ئالتىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ بەشىنچى كۈنىدە شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدىكى، مەن ئۆز ئۆيۈمدە ئولتۇرغىنىمدا، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىمۇ مېنىڭ ئالدىمدا ئولتۇغىنىدا، رەب پەرۋەردىگارنىڭ قولى ۋۇجۇدۇمغا چۈشتى. |
مەن قارىدىم، مانا، ئوتنىڭ قىياپىتىدە بىر زاتنىڭ كۆرۈنۈشى تۇراتتى؛ بېلىنىڭ تۆۋىنى ئوت تۇرقىدا تۇراتتى؛ بېلىنىڭ ئۈستى بولسا جۇلالىغان يورۇقلۇق، قىزىتىلغان مىس پارقىرىغاندەك كۆرۈنۈش تۇراتتى. |
ئۇ قولنىڭ كۆرۈنۈشىدەك بىر شەكىلنى سوزۇپ، بېشىمدىكى بىر تۇتام چاچنى تۇتتى؛ روھ مېنى ئاسمان بىلەن زېمىن ئوتتۇرىسىغا كۆتۈرۈپ، خۇدانىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشلىرىدە يېرۇسالېمغا، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ شىمالغا قارايدىغان ئىچكى دەرۋازىسىنىڭ بوسۇغىسىغا ئاپاردى. ئاشۇ يەر «پاك-مۇقەددەسلىككە قارشىلاشقان مەبۇد»، يەنى خۇدانىڭ پاك-مۇقەددەس غەزىپىنى قوزغايدىغان مەبۇد تۇرغان جاي ئىدى. |
مانا، مەن تۈزلەڭلىكتە كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشتەك، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى شۇ يەردە تۇراتتى. |
ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، بېشىڭنى كۆتۈرۈپ شىمال تەرەپكە قاراپ باق، دېدى. مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ شىمال تەرەپكە قارىدىم، مانا، قۇربانگاھنىڭ دەرۋازىسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە، بوسۇغىدا شۇ «پاك-مۇقەددەسلىككە قارشلاشقان مەبۇد» تۇراتتى. |
ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرىنى ــ ئىسرائىل جەمەتىنىڭ مېنى مۇقەددەس جايىمدىن يىراق كەتكۈزىدىغان، مۇشۇ يەردە قىلغان ئىنتايىن يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى كۆردۈڭسەن؟ بىراق سەن تېخىمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى كۆرىسەن، ــ دېدى. |
ۋە ئۇ مېنى ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئاپاردى، مەن قارىدىم، مانا، تامدا بىر تۆشۈك تۇراتتى. |
ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، تامنى كولاپ تەشكىن، دېدى. مەن تامنى كولاپ تەشتىم، مانا، بىر ئىشىك تۇراتتى. |
ئۇ ماڭا: ــ كىرگىن، ئۇلارنىڭ مۇشۇ يەردە قىلغان رەزىل يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى كۆرۈپ باق، دېدى. |
مەن كىرىپ قارىدىم، مانا، ئەتراپىدىكى تاملارغا نەقىش قىلىنغان ھەرخىل ئۆمىلىگۈچى ھەم يىرگىنچلىك ھايۋانلارنى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ھەممە بۇتلىرىنى كۆردۈم. |
ۋە بۇلارنىڭ ئالدىدا ئىسرائىل جەمەتىنىڭ يەتمىش ئاقساقىلى تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا شافاننىڭ ئوغلى جائازانىيا تۇراتتى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى قولىدا ئۆز خۇشبۇيدېنىنى تۇتۇپ تۇراتتى؛ خۇشبۇي قۇيۇق بۇلۇتتەك ئۆرلەپ چىقتى. |
ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتىدىكى ئاقساقاللارنىڭ قاراڭغۇلۇقتا، يەنى ھەربىرىنىڭ ئۆز مەبۇد نەقىش قىلىنغان ھۇجرىسىدا نېمە قىلغانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ چۈنكى ئۇلار: «پەرۋەردىگار بىزنى كۆرمەيدۇ؛ پەرۋەردىگار زېمىننى تاشلاپ كەتتى» ــ دەيدۇ، ــ دېدى. |
ۋە ئۇ ماڭا: ــ بىراق سەن ئۇلارنىڭ تېخىمۇ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى كۆرىسەن، دېدى. |
ئۇ مېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىنىڭ بوسۇغىسىغا ئاپاردى؛ مانا، شۇ يەردە «تاممۇز ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ» يىغلاۋاتقان ئاياللار ئولتۇراتتى. |
ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، سەن مۇشۇلارنى كۆردۇڭمۇ؟ بىراق سەن تېخىمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى كۆرىسەن، ــ دېدى. |
ۋە ئۇ مېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىچكى ھويلىسىغا ئاپاردى. مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ كىرىش يولىدا، پېشايۋان ۋە قۇربانگاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا، يىگىرمە بەش ئادەم، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئارقىسىنى قىلىپ شەرققە قاراپ قۇياشقا چوقۇنىۋاتاتتى. |
ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، سەن مۇشۇلارنى كۆردۇڭمۇ؟ يەھۇدا جەمەتى ئۆزى مۇشۇ يەردە قىلغان يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يېنىك دەپ، ئۇلار يەنە بۇنىڭ ئۈستىگە زېمىننى جەبىر-زۇلۇم بىلەن تولدۇرۇپ مېنىڭ ئاچچىقىمنى قايتا-قايتا قوزغاتسا بولامدۇ؟ ۋە مانا، ئۇلارنىڭ يەنە شاخنى بۇرنىغا تۇتىۋاتقىنىغا قارا! |
شۇڭا مەن قەھر بىلەن ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىمەن؛ مېنىڭ كۆزۈم ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ، ئىچىمنىمۇ ئۇلارغا ئاغرىتمايمەن؛ ئۇلار قۇلىقىمغا يۇقىرى ئاۋازدا نىدا قىلسىمۇ، ئۇلارنى ئاڭلىمايمەن، ــ دېدى. |