< 歷代志上 13 >

1 [迎運約櫃未成]達味與千夫長、百夫長並所有的官員商議後,
داۋۇت مىڭبېشى، يۈزبېشى ۋە بارلىق يولباشچىلار بىلەن مەسلىھەتلەشتى؛
2 就對以色列全會眾說:「如果你們認為好,如果這事是出於上主我們的天主,我們可派遣人,去見留在以色列各地其餘的弟兄,及寄居在城郊的司祭和肋未人,召集他們到我們這裏來,
ئاندىن پۈتۈن ئىسرائىل ئاممىسىغا: «ئەگەر سىلەر ماقۇل كۆرسەڭلار، شۇنداقلا بۇ ئىشنى خۇدايىمىز پەرۋەردىگاردىن دەپ بىلسەڭلار، بىز ئىسرائىلنىڭ زېمىنلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا شۇ يەردە قالغان قېرىنداشلىرىمىزغا ھەمدە ئۇلار بىلەن بىللە شەھەرلەردە ۋە ئېتىزلىقلىرىدا تۇرۇۋاتقان كاھىن ھەم لاۋىيلارغا مۇشۇ يەرگە يىغىلىش توغرۇلۇق ئادەم ئەۋەتەيلى.
3 為將我們天主的約櫃運到我們這裏,因為在撒烏耳時,我們從沒有關心過它。」
بىز خۇدايىمىزنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى مەشەگە يۆتكەپ كېلەيلى؛ چۈنكى سائۇلنىڭ كۈنلىرىدە ھېچقايسىمىز [ئەھدە ساندۇقى] ئالدىدا خۇدادىن يول سوراپ باقمىدۇق» دېدى.
4 全會眾都說應該這樣行,因為這件事眾百姓都認為合理。
بۇ ئىشنى پۈتۈن ئامما توغرا تاپقاچقا، ھەممەيلەن ماقۇل بولۇشتى.
5 達味遂由埃及小河至哈瑪特關口,將所有的以色列人召來,意將天主的約櫃從克黎雅特耶阿陵運回來。
شۇڭا داۋۇت مىسىرنىڭ شىھور دەرياسىدىن تارتىپ خامات ئېغىزىغىچە بولغان پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنى چاقىرتىپ كېلىپ، خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كىرىئات-يېئارىمدىن يۆتكەپ كەلمەكچى بولدى.
6 達味率領以色列民眾到了巴阿拉,即猶大的克黎雅特耶阿陵,要從那裏將天主的約櫃運上來,這約櫃名叫「坐於革魯賓上的上主。」
ئاندىن داۋۇت بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن بائالاھقا، يەنى يەھۇداغا تەۋە بولغان كىرىئات-يېئارىمغا كەلدى؛ ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى پەرۋەردىگار بۇ ئەھدە ساندۇقى ئۈستىگە ئۆز نامىنى قويغانىدى.
7 他們由阿彼納達布家將天主的約櫃抬出,放在一輛新車上,烏匝和阿希約駕車;
ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدىن ئېلىنغان يېڭى بىر ھارۋىغا قويدى؛ ئۇززاھ بىلەن ئاخىيو ھارۋىنى ھەيدىدى.
8 達味和全以色列人在天主前,盡力舞蹈,隨著彈琴、拉弦、敲鼓、擊鈸、鳴號的節奏謳歌;
داۋۇت بىلەن بارلىق ئىسرائىل جامائىتى خۇدانىڭ ئالدىدا ھە دەپ نەغمە-ناۋا قىلىپ، چىلتار، تەمبۇر، داپ، چاڭلار ۋە كاناي-سۇنايلار چالاتتى.
9 來近基東禾場時,因為牛將天主的約櫃傾倒,烏匝便伸手扶住;
لېكىن ئۇلار كىدون خامىنىغا كەلگەندە كالىلار ئالدىغا مۈدۈرەپ كېتىپ يىقىلغاندا ئۇززاھ ئەھدە ساندۇقىنى يۆلىۋالاي دەپ قولىنى ئۇنىڭغا سوزدى.
10 因為他伸手扶了約櫃,上主遂向烏匝發怒,將他擊殺,他便當下死在天主面前。
ئۇززاھنىڭ ئەھدە ساندۇقىغا قولى تەگكەنلىكى ئۈچۈن، خۇدا ئۇنىڭغا غەزەپلىنىپ ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇززاھ شۇ يەردە خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆلدى.
11 達味因為上主擊殺了烏匝,很覺悲傷,遂給那地方起名叫「培勒茲烏匝,」直到今日。
لېكىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۇززاھنىڭ تېنىنى بۆسكەنلىكىگە ئاچچىقلاندى ۋە ئۇ يەرنى «پەرەز-ئۇززاھ» دەپ ئاتىدى؛ ئۇ يەر تاكى ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.
12 那天,達味對天主害了怕,心想:「我怎能將天主的約櫃運到我那裏﹖」
شۇ كۈنى داۋۇت خۇدادىن قورقۇپ: «مەن زادى قانداق قىلىپ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەرگە يۆتكەپ كېلەلەيمەن؟» دېدى.
13 因此,達味沒有把約櫃運往達味城他自己那裏,轉運至加特人敖貝得厄東家。
شۇڭا داۋۇت ئەھدە ساندۇقىنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان «داۋۇت شەھىرى»گە يۆتكەپ كەلمەي، گاتلىق ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى.
14 天主的約櫃在敖貝得厄東家中存放了三個月;上主祝福了敖貝得厄東的家和他的一切所有。
خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي تۇردى؛ پەرۋەردىگار ئوبەد-ئېدومنىڭ ئائىلىسىنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق تەئەللۇقاتلىرىنى بەرىكەتلىدى.

< 歷代志上 13 >