< 撒母耳記下 13 >

1 此後,還發生了一件事:達味的兒子阿貝沙隆有個妹妹,名叫塔瑪爾,很是美麗,達味的兒子阿默農很愛她。
داۋۇتنىڭ ئوغلى ئابشالومنىڭ تامار دېگەن چىرايلىق بىر سىڭلىسى بار ئىدى. بۇ ئىشلاردىن كېيىن، داۋۇتنىڭ ئوغلى ئامنون ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالدى.
2 阿默農為了他妹妹塔瑪爾的緣故,竟憂愁悶成疾;因為她還是處女,所以在阿默農看來,對她行事幾乎不可能。
ئامنون سىڭلىسى تامارنىڭ ئىشقىدا شۇنچە دەرد تارتتىكى، ئۇ كېسەل بولۇپ قالدى. ئەمما تامار تېخى قىز ئىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئامنونغا ئۇنى بىر ئىش قىلىش مۇمكىن بولمايدىغاندەك كۆرۈندى.
3 阿默農有個朋友,名叫約納達布,是達味的兄弟史默亞的兒子。約納達布是一個很狡滑的人。
لېكىن ئامنوننىڭ يوناداب ئىسىملىك بىر دوستى بار ئىدى. ئۇ داۋۇتنىڭ ئاكىسى شىمېئاھنىڭ ئوغلى ئىدى. بۇ يوناداب تولىمۇ ھىيلىگەر بىر كىشى ئىدى.
4 他向阿默農說:「太子,為什麼你一天一天如此萎靡不振﹖你不肯告訴我嗎﹖」阿默農回答說:「我愛上我兄弟阿貝沙隆的妹妹塔瑪爾」。
ئۇ ئامنونغا: سەن پادىشاھنىڭ ئوغلى تۇرۇپ، نېمىشقا كۈندىن كۈنگە بۇنداق جۈدەپ كېتىسەن؟ قېنى، ماڭا ئېيتىپ بەر، دېدى. ئامنون ئۇنىڭغا: مەن ئىنىم ئابشالومنىڭ سىڭلىسى تامارغا ئاشىق بولدۇم، دېدى.
5 約納達布向他說:「你在躺床裝病,你父親來看你時,你就對他說:我很希望我的妹妹塔瑪爾來,給我準備食物,她要在我眼前準備,叫我看看著,並且由她手中取食。
يوناداب ئۇنىڭغا: سەن ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ، يېتىپ قالغان بولۇۋال؛ ئاتاڭ سېنى كۆرگىلى كەلگەندە ئۇنىڭغا: سىڭلىم تامار كېلىپ ماڭا تاماق بەرسۇن؛ ئۇنىڭ تاماق ئەتكىنىنى كۆرۈشۈم ئۈچۈن، ئالدىمدا تاماق ئېتىپ بەرسۇن، مەن ئۇنىڭ قولىدىن تاماق يەي، دەپ ئېيتقىن، دېدى.
6 阿默農就臥床裝病,君王來看他時,阿默農向君王說:「求你叫我妹妹塔瑪爾來,在我前做兩塊餅,好叫我從她手中取食」。
شۇنىڭ بىلەن ئامنون يېتىۋېلىپ ئۆزىنى كېسەل كۆرسەتتى. پادىشاھ ئۇنى كۆرگىلى كەلگەندە، ئامنون پادىشاھقا: ئۆتۈنىمەن، سىڭلىم تامار بۇ يەرگە كېلىپ، ماڭا ئىككى قوتۇرماچ تەييار قىلىپ بەرسۇن، ئاندىن مەن ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىپ يەي، دېدى.
7 達味就派人到塔瑪爾房中說:「請妳到妳哥哥房裏去,給他準備食物」。
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئوردىسىغا ئادەم ئەۋەتىپ تامارغا: سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، ئاكاڭ ئامنوننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا يېگۈدەك بىر نېمە تەييارلاپ بەرگىن، دەپ ئېيتتى.
8 塔瑪爾到了她哥哥阿默農房裏,他正躺在床上。她取了麵,在他眼前和好,烤成餅。
تامار ئامنوننىڭ ئۆيىگە باردى؛ ئۇ ياتقانىدى. ئۇ ئۇن ئېلىپ يۇغۇرۇپ، قوتۇرماچلارنى كۆز ئالدىدا ئەتتى.
9 她就拿過鍋來,在他面前將餅倒出,他卻推辭不吃。阿默農說:「妳叫眾人都由面前出去」。眾人就都由他面前出去了。
ئاندىن ئۇ قوتۇرماچنى قازاندىن ئېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى. لېكىن ئۇ يىگىلى ئۇنىمىدى؛ ئۇ: ــ ھەممە ئادەم مېنىڭ قېشىمدىن چىقىپ كەتسۇن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممە كىشىلەر ئۇنىڭ قېشىدىن چىقىپ كەتتى.
10 阿默農對塔瑪爾說:「妳給我把食物拿到內室來,好叫我由妳手中取食」。塔瑪爾拿著她做的餅,進了內室,送到她哥哥阿默農前。
ئاندىن ئامنون تامارغا: تائامنى ئىچكىرىكى ھۇجرىغا ئېلىپ كىرگىن، ئاندىن قولۇڭدىن ئېلىپ يەيمەن، ــ دېدى. تامار ئۆزى ئەتكەن قوتۇرماچنى ئىچكىرىكى ھۇجرىغا، ئاكىسى ئامنوننىڭ قېشىغا ئېلىپ كىردى.
11 她正遞給他時,他就抓住她說:「我的妹妹,來與我同寢! 」
تامار ئۇلارنى ئۇنىڭغا يېگۈزۈپ قويماقچى بولۇۋىدى، ئۇ ئۇنى تۇتۇۋېلىپ: ئى سىڭلىم، كەل! مەن بىلەن ياتقىن! دېدى.
12 她回答說:「我的哥哥! 不可這樣,不要作賤我! 在以色列不應作這樣 木事,不要作這愚蠢的事!
لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ياق، ئى ئاكا، مېنى نومۇسقا قويمىغىن! ئىسرائىلدا بۇنداق ئىش يوق! سەن بۇنداق پەسكەشلىك قىلمىغىن!
13 我帶著這恥辱到哪裏去呢﹖你在以色列也成了一個愚妄人。請你向君王說明,他決不會拒絕使我屬於你的! 」
مەن بۇ شەرمەندىچىلىكنى قانداقمۇ كۆتۈرۈپ يۈرەلەيمەن؟! سەن بولساڭ ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدىكى ئەخمەقلەردىن بولۇپ قالىسەن. ئۆتۈنۈپ قالاي، پەقەت پادىشاھقا دېسەڭلا، ئۇ مېنى ساڭا تەۋە بولۇشتىن توسىمايدۇ، ــ دېدى.
14 他卻不肯聽她的話,又比她有力,就強姦了她。
لېكىن ئۇ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. ئۇ ئۇنىڭدىن كۈچلۈك كېلىپ، ئۇنى زورلاپ ئاياغ ئاستى قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ياتتى.
15 事後,阿默農立即十分憎恨她,並且他如今對她的憎恨,遠超過以前對她的愛戀,就向她說:「起來,走吧! 」
ئاندىن ئامنون ئۇنىڭغا ئىنتايىن قاتتىق نەپرەتلەندى؛ ئۇنىڭ ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتى ئۇنىڭغا بولغان ئەسلىدىكى مۇھەببىتىدىن زىيادە بولدى. ئامنون ئۇنىڭغا: قوپۇپ، يوقال! ــ دېدى.
16 她答說:「我的哥哥,那不可以。氮趕我走,比你對我所行的,更為無理! 」他卻石聽從她,
تامار ئۇنىڭغا: ياق! مېنى ھەيدىگەن گۇناھىڭ سەن ھېلى ماڭا قىلغان شۇ ئىشتىن بەتتەردۇر، دېدى. لېكىن ئامنون ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى،
17 就叫服侍自己的僕人來,向他說:「把這女人從我這裏趕出去! 她走後,隨鎖上門! 」
بەلكى خىزمىتىدىكى ياش يىگىتنى چاقىرىپ: بۇ [خوتۇننى] ماڭا چاپلاشتۇرماي، سىرتقا چىقىرىۋەت، ئاندىن ئىشىكنى تاقاپ قوي، دېدى.
18 她那時穿著彩色長衣,因為君王的女兒,在未出嫁以前,昔日都是如此裝束。他的僕人將她趕出去,隨後鎖上了門。
تامار تولىمۇ رەڭدار بىر كۆڭلەك كىيگەنىدى؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ تېخى ياتلىق بولمىغان قىزلىرى شۇنداق كىيىم كىيەتتى. ئامنوننىڭ خىزمەتكارى ئۇنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئىشىكنى تاقىۋالدى.
19 塔瑪爾把灰撒在頭上,撕破自己所穿的彩色長衣,雙手抱著頭,一路邊哭邊走。
تامار بېشىغا كۈل چېچىپ، كىيگەن رەڭدار كۆڭلىكىنى يىرتىپ، قولىنى بېشىغا قويۇپ يىغلىغان پېتى كېتىۋاتاتتى.
20 她的哥哥阿貝沙隆問她說:「莫非妳的哥哥阿默農與妳同寢了﹖妹妹,暫且不要出聲,因為他是好的兄弟,不可把這事放在心上! 」塔瑪爾從此就憂悶不樂,住在她哥哥阿貝沙隆家裏。
ئاكىسى ئابشالوم ئۇنىڭغا: ئاكاڭ ئامنون سەن بىلەن ياتتىمۇ؟ ھازىرچە جىم تۇرغىن، سىڭلىم. ئۇ سېنىڭ ئاكاڭ ئەمەسمۇ؟ بۇ ئىشنى كۆڭلۈگگە ئالمىغىن، ــ دېدى. تامار ئاكىسى ئابشالومنىڭ ئۆيىدە كۆڭلى سۇنۇق ھالدا تۇرۇپ قالدى.
21 達味聽說了這一切事,十分生氣;怛他不願傷他兒子阿默農的心,因為他是長子,格外愛他。
داۋۇت پادىشاھمۇ بولغان بارلىق ئىشلارنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ئاچچىقلاندى.
22 至於,無論好話歹話,一句也不向阿默農說。他惱恨阿默農,因為他污辱了他妹妹塔瑪爾。
ئابشالوم بولسا ئامنونغا يا ياخشى، يا يامان ھېچ گەپ قىلمىدى. چۈنكى ئابشالوم سىڭلىسى تامارنى ئامنوننىڭ خورلىغانلىقىدىن ئۇنى ئۆچ كۆرەتتى.
23 過了兩年,當阿貝沙隆在厄弗辣因的巴耳哈祚爾剪羊毛的時節,阿貝沙隆邀請了君王所有的兒子。
تولۇق ئىككى يىل ئۆتۈپ، ئەفرائىمغا يېقىن بائال-ھازوردا ئابشالومنىڭ قىرقىغۇچىلىرى قويلىرىنى قىرقىۋاتاتتى؛ ئۇ پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى تەكلىپ قىلدى.
24 阿貝沙隆來到君王前說:「看,你的僕人剪羊毛的時節,請君王帶著臣僕都到你僕人那裏去! 」
ئابشالوم پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ: مانا قۇللىرى قويلىرىنى قىرقىتىۋاتىدۇ، پادىشاھ ۋە خىزمەتكارلىرىنىڭ سىلىنىڭ قۇللىرى بىلەن بىللە بېرىشىنى ئۆتۈنىمەن، ــ دېدى.
25 君王回答阿貝沙隆說:「我兒,不必如此! 我們不必都去麻煩你」。他雖然懇求,君王仍不願去,只祝福了他。
پادىشاھ ئابشالومغا: ياق، ئوغلۇم، بىز ھەممىمىز بارمايلى، ساڭا ئېغىرچىلىق چۈشۈپ قالمىسۇن، ــ دېدى. ئابشالوم شۇنچە دېسىمۇ، ئۇ بارغىلى ئۇنىمىدى، بەلكى ئۇنىڭغا ئامەت تىلىدى.
26 阿貝沙隆便說:「至少讓我的兄弟阿默農同我們一起去! 」君王回答說:「為什麼要他同你一起去﹖」
لېكىن ئابشالوم: ئەگەر بېرىشقا ئۇنىمىسىلا، ئاكام ئامنوننى بىز بىلەن بارغىلى قويسىلا، ــ دېدى. پادىشاھ ئۇنىڭدىن: نېمىشقا ئۇ سېنىڭ بىلەن بارىدۇ؟» ــ دەپ سورىدى.
27 阿貝沙隆還是再三懇求,達味便派阿默農和君王所有的兒子,同他一起去了。阿貝沙隆擺設筳席,好像御筳。
ئەمما ئابشالوم ئۇنى كۆپ زورلىغىنى ئۈچۈن ئۇ ئامنوننىڭ، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىشىغا قوشۇلدى.
28 阿貝沙隆吩咐僕人說:「你們要注意! 阿默農暢飲的時候,我向你們說:刺死阿默農! 你們就打死他,不要害怕,是我吩咐了你們,要大膽勇敢」。
ئابشالوم ئۆز غۇلاملىرىغا بۇيرۇپ: سەگەك تۇرۇڭلار، ئامنون شاراب ئىچىپ خۇش كەيپ بولغاندا، مەن سىلەرگە ئامنوننى ئۇرۇڭلار دېسەم، ئۇنى دەرھال ئۆلتۈرۈڭلار. قورقماڭلار! بۇلارنى سىلەرگە بۇيرۇغۇچى مەن ئەمەسمۇ؟ جۈرئەتلىك بولۇپ باتۇرلۇق كۆرسىتىڭلار ــ دېدى.
29 阿貝沙隆的僕人,就照他所吩咐的,對阿默農做了。君王所有的兒子遂起來,各自騎上騾子逃跑了。
شۇنىڭ بىلەن ئابشالومنىڭ غۇلاملىرى ئامنونغا ئابشالوم ئۆزى بۇيرۇغاندەك قىلدى. شۇئان پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرى قوپۇپ، ھەر بىرى ئۆز قېچىرىغا مىنىپ قاچتى.
30 他們還在路上,消息已傳到達味前說:「阿貝沙隆殺了君王所有的兒子,沒有一個幸免」。
شۇنداق بولدىكى، ئۇلار تېخى يولدا قېچىپ كېتىۋاتقاندا، «ئابشالوم پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈردى. ئۇلارنىڭ ھېچ بىرى قالمىدى» دېگەن خەۋەر داۋۇتقا يەتكۈزۈلدى.
31 君王便起來,撕裂了自己的衣服,俯伏在地;他身邊的臣僕,也都撕裂了自己的衣服。
پادىشاھ قوپۇپ كىيىملىرىنى يىرتىپ يەردە دۈم ياتتى؛ ئۇنىڭ ھەممە قۇل-خىزمەتكارلىرى بولسا كىيىملىرى يىرتىق ھالدا يېنىدا تۇراتتى.
32 達味的兄弟史默亞的兒子說道:「我主不要想:所有的青年,君王所有兒子都被殺了;其實只有阿默農一人死了。自從阿默農污辱了他的妹妹塔瑪爾那日起,阿貝沙隆就決定了這事。
ئەمما داۋۇتنىڭ ئاكىسى شىمېئاھنىڭ ئوغلى يوناداب ئۇنىڭغا: ــ غوجام، ئۇلار پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى بولغان ھەممە يىگىتلەرنى ئۆلتۈردى، دەپ خىيال قىلمىسىلا. چۈنكى پەقەت ئامنون ئۆلدى؛ ئۇ ئىش ئامنوننىڭ ئابشالومنىڭ سىڭلىسى تامارنى خار قىلغان كۈندىن باشلاپ ئابشالومنىڭ ئاغزىدىن چىقارمىغان نىيىتى ئىدى.
33 主君王,且不要將這事放在心上,以為君王所有的兒子都死了,因為只有阿默農一人死了」。
ئەمدى غوجام پادىشاھ «پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرى ئۆلدى» دېگەن ئويدا بولۇپ كۆڭۈللىرىنى بىئارام قىلمىسىلا. چۈنكى پەقەت ئامنونلا ئۆلدى ــ دېدى.
34 逃走了。守衛的僕人舉目一望,看見在往曷洛納因山坡的路上,有一大群人下來。守衛的就去報告君王說:「我看見一群人,從曷洛納因山坡的路上下來了」。
ئابشالوم بولسا قېچىپ كەتكەنىدى. [يېرۇسالېمدىكى] كۆزەتچى غۇلام قارىۋىدى، مانا، غەرب تەرىپىدىن تاغنىڭ يېنىدىكى يول بىلەن نۇرغۇن ئادەملەر كېلىۋاتاتتى.
35 約納達布就向君王說:「看,執行的兒子回來了,正如你僕人所說的,現在實現了」。
يوناداب پادىشاھقا: مانا، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى كەلدى. دەل قۇللىرى دېگەندەك بولدى ــ دېدى.
36 他剛說完這話,君王的兒子都來到了,放聲大哭;君王和眾臣僕也都號咷痛哭。
سۆزىنى تۈگىتىپ تۇرىۋىدى، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى كېلىپ قاتتىق يىغا-زار قىلدى. پادىشاھ بىلەن خىزمەتكارلىرىمۇ قاتتىق يىغلاشتى.
37 同時,阿貝沙隆逃到革叔爾王阿米胡得的兒子塔取買那裏去了。君王天天哀悼自己的兒子。
لېكىن ئابشالوم بولسا گەشۇرنىڭ پادىشاھى، ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى تالماينىڭ قېشىغا باردى. داۋۇت ئوغلى ئۈچۈن ھەر كۈنى ھازا تۇتۇپ قايغۇردى.
38 阿貝沙隆逃到革叔爾,在那裏住了三年。
ئابشالوم قېچىپ، گەشۇرغا بېرىپ ئۇ يەردە ئۈچ يىل تۇردى.
39 此時,君王的心漸漸不再惱怒阿貝沙隆,對阿默農的死,也不再難過了。
داۋۇت پادىشاھنىڭ قەلبى ئابشالومنىڭ يېنىغا بېرىشقا ئىنتىزار بولدى؛ چۈنكى ئۇ ئامنونغا نىسبەتەن تەسەللى تاپقانىدى، چۈنكى ئۇ ئۆلگەنىدى.

< 撒母耳記下 13 >