< Mark 7 >

1 Farisawa ni mbur bi nha ba yerji urushalima ba ye gyenklan kagon Yesu
بۇ چاغدا، پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بەزىلىرى يېرۇسالېمدىن كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلدى؛
2 Nda to imrlikoma bari basi rli birli hamma ni ngla wo.
شۇ پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن بەزىلىرىنىڭ تاماقنى قولىنى يۇماي، يەنى «ناپاك» ھالدا يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن: ــ مۇخلىسلىرىڭ نېمىشقا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلماي، بەلكى يۇيۇلمىغان قوللىرى بىلەن تاماق يەيدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى (چۈنكى پەرىسىيلەر ۋە پۈتۈن يەھۇدىيلار ئاتا-بوۋىلىرى تەرىپىدىن قالدۇرۇلغان ئەنئەنىنى چىڭ تۇتقاچقا، ئاۋۋال قوللىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن يۇمىسا، تاماق يېمەيدۇ. شۇنىڭدەك بازاردىن قايتىپ كەلگەندىمۇ، ئۇلار قول يۇماي بىرنەرسە يېمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پىيالە-قەدەھ، داس-چۆگۈن ۋە مىس قاچىلار ۋە دىۋانلارنى يۇيۇش توغرىسىدا تاپشۇرۇلغان نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىلەردىمۇ چىڭ تۇرىدۇ).
3 Farisawa ni yahudawa wawu mba ba na rli birli na sai ba nglawo, don ahi alada mba.
4 Inde farisawa ba ye rji cucu, bana rli birli na sai ba Sukpa; ni imbru kpi bari wa ba hua na ba ngla vuva nho uri kongo ni kpi ndu la wawu.
5 Farisawa ni bi nha mba mye Yesu “Ahi ngyesa imrli ko me mba na Ziren ni nkon u bi nikon amma di ni rli birli ni worji?”
6 Ama a ua ni bawu, “Ishaya tre tsar ni tu mbi bi gyru ndi. Ba nha din, Ndi biyi ba hume ni vre nyu amma isuron he gbagbanwu ni me.
ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ يەشايا پەيغەمبەر سىلەر ساختىپەزلەر توغراڭلاردا ئالدىنئالا توپتوغرا بېشارەت بەرگەن! [ئۇنىڭ] يازمىسىدا پۈتۈلگەندەك: ــ «مۇشۇ خەلق ئاغزىدا مېنى ھۆرمەتلىگىنى بىلەن، بىراق قەلبى مەندىن يىراق؛
7 Ba wu me u ce, nda ni tsuro ikpi bi u ndi wa ahi u mba.
ئۇلار ماڭا بىھۇدە ئىبادەت قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆگەتكەن تەلىملىرى پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان پەتىۋالارلا، خالاس».
8 Bi ka doka rji don di nji u di mu gbangban me.
چۈنكى سىلەر خۇدانىڭ ئەمرىنى تاشلاپ قويۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىسىنى چىڭ تۇتىۋالىدىكەنسىلەر ــ داس-چۆگۈن، پىيالە-قەدەھلەرنى يۇيۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان نۇرغان باشقا ئىشلارنى ئەنئەنە قىلىپ يۈرىسىلەر.
9 A la wa bawu, A bi yiwu wa bi ka doka Rji don ndu yi nji ala'ada u mbi.
ئۇ ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: ــ سىلەر ئۆزلىرىڭلارنىڭ ئەنئەنىسىنى چىڭ تۇتىمىز دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى ئەپچىللىك بىلەن بىر چەتكە قايرىپ قويدۇڭلار!
10 Musa a tre, 'Wo tre tieme ni yime', u iwa a tre meme ni tiema ko yima, gbigbi ani qu'. “Amma bi hla, 'Indiwa a hla ni tiema ko yima
چۈنكى مۇسا [پەيغەمبەر]: «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ ئەمر قىلغان.
11 Izo ko birime wa una kpa ni me a hi Corban “(wa wu tre, nno ni Rji)
لېكىن سىلەر: ــ بىرسى «ئاتىسى ياكى ئانىسىغا: ــ مەن سىلەرگە ياردەم بەرگۈدەك نەرسىلەرنى ئاللىقاچان «قۇربان قىلىپ» خۇداغا ئاتىۋەتتىم ــ دېسىلا،
12 Una la ny'me ni wu ndu tie kpie ni tiema ko iyi ma na.
شۇ كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشغا بولمايدۇ، دەپ ئۆگىتىسىلەر.
13 Bi kpa tre Rji ni tie meme ni al'ada mbi wa bi ndi nji wu ngbangban me. Ni gbugbu kpie wa bi muba wa bi tie'a.
شۇنداق قىلىپ، سىلەر [ئەۋلادلىرىڭلارغا] تاپشۇرغان ئەنئەنەڭلەرنى دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىۋەتتىڭلار، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپ ئىشلارنى قىلىسىلەر.
14 A yo kpentren ndi ba ngarli nda tre wo me wawu mbi wu ndi to.
ئاندىن خالايىقنى يەنە يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: ــ ھەممىڭلار ماڭا قۇلاق سېلىڭلار ۋە شۇنى چۈشىنىڭلاركى،
15 Ikpie ri u kora na he na wa ani ba ndi tie meme”. A hi kpie wa a rju rji ni mi ndi, ikiyi ni kpa ndi tie meme”
ئىنساننىڭ سىرتىدىن ئىچىگە كىرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھېچقاندىقى ئۇنى ناپاك قىلمايدۇ، بەلكى ئۆز ئىچىدىن چىقىدىغان نەرسىلەر بولسا، ئۇلار ئىنساننى ناپاك قىلىدۇ.
16 Indi wa a he ntlon wo'a ka wo.
ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! ــ دېدى.
17 To, Yesu a ka kpentre ndi ba don nda ri mikoh, mrli ko ma ba mye itre misali.
ئۇ خالايىقتىن ئايرىلىپ ئۆيگە كىرگەندە، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن بۇ تەمسىل ھەققىدە سورىدى.
18 Yesu tre bi yi me itu mbi rli he bwu? Bi na to ndi ko ngyeri wa a ri ni ndi rji kora an a kpau tie meme,
ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنمەي يۈرۈۋاتامسىلەر؟! سىرتتىن ئىنساننىڭ ئىچىگە كىرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۇنى ناپاك قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتمەيۋاتمامسىلەر؟
19 don ana he nkon u ri ni suron ma na, amma ani hi mi nne ma nda rju hlega hi tra u hi mha?” Nitreyi Yesu a d'bu birli ba bi wawu.
[سىرتتىن كىرگەن نەرسە] ئىنساننىڭ قەلبىگە ئەمەس، ئاشقازىنىغا كىرىدۇ، ئاندىن ئۇ يەردىن تەرەت بولۇپ تاشلىنىدۇ، ــ دېدى (ئۇ بۇ گەپنى دېيىش بىلەن، ھەممە يېمەكلىكلەرنى ھالال قىلىۋەتتى).
20 A tre, “Ahi kpie wa rju rji ni mi ndi mba ni kpau tie meme.
ئۇ يەنە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىدىغىنىلا، ئىنساننى ناپاك قىلىدۇ.
21 Don rji ni mi ndi, rju ni mi suron ba' meme mre: gru tangban ni ndi, iy'bi, wundi,
چۈنكى شۇلار ــ يامان نىيەتلەر، زىناخورلۇق، جىنسىي بۇزۇقلۇقلار، قاتىللىق، ئوغرىلىق، ئاچكۆزلۈك، رەزىللىكلەر، ئالدامچىلىق، شەھۋانىيلىق، ھەسەتخورلۇق، تىل-ئاھانەت، تەكەببۇرلۇق ۋە ھاماقەتلىكلەر ئىنساننىڭ ئىچىدىن، يەنى ئۇنىڭ قەلبىدىن چىقىدۇ
22 ikan, ingu, meme dri, gyru ndi, bison biye, bi shishi meme, bi kpa ndi tie meme, nzutu, bi mrlian ndi.
23 Biyi wawu mba wu ba meme wa ba rji ni mi, bi ki ba kpa ndi tie meme
ــ بۇ رەزىل ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىپ، ئۆزىنى ناپاك قىلىدۇ.
24 A wlunde ni ki nda hi kpama ni iklan u Taya ni sidon. Niki a ri koh nda na son ndu ba to wrji wa a he'a na, amma ana ya' nda ri kpama ni ndi na.
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، تۇر ۋە زىدون ئەتراپىدىكى رايونلارغا باردى ۋە بىر ئۆيگە كىردى. گەرچە ئۇ بۇنى ھېچكىم بىلمىسۇن دېگەن بولسىمۇ، لېكىن يوشۇرۇپ قالالمىدى.
25 Amma ni wo a he, iwa ri wa kpura vren wa ma a he ni brji a ye nda nda ka ku joku niwu za.
دەرۋەقە، ناپاك روھ چاپلاشقان كىچىك بىر قىزنىڭ ئانىسى ئۇنىڭ توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان يېتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى
26 To, iwa ana ndi u Helleni, u l'me Surofinishan. A bre wu to ju brjia rju ni vrenwa ma.
(ئايال يۇنانلىق بولۇپ، سۇرىيە ئۆلكىسىدىكى فەنىكىي مىللىتىدىن ئىدى). ئۇ ئۇنىڭدىن قىزىدىن جىننى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈندى.
27 A wa wu, ndu ba guci nno mrli rli. Ana he tu nkon na, ndu ba ban birli u mrli tayo yawhu na.”
لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئالدى بىلەن بالىلار قورسىقىنى تويغۇزسۇن؛ چۈنكى بالىلارنىڭ نېنىنى كىچىك ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش توغرا ئەمەس، ــ دېدى.
28 Amma iwa kasa wu nda hla” Njanji, Baci, e yawhu wa ba kru za tebru'a barli bu mbru (rjurju) u mrli ba.
لېكىن ئۇ بۇنىڭغا جاۋابەن: ــ دۇرۇس، ئى رەب، بىراق ھەتتا ئىتلارمۇ ئۈستەل ئاستىدا تۇرۇپ بالىلاردىن چۈشكەن نان ئۇۋاقلىرىنى يەيدىغۇ، ــ دېدى.
29 A hla ni wa, ni tu kpie wa u tre, u ka hi. Ibrji a rju ni kpa vrenwa me ye'.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ مۇشۇ سۆزۈڭ تۈپەيلىدىن يولۇڭغا قايت، جىن قىزىڭدىن چىقىپ كەتتى، ــ دېدى.
30 A k'ma hi koh ma nda ka to vrenwa kru ni tu kru u ibrji rliga rju ni kpa vrenwa ye”
ئايال ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، مانا قىز كارىۋاتتا ياتاتتى، جىن ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتكەنىدى.
31 A la rju ni nklan u Taya, nda hi ni sidon ni teka halili rji hi ni inklan u Dikafolis.
ئەيسا يەنە تۇر ۋە زىدون شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن چىقىپ، «ئون شەھەر» رايونى ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، يەنە گالىلىيە دېڭىزىغا كەلدى.
32 Ba nji ndi ri ye wu wa ana mangbi nda ta to tre na, nda bre wu sawo wu.
خالايىق ئۇنىڭ ئالدىغا تىلى ئېغىر، گاس بىر ئادەمنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قولۇڭنى تەگكۈزۈپ قويساڭ، دەپ ئۆتۈنۈشتى.
33 A nji'u hi kosan ni bubu wa ndi bana he na, a sur mri wo ni mi ton ma nda ti ntan ka kpre l'me ma.
ئۇ ئۇ ئادەمنى خالايىقتىن ئايرىپ بىر چەتكە تارتىپ، بارماقلىرىنى ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا تىقتى، تۈكۈرۈپ، [بارمىقىنى] ئۇنىڭ تىلىغا تەگكۈزدى.
34 A nzu ya shulu, nda cu vrli, nda wa wu, “Iffatha” wa ahi “Bwu!”
ئاندىن ئۇ ئاسمانغا قاراپ ئۇھ تارتىپ خورسىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئادەمگە: «ئەففاتا» (مەنىسى «ئېچىل») دېدى.
35 Hari itton ba, baka bwu, u l'me ma wa ana llo ngbangban, ka si nda tsi ni tre didi me.
ئۇ ئادەمنىڭ قۇلاقلىرى دەرھال ئېچىلىپ، تىلىمۇ ئېچىلىپ راۋان گەپ قىلىشقا باشلىدى.
36 Yesu m'ha ba ndu bana wa dio na. Amma to a m'ha ba ndu ba na hla dio na, wa katie na a con ba ndu ba d'bu ni ndi.
ئەيسا ئۇلارغا بۇنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى تاپىلىدى. لېكىن ئۇلارغا ھەرقانچە تاپىلىغان بولسىمۇ، بۇ خەۋەرنى يەنىلا شۇنچە كەڭ تارقىتىۋەتتى.
37 Ba tie sisri kpukpo me, nda tre, “A tie kpi ba wawu-u didi me.
خالايىق [بۇ ئىشقا] مۇتلەق ھەيران قېلىشىپ: ــ ئۇ ھەممە ئىشلارنى قالتىس قىلىدىكەن! ھەتتا گاسلارنى ئاڭلايدىغان، گاچىلارنى سۆزلەيدىغان قىلىدىكەن، ــ دېيىشتى.

< Mark 7 >