كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ ئۇنىڭ ئۇلى بولسا مۇقەددەس تاغلاردىدۇر. |
پەرۋەردىگار زىئوننىڭ دەرۋازىلىرىنى سۆيىدۇ، ياقۇپنىڭ بارلىق ماكان-جايلىرىدىنمۇ ئەۋزەل كۆرىدۇ؛ |
سېنىڭ شەرىپىڭگە ئۇلۇغ ئىشلار ئېيتىلماقتا، ئى خۇدانىڭ شەھىرى! سېلاھ. |
«مېنى تونۇپ بىلگەنلەر ئارىسىدا راھاب بىلەن بابىلنى تىلغا ئالىمەن؛ مانا فىلىستىيە، تۇر بىلەن ئېفىئوپىيە؛ مانا بۇ ئادەم شۇ يەردە تۇغۇلغان» ــ دەيمەن. |
بەرھەق، زىئون توغرۇلۇق شۇنداق ئېيتىلىدۇ: ــ «بۇ ئادەم، پالانچى-پوكۇنچى ئۇنىڭدا تۇغۇلغان، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئۆزى ئۇنى مۇستەھكەملەيدۇ». |
خەلق-قوۋملارنى خاتىرىلىگىنىدە پەرۋەردىگار: ــ «بۇ كىشى بۇ يەردە تۇغۇلغان» ــ دەپ ئالاھىدە خاتىرىگە يېزىپ قويىدۇ. سېلاھ. |
ناخشىچىلار، ئۇسسۇلچىلار شۇنى تەڭ ئېيتىدۇ: ــ «مېنىڭ بارلىق بۇلاق-مەنبەلىرىم سېنىڭدىدۇر!» |