ئىبراھىم كەتۇراھ ئىسىملىك يەنە بىر ئايالنى ئالغانىدى. |
ئۇ ئىبراھىمغا زىمران، يوقشان، مېدان، مىدىيان، ئىشباق ۋە شۇئاھنى تۇغۇپ بەردى. |
يوقشاندىن شېبا بىلەن دېدان تۆرەلدى؛ دېداننىڭ ئەۋلادلىرى ئاشۇرىيلار، لېتۇشىيلار ۋە لېئۇممىيلار ئىدى. |
مىدىياننىڭ ئوغۇللىرى ئەفاھ، ئېفەر، ھانوخ، ئابىدا ۋە ئەلدائاھ ئىدى. بۇلار ھەممىسى كەتۇراھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. |
ئىبراھىم بارلىقىنى ئىسھاققا ئاتىۋەتكەنىدى؛ |
ئىبراھىم تېخى ھايات ۋاقتىدا كىچىك خوتۇنلىرىدىن بولغان ئوغۇللىرىغا ھەدىيەلەرنى بېرىپ، ئاندىن بۇلارنى ئوغلى ئىسھاقتىن يىراق تۇرسۇن دەپ، كۈن چىقىش تەرەپكە، شەرقىي زېمىنغا ئەۋەتىۋەتكەنىدى. |
ئىبراھىمنىڭ ئۆمرىنىڭ كۈنلىرى بىر يۈز يەتمىش يىل بولدى؛ ئۇ تولىمۇ قېرىپ، كۈنلىرى توشۇپ، نەپەستىن توختاپ ۋاپات بولدى؛ ئۇ ئۆز قوۋمىنىڭ قېشىغا بېرىپ قوشۇلدى. |
ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق ۋە ئىسمائىل ئۇنى مامرەنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان، ھىتتىي زوھارنىڭ ئوغلى ئەفروننىڭ ئېتىزلىقىدىكى ماكپيلاھنىڭ غارىدا دەپنە قىلدى. |
بۇ ئېتىزلىقنى ئىبراھىم ھىتتىيلاردىن سېتىۋالغانىدى؛ مانا بۇ يەرلىككە ئىبراھىم دەپنە قىلىندى، ئايالى ساراھمۇ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانىدى. |
ئىبراھىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئوغلى ئىسھاقنى بەرىكەتلىدى. ئىسھاق بەئەر-لاھاي-روينىڭ يېنىدا تۇراتتى. |
تۆۋەندىكىلەر ساراھنىڭ مىسىرلىق دېدىكى ھەجەردىن تۇغۇلغان، ئىبراھىمنىڭ ئوغلى بولغان ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى: ــ |
ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ، ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرى ۋە قەبىلىلىرى بويىچە ئىسمى تۆۋەندىكىچە: ــ ئىسمائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى نېبايوت؛ ئاندىن كېدار، ئادبەئەل، مىبسام، |
مىشما، دۇماھ، ماسسا، |
ھاداد بىلەن تېما، يەتۇر بىلەن نافىش ۋە قەدەماھ ئىدى. |
بۇلار بولسا ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەنت ۋە چېدىرگاھلىرى ئۇلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار ئون ئىككى قەبىلىگە ئەمىر بولغانىدى. |
ئىسمائىلنىڭ ئۆمرىنىڭ يىللىرى بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل بولدى؛ ئۇ ئاخىرقى نەپسىنى تارتىپ ۋاپات بولۇپ، ئۆز قوۋمىنىڭ قېشىغا بېرىپ قوشۇلدى. |
[ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى] ھاۋىلاھ رايونىدىن تارتىپ شۇرغىچە ئولتۇراقلاشتى (شۇر بولسا مىسىرنىڭ ئۇتتۇرىسىدا بولۇپ، ئاشۇرغا بارىدىغان يولدا ئىدى). ئىسمائىل ئۆزىنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇراقلاشتى. |
ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسھاقنىڭ نەسلىنىڭ بايانى مۇنداقتۇر: ــ ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى. |
ئىسھاق پادان-ئارامدا ئولتۇرۇشلۇق ئارامىي بېتۇئەلنىڭ قىزى، ئارامىي لاباننىڭ سىڭلىسى بولغان رىۋكاھنى خوتۇنلۇققا ئالغاندا قىرىق ياشقا كىرگەنىدى. |
ئەمما رىۋكاھ بولسا تۇغماس بولغاچقا، ئىسھاق خوتۇنى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا-تىلاۋەت قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئايالى رىۋكاھ ھامىلىدار بولدى. |
ئەمما ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ئىككى بالا بىر-بىرى بىلەن سوقۇشقىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن رىۋكاھ: ــ ئەگەر بۇنداقلىقىنى بىلسەم، [ھامىلىدار] بولۇپ نېمە قىلاتتىم؟ ــ دەپ پەرۋەردىگاردىن سەۋەبىنى سورىغىلى باردى. |
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ «سېنىڭ قورسىقىڭدا ئىككى ئەل باردۇر، ئىچىڭدىن ئىككى خەلق چىقىپ بىر-بىرىدىن ئايرىلىدۇ، بىر خەلق يەنە بىر خەلقتىن غالىب كېلىدۇ، چوڭى كىچىكىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ» ــ دېدى. |
ئۇنىڭ ئاي-كۈنى توشقاندا، مانا ئۇنىڭ قورسىقىدا دەرۋەقە بىر جۈپ قوشكېزەك بار ئىدى. |
ئاۋۋال تۇغۇلغىنى قىزغۇچ بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى جۇۋىدەك تۈكلۈك ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەساۋ دەپ قويدى. |
ئاندىن ئىنىسى قولى بىلەن ئەساۋنىڭ تاپىنىنى تۇتقان ھالدا چىقتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئىسمى ياقۇپ دەپ قويۇلدى. ئۇلار تۇغۇلغاندا ئىسھاق ئاتمىش ياشتا ئىدى. |
بالىلار ئۆسۈپ چوڭ بولدى؛ ئەساۋ ماھىر ئوۋچى بولۇپ، دالا-جاڭگالدا يۈرىدىغان ئادەم بولدى. ياقۇپ بولسا دۇرۇس ئادەم بولۇپ، چېدىرلاردا تۇراتتى. |
ئىسھاق ئەساۋنىڭ ئوۋلاپ كەلگەن گۆشىدىن دائىم يەپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى. لېكىن رىۋكاھ ياقۇپقا ئامراق ئىدى. |
بىر كۈنى ياقۇپ [پۇرچاق] شورپىسى قاينىتىۋاتاتتى؛ ئەساۋ دالادىن ھېرىپ-ئېچىپ قايتىپ كەلدى. |
ئەساۋ ياقۇپقا: ــ مەن ھالىمدىن كەتتىم! ئۆتۈنۈپ قالاي، ئاۋۇ قىزىلدىن بەرسەڭ! ــ ئاۋۇ قىزىل نەرسىدىن مېنى ئوزۇقلاندۇرساڭچۇ! مەن ھالىمدىن كەتتىم، ــ دېدى (شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئېتى «ئېدوم» دەپمۇ ئاتالدى). |
ياقۇپ ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداق بولسا، تۇنجىلىق ھوقۇقۇڭنى ماڭا سېتىپ بەرگىن، ــ دېدى. |
ئەساۋ: ــ مەن ئۆلەي دەۋاتىمەن، بۇ تۇنجىلىق ھوقۇقىنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى؟ ــ دېدى. |
ياقۇپ: ــ ئەمىسە ھازىر ماڭا قەسەم قىلغىن، دېۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ، تۇنجىلىق ھوقۇقىنى ياقۇپقا سېتىپ بەردى. |
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئەساۋغا نان بىلەن قىزىل پۇرچاق شورپىسىنى بەردى. ئۇ يەپ-ئىچىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ ئەساۋ تۇنجىلىق ھوقۇقىغا شۇنچە ئېتىبارسىز قارىغانىدى. |