ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا كۆرگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن بابىل توغرىسىدىكى ۋەھىي: ــ |
[بابىل] ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوۋۇقلاردىن ئۆتۈپ كىرىشى ئۈچۈن، قاقاس تاغ ئۈستىدە تۇغ كۆتۈرۈڭلار، ئۇلارنى يۇقىرى ئاۋازدا چاقىرىڭلار، قولۇڭلارنى پۇلاڭلىتىپ ئىشارەت قىلىڭلار. |
مەن بولسام، مەخسۇس تاللىغانلىرىمغا بۇيرۇق چۈشۈرگەنمەن، ئۆز پالۋانلىرىمنى، يەنى تەكەببۇرلۇقتىن يايراپ كەتكەن ئادەملىرىمنى غەزىپىمنى بەجا كەلتۈرۈشكە چاقىردىم. |
ئاڭلاڭلار، بۈيۈك بىر ئەلنىڭ ئادەملىرىدەك توپ-توپ ئادەملەرنىڭ تاغلاردا ياڭراتقان قىيقاس-سۈرەنلىرىنى، ھەممە ئەل-يۇرتلار ۋە پادىشاھلىقلار [جەڭگە] يىغىلىپ دولقۇنلاتقان قاينام-تاشقىنلىقنى! ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار قوشۇنلارنى جەڭگە يىغىدۇ. |
ئۇلار، يەنى پەرۋەردىگار ۋە ئۆز غەزىپىنىڭ قوراللىرى، يىراق يۇرتتىن، ھەتتا ئاسمانلارنىڭ قەرىدىنمۇ پۈتكۈل جاھاننى ھالاك قىلىشقا كەلگەن. |
پەرياد چېكىپ ھۇۋلاڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىنلاشتى؛ ئۇ ھەممىگە قادىردىن كېلىدىغان ھالاكەتتەك كېلىدۇ. |
بۇنىڭدىن ھەربىر قول بوشىشىپ كېتىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ يۈرىكى ئېرىپ كېتىدۇ. |
ئۇلار ۋەھىمىگە چۈشىدۇ؛ ئازاب-ئوقۇبەت ۋە قايغۇ-ھەسرەت ئۇلارنى قاپلايدۇ، تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئۇلار تولغىنىپ كېتىدۇ، ئۇلار بىر-بىرىگە ۋەھىمە ئىچىدە تىكىلىپ قارىشىدۇ؛ يۈزلىرى بولسا يالقۇندەك قىزىرىپ كېتىدۇ. |
مانا پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى كېلىدۇ، شۇ كۈن جىمى يەر-جاھاننى ۋەيران قىلىشقا، رەھىمسىز بولۇپ، غەزەپ ۋە قەھر بىلەن تولغاندۇر؛ ئۇ گۇناھكارلارنى جاھاندىن يوقىتىدۇ. |
چۈنكى ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ھەم يۇلتۇز تۈركۈملىرى نۇرىنى بەرمەيدۇ؛ قۇياش بولسا چىقىپلا قاراڭغۇلىشىدۇ، ئايمۇ ھېچ يورۇمايدۇ. |
مەن دۇنيانى رەزىللىكى ئۈچۈن، قەبىھلەرنى گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايمەن؛ ھاكاۋۇرلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى تۈگەل يوقىتىمەن؛ زوراۋانلارنىڭ كىبىرلىرىنى پەس قىلىمەن. |
مەن ئىنسانلارنى ساپ ئالتۇندىن ئاز قىلىمەن، ئادەمنى ھەتتا ئوفىردىكى ئالتۇندىن ئاز قىلىمەن. |
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدە، ئۇنىڭ قاينىغان قەھرلىك كۈنىدە، مەن [خۇدا] ئاسمانلارنى تەۋرىتىمەن، يەر بولسا ئۆز ئورنىدىن يۆتكىلىدۇ؛ |
شۇڭا ئوۋلانغان بىر جەرەندەك، ھېچكىم يىغمايدىغان بىر پادىدەك، ھەربىرسى ئۆز ئەل-جامائىتىنى ئىزدەپ كەتمەكچى بولىدۇ، ھەربىرى ئۆز يۇرت-ماكانىغا قاچماقچى بولىدۇ؛ |
قېچىپ تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسى سانجىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ؛ ئەسىرگە چۈشكەنلەرمۇ قىلىچلىنىدۇ. |
ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ كۆز ئالدىدا پارە-پارە قىلىنىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ، ئاياللىرىمۇ ئاياغ ئاستى قىلىنىدۇ. |
مانا، مەن ئۇلارغا قارشى تۇرۇشقا مېدىئالىقلارنى قوزغايمەن، ئۇلار كۈمۈشلەرگە ھېچ قارىمايدۇ، ئالتۇندىن بولسا ئۇلار زوق ئالمايدۇ. |
ئۇلارنىڭ ئوقيالىرى يىگىتلەرنى ئۆتمە-تۆشۈك قىلىۋېتىدۇ، ئۇلار بالىياتقۇنىڭ مېۋىسىگە ھېچ رەھىم قىلمايدۇ، كۆزلىرى بالىلارنى ھېچ ئايىمايدۇ. |
پادىشاھلىقلارنىڭ گۆھىرى، كالدىيلەرنىڭ پەخىرلىنىدىغان گۈزەللىكى بولغان بابىل بولسا، خۇدانىڭ سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرىنى ئۆرۈۋەتكىنىگە ئوخشاش بولىدۇ. |
ئۇ يەردە ھېچكىم ھەرگىز تۇرمايدۇ، دەۋردىن-دەۋرگىچە ئۇ ئادەمزاتسىز قالىدۇ. ئەرەبلەر بولسا شۇ يەردە چېدىر تىكمەيدۇ، مالچىلار پادىلىرىنى شۇ يەردە ياتقۇزمايدۇ. |
بىراق چۆل-باياۋاندىكى جانىۋارلار شۇ يەردە قونىدۇ، ئۇلارنىڭ [خاراب] ئۆيلىرىگە ھۇۋلايدىغان مەخلۇقلار تولىدۇ، ھۇۋقۇشلار شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ، «ئۆچكە جىن»لار سەكرەپ ئويناقلىشىدۇ. |
ياۋايى ئىتلار قەلئە-قورغانلاردا، چىلبۆرىلەر ئۇنىڭ ھەشەمەتلىك ئوردىلىرىدا ھۇۋلىشىدۇ، بەرھەق، ئۇنىڭ ۋاقتى توشۇشقا ئاز قالدى، ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۇزۇنغا بارمايدۇ. |