روسۇللار ۋە پۈتكۈل يەھۇدىيەدىكى باشقا قېرىنداشلار [يات] ئەللىكلەرنىڭمۇ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى. |
شۇڭا، پېترۇس يېرۇسالېمغا قايتقاندا، خەتنىلىك بولغان [ئىشەنگۈچىلەر] ئۇنى ئەيىبكە بۇيرۇپ: |
ــ سەن خەتنە قىلىنمىغان ئادەملەرنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولدۇڭ؟! ــ دېدى. |
بىراق پېترۇس پۈتۈن ئىشنى باشتىن-ئاخىرىغىچە ئۇلارغا بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ |
مۇنداق دېدى: ــ يوپپا شەھىرىدە دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، غايىبانە كۆرۈنۈش مېنى ئورىۋېلىپ، بىر ئالامەتنى كۆردۈم. كەڭ داستىخاندەك بىر نەرسە تۆت بۇرجىكىدىن باغلانغان ھالدا ئاسماندىن چۈشۈپ، مېنىڭ يېنىمدا توختىدى. |
ئۇنىڭغا كۆز تىكىپ قارىسام، ئىچىدە ھەرخىل تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار، ياۋايى ھايۋاناتلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارمۇ بار ئىكەن. |
ئاندىن: «ئورنۇڭدىن تۇر پېترۇس، ئۇلاردىن سويۇپ يە!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. |
مەن: «ياق رەب، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھەرقانداق ناپاك ياكى ھارام نەرسىنى ئاغزىمغا ئالغان ئەمەسمەن!» دېدىم. |
بىراق ماڭا يەنە: «خۇدا ھالال دەپ پاكلىغان نەرسىنى سەن ھارام دېمە!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. |
بۇ ئىش ئۈچ قېتىم شۇنداق تەكرارلىنىپ، ئاخىر بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسمانغا قايتىدىن تارتىپ كېتىلدى. |
مانا دەل شۇ چاغدا، قەيسەرىيەدىن مېنى چاقىرىشقا ئەۋەتىلگەن ئۈچ كىشى مەن تۇرغان ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدى. |
مۇقەددەس روھ مېنى ھېچ ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بېرىشقا بۇيرۇدى. مۇشۇ ئالتە قېرىنداشمۇ مەن بىلەن بىللە باردى. [قەيسەرىيەگە يېتىپ كېلىپ]، ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىردۇق. |
بۇ كىشى بىزگە ئۆزىنىڭ ئۆيىدە پەيدا بولۇپ تۇرغان بىر پەرىشتىنى قانداق كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: «سەن يوپپاغا ئادەم ئەۋەتىپ، پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ئىسىملىك بىر ئادەمنى چاقىرتىپ كەل، |
ئۇ ساڭا سېنى ۋە پۈتكۈل ئائىلەڭگە نىجاتلىق يەتكۈزىدىغان بىر خەۋەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگەنىكەن. |
مەن گەپنى باشلىغىنىمدا، مۇقەددەس روھ خۇددى باشتا بىزنىڭ ئۈستىمىزگە چۈشكىنىدەك، ئۇلارغىمۇ چۈشتى. |
شۇ چاغدا، رەبنىڭ سۆز-كالامىنى، يەنى: «يەھيا كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگەن، لېكىن سىلەر بولساڭلار مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر» دېگىنىنى ئېسىمگە ئالدىم. |
شۇڭا، ئەگەر خۇدا ئەمدى مۇشۇلارغا بىز رەب ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغىنىمىزدىن كېيىن بىزگە بەرگەن ئىلتىپاتقا ئوخشاش ئىلتىپات ئاتا قىلغان بولسا، خۇدانى توسالغۇدەك مەن زادى كىم ئىدىم؟ |
ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئەيىبلەشتىن توختاپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ: ــ بەرھەق، خۇدا ئەللەرگىمۇ ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان توۋا قىلىشنى نېسىپ قىلىپتۇ! ــ دېيىشتى. |
ئۇ چاغدا، ئىستىپاننىڭ ئىشى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەنلەر فەنىكىيە رايونى، سىپرۇس ئارىلى ۋە ئانتاكيا شەھىرى قاتارلىق جايلارغىچە يېتىپ بېرىپ، بۇ جايلاردا سۆز-كالامنى پەقەت يەھۇدىيلارغىلا يەتكۈزەتتى. |
لېكىن ئۇلاردىن سىپرۇس ئارىلى ۋە كۇرىنى شەھىرىدىن كەلگەن بەزىلەر ئانتاكيا شەھىرىگە بارغاندا، رەب ئەيسانىڭ خۇش خەۋىرىنى گرېكلەرگىمۇ يەتكۈزدى. |
رەبنىڭ قولى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، تولىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئىشىنىپ توۋا قىلىپ رەبگە باغلاندى. |
بۇ خەۋەر يېرۇسالېمدىكى جامائەتنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بارناباسنى ئانتاكياغىچە ئارىلاپ ئۆتۈشكە ئەۋەتتى. |
بارناباس يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جان-دىلىدىن قەتئىيلىك بىلەن رەبگە چىڭ باغلىنىشقا رىغبەتلەندۈردى. |
چۈنكى ئۇ مۇقەددەس روھقا ۋە ئىمان-ئىشەنچكە تولدۇرۇلغان بولۇپ، ياخشى بىر ئادەم ئىدى. شۇنىڭ بىلەن زور بىر توپ ئادەملەر رەبگە قوشۇلدى. |
شۇنىڭ بىلەن بارناباس تارسۇس شەھىرىگە سائۇلنى ئىزدەپ باردى. |
ئۇنى تېپىپ ئانتاكياغا ئېلىپ كەلدى؛ شۇنداق بولدىكى، ئىككىيلەن جامائەت بىلەن بىللە ساق بىر يىل يىغىلىپ، نۇرغۇن ئادەمگە تەلىم بەردى. مۇخلىسلارنىڭ «خرىستىئانلار» دەپ تۇنجى ئاتىلىشى ئانتاكيادىن باشلاندى. |
ئۇ كۈنلەردە بەزى پەيغەمبەرلەر يېرۇسالېمدىن ئانتاكياغا چۈشۈپ كەلدى. |
بۇلاردىن ئاگابۇس ئىسىملىك بىرەيلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، روھنىڭ ۋەھىيىنى يەتكۈزۈپ، قاتتىق بىر ئاچارچىلىقنىڭ پۈتكۈل دۇنيانى باسىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتتى (بۇ ئاچارچىلىق دەرۋەقە «كلاۋدىيۇس قەيسەر» ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتتا يۈز بەردى). |
بۇنىڭ بىلەن [ئانتاكيادىكى] مۇخلىسلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قۇربىغا قاراپ پۇل يىغىپ، يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. |
ئۇلار بۇ قارارنى ئادا قىلىپ، ئىئانىنى بارناباس ۋە سائۇلنىڭ قولى ئارقىلىق [يەھۇدىيەدىكى جامائەت] ئاقساقاللىرىغا يەتكۈزۈپ بەردى. |