پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ«موئابنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇ ئېدومنىڭ پادىشاھىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى كۆيدۈرۈپ ھاك قىلىۋەتتى. |
ھەم مەن موئاب ئۈستىگە ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت كېرىئوتنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ؛ ۋە موئاب چۇقان-سۈرەنلەر بىلەن، قىيا-چىيالار بىلەن، كاناي ساداسى بىلەن ئۆلىدۇ. |
ۋە مەن ئۇلارنىڭ ھاكىمىنى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن، ئۇنىڭ ئەمىرلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «يەھۇدانىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىنى كەمسىتتى، ئۇنىڭدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلمىدى؛ ئۇلارنىڭ ساختىلىقلىرى ئۆزلىرىنى ئاداشتۇرۇپ قويدى؛ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ بۇلارغا ئەگىشىپ ماڭغانىدى. |
ھەم مەن يەھۇدا ئۈستىگە ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت يېرۇسالېمنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ. |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىلنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنى جازاسىدىن قايتۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار ھەققانىيلارنى كۈمۈشكە سېتىۋەتتى، يوقسۇل ئادەمنى بىر جۈپ چورۇققا سېتىۋەتتى؛ |
ئۇلار نامراتلارنىڭ بېشىدىكى چاڭ-توپىلىرىنى بوش قويۇۋەتمەيدۇ، ئاجىز مۆمىنلەرنىڭ نېسىۋىسىنى قايرىۋالىدۇ؛ ئاتا-بالا ئىككىسى مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغاپ، ئوخشاش بىر قىزنىڭ يېنىغا تەڭ بارىدۇ. |
ئۇلار [قىزلارنى] ھەممە قۇربانگاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، قەرزگە رەنىگە قويغان كىيىم-كېچەكلەر ئۈستىدە ئۇلار بىلەن ياتىدۇ؛ ئۇلار ئۆز ئىلاھىنىڭ ئۆيىدە جەرىمانە بىلەن ئالغان شارابنى ئىچمەكتە. |
بىراق مەن ئامورىيلارنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ھالاك قىلغانمەن، ئامورىيلار كېدىر دەرىخىدەك ئېگىز، دۇب دەرىخىدەك كۈچلۈك بولغان بولسىمۇ، مەن ئۈستىدىن ئۇنىڭ مېۋىسىنى، ئاستىدىن يىلتىزلىرىنى ھالاك قىلدىم. |
ھەم ئامورىيلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقىپ، قىرىق يىل چۆل-باياۋاندا يېتەكلىدىم. |
سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلاردىن بەزىلىرىنى پەيغەمبەر بولۇشقا، يىگىتلىرىڭلاردىن بەزىلىرىنى «نازارىي» بولۇشقا تۇرغۇزدۇم. شۇنداق ئەمەسمۇ، ئى ئىسرائىل بالىلىرى؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
بىراق سىلەر نازارىيلارغا شاراب ئىچكۈزدۇڭلار، ھەم پەيغەمبەرلەرگە: «پەيغەمبەرلىك قىلماڭلار» ــ دەپ بۇيرۇدۇڭلار. |
مانا، مەن سىلەرنى باسىمەن، خۇددى لىق ئۆنچە بېسىلغان ھارۋا يەرنى باسقاندەك، سىلەرنى بېسىپ تۇرىمەن؛ |
ھەم چاپقۇرلارنىڭمۇ قاچار يولى يوقايدۇ، پالۋان ئۆز كۈچىنى ئىشلىتەلمەيدۇ، زەبەردەس باتۇر ئۆز جېنىنى قۇتقۇزالمايدۇ. |
ئوقيانى تۇتقۇچى تىك تۇرالمايدۇ؛ يەلتاپان قاچالمايدۇ، ئاتقا مىنگۈچى ئۆز جېنىنى قۇتقۇزالمايدۇ. |
پالۋانلار ئارىسىدىكى ئەڭ جىگەرلىك باتۇرمۇ شۇ كۈنىدە يالىڭاچ قېچىپ كېتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |