خۇددى ئۆلۈك چىۋىنلەر ئەتتارنىڭ ئەتىرىنى سېسىتىۋېتىدىغاندەك، ئازراققىنە ئەخمەقلىق تارازىدا دانالىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەتتىنمۇ ئېغىر توختايدۇ. |
دانالىقنىڭ كۆڭلى ئوڭغا مايىل، ئەخمەقنىڭكى سولغا. |
ئەخمەق كىشى ھەتتا يولدا مېڭىۋاتقاندىمۇ، ئۇنىڭ ئەقلى كەم بولغاچقا، ئۇ ئەخمەق ئىكەنلىكىنى ھەممىگە ئايان قىلىدۇ. |
ھۆكۈمدارنىڭ ساڭا ئاچچىقى كەلسە، ئورنۇڭدىن ئىستېپا بەرمە؛ چۈنكى تىنچ-سەۋرىچانلىق خاتا-سەۋەنلىكتىن بولغان زور خاپىلىقنى تىنچىتىدۇ. |
قۇياش ئاستىدا يامان بىر ئىشنى كۆردۇمكى، ئۇ ھۆكۈمداردىن چىققان بىر خاتا ئىشتۇر ــ |
ئەخمەقلەر يۇقىرى مەنسەپتە، شۇنىڭ بىلەن تەڭ بايلار پەس ئورۇندا ئولتۇرىدۇ؛ |
مەن قۇللارنىڭ ئاتقا مىنگەنلىكىنى، ئەمىرلەرنىڭ قۇللاردەك پىيادە ماڭغانلىقىنى كۆردۇم. |
ئورىنى كولىغان كىشى ئۇنىڭغا يىقىلىشى مۇمكىن؛ تامنى بۇزغان كىشىنى يىلان چېقىشى مۇمكىن؛ |
تاشلارنى يۆتكىگەن كىشى تاش تەرىپىدىن يارىلىنىشى مۇمكىن؛ ئوتۇن يارىدىغان كىشى خەۋپكە ئۇچرايدۇ. |
پالتا گال بولسا، بىرسى تىغىنى بىلىمىسە، پالتىنى كۈچەپ چېپىشقا توغرا كېلىدۇ؛ بىراق دانالىق ئادەمنى ئۇتۇق-مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. |
يىلان ئوينىتىلماي تۇرۇپ، يىلانچىنى چاقسا، يىلانچىغا نېمە پايدا؟ |
دانا كىشىنىڭ سۆزلىرى شەپقەتلىكتۇر؛ بىراق ئەخمەقنىڭ لەۋلىرى ئۆزىنى يۇتىدۇ. |
سۆزلىرىنىڭ بېشى ئەخمەقلىق، ئايىغى رەزىل تەلۋىلىكتۇر؛ |
ئەمما ئەخمەق يەنىلا گەپنى كۆپەيتىدۇ. بىراق ھېچكىم كەلگۈسىنى بىلمەيدۇ؛ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى كىم ئۇنىڭغا ئېيتالىسۇن؟ |
ئەخمەقلەر جاپاسى بىلەن ئۆزلىرىنى ئۇپرىتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ھەتتا شەھەرگە بارىدىغان يولنىمۇ بىلمەيدۇ. |
ئى زېمىن، پادىشاھىڭ بالا بولسا، ئەمىرلىرىڭ سەھەردە زىياپەت ئۆتكۈزسە، ھالىڭغا ۋاي! |
ئى زېمىن، پادىشاھىڭ مۆتىۋەرنىڭ ئوغلى بولسا ۋە ئەمىرلىرىڭ كەيپ ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن مۇۋاپىق ۋاقتىدا زىياپەت ئۆتكۈزسە، بۇ سېنىڭ بەختىڭ! |
ھۇرۇنلۇقتىن ئۆينىڭ تورۇسى غۇلاي دەپ قالىدۇ؛ قوللارنىڭ بوشلۇقىدىن ئۆيدىن يامغۇر ئۆتىدۇ. |
زىياپەت كۈلكە ئۈچۈن تەييارلىنار، شاراب ھاياتنى خۇش قىلار؛ لېكىن پۇل ھەممە ئىشنى ھەل قىلار! |
پادىشاھقا لەنەت قىلما، ھەتتا ئويۇڭدىمۇ تىللىما؛ ھۇجراڭدىمۇ بايلارنى تىللىما؛ چۈنكى ئاسماندىكى بىر قۇش ئاۋازىڭنى تارىتىدۇ، بىر قانات ئىگىسى بۇ ئىشنى ئايان قىلىدۇ. |