< 列王紀下 4 >

1 有一個先知弟子的妻子,前來哀求厄里叟說:「你的僕人,我的丈夫死了,你知道你的僕人是一個敬畏上主的人;現在債主前來,要帶走我的兩個孩子,作他的奴隸。」
پەيغەمبەر شاگىرتلىرىدىن بىرىنىڭ تۇل قالغان خوتۇنى ئېلىشاغا پەرياد قىلىپ: سېنىڭ قۇلۇڭ بولغان مېنىڭ ئېرىم ئۆلۈپتۇ. بىلىسەنكى، سېنىڭ قۇلۇڭ پەرۋەردىگاردىن قورققان ئادەم ئىدى. ئەمدى قەرز ئىگىسى مېنىڭ ئىككى ئوغلۇمنى قۇللۇققا ئالغىلى كەلدى.
2 厄里叟對她說:「我能為你做什麼﹖你告訴我:你家裏還有什麼﹖」她答說:「你的婢女家裏除一瓶油外,什麼也沒有。」
ئېلىشا ئۇنىڭدىن: سېنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلاي؟ دېگىنە، ئۆيۈڭدە نېمەڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: دېدىكىڭنىڭ ئۆيىدە كىچىك بىر كوزا مايدىن باشقا ھېچنەرسە يوق، ــ دېدى.
3 厄里叟說:「你去,到外面向你所有的鄰居借些空器皿,不要少借;
ئۇ: بېرىپ ھەممە قوشنىلىرىڭدىن چۆگۈن-كوزا، يەنى بوش چۆگۈن-كوزىلارنى ئۆتنە ئالغىن، ئۇلار ئاز بولمىسۇن.
4 然後回家,關上門,你和你的兒子在家裏,將油倒在所有的那些器皿內,把裝滿了的,放在一邊。」
ئاندىن ئۆزۈڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭ ئۆيگە كىرگىن، ئىشىكنى يېپىپ ھەممە چۆگۈن-كوزىلارغا ماي قاچىلىغىن. توشقانلىرىنى بىر چەتكە ئېلىپ قويغىن، ــ دېدى.
5 她於是辭別厄里叟,回去照辦。她和她的兒子關上門,兒子給她遞器皿,她只顧倒油,
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ ئوغۇللىرى بىلەن ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى ياپتى. ئوغۇللىرى چۆگۈن-كوزىلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەندە، ئۇ ماي قۇيدى.
6 器皿都裝滿了,她對兒子說:「再遞給我器皿! 」兒子答說:「沒有了。」同時油也止住了。
ۋە شۇنداق بولدىكى، چۆگۈن-كوزىلارنىڭ ھەممىسى تولغاندا ئۇ ئوغلىغا: يەنە بىر كوزا ئېلىپ كەل، دېدى. ئەمما ئوغلى: ئەمدى كوزا قالمىدى، دېدى. ئۇ ۋاقىتتا ماي توختاپ قالدى.
7 婦人就去告訴天主的人。厄里叟對她說:「你去把油賣了,還了你的債;剩下的,你和你的兒子可用來過活。」
ئەمدى ئۇ بېرىپ خۇدانىڭ ئادىمىگە خەۋەر يەتكۈزدى. ئۇ: بېرىپ ماينى سېتىۋەت، قەرزىڭنى تۈگەتكىن؛ ئاندىن قالغان پۇل بىلەن ئۆزۈڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ جېنىنى بېقىڭلار، دېدى.
8 有一天,厄里叟路過叔能,那裏有一個富貴的婦人,曾挽留他吃飯;因此,厄里叟每次路過那裏,總到她家裡吃飯。
بىر كۈنى ئېلىشا شۇنەم شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە بىر باي ئايال بار ئىدى ۋە ئۇ ئۇنى ئۆز ئۆيىدە تاماققا تۇتۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقاچان ئۇ يەردىن ئۆتۈپ ماڭسا، ئۇ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ غىزالىناتتى.
9 婦人對丈夫說:「現在我看出:這個時常路過我們這裏的天主的人,是位聖者。
بىر كۈنى ئۇ ئۆز ئېرىگە: بۇ يەردىن دائىم ئۆتىدىغان كىشى خۇدانىڭ بىر مۇقەددەس ئادىمى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم.
10 我們可以在房頂上,給他蓋一間小房,裏面放一張床,一張桌子,一把椅子和一盞燈;這樣,他幾時來到我們這裏,可在那裏休息。」
بىز ئۆگزىدە ئۇنىڭغا بىر كىچىكرەك ئۆي سالايلى. ئۇنىڭغا ئۆيدە كارىۋات، شىرە، ئورۇندۇق ۋە چىراغدان تەييارلاپ بېرەيلى؛ ۋە شۇنداق بولسۇنكى، ئۇ قاچانلا يېنىمىزغا كەلسە شۇ ئۆيدە تۇرسۇن، ــ دېدى.
11 一天,厄里叟又到了那裏,就進入那間小房休息。
ئەمدى پەيغەمبەر بىر كۈنى ئۇ يەرگە كەلگەندە، شۇ بالىخانىغا كىرىپ يېتىپ قالدى.
12 厄里叟吩咐自己的僕人革哈齊說:「你叫這位叔能婦人來。」僕人叫了婦人來,婦人站在先知面前,
ئۇ ئۆز خىزمەتكارى گەھازىغا: سەن ئۇ شۇنەملىك ئايالنى چاقىرغىن، دېدى. ئۇ ئۇنى چاقىرغاندا، ئايال ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى.
13 厄里叟吩咐僕人說:「現在你對她說:看,你照顧我們既然這樣周到,我們可為你作什麼呢﹖要不要我們在君王或軍長前為你說句話﹖」那婦人答說:「我住在我本國人民中很平安。」
پەيغەمبەر خىزمەتكارىغا: سەن ئۇنىڭغا: «سىلى بىزنىڭ غېمىمىزنى يەپ مۇشۇنداق ئۆزلىرىنى كۆپ ئاۋارە قىلدىلا؛ مەن سىلى ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەي؟ پادىشاھقا ياكى قوشۇن سەردارىغا بىرەر تەلەپلىرىنى يەتكۈزەيمۇ؟» ــ دېگىن، دېدى. ئايال بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئۆز خەلقىم ئارىسىدا ياشاۋاتىمەن، بولدى! دېدى.
14 厄里叟就問革哈齊:「我們究竟能為她作什麼﹖」革哈齊說:「可憐她沒有兒子,丈夫又老了。」
ئەمدى ئېلىشا گەھازىدىن، ئۇنىڭغا نېمە قىلىپ بېرىش كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى. گەھازى: ئۇنىڭ ئوغۇل بالىسى يوق ئىكەن، ۋە ئېرىمۇ قېرى ئىكەن، دېدى.
15 厄里叟說:「快再叫她來! 」僕人又將婦人叫來,這次她卻站在門口,
ئۇ: ئۇنى چاقىرغىن، دېدى. ئايالنى چاقىرىۋىدى، ئايال ئىشىككە كېلىپ تۇردى.
16 厄里叟對她說:「明年這時,你必懷抱著一個兒子。」婦人答說:「我主,天主的人哪! 不會! 你別哄騙你的婢女! 」
پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: كېلەر يىلى تەخمىنەن مۇشۇ ۋاقىتتا قۇچاقلىرىدا بىر ئوغۇللىرى بولىدۇ، دېدى. ئۇ: ياق، ئى غوجام! ئى خۇدانىڭ ئادىمى، دېدىكىڭگە يالغان ئېيتمىغىن، دېدى.
17 這婦人果然懷了孕;過了一年,在厄里叟對她所說的時候,生了一個兒子。
ئەمدى ئېلىشا ئۇنىڭغا دېگەندەك ئۇ ئايال ھامىلىدار بولۇپ، ئىككىنچى يىلى بېكىتىلگەن ۋاقىتتا ئوغۇل تۇغدى.
18 孩子漸漸長大,一天,他出去到收割的人那裏找他父親,
بالا ئۆسۈپ چوڭ بولدى. بىر كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئاتىسى بار يەرگە، ئورمىچىلارنىڭ قېشىغا چىقىپ كەتتى.
19 孩子忽然對他父親喊說:「我的頭! 我的頭啊!」他父親吩咐僕人說:「把孩子送到他母親那裏去! 」
ئۇ ئاتىسىغا: ۋاي بېشىم، ۋاي بېشىم، دەپ ۋايسىدى. ئۇ خىزمەتكارىغا، ئۇنى ئانىسىنىڭ قېشىغا ئېلىپ بارغىن، دېدى.
20 僕人將他抱起,送給他母親,孩子坐在母親膝上,到了中午,就死了。
ئۇ ئۇنى كۆتۈرۈپ ئانىسىنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويدى. بالا ئانىسىنىڭ ئېتىكىدە چۈشكىچە ئولتۇردى، ئاندىن ئۆلۈپ قالدى.
21 他母親遂上了樓,將孩子放在天主的人的床上,關上門,出來,
ئاندىن ئانىسى چىقىپ، ئۇنى خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ ئۆيىدىكى كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويۇپ، ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى.
22 叫自己的丈夫來說:「請你給我派一個僕人,牽一匹驢來,我要快去見見天主的人,就回來。」
ئۇ ئېرىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: غۇلاملاردىن بىرىنى ماڭدۇرغىن، ئۇ بىر ئېشەكنى ئېلىپ كەلسۇن؛ مەن ئۇنى چاپتۇرۇپ، خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قېشىغا دەرھال بېرىپ كېلەي، دېدى.
23 她丈夫說:「為什麼今天要去見他,既不是朔日,又不是安息日﹖」婦人答說:「你放心好了! 」
ئېرى ئۇنىڭغا: نېمىشقا ئۇنىڭ قېشىغا بۈگۈن بارىسەن؟ بۈگۈن يا يېڭى ئاي يا شابات كۈنى بولمىسا، دېدى. ئايالى ئۇنىڭغا، ھەممە ئىش تىنچلىق ــ دېدى.
24 於是,她把驢備好,對僕人說:「你快趕著走,我若不吩咐,在路上不要停下來。」
ئۇ ئېشەكنى توقۇتۇپ غۇلامىغا: ئىتتىك ھەيدەپ ماڭ؛ مەن دېمىگۈچە توختىمىغىن، دېدى.
25 婦人於是來到加爾默耳山見天主的人。天主的人自遠處看見她,就對自己的僕人革哈齊說:「看,那是叔能婦人!
شۇنىڭ بىلەن ئۇ كارمەل تېغىغا بېرىپ خۇدانىڭ ئادىمى ئالدىغا كەلدى. ۋە شۇنداق بولدىكى، خۇدانىڭ ئادىمى ئۇنى يىراقتىنلا كۆرۈپ ئۆز خىزمەتكارى گەھازىغا: مانا شۇنەملىك ئايال كېلىۋاتىدۇ؛
26 現在你跑去迎接她,向她問安說:你好嗎﹖你的丈夫好嗎﹖你的孩子好嗎﹖」她回答說:好。」
سەن ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭدىن: سىلى تىنچلىقمۇ؟ ئەرلىرى تىنچلىقمۇ؟ بالىلىرى تىنچلىقمۇ؟» ــ دەپ سورىغىن، دېدى. ــ ھەممە ئىش تىنچلىق، دەپ ئېيتتى ئايال.
27 婦人上到山上,來到天主的人跟前,就抱住他的腳;革哈齊前來想推開她,可是天主的人說:「由她罷! 因為她心中很痛苦;上主隱瞞了我,什麼也沒有告訴我。」
ئەمدى تاغقا چىقىپ خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئۇ ئۇنىڭ پۇتلىرىنى قۇچاقلىدى. گەھازى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى ئىتتىرىۋەتمەكچى بولدى؛ لېكىن خۇدانىڭ ئادىمى: ــ ئۇنى ئۆز ئىختىيارىغا قويغىن؛ چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن سۇنۇق ۋە پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى ماڭا دېمەي يوشۇرۇپتۇ، دېدى.
28 那婦人說:「我何嘗向我主求過一個兒子﹖我豈不是說過:你不要哄騙我嗎﹖」
ئايال: مەن غوجامدىن بىر ئوغۇل تىلىدىممۇ؟ ماڭا يالغان سۆز قىلمىغىن، دەپ سەندىن ئۆتۈنمىدىممۇ؟ ــ دېدى.
29 厄里叟對革哈齊說:「你束上腰,手裏拿著我的棍杖前去;不論遇見誰,不要向他請安;不論誰向你請安,你也不要回答。你去把我的棍杖放在孩子的臉上。」
پەيغەمبەر گەھازىغا: ــ بېلىڭنى چىڭ باغلاپ، مېنىڭ ھاسامنى ئېلىپ ماڭغىن. بىرسىگە ئۇچرىساڭ، ئۇنىڭغا سالام قىلمىغىن، بىرسى ساڭا سالام قىلسا، سەن ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگىن. مېنىڭ ھاسامنى بالىنىڭ يۈزىگە قويغىن، دېدى.
30 孩子的母親說:「我指著永生的上主及你的性命起誓:你不去,我決不離開。」厄里叟就起身跟她去了。
بالىنىڭ ئانىسى: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن ۋە سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەندىن ئايرىلمايمەن، دېدى. ئېلىشا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى.
31 革哈齊在他們以前去了。將棍杖放在孩子的臉上,但是沒有聲音,沒有反應;他便回來見厄里叟,告訴他說:「孩子沒有醒來。」
گەھازى ئۇلاردىن بۇرۇن بېرىپ ھاسىسىنى بالىنىڭ يۈزىگە قويغانىدى. ئەمما ھېچ ئاۋاز ياكى تىۋىش چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېنىپ ئېلىشانىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: بالا ئويغانمىدى، دېدى.
32 厄里叟一來到她家,看見孩子死了,躺在自己的床上,
ئېلىشا ئۆيگە كېلىپ قارىسا، مانا، بالا ئۇنىڭ كارىۋىتىدا ئۆلۈك ياتاتتى.
33 就進去,關上門,房內只有他和孩子;先知哀求了上主,
ئۇ بالا بىلەن ئۆزىنى ئايرىم قالدۇرۇپ، ئىشىكنى يېپىۋېتىپ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى.
34 然後上床,伏在孩子身上,自己的口對住孩子的口,自己的眼對住孩子的眼,自己的手按住孩子的手,屈身伏在孩子身上,孩子的肉身便漸漸溫暖了。
ئاندىن ئۇ كارىۋاتقا چىقىپ بالىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى قويۇپ ئاغزىنى ئۇنىڭ ئاغزىغا، كۆزلىرنى ئۇنىڭ كۆزلىرىگە، قوللىرىنى ئۇنىڭ قوللىرىغا يېقىپ ياتتى. شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ بەدىنى ئىسسىشقا باشلىدى.
35 然後他下來,在屋內來回走了一趟;又上去,屈身伏在孩子身上,對著孩子呵了七口氣,孩子就睜開了眼睛。
ئۇ چۈشۈپ ئۆيدە ئۇ ياق-بۇ ياققا مېڭىپ ئاندىن يەنە كارىۋاتقا چىقىپ يەنە بالىنىڭ ئۈستىگە ئېگىلدى. ئۇ ۋاقىتتا بالا يەتتە قېتىم چۈشكۈردى، ئاندىن كۆزلىرىنى ئاچتى.
36 厄里叟叫革哈齊來,對他說:「你叫叔能婦人來。」他便去叫那婦人,婦人就來了。厄里叟說:「抱起你的孩子來! 」
پەيغەمبەر گەھازىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: شۇنەملىك ئايالنى چاقىرغىن، دېدى. ئۇ ئۇنى چاقىرىپ قويدى. ئۇ ئېلىشانىڭ يېنىغا كەلگەندە. ئۇ ئۇنىڭغا: ئوغۇللىرىنى كۆتۈرۈپ ئالسىلا، دېدى.
37 婦人一進來,就俯伏在他腳前,叩首至地;然後起來,抱起自己的孩子出去了。
ئۇ ئۆيىگە كىرىپلا ئۇنىڭ ئايىغى ئالدىغا يىقىلىپ دۈم ياتتى، بېشى يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلدى. ئاندىن ئۆز ئوغلىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتتى.
38 厄里叟又來到基貝加耳,那地方正遭受肌荒;眾先知的弟子坐在他面前,他吩咐自己的僕人說:「你在火上放一個火鍋,給眾先知的弟子煮些菜湯。」
ئېلىشا گىلگالغا يېنىپ باردى. شۇ چاغدا يۇرتتا ئاچارچىلىق بولغانىدى. پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرى ئېلىشانىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا ئۇ ئۆز خىزمەتكارىغا: سەن چوڭ قازاننى ئېسىپ پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىغا شورپا پىشۇرۇپ بەرگىن، دېدى.
39 有一個弟子出去到田間採菜,看見一棵葡萄樹,從上面採了一滿兜野果子回來,切碎放在菜鍋裏,並不知道是什麼東西。
ئۇلاردىن بىرسى ئوتياش تەرگىلى دالاغا چىقىپ ياۋا قاپاق پېلىكىنى تېپىپ، ئۇنىڭدىن ياۋا قاپاق ئۈزۈپ ئېتىكىنى تولدۇرۇپ كېلىپ، توغراپ قازانغا سالدى؛ چۈنكى ئۇلار بۇلارنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.
40 以後,他們把菜湯倒出來給眾人吃。眾人一嘗菜湯,都喊叫說:「天主的人,鍋裏有致死的毒物啊! 」眾人都不能吃。
ئاندىن ئۇلار يەڭلار دەپ ئادەملەرگە ئۇسۇپ بەردى. لېكىن ئۇلار تاماقنى يېگىلى باشلىغاندا: ئى خۇدانىڭ ئادىمى، قازاندا ئۆلۈم بار، دەپ ۋارقىراشتى. ھېچكىم ئۇنىڭدىن يېيەلمىدى.
41 那時厄里叟說:「拿點麵來! 」他把麵撒在鍋裏說:「倒出來給眾人吃罷! 」鍋裏就再沒有什麼毒了。
ئېلىشا: ئازراققىنە ئۇن ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. ئۇ شۇنى قازانغا تاشلاپ: خەلققە ئۇسۇپ بەرگىن، يېسۇن، دېدى. ۋە مانا، قازاندا ھېچ زەھەر قالمىدى.
42 有一個人從巴耳沙里來,在自己的行囊裏,給天主的人帶來了初熟大麥作的二十個餅和一些新麥穗。厄里叟說:「分給眾人吃罷! 」
ئەمدى بائال-شالىشاھدىن بىر ئادەم كېلىپ، خۇدانىڭ ئادىمىگە ئارپا ھوسۇلىنىڭ تۇنجى مېۋىسىدىن ئاش-نان، يەنى يىگىرمە ئارپا ناننى ۋە بىر خالتا كۆك باشنى ئېلىپ كېلىۋىدى، ئۇ: خەلققە يېگىلى ئالدىغا قويغىن، دېدى.
43 僕人說:「我怎能將這一點東西擺在一百人面前呢﹖」厄里叟說:「你儘管分給中人吃,因此上主這樣說:眾人吃了,還有剩餘。」
ئۇنىڭ خىزمەتكارى: شۇنى بىر يۈز ئادەمنىڭ ئالدىدا قانداق قويالايمەن؟ دېدى. ئېلىشا: خەلققە يېگىلى بەرگىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار يەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالىدۇ، دېدى.
44 於是僕人將食物擺在眾人面前,他們都吃了,並且還有剩餘,全應驗了上主的話。
شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا قويدى؛ ئۇلار يېدى ۋە دەل پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك، ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالدى.

< 列王紀下 4 >