ھەمدۇسانا! تەڭرىنى ئۇنىڭ مۇقەددەس جايىدا مەدھىيىلەڭلار؛ قۇدرىتى پارلاپ تۇرىدىغان ئەرشلەردە ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛ |
ئۇنى قۇدرەتلىك ئىشلىرى ئۈچۈن مەدھىيىلەڭلار؛ غايەت ئۇلۇغلۇقى ئۈچۈن ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛ |
ئۇنى بۇرغا ساداسى بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ ئۇنى راۋاب ھەم چىلتار بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ |
ئۇنى داپ ھەم ئۇسسۇل بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ ئۇنى تارلىق سازلار ھەم نەي بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ |
ئۇنى جاراڭلىق چاڭلار ھەم ياڭراق چاڭلار بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ |
بارلىق نەپەس ئىگىلىرى ياھنى مەدھىيىلىسۇن! ھەمدۇسانا! |