ئادەمئاتا، شېت، ئېنوش، |
كېنان، ماھالالېل، يارەد، |
ھانوخ، مەتۇشەلاھ، لەمەخ، |
نۇھ. نۇھتىن شەم، ھام، يافەتلەر تۆرەلگەن. |
يافەتنىڭ ئوغۇللىرى گومەر، ماگوگ، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراس ئىدى. |
گومەرنىڭ ئوغۇللىرى ئاشكىناز، دىفات ۋە توگارماھ ئىدى. |
ياۋاننىڭ ئوغۇللىرى ئېلىشاھ، تارشىش ئىدى، كىتتىيلار بىلەن رودانىيلار ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. |
ھامنىڭ ئوغۇللىرى كۇش، مىسىر، پۇت ۋە قانائان ئىدى. |
كۇشنىڭ ئوغۇللىرى سېبا، ھاۋىلاھ، سابتاھ، رائاماھ ۋە سابتىكا ئىدى. رائامانىڭ ئوغلى شېبا ۋە دېدان ئىدى. |
كۇشتىن يەنە نىمرود تۆرەلگەن؛ ئۇ يەر يۈزىدە ناھايىتى زەبەردەس بىر ئادەم بولۇپ چىقتى. |
مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرى لۇدىيلار، ئانامىيلار، لەھابىيلار، نافتۇھىيلار، |
پاتروسىيلار، كاسلۇھىيلار (فىلىستىيلەر كاسلۇھىيلاردىن چىققان) ۋە كافتورىيلار ئىدى. |
قانائاندىن تۇنجى ئوغۇل زىدون تۆرىلىپ، كېيىن يەنە ھەت تۆرەلگەن. |
ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يەنە يەبۇسىيلار، ئامورىيلار، گىرگاشىيلار، |
ھىۋىيلار، ئاركىيلار، سىنىيلار، |
ئارۋادىيلار، زەمارىيلار ۋە خاماتىيلار ئىدى. |
شەمنىڭ ئوغۇللىرى ئېلام، ئاشۇر، ئارفاخشاد، لۇد، ئارام؛ [ئارامنىڭ ئوغۇللىرى] ئۇز، ھۇل، گەتەر، مەشەك ئىدى. |
ئارفاخشادتىن شېلاھ تۆرەلدى، شېلاھتىن ئېبەر تۆرەلدى. |
ئېبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلگەن بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى پەلەگ ئىدى، چۈنكى ئۇ ياشىغان دەۋردە يەر يۈزى بۆلۈنۈپ كەتكەنىدى؛ پەلەگنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى. |
يوقتاندىن ئالموداد، شەلەف، خازارماۋەت، يېراھ، |
ھادورام، ئۇزال، دىكلاھ، |
ئېبال، ئابىمائەل، شېبا، |
ئوفىر، ھاۋىلاھ، يوباب تۆرەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. |
شەم، ئارفاخشات، شېلاھ، |
ئېبەر، پەلەگ، رەئۇ، |
سېرۇگ، ناھور، تەراھ، |
ئاندىن ئابرام دۇنياغا كەلدى (ئابرام بولسا ئىبراھىمنىڭ ئۆزى). |
ئىبراھىمنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق بىلەن ئىسمائىل ئىدى. |
تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى: ئىسمائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى نېبايوت بولۇپ، قالغانلىرى كېدار، ئادبەئەل، مىبسام، |
مىشما، دۇماھ، ماسسا، ھاداد، تېما، |
يەتۇر، نافىش، قەدەماھ؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. |
ئىبراھىمنىڭ توقىلى كەتۇراھدىن تۆرەلگەن ئوغۇللار زىمران، يوقشان، مېدان، مىدىيان، ئىشباك ۋە شۇئاھ ئىدى. يوقشاننىڭ ئوغۇللىرى شېبا بىلەن دېدان ئىدى. |
مىدىياننىڭ ئوغۇللىرى ئەفاھ، ئېفەر، ھانوخ، ئابىدا، ئەلدائاھ ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كەتۇراھنىڭ ئەۋلادلىرى. |
ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى. ئىسھاقنىڭ ئوغۇللىرى ئەساۋ بىلەن ئىسرائىل ئىدى. |
ئەساۋنىڭ ئوغۇللىرى ئېلىفاز، رېئۇئەل، يەئۇش، يائالام ۋە كوراھ ئىدى. |
ئېلىفازنىڭ ئوغۇللىرى تېمان، ئومار، زەفى، گاتام، كېناز، تىمنا ۋە ئامالەك ئىدى. |
رېئۇئەلنىڭ ئوغۇللىرى ناھات، زەراھ، شامماھ بىلەن مىززاھ ئىدى. |
سېئىرنىڭ ئوغۇللىرى لوتان، شوبال، زىبىئون، ئاناھ، دىشون، ئېزەر ۋە دىشان ئىدى. |
ھورى بىلەن ھومام لوتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى (تىمنا لوتاننىڭ سىڭلىسى ئىدى). |
شوبالنىڭ ئوغۇللىرى ئاليان، ماناھات، ئەبال، شەفى بىلەن ئونام ئىدى. زىبىئوننىڭ ئوغۇللىرى ئاياھ بىلەن ئاناھ ئىدى. |
ئاناھنىڭ ئوغلى دىشون ئىدى. دىشوننىڭ ئوغۇللىرى ھامران، ئەشبان، ئىتران بىلەن كېران ئىدى. |
ئېزەرنىڭ ئوغۇللىرى بىلھان، زائاۋان، يائاكان ئىدى. دىشاننىڭ ئوغۇللىرى ئۇز بىلەن ئارران ئىدى. |
ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھ بولمىغان زامانلاردا، ئېدوم زېمىنىغا پادىشاھ بولغانلار مۇنۇ كىشىلەر: بېئورنىڭ ئوغلى بېلا؛ ئۇنىڭ پايتەختى دىنھاباھ دەپ ئاتىلاتتى. |
بېلا ئۆلگەندىن كېيىن بوزراھلىق زەراھنىڭ ئوغلى يوباب ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. |
يوباب ئۆلگەندىن كېيىن تەمانلارنىڭ يۇرتىدىن بولغان ھۇشام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. |
ھۇشام ئۆلگەندىن كېيىن بېدادنىڭ ئوغلى ھاداد ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى؛ ھاداد دېگەن بۇ ئادەم موئاب دالاسىدا مىدىيانلارنى تارمار قىلغان، ئۇنىڭ پايتەختىنىڭ ئىسمى ئاۋىت ئىدى. |
ھاداد ئۆلگەندىن كېيىن ماسرەكاھلىق ساملاھ ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. |
ساملاھ ئۆلگەندىن كېيىن دەريا بويىدىكى رەھوبوتتىن كەلگەن سائۇل ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. |
سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-ھانان ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. |
بائال-ھانان ئۆلگەندىن كېيىن ھاداد ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. ئۇنىڭ پايتەختىنىڭ ئىسمى پاي ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مەھېتابەل بولۇپ، مەي-زاھابنىڭ نەۋرىسى، ماترەدنىڭ قىزى ئىدى. |
ئاندىن ھاداد ئۆلدى. |
ئېدوملۇقلارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى: قەبىلە باشلىقى تىمنا، قەبىلە باشلىقى ئالىيا ، قەبىلە باشلىقى يەتەت، قەبىلە باشلىقى ئوھولىباماھ، قەبىلە باشلىقى ئەلاھ، قەبىلە باشلىقى پىنون، |
قەبىلە باشلىقى كېناز، قەبىلە باشلىقى تېمان، قەبىلە باشلىقى مىبزار، |
قەبىلە باشلىقى ماگدىيەل، قەبىلە باشلىقى ئىرام؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېدومدىكى قەبىلە باشلىقلىرىدۇر. |