< 撒母耳記上 12 >

1 撒慕爾對全以色列人說:「看,我全聽從了你們向我所說的話,立了一位君王管理你們。
سامۇئىل پۈتكۈل ئىسرائىلغا: ــ مانا، مەن سىلەرنىڭ بارلىق ئېيتقان سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ ئۈستۈڭلارغا بىر پادىشاھ قويدۇم؛
2 從此以後,有君王領導你們。至於我,我已老了,頭髮也白了;不過我的兒子還同你們在一起。我從小直到今天,常在你們面往來。
مانا ئەمدى پادىشاھ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا يۈرمەكتە، مەن بولسام قېرىپ بېشىم ئاقاردى؛ مانا، مېنىڭ ئوغۇللىرىممۇ ئاراڭلاردا تۇرىدۇ. ياشلىقىمدىن تارتىپ بۇ كۈنگىچە سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا مېڭىپ كەلدىم.
3 看,我在這裏,請你們在上主面前,在他受傅者面前答覆我:我奪過誰的牛,或奪過誰的驢﹖我壓迫過誰,或虐待過誰﹖從誰手裏接受過掩人耳目的賄賂﹖若有,我必歸還你們。」
مانا بۇ يەردە تۇرۇپتىمەن. پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇنىڭ مەسىھ قىلىنغىنىنىڭ ئالدىدا ماڭا ئەرزىڭلار بولسا دەۋېرىڭلار؛ كىمنىڭ ئۇيىنى تارتىۋالدىم؟ كىمنىڭ ئېشىكىنى تارتىۋالدىم؟ كىمنىڭ ھەققىنى يېدىم؟ كىمگە زۇلۇم قىلدىم؟ ياكى مەن كۆزۈمنى كور قىلىش ئۈچۈن كىمدىن پارا ئالدىم؟ شۇنداق بولسا دەڭلار، ۋە مەن ئۇنى سىلەرگە تۆلەپ بېرىمەن، دېدى.
4 他們答說:「你總沒有壓迫或虐待過我們,也沒有從任何人手裏接受過什麼。」
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ سەن بىزنىڭ ھەققىمىزنى يېمىدىڭ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمىدىڭ ۋە ھېچ كىشىنىڭ قولىدىن بىرەر نەرسىنىمۇ ئېلىۋالمىدىڭ، دېدى.
5 他又對他們說:「上主給你們作證,受傅者今日也作證:你們在我手中沒有找出什麼。」他們答說:「可以作證。」
ئۇ ئۇلارغا: ــ مەندە ھېچ ھەققىڭلار قالمىغانلىقىغا پەرۋەردىگار سىلەرگە گۇۋاھ بولۇپ ۋە ئۇنىڭ مەسىھ قىلغىنى ھەم بۈگۈن گۇۋاھچى بولسۇن، دېۋىدى، ئۇلار: ــ ئۇ گۇۋاھتۇر، دېدى.
6 撒慕爾又對百姓說:「作見證的,是興起梅瑟和亞郎,並領你們祖先從埃及地上來的上主。
سامۇئىل خەلققە مۇنداق دېدى: «مۇسا بىلەن ھارۇننى تىكلەپ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغۇچى بولسا پەرۋەردىگاردۇر.
7 現今你們要前來,我要在上主面前使你們認清,上主向你們和你們祖先所施行的一切恩惠:
ئەمدى ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا يۈرگۈزگەن ھەققانىي ئەمەللىرىنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا قويۇشقا سۆز قىلاي.
8 當雅各伯和他的兒子來到埃及時,埃及人壓迫他們,你們的祖先就向上主哀號,上主遂派遺梅瑟和亞郎領你們的祖先離開了埃及,使他們住在這個地方。
ياقۇپ مىسىرغا كىرگەندىن كېيىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلار پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلغاندا، پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇننى ئەۋەتتى. ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىردىن چىقىرىپ بۇ يەردە ئولتۇراقلاشتۇردى.
9 但他們忘卻了上主他們的天主,他就將他們交在哈祚爾的元帥息色辣手中、培肋舍特人手中和摩阿布王手中,使這些人攻打他們。
ئەمما ئۇلار ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇدى؛ شۇڭا ئۇ ئۇلارنى ھازورنىڭ قوشۇنىدىكى سەردار سىسېرانىڭ قولىغا، فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا ھەم موئابنىڭ پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى؛ بۇلار ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىشتى.
10 他們就呼求上主說:我們犯了罪,離棄了上主,事奉了巴耳和阿市托勒特諸神;如今求你救我們脫離我們敵人的手,我們願事奉你。
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: «بىز گۇناھ قىلىپ پەرۋەردىگارنى تاشلاپ بائاللار ۋە ئاشتاروتلارنىڭ ئىبادىتىدە بولدۇق؛ ئەمما ئەمدى بىزنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغىن، بىز ساڭا ئىبادەت قىلىمىز» دېدى.
11 上主就派耶魯巴耳、巴辣克、依弗大和三松,從你們四圍敵人的手中拯救了你們,你們纔得安居。
ۋە پەرۋەردىگار يەرۇببائال، بېدان، يەفتاھ ۋە سامۇئىلنى ئەۋەتىپ، ئەتراپىڭلاردىكى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدىن سىلەرنى قۇتقۇزدى، شۇنىڭ بىلەن تىنچ-ئامان تۇرۇۋاتقانىدىڭلار.
12 當你們看見阿孟子民的君王納哈王來攻打你們時,曾對我說:不,我們要有一位君王來管理我們,──雖然上主你們的天主原是你們的君王。
لېكىن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۆزى پادىشاھىڭلار بولسىمۇ، ئامموننىڭ پادىشاھى ناھاشنىڭ سىلەرگە قارشى قوپقىنىنى كۆرگىنىڭلاردا سىلەر: ياق! بىر پادىشاھ ئۈستىمىزگە سەلتەنەت قىلسۇن دەپ ماڭا ئېيتتىڭلار.
13 現今,看,你們所揀選,所要求的君王;看,上主立了一位君王管理你們。
ئەمدى سىلەر خالاپ تاللىغان، سىلەر تىلىگەن پادىشاھقا قاراڭلار؛ مانا، پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا بىر پادىشاھ قويدى.
14 若是你們敬畏上主,事奉上主,聽從他的話,不背叛上主的命令;若是你們和管理你們的君王,隨從上主你們的天主,便可生存。
ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاقلىرىڭلارنى سېلىپ، ئۇنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلمىساڭلار، سىلەر ھەم ئۈستۈڭلاردا سەلتەنەت قىلغان پادىشاھ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا ئەگەشسەڭلار، ئەمدى سىلەرگە ياخشى بولىدۇ.
15 倘若你們不聽從上主的話,背叛上主的命令,上主的手必要與你們和你們的君王作對。
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قارشى بولغاندەك سىلەرگىمۇ قارشى بولىدۇ.
16 現今你們前來,看上主在你們眼前要作的這偉大的奇事。
ئەمدى تۇرۇڭلار، پەرۋەردىگار كۆزلىرىڭلارنىڭ ئالدىدا قىلىدىغان ئۇلۇغ كارامەتنى كۆرۈڭلار!
17 現今不是收割麥子的季節嗎﹖但是我要呼求上主打雷下雨,使你們明白,也看出:你們要求一位君王,是行了上主眼中多麼可惡的事。」
بۈگۈن بۇغداي ئورىدىغان ۋاقىت ئەمەسمۇ؟ مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلاي، ئۇ گۈلدۈرماما بىلەن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ بىر پادىشاھ تىلىگىنىڭلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە زور رەزىللىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىسىلەر».
18 撒慕爾呼籲了上主,上主就在那天打雷下雨;全民眾對上主和撒慕爾很是害怕,
ئاندىن سامۇئىل پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار شۇ كۈنى گۈلدۈرماما بىلەن يامغۇر ياغدۇردى. خەلق پەرۋەردىگاردىن ۋە سامۇئىلدىن بەك قورقتى.
19 都對撒慕爾說:「你為你的僕人們轉求上主你的天主,別使我們死了,因為在我們一切罪惡之上,又加了一個為我們要求君王的罪過。」
خەلقنىڭ ھەممىسى سامۇئىلغا: ــ خۇدايىڭ پەرۋەردىگارغا بىزنى ئۆلمىسۇن دەپ كەمىنىلىرىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلغىن؛ چۈنكى ھەممە گۇناھلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە يەنە يامانلىق ئاشۇرۇپ ئۆزىمىزگە بىر پادىشاھ تىلىدۇق، دېدى.
20 撒慕爾對民眾說:「你們不必害怕;你們固然犯了這一切罪過,但決不要遠離上主,反而要全心事奉上主。
سامۇئىل خەلققە مۇنداق دېدى: ــ قورقماڭلار؛ سىلەر دەرۋەقە بۇ ھەممە رەزىللىكنى قىلغانسىلەر، لېكىن ئەمدى پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن چەتنىمەي، پۈتكۈل كۆڭۈللىرىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار؛
21 你們不要追求不能援助,也不能施救的虛無邪神,因為他們只是「虛無」而已。
ئادەمگە پايدا يەتكۈزمەيدىغان ياكى ئادەمنى قۇتقۇزالمايدىغان بىھۇدە ئىشلارنى ئىزدەپ، يولدىن ئېزىپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ تايىنى يوقتۇر.
22 上主為了自己的大名,決不拋棄自己的百姓,因為上主喜歡你們作他的百姓。
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز ئۇلۇغ نامى ئۈچۈن ئۆز خەلقىنى تاشلىمايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆز خەلقى قىلىشنى لايىق كۆرگەندۇر.
23 我也決不願得罪上主,停止為你們祈禱,或停止教訓你們行善道,走正路。
ماڭا نىسبەتەن، سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىشتىن توختاش بىلەن پەرۋەردىگارغا گۇناھ قىلىش مەندىن نېرى بولسۇن؛ بەلكى مەن سىلەرگە ياخشى ۋە دۇرۇس يولنى ئۆگىتىمەن.
24 你們只該敬畏上主,全心忠誠事奉上主,因為你們看見了,他為你們作的,是何等偉大的事。
پەقەت سىلەر پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ پۈتكۈل كۆڭۈللىرىڭلار ۋە ھەقىقەت بىلەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار؛ چۈنكى سىلەر ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغ كارامەتلەرگە قاراڭلار!
25 假使你們仍固執於惡,你們和你們的君王都必要喪亡。」
لېكىن يامانلىق قىلساڭلار، ھەم ئۆزۈڭلار ھەم پادىشاھىڭلار ھالاك قىلىنىسىلەر».

< 撒母耳記上 12 >