرەتكە سازاۋەر قىلدىم.
10 我要把我民以色列安置在一個地方,裁培他們,在那裏久住,再也不受驚恐,再也不像先前受惡人的欺壓,
مەن خەلقىم بولغان ئىسرائىلغا بىر جاينى بېكىتىپ، ئۇلارنى شۇ يەردە تىكىپ ئۆستۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز زېمىنىدا تۇرىدىغان، پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىمايدىغان بولىدۇ. رەزىللەر دەسلەپتىدىكىدەك، شۇنداقلا مەن خەلقىم ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ھاكىملارنى تەيىنلىگەن كۈنلەردىكىدەك، ئۇلارغا قايتىدىن زۇلۇم سالمايدۇ. مەن ھازىر ساڭا ھەممە دۈشمەنلىرىڭدىن ئارام بەردىم. ئەمدى مەنكى پەرۋەردىگار ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مەن سېنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆينى قۇرۇپ بېرىمەن!» ــ دەيدۇ.
11 有如自從我為我民以色列立了民長以來一樣;我要賜他們安寧,不受仇敵的騷擾。上主也告訴你:他要為你建立家室。
12 當你的日子滿期與你祖先長眠時,我必在你以後興起一個後裔,即你所生的兒子;我必鞏固他的王權。
«كۈنلىرىڭ توشۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭ بىلەن [ئۆلۈمدە] ئۇخلىغىنىڭدا، مەن ئۆز پۇشتىڭدىن بولغان نەسلىڭنى سېنىڭ ئورنۇڭدا تۇرغۇزۇپ، پادىشاھلىقىنى مەزمۇت قىلىمەن.
13 是他要為我的名建立殿宇;我要鞏固他的王位直到永遠。
مېنىڭ نامىم ئۈچۈن بىر ئۆينى ياسىغۇچى ئۇ بولىدۇ، ۋە مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى ئەبەدگىچە مۇستەھكەم قىلىمەن.
14 我要作他的父親,他要作我的兒子;若是他犯了罪,我必用人用的鞭,世人用的棍,來懲戒他;
مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۇ قەبىھلىك قىلسا، ئۇنىڭغا ئىنسانلارنىڭ تايىقى بىلەن ۋە ئادەم بالىلىرىنىڭ ساۋاق-دۇمبالاشلىرى بىلەن تەربىيە بېرىمەن.
15 但我決不由他收回我的恩情,就如在你以前由撒烏耳收回我的恩情一樣。
ئەمما مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ئۆرۈۋەتكەن سائۇلدىن مېھىر-شەپقىتىمنى جۇدا قىلغىنىمدەك، ئۇنىڭدىن مېھىر-شەپقىتىمنى جۇدا قىلمايمەن.
16 你的家室和王權,在我面前永遠存在,你的王位也永遠堅定不移。」
شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئۆيۈڭ ۋە سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ ئالدىڭدا ھەمىشە مەزمۇت قىلىنىدۇ؛ تەختىڭ ئەبەدگىچە مەزمۇت تۇرغۇزۇلىدۇ».
17 納堂便照這一切話,將整個啟示告訴了達味。
ناتان بۇ بارلىق سۆزلەر ۋە بارلىق ۋەھىينى ھېچنېمە قالدۇرماي، داۋۇتقا ئېيتىپ بەردى.
18 達味王就進去,端坐在上主面前說:「我主上主! 我是誰﹖我的家族又算什麼,你竟領我到了這個地步﹖
ئاندىن داۋۇت پادىشاھ كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئى، رەب پەرۋەردىگار، مەن زادى كىم ئىدىم، مېنىڭ ئۆيۈم نېمە ئىدى، سەن مېنى مۇشۇ دەرىجىگە كۆتۇرگۈدەك؟
19 我主上主! 這在你眼中還以為太小,而你又說明了你僕人的家族未來的遠景,並將此事顯示給我這個人,我主上主!
لېكىن، ئى رەب پەرۋەردىگار، [مېنىڭ بۇ مەرتىۋەم] سېنىڭ نەزىرىڭدە كىچىككىنە بىر ئىش ھېسابلاندى؛ چۈنكى سەن مەن قۇلۇڭنىڭ ئۆيىنىڭ يىراق كەلگۈسى توغرۇلۇق سۆزلىدىڭ؛ بۇ ھەممىلا ئادەمگە دائىم بولىدىغان ئىشمۇ، ئى، رەب پەرۋەردىگار؟
20 達味還對你說什麼﹖我主上主! 你認識你的僕人。
ئەمدى داۋۇت ساڭا يەنە نېمە دېسۇن؟ سەن ئۆز قۇلۇڭنى تونۇيسەن، ئى، رەب پەرۋەردىگار!
21 你為了你的預許,按照你的心意,成就了這些偉大的事,為叫你的僕人認識清楚。
سەن سۆز-ۋەدەڭ ۋەجىدىن، ئۆز كۆڭلۈڭدىكىگە ئاساسەن بۇ ئۇلۇغ ئىشنىڭ ھەممىسىنى قۇلۇڭ بىلسۇن دەپ بېكىتىپ قىلغانسەن.
22 我主上主! 為此,你是偉大的,沒有與你相似的;按照我耳所聽的,除了你以外,沒有別的神。
شۇڭا سەن ئۇلۇغسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ قۇلاقلىرىمىز بارلىق ئاڭلىغىنىدەك، سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوق، سەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر.
23 世上又那裏有一個民族能比得上你的民族以色列﹖天主親自去解救他們出來,作為自己的民族;為使他們成名,在你從埃及解救出來的人民前,行了大而可畏的奇事,驅除異民以及他們的神。
خەلقىڭ ئىسرائىلدەك يەنە باشقا بىر ئەل بارمۇ، ئۇلار جاھاندا ئالاھىدە تۇرىدۇ؟ ــ چۈنكى [سەن] خۇدا ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ ئۆزۈڭگە خاس بىر خەلق قىلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا نام-شۆھرەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئۆزۈڭ باردىڭ؛ سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن مىسىردىن، ئەللەردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىدىن قۇتقۇزۇپ چىققان خەلقىڭ ئالدىدا زېمىنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك ئىشلارنى قىلدىڭ.
24 你將你民以色列永遠堅定為你的民族,你,上主做了他們的天主。
سەن خەلقىڭ ئىسرائىلنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئەبەدگىچە بىر خەلق بولۇشقا بېكىتتىڭ؛ سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولدۇڭ.
25 我主上主! 現在,求你永遠堅持你論及你的僕人和他的家室所說的話,按照你所說的履行罷!
ئەمدى ھازىر، ئى پەرۋەردىگار خۇدا، ئۆز قۇلۇڭ ۋە ئۇنىڭ ئۆيى توغرىسىدا ئېيتقان ۋەدەڭگە ئەبەدگىچە مەزمۇت ئەمەل قىلغىن؛ سەن دېگەنلىرىڭ بويىچە ئىشنى ئادا قىلغايسەن!
26 願你的名永遠受尊崇! 人要說:萬軍的上主是以色列的天主! 願你僕人達味的家室,永遠堅家在你面前!
سېنىڭ نامىڭ ئەبەدگىچە ئۇلۇغلىنىپ: ــ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان خۇدادۇر، دەپ ئېيتىلسۇن، شۇنداقلا ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئۆي-سۇلالىسى سېنىڭ ئالدىڭدا مەزمۇت تۇرغۇزۇلسۇن.
27 萬軍的上主,以色列的天主! 因為你曾啟示你的僕人說:我要建立你的家室,因此,你的僕人纔敢在你面前向你如此祈禱。
چۈنكى سەن، ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۆز قۇلۇڭغا: مەن ساڭا بىر ئۆي-سۇلالە قۇرۇپ بېرىمەن، دەپ ۋەھىي قىلدىڭ؛ شۇڭا قۇلۇڭ بۇ دۇئانى سېنىڭ ئالدىڭدا قىلىشقا جۈرئەت قىلدى.
28 我主上主,惟有你是天主! 你的話是真理,是你向你僕人應許了這些恩惠。
ئەمدى سەن، ئى رەب پەرۋەردىگار، بىردىنبىر خۇدادۇرسەن، سېنىڭ سۆزلىرىڭ ھەقىقەتتۇر ۋە سەن بۇ بەخت-ئىلتىپاتنى ئۆز قۇلۇڭغا ۋەدە قىلدىڭ؛
29 求你如今就祝福你僕人的家室,使永遠你面前存立,因為是你,我主上主所預許的,因此,你僕人的家室,必因你的祝福永遠獲得祝福。」
شۇڭا قۇلۇڭنىڭ ئۆي-جەمەتىنى سېنىڭ ئالدىڭدا مەڭگۈ تۇرۇشقا نېسىپ قىلىپ بەرىكەتلىگەيسەن؛ چۈنكى سەن، ئى رەب پەرۋەردىگار، بۇنى ۋەدە قىلغانسەن؛ بۇ بەخت-ئىلتىپاتىڭ بىلەن ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئۆي-جەمەتى ئەبەدگىچە بەخت-ئىلتىپاتقا نېسىپ بولىدۇ».

< 撒母耳記下 7 >