< Titus 1 >

1 Bulus Ivre koh Irji u toh du Yesu Almasihu ni chuidi bi Irji ni toh njanjaji.
خۇدانىڭ تاللىغانلىرىغا ئامانەت بولغان ئېتىقاد ۋە ئىخلاسمەنلىككە ئېلىپ بارىدىغان ھەقىقەتنىڭ بىلدۈرۈلۈشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى قىلىپ تەيىنلەنگەن، خۇدانىڭ قۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ساڭا سالام ــ
2 Biyi ni ye suron ni drie u kakle wa ice na hei ni mi Irjina wa a hlah ni sen. (aiōnios g166)
(بۇ ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت مەڭگۈلۈك ھاياتقا باغلانغان ئۈمىدنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى مۇتلەق يالغان ئېيتمايدىغان خۇدا ھەممە دەۋر-زامانلاردىن ئىلگىرىلا ۋەدە قىلغانىدى؛ (aiōnios g166)
3 Ni ton kima a tsoro itere ma ni to du ma wa mba ne dume dub mi ti wayi ni tre Irji u kpata chuwo.
لېكىن [ھازىر] ۋەدىسىنىڭ ۋاقتى كېلىپ قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا بۇنىڭ كالام-خەۋىرىنى ئۆز ئەمرى بىلەن ماڭا تاپشۇرغان جاكار ئارقىلىق ئاشكارىلىدى)
4 Hi ni Titus Ivren u njanji ni mi kpayemebu isi suron u ndedema u Irji iti Buachi bu Yesu.
ــ ئورتاق ئېتىقادىمىزدا ئۆز ئوغلۇم بولغان تىتۇسقا سالام! خۇدائاتىمىز ۋە نىجاتكارىمىز مەسىھ ئەيسادىن ساڭا مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي!
5 Ni tu kima me kawu do ni karita na kima u ka mla kpie ba ti ni ba wa bana Shuna chu be nikon ni gbu'a wawu'u na de me hla'u'a
سېنى كرېت ئارىلىدا قالدۇرۇشتىكى سەۋەب، ئورۇندىلىپ بولمىغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىڭ ئۈچۈن ۋە ھەر شەھەردە ساڭا تاپىلىغىنىمدەك جامائەتكە ئاقساقاللارنى تەيىنلىشىڭ ئۈچۈن ئىدى.
6 Na ki du nikon du na he idi u memeti na. Lilo du he ni iwa riri da he ni imri be wo tre.
ئاقساقاللىققا تەيىنلىنىدىغان كىشى ئەيىبسىز بولۇشى، بىر ئاياللىق، پەرزەنتلىرى بولسا ئېتىقاد قىلغۇچى بولۇشى ۋە ئىشلىرىدا شاللاقلىق قىلىدىغان ياكى [ئاتا-ئانىسىغا] بويسۇنمايدىغان ئەيىبلىرى بولمىغان بولۇشى كېرەك.
7 A naki nikon u tra Irji du hi u ya tra ni ko ito rime du na ti kpi meme na du na he idi u sohda hwa na, u kpa bubu timeme da soh tuma.
چۈنكى جامائەتنىڭ يېتەكچىسى خۇدانىڭ [ئائىلىسىگە] غوجىدار بولۇش سۈپىتىدە، ئەيىبسىز بولۇشى كېرەك؛ باشباشتاق ئەمەس، تېرىككەك ئەمەس، ھاراق-شارابقا بېرىلگەن ئەمەس، زوراۋان ئەمەس، نەپسانىيەتچى ئەمەس،
8 Na kima ka he idi u kpa be tsiri ni wo ha. ikpan ikpi dedema naki du he idi. dedema. u mla kpi ti ni klu sisiri Irji ni sonroma da he u vutuma.
بەلكى مېھماندوست، ساخاۋەتلىك، ياخشىلىقنى سۆيىدىغان، سالماق، ئادىل، ئىخلاسمەن ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان بولۇشى لازىم.
9 Du he u hla tre wa ba towu do'a da na hla ice ni mina. Nakima a ni ya gron bari da tsro ba dedeme u mla ti.
ئۇ يەنە ساغلام تەلىم بىلەن رىغبەت-تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ۋە قارشى چىققۇچىلارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن، تاپشۇرۇلغان تەلىمدىكى ئىشەنچلىك كالام-سۆزدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك.
10 Naki idi be sehtu ba hay gbugbu be wa ba tre kukklu da ni guru idi ni ce tutu be wa ba tre ade ba ye jia.
چۈنكى ھازىر بىمەنە سۆز قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئوۋلاپ ئېزىتقۇلۇق قىلىدىغان، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىدىغان كۆپلىگەن كىشىلەر بار، بولۇپمۇ خەتنىلىكلەردىن چىققانلار بار.
11 Abi du ba zuba mba bah itere Irji kwansra da ni tsoro mba ikpi u shan wa a na bi du ba tsoro ba na.
ئۇلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىش كېرەك؛ چۈنكى ئۇلار ھارام دۇنيانى دەپ ئۆگىتىشكە تېگىشلىك بولمىغان تەلىملەرنى ئۆگىتىپ، ھەتتا پۈتۈن ئائىلىلەرنى نابۇت قىلماقتا.
12 Iri ni mi ba a hi u toh gyegyere a “tere “keme ni glu ingle bi cei, be memeti.
شۇلاردىن بىرى، يەنى [كرېت ئارىلىدىكىلەرنىڭ] ئۆزىنىڭ بىر پەيغەمبىرى: «كرېتلار ھەمىشە يالغان سۆزلەيدىغانلار، ۋەھشىي ھايۋانلار ۋە ھۇرۇن تويماسلاردۇر» دېگەن.
13 Itere a njanji mlati ni bawu ni gbegble wa ba gburu ni mi njaji.
بۇ گۇۋاھلىق ھەقىقەتتۇر؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ ئېتىقادتا ساغلام تۇرۇشى ئۈچۈن، شۇنداقلا يەھۇدىي ئەپسانىلەرگە ۋە ھەقىقەتتىن چەتنىگەنلەر توقۇۋالغان ئىنسانىي قائىدە-بەلگىلىمىلەرگە قۇلاق سالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ ئاگاھلاندۇرغىن.
14 Na ka sroun me wo holocholo u Yahudawa ni ibe mba wa mba kwab njaaji Sarah.
15 Ye ni bi wa ba he tsratsra ko nge ni mba a hi tsratsra. i be wa bana he tsratsra na mba na he tsratsra na da he ni njaji na.
پاك كىشىلەر ئۈچۈن ھەممە نەرسە پاك؛ لېكىن بۇلغانغان ناپاكلار ۋە ئېتىقادسىزلار ئۈچۈن ھېچقانداق نەرسە پاك ئەمەستۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوي-پىكرلىرىمۇ، ۋىجدانىمۇ بۇلغىنىپ كەتكەن.
16 Koge na he tsratsra na ni tu isroun mba ni i meren mba a hi hlotsu megi.
ئۇلار خۇدانى تونۇيمىز دەپ داۋراڭ قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەللىرىدە ئۇنىڭدىن تانىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار يىرگىنچلىكلەر، ھېچگەپ ئاڭلىمايدىغانلار، ھېچقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا يارىمايدىغانلاردۇر.

< Titus 1 >