پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى: ــ |
ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ يەر يۈزىدىكى بارلىق ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە يېيىشكە بولىدىغان جانىۋارلار شۇكى: ــ |
ھايۋانلار ئىچىدە ھەم تۇياقلىرى پۈتۈن ئاچىماق (تۇياقلىرى پۈتۈنلەي يېرىق) ھەم كۆشىگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەربىرىنى يېسەڭلار بولىدۇ. |
لېكىن كۆشىگۈچى ياكى ئاچىماق تۇياقلىق ھايۋانلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك: ــ تۆگە: چۈنكى ئۇ كۆشىگىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەس. شۇڭا ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ. |
سۇغۇر بولسا كۆشىگىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەس ــ ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ. |
توشقان بولسا بۇمۇ كۆشىگىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەس ــ ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ. |
چوشقا بولسا تۇياقلىرى ئاچىماق (تۇياقلىرى پۈتۈنلەي يېرىق) بولغىنى بىلەن كۆشىمىگىنى ئۈچۈن سىلەرگە ھارام بولىدۇ. |
سىلەر شۇ ھايۋانلارنىڭ گۆشىدىن يېمەسلىكىڭلار كېرەك ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگىمۇ تەگمەڭلار. ئۇلار بولسا سىلەرگە ھارام بولىدۇ. |
سۇدا ياشايدىغان جانىۋارلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېيىشكە بولىدۇ: ــ سۇدىكى، يەنى دەريا-دېڭىزلاردىكى جانىۋارلاردىن قانىتى ۋە قاسىراقلىرى بولغانلارنى يېيىشكە بولىدۇ؛ |
لېكىن دەريا-دېڭىزلاردا ياشايدىغان، يەنى سۇلاردا توپ-توپ ئۈزىدىغان بارلىق جانىۋارلاردىن، قاسىراقلىرى ياكى قانىتى بولمىغانلىرىنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ ئۇلار سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن. |
مەزكۇر جانىۋارلار دەرۋەقە سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن؛ سىلەر ئۇلارنىڭ گۆشىدىن يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى يىرگىنچلىك دەپ قاراڭلار. |
سۇدىكى جانىۋارلارنىڭ ئىچىدىن قانىتى بىلەن قاسىرىقى بولمىغان جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن. |
ئۇچار-قاناتلاردىن تۆۋەندىكىلەر سىلەرگە يىرگىنچلىكتۇر؛ ئۇلار يېيىلمەسلىكى كېرەك ۋە سىلەرگە يىرگىنچلىك بولسۇن: ــ يەنى بۈركۈت، قورۇلتاز-تاپقۇشلار، دېڭىز بۈركۈتى، |
قارلىغاچ قۇيرۇقلۇق سار، لاچىن ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، |
ھەممە قاغا-قوزغۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، |
مۈشۈكياپىلاق، تۆگىقۇش، چايكا، سار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، |
ھۇۋقۇش، قارنا، ئىبىس، |
ئاققۇ، ساقىيقۇش، بېلىقئالغۇچ، |
لەيلەك، تۇرنا ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، ھۆپۈپ ۋە شەپەرەڭ قاتارلىقلار سىلەرگە ھارام سانالسۇن. |
بۇنىڭدىن باشقا تۆت پۇتلاپ ماڭىدىغان، ئۇچىدىغان ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە يىرگىنچلىك بولىدۇ. |
ھالبۇكى، تۆت پۇتلاپ ماڭىدىغان، ئۇچىدىغان ئۇششاق جانىۋارلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېسەڭلار بولىدۇ: ــ پۇتى بىلەن ئۈگىلىك پاچىقى بولۇپ، يەر يۈزىدە سەكرىيەلەيدىغانلارنى يېسەڭلار بولىدۇ؛ |
بۇلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە يېيىشكە بولىدىغانلىرى: ــ چېكەتكە ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، قارا چېكەتكە ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، تومۇزغا ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، چاقچىقىز ۋە ئۇنىڭ خىللىرى. |
لېكىن تۆت پۇتلۇق بولغان ئۆمىلىگۈچى ھەم ئۇچىدىغان ھەممە باشقا جانىۋارلار سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن. |
بۇ جانىۋارلاردىنمۇ مۇنداق يول بىلەن ناپاك بولىسىلەر؛ بىركىم ئۇلارنىڭ ئۆلۈك تېنىگە تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك ھېسابلىنىدۇ. |
كىمدەكىم بۇلارنىڭ ئۆلۈكىنىڭ بىر قىسمىنى كۆتۈرسە ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك، ئۇ كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك ھېسابلىنىدۇ. |
تۇياقلىرى ئاچىماق، بىراق پۈتۈنلەي بۆلۈنمىگەن ياكى كۆشىمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە ھارامدۇر؛ ھەركىم [ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە] تەگسە ناپاك سانالسۇن. |
تۆت پۇتى بىلەن ماڭىدىغان ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىن تاپىنى بىلەن ماڭىدىغانلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە ناپاك بولۇپ، ھەركىم ئۇلارنىڭ ئۆلۈك تەنلىرىگە تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىدۇ. |
كىمكى ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى كۆتۈرسە ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك، ئۇ كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك تۇرىدۇ. بۇ ھايۋانلار بولسا سىلەرگە ھارام بولىدۇ. |
يەر يۈزىدە ئۆمىلىگۈچى ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە ھارام بولغانلار مۇنۇلار: ــ قارىغۇ زوكور، چاشقان، كەسلەنچۈك ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى، |
سالما، قىزىل كەسلەنچۈك، تام كەسلەنچۈكى، تۈگۈرۈك كەسلەنچۈك ۋە خامېلېئون قاتارلىقلار ھارام بولىدۇ. |
بۇلارنىڭ ھەممىسى يەر يۈزىدە ئۆمۈلىگۈچى ھەممە ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ ئىچىدە سىلەرگە ھارام بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگسە، كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىدۇ. |
بۇ جانىۋارلارنىڭ ئۆلۈكى ھەرقانداق نېمىگە چۈشۈپ قالسا شۇ نېمە ناپاك ھېسابلىنىدۇ ــ ھەرقانداق ياغاچ قاچا-قۇچا بولسۇن، كىيىم بولسۇن، تېرە بولسۇن، تاغار بولسۇن، ھەرقانداق ئىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب بولسۇن، سۇغا چىلىنىشى كېرەك؛ ئۇلار كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىپ، كېيىن پاك بولىدۇ. |
بۇلارنىڭ بىرى ساپالدىن ياسالغان ھەرقانداق قاچا ئىچىگە چۈشۈپ قالسا، شۇ قاچا ئىچىدىكى ھەممە نەرسە ناپاك سانالسۇن ۋە قاچا ئۆزى سۇندۇرۇلسۇن. |
ئەگەر قاچىدىكى سۇدىن ئاش-تائام ئۈستىگە چاچراپ كەتسە، ئاش-تائام ناپاك سانالسۇن ۋە شۇنداقلا قاچىدىكى ھەرقانداق ئىچىملىكمۇ ناپاك سانالسۇن. |
ھەرنېمىگە ئۇنداق ئۆلۈكنىڭ بىرەر قىسمى چۈشۈپ قالسىمۇ، ناپاك سانالسۇن. ئەگەر تونۇر ۋە ئوچاق بولسا، ناپاك بولدى دەپ چېقىۋېتىلسۇن؛ ئۇلار سىلەرگە ھارام بولسۇن. |
لېكىن شۇنداق ئەھۋالدا بۇلاق ياكى سۇ يىغىلىدىغان كۆلچەك يەنىلا پاك سانىلىدۇ؛ ئەمما بىركىم ئۇلارنىڭ ئۆلۈك تېنىگە تەگسە ناپاك بولىدۇ. |
ئەگەر ئۇنداق ئۆلۈكنىڭ بىرەر قىسمى تېرىشقا تەييارلانغان دانلارغا چۈشۈپ قالسا، بۇمۇ يەنىلا پاك سانىلىدۇ. |
لېكىن ئەگەر داننىڭ ئۈستىگە سۇ قۇيۇلغاندىن كېيىن شۇنداق بىر ئۆلۈكنىڭ بىرەر قىسمى چۈشۈپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ دانلار سىلەرگە ناپاك سانالسۇن. |
ئەگەر سىلەرگە يېيىشكە بولىدىغان ھايۋانلاردىن بىرى ئۆلۈپ قالسا، ئۇنىڭ ئۆلۈكىگە تەگكەن كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. |
كىمكى ئۇنداق ئۆلۈكنىڭ گۆشىدىن يېسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن؛ شۇنداقلا ئۇنداق بىر ئۆلۈكنى كۆتۈرگەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك ۋە ئۇ كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. |
يەر يۈزىدە ئۆمۈلىگۈچى ھەممە ئۇششاق جانىۋارلار يىرگىنچلىك سانىلىپ، ھەرگىز يېيىلمىسۇن. |
قورسىقى بىلەن بېغىرلاپ ماڭىدىغان جانىۋار بولسۇن، يەر يۈزىدە يۈرۈپ تۆت پۇتى بىلەن ياكى كۆپ پۇتلىرى بىلەن ماڭىدىغان ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارنىڭ ھەرتۈرلۈكىنى بولسا، ئۇلارنى ھەرگىز يېمەڭلار؛ چۈنكى ئۇلار يىرگىنچلىكدۇر. |
سىلەر بولساڭلار مۇنداق ئۆمىلىگۈچى جانىۋارنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزۈڭلارنى يىرگىنچلىك قىلماسلىقىڭلار كېرەك. ئۆزۈڭلارنى ئۇلار تۈپەيلىدىن ناپاك قىلماڭلار، بولمىسا ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن بۇلغىنىپ قالىسىلەر؛ |
چۈنكى مەن خۇدايىڭلاردۇرمەن. سىلەر ئۆزۈڭلارنى [ئۆزۈمگە] ئاتاپ مۇقەددەس قىلىشىڭلار كېرەك؛ مەن ئۆزۈم مۇقەددەس بولغاچ سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى مۇقەددەس تۇتۇشۇڭلار كېرەك. سىلەر ئۆزۈڭلارنى يەر يۈزىدە ئۆمىلىگۈچى ئۇششاق ھەرقانداق جانىۋارلارنىڭ سەۋەبىدىن ناپاك قىلماڭلار. |
چۈنكى مەن ئۆز خۇدايىڭلار بولۇشقا سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ سىلەر مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن مۇقەددەستۇرمەن. |
شۇلار بولسا چارپاي بىلەن ئۇچار-قاناتلار، سۇدا يۈرىدىغان ھەربىر جانىۋار بىلەن يەر يۈزىدە ئۆمىلىگۈچى ھەربىر ئۇششاق جانىۋارلار توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىدۇر. |
بۇلار بىلەن ھارام-ھالالنى ئۇقۇپ، يېيىشكە بولىدىغان ھايۋان بىلەن يېيىشكە بولمايدىغان ھايۋانلارنى پەرق ئېتەلەيسىلەر. |