< Mark 6 >

1 A rju ni ki hi ki gbuma ba ba mriko ma but húa.
ئۇ ئۇ يەردىن كېتىپ، ئۆز يۇرتىغا كەلدى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى.
2 Da vi a sabat ye wa ahi ka tsuro tre ni tra rji. Gbugbu nai wa ba wowua ba yo mamaki nda tre akpa toh tsuro yi rjime? A bi wrji time ba nno? A bi ngye towa wa ani tie wa ba zan kagrji?
شابات كۈنى كەلگەندە، ئۇ سىناگوگدا تەلىم بېرىشكە كىرىشتى. تەلىمىنى ئاڭلىغانلاردىن كۆپ ئادەم ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ: ــ بۇ ئادەم بۇلارغا نەدىن ئېرىشكەندۇ؟ ئۇنىڭغا مۇشۇنداق دانالىق قانداق بېرىلگەن؟ ئۇنىڭ قولىدا مۇشۇنداق مۆجىزىلەر قانداق يارىتىلىدىغاندۇ؟
3 Ana vren kafinta muyi na, ivren mariya mu ni vayi ba Yakubu, Yosi, Yahuza u Siman Nan?
ئۇ ھېلىقى ياغاچچى ئەمەسمۇ، مەريەمنىڭ ئوغلى، شۇنداقلا ياقۇپ، يوسە، يەھۇدا ۋە سىمونلارنىڭ ئاكىسىغۇ؟ ئۇنىڭ سىڭىللىرىمۇ بۇ يەردە ئارىمىزدا تۇرۇۋاتمامدۇ؟ ــ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا ھەسەت-بىزارلىق بىلەن قارىدى.
4 U Yesu ka hla bawu din, Anabi bana nyime niwu ni gbu ma mba bi koh Mana.
شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇلارغا: ــ ھەرقانداق پەيغەمبەر باشقا يەرلەردە ھۆرمەتسىز قالمايدۇ، پەقەت ئۆز يۇرتى، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا ۋە ئۆز ئۆيىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ، ــ دېدى.
5 Ana to tie kpie rligrama ni gbuma na, a sáwo ni ndi fyime yi u baka fe si.
شۇنىڭ بىلەن قوللىرىنى بىرقانچە بىمارنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ، ئۇلارنى ساقايتقاندىن باشقا، شۇ يەردە ئۇ ھېچقانداق مۆجىزە يارىتالمىدى.
6 A yi mamaki ni ka nyime ndi ma ni ndu rji. A ye who hi ni mrli gbu bi wiewiere ni ba nda ka bla tre rji ba wu.
ۋە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىمان-ئىشەنچسىزلىكىدىن ھەيران قالدى.
7 A yo mrli koh ma wlon don haá ndá tton ba rju ni hiha ndá nno ba gbengble ni tu bi brji meme,
ئاندىن ئۇ ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرنى ئايلىنىپ تەلىم بەردى. ئۇ ئون ئىككىيلەننى يېنىغا چاقىردى ۋە [خەلق ئارىسىغا] ئىككى-ئىككىدىن ئەۋەتىشكە باشلىدى. ئۇ ئۇلارغا ناپاك روھلارنى ھەيدەش ھوقۇقىنى بەردى؛
8 ndá hle bawu ndu ba na nji kpie u hi ni ziren a na ba nji kpala ni kpo mba na,
ۋە ئۇلارغا: ــ سەپەردە يېنىڭلارغا ھاسىدىن باشقا نەرسە ئېلىۋالماڭلار، نە خۇرجۇن نە نان ئېلىۋالماڭلار، بەلۋاغقا پۇلمۇ سالماڭلار،
9 bá son lahgban ndá sur nklon ririyi.
پۇتۇڭلارغا كەشلەرنى كىيىڭلار، بىراق ئىككى يەكتەك كىيىۋالماڭلار، ــ دەپ تاپىلىدى.
10 A hla bawu ikoh wa bi ti ria bi ka ki ni ki me hi ntton wa bi wlua.
ئۇ يەنە: ــ [بىر يۇرتقا بارغىنىڭلاردا]، كىمنىڭ ئۆيىگە [قوبۇل قىلىنىپ] كىرسەڭلار، ئۇ يۇرتتىن كەتكۈچە شۇ ئۆيدىلا تۇرۇڭلار.
11 Igbu wa ba na kpayi ko woyi na, bika kpun me-meh u za mbi hle ni bawu ndu kafa shaida ni tu mba.
قايسى يەردىكىلەر سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، شۇنداقلا سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىسا، ئۇ يەردىن كەتكىنىڭلاردا، ئۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بولسۇن ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار! ــ دېدى.
12 Ba rju hi ndá ka tree ni ndi ba ndu ba tuba.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولغا چىقىپ، كىشىلەرنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىشقا جار سېلىپ ئۈندىدى.
13 Ba zu meme brji rju ni mi ndi gbugbu wu nda nyiu nye ni tu bi lilo u ba kafe si kpa.
ئۇلار نۇرغۇن جىنلارنى ھەيدىدى، نۇرغۇن بىمارلارنى زەيتۇن مېيى بىلەن مەسىھ قىلىپ ساقايتتى.
14 Ichu fero a wo in I wa ba ki tie'a don inde Yesu a Shan shu u gbua. Ba ri ba tre Yohana u Batisma ta shine ndá ni tie kpie wa yi wa ba zan kagrjiá!
ئۇنىڭ نامى مەشھۇر بولغاچقا، ھېرود پادىشاھ ئۇنىڭ ھەققىدە ئاڭلاپ: «بۇ ئادەم [چوقۇم] ئۆلۈمدىن تىرىلگەن چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيادۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئالاھىدە قۇدرەتلەر ئۇنىڭدا كۈچىنى كۆرسىتىدۇ» دەيتتى.
15 Bari ba tre “a hi Iliya Bari me a ndá hi Anebi na Anebi bi Sen'a”
باشقىلار: «ئۇ ئىلياس [پەيغەمبەر]» دېسە، يەنە بەزىلەر: «بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەردەك بىر پەيغەمبەر بولسا كېرەك» دېيىشەتتى.
16 Amma fero ni wo nayi ka tre ndi Yohana wa me chu tu ma ua ta Shime.
بىراق بۇلارنى ئاڭلىغان ھېرود: ــ مەن كاللىسىنى ئالغان يەھيانىڭ ئۆزى شۇ ــ ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ! ــ دېدى.
17 Fero ana ton ba ndu ba vu Yohanna tro ni tre Herodiya (I wa vayi ma Filibus) don a grand ni gbengble.
ھېرودنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ [ئۆگەي] ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھېرودىيەنىڭ ۋەجىدىن ئادەم ئەۋەتىپ يەھيانى تۇتۇپ، زىندانغا تاشلىغانىدى. چۈنكى ئۇ شۇ ئايال بىلەن نىكاھلانغانىدى؛ يەھيا ھېرودقا [تەنبىھ بېرىپ]: «ئاكاڭنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ» دەپ قايتا-قايتا دېگەنىدى.
18 Yohana ana hla ni Fero a hi yours tsu ndu Vu vayi me kpa wa ma.
19 Wawu Herodiya ka nji fu Yohana ndá wa kon u wuu hama.
شۇنىڭ ئۈچۈن ھېرودىيە يەھياغا ئاداۋەت ساقلايتتى؛ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن شۇنداق قىلالمايتتى.
20 Don Fero ata klu Yohana niwa ana ndi u klu rji nda zi Yohana ni tro Amma ndá na tie wu ya na. Wo tre ma ta nno fu kpukpo me Kuma ndá giri ni wu'u.
چۈنكى ھېرود يەھيانى دىيانەتلىك ۋە مۇقەددەس ئادەم دەپ بىلىپ، ئۇنىڭدىن قورقاتتى، شۇڭلاشقا ئۇنى قوغدايتتى؛ ئۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ئالاقزادە بولۇپ كېتەتتى، لېكىن يەنىلا سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىدى.
21 I vi wa a zi gbien ni tu Yohana ye ki tsar-a ni vi u taka ngrji Fero ni wa a yo Indi bi nikon bi ti ndu niwu ni khi kle komanda ba u bi nikon bi Galili rli birli ni wu.
ئەمما [ھېرودىيە كۈتكەن] پەيت ئاخىر يېتىپ كەلدى؛ ھېرود تۇغۇلغان كۈنىدە ئۆز ئەمەلدارلىرى، مىڭبېشىلىرى ۋە گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى كاتتا ئەربابلارنى زىياپەت بىلەن كۈتۈۋالدى؛
22 Ivren wa u Heridiya a ye nga me nda nglu nzan ni ba wu; wa suron Fero bi ni wu ni mbier bi tsri ba. I chuia ka hla ni vren wa, mye kpie wa u wa ni me u me no wu.
ھېلىقى ھېرودىيەنىڭ قىزى سورۇنغا چۈشۈپ ئۇسسۇل ئويناپ بەردى. بۇ ھېرود ۋە ھەمداستىخان بولغانلارغا بەكمۇ ياراپ كەتتى. پادىشاھ قىزغا: ــ مەندىن نېمە تەلەپ قىلساڭ، شۇنى بېرىمەن، ــ دېدى.
23 A shi rji ni vren wa nda hla, ko a hi ngye u mye me me nnou, ko ani ta me ga mulki mua ti ha
ئاندىن ئۇ قەسەم قىلىپ يەنە: ــ مەندىن نېمە تەلەپ قىلساڭ، ھەتتا پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى دېسەڭمۇ شۇنى بېرىمەن، ــ دېدى.
24 me. A tsutsu rju hi ni yi ma nda myen, me myen tiemu ngye ri? A hla wu, Itu Yohana u tie Batisma.
قىز سىرتقا چىقىپ، ئانىسىدىن: ــ نېمە تەلەپ قىلاي؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئانىسى: ــ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى تەلەپ قىل، ــ دېدى.
25 A tsutsu gbla me hi ni chuia nda tre me son ndu ne zizan yi, Itu Yohana u tie Batisma ni mi gbugba.
قىز دەرھال پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئالدىراپ كىرىپ: ــ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى ھازىرلا بىر تەخسىگە قويۇپ ئەكىلىشلىرىنى خالايمەن، ــ دېدى.
26 Ikpie kpa suron chua tie wie me amma ana wa ani kama na ni wa a shirji wua ua u taka vi grji ma.
پادىشاھ بۇنىڭغا ناھايىتى ھەسرەت چەككەن بولسىمۇ، قەسەملىرى تۈپەيلىدىن ۋە داستىخاندا ئولتۇرغانلار ۋەجىدىن، ئۇنىڭغا بەرگەن سۆزىدىن يانغۇسى كەلمىدى.
27 Ichua to me nda yo soja ma ndu ba ka chutu Yohana. Soja wa a ra gbien chua hi ni itra wa ba tro Yohanna nda chu tu ma.
شۇڭا پادىشاھ دەرھال بىر جاللات ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ كېلىشنى ئەمر قىلدى. جاللات زىندانغا بېرىپ يەھيانىڭ كاللىسىنى ئېلىپ،
28 A nji tu Yohanaye ni mi gbugba kukron nda ka nno vren wā-a u vren wā-a ka nji ka nno yima.
ئۇنى بىر تەخسىگە قويۇپ، قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭغا بەردى. قىز ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇردى.
29 Mru ko ma ha wo nda hi ka ban jiji kpa ma ka rju ni be.
بۇ ئىشنى ئاڭلىغان يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى كېلىپ، جەسەتنى ئېلىپ كېتىپ بىر قەبرىگە قويدى.
30 Manzani ba ba ye ni Yesu nda vu ikpie wa ba tie'a bla wa wawu-u.
قايتىپ كەلگەن روسۇللار ئەيسانىڭ يېنىغا يىغىلدى، نېمە قىلغانلىرى ھەم نېمە تەلىم بەرگەنلىرىنى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلىشتى.
31 A hla bawu “Rju hi ni wi gi wa bi he kimbi'a ndi kusi tsame. Don indi gbugbu wu ba ta ye nda hi ni ba u ba ka na he nton u rli ua mena.
كېلىپ-كېتىۋاتقانلار ناھايىتى كۆپلىكىدىن ئۇلارغا تاماقلىنىشقىمۇ ۋاقىت چىقمىدى. شۇڭا ئۇ ئۇلارغا: ــ يۈرۈڭلار، مەن بىلەن خىلۋەت بىر جايغا بېرىپ، بىردەم ئارام ئېلىڭلار، ــ دېدى.
32 U Manzani ba ba ka rju dran gwu hi wrji wa indi ba na he'a na.
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېمىگە چۈشۈپ، خىلۋەت بىر چۆل يەرگە قاراپ ماڭدى.
33 Amma indi ba ba to ba nda to rju mba nda tsutsu ni za rju ni mi gbuba wawu-u nda ka ri ni bubu'a guci ni bawu.
بىراق نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئۇلارنى تونۇۋېلىۋىدى، ئەتراپتىكى بارلىق شەھەرلەردىن پىيادە يولغا چىقىپ، يۈگۈرۈپ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۇ يەرگە بېرىپ يىغىلىشتى.
34 Da ba-a rugran ne'a nda ka to kpentren ndi wa ba ki gben ba'-a, wa a lo'u suron don bana rhi kpe me na intamma wa ba na he ni ndi ma na. a krli ri ni tsuro ba' ikpi gbugbu-u.
ئەيسا كېمىدىن چۈشۈپ، زور بىر توپ ئادەمنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ پادىچىسىز قوي پادىسىدەك بولغانلىقىغا ئىچ ئاغرىتتى. شۇڭا ئۇ ئۇلارغا كۆپ ئىشلارنى ئۆگىتىشكە باشلىدى.
35 Ba he me u icha ye tie u mali ko ma baka tre wu ndu.
كەچ كىرىپ قالغاندا، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ بۇ چۆل بىر جاي ئىكەن، كەچ كىرىپ كەتتى.
36 Hla ndu ba hi ni mi gbu bi wie wiere na le birli da di don iwrji wa ba he'a bran inkon ni gbu.
خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەن بولساڭ، ئۇلار ئەتراپتىكى كەنت-قىشلاقلارغا بېرىپ، ئۆزلىرىگە نان سېتىۋالسۇن؛ چۈنكى ئۇلاردا يېگۈدەك نەرسە يوق، ــ دېدى.
37 Wa' a kasa ba wu din, nno ba ikpie wa ba rlia. Ba mye, ki hi le bredi u denari derli harli ye nno ba?
لېكىن ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ ئۇلارغا ئۆزۈڭلار ئوزۇق بېرىڭلار، ــ دېدى. مۇخلىسلار ئۇنىڭدىن: ــ ئىككى يۈز كۈمۈش دىنارغا ئۇلارغا نان ئەكېلىپ ئۇلارنى ئوزۇقلاندۇرامدۇق؟ ــ دەپ سورىدى.
38 Wa mye ba “bi he ni gble bredi bren? Hi ndi hi ya' to”. Da ba ka to, ba hla wu din, Igble nton ni lambe hari.
ئەيسا ئۇلارغا: ــ قانچە نېنىڭلار بار؟ بېرىپ قاراپ بېقىڭلار، ــ دېدى. ئۇلار قاراپ باققاندىن كېيىن: ــ بەشى بار ئىكەن، يەنە ئىككى بېلىقمۇ بار ئىكەن، ــ دېيىشتى.
39 A ndu ba kusun ni giga'a ni nklan ma.
ئۇ ئۇلارغا كىشىلەرنى توپ-توپ قىلىپ يېشىل چىمەندە ئولتۇرغۇزۇشنى بۇيرۇدى.
40 Ba kuson ini nklan deri-deri mba se'titon.
خالايىق يۈزدىن، ئەللىكتىن سەپ-سەپ بولۇپ ئولتۇرۇشتى.
41 A vu bredi ton ba ni lambe ha ba nda nzu ya shulu nda ti lulu ni tu mba nda myre bredi ka nno manzani ma ndu ba ga ndin ba. A la vu lambe ba nda fan ba ti tsitsa ma da ga ba.
ئۇ بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ [خۇداغا] تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتتى، ئاندىن نانلارنى ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن مۇخلىسلىرىغا بېرىپ تۇراتتى؛ ئىككى بېلىقنىمۇ ھەممەيلەنگە تارقىتىپ بەردى.
42 Baka ntan da wrji sa'sa'me don mbuerma.
ھەممەيلەن يەپ تويۇندى.
43 Ba vu shu ni sisen wlon don harli.
[مۇخلىسلار] ئېشىپ قالغان نان ۋە بېلىق پارچىلىرىنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە تېرىۋالدى.
44 Bi wa ba tan bredia u lambe-a ba lilon dubu ton.
نانلارنى يېگەن ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭچە ئىدى.
45 A ni kle tre's da ndu manzani ba ri ni nhamma gwu'a nda hi guci wu ni Besaida nda ndu kpentren ndi ba hi kpamba.
بۇ ئىشتىن كېيىنلا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا ئۆزۈم بۇ خالايىقنى يولغا سېلىۋېتىمەن، ئاڭغىچە سىلەر كېمىگە ئولتۇرۇپ، دېڭىزنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى بەيت-سائىدا يېزىسىغا ئۆتۈپ تۇرۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى.
46 Da indi ba ba hi wawu-u wa ka hon hi ngblu nda'yi addua.
ئۇلارنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى.
47 Yalu a tie u Jirgi'a ka ri tsutsu ma-a ye u Yesu na rli he ni meme ni nkrji ma.
كەچ كىرگەندە، كېمە دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا يەتكەنىدى، ئۇ ئۆزى يالغۇز قۇرۇقلۇقتا ئىدى.
48 A to ba ni mi Jirgia ni tsi kpa wa ba ki tie ni shishi ngwungwu'a nda ta son vu ba yiba.
ئۇ مۇخلىسلىرىنىڭ پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى؛ چۈنكى شامال تەتۈر يۆنىلىشتە چىققانىدى. كېچە تۆتىنچى جېسەك ۋاقتىدا، ئۇ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ، مۇخلىسلىرى تەرەپكە كەلدى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى.
49 Amma da ba to u si zren ni tu ma-a baka ya nda ahi ibrji,
لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئالۋاستى ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ چۇقان سېلىشتى.
50 sisri ti ba u baka yira yi! Gbagblame, a tre ni ba nda hla bamu vu suron! A hi me! Na klu sisri na!
چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى كۆرۈپ ساراسىمىگە چۈشتى. لېكىن ئۇ دەرھال ئۇلارغا: ــ يۈرەكلىك بولۇڭلار، بۇ مەن، قورقماڭلار! ــ دېدى.
51 A ri mi Jirgi'a ni ba' u ngwu ngwu'a ka ku kli nda na la fu na. Ikpie a nno ba mre kpukpome.
ئۇ كېمىگە، ئۇلارنىڭ يېنىغا چىققاندىلا، شامال توختىدى. ئۇلار بۇنىڭدىن ھوشىدىن كەتكۈدەك دەرىجىدە قاتتىق ھەيران قېلىشىپ، نېمىنى ئويلاشنى بىلمەيتتى؛
52 Don ba na rli rehe to njima ni kpie wa a tie ni bredi ba me' isuron ba ana kpan kpa.
چۈنكى ئۇلار نان بېرىش [مۆجىزىسىنى] تېخىچە چۈشەنمىگەنىدى، ئۇلارنىڭ قەلبى بىخۇد ھالەتتە تۇراتتى.
53 Niwa ba ru kikle (kpace) ma-a, ba ye ni gbu Gennesarit nda llo' Jirgia zi ki.
ئۇلار دېڭىزنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ، گىننىسارەت دېگەن يۇرتتا [قۇرۇقلۇققا] چىقىپ، كېمىنى باغلاپ قويدى.
54 Niwa ba rju ni Jirgi'a indi ba ba tsi to-o,
ئۇلار كېمىدىن چۈشۈشى بىلەنلا، [خالايىق] ئۇنى دەرھال تونۇۋېلىپ،
55 nda tsutsu ka nji bi lillo ni ba tabli mba rji ba'u nklan mba hi ni wrji wa ba wo nda a hea.
ئەتراپتىكى ھەممە جايلارغا يۈگۈرۈشۈپ باردى ۋە «ئۇ پالانچى يەرگە چۈشۈپتۇ» دەپ ئاڭلىشى بىلەنلا، بىمارلارنى زەمبىلگە سېلىپ، شۇ يەرگە [ئۇنىڭ ئالدىغا] ئېلىپ بېرىشتى.
56 Duk wrji wa a ri ni gbu, ko rligra ma ko tsitsa ma ko ni meme ndi bari ani to ba zi bi lillo ni bubu wa ba zu hi kasuwa. Ba breu ndu don ba me' ndu ba kpire nyiu nklon ma, gbugbu u wa ba kpire a ba kpa si kpamba
ئۇ مەيلى يېزا، مەيلى شەھەر ياكى قىشلاقلارغا بارسۇن، خەلق ئاغرىقلارنى بازارلارغا ئېلىپ چىقىپ ياتقۇزاتتى؛ ئۇلار ئۇنىڭدىن ئاغرىقلار ھېچ بولمىغاندا سېنىڭ يېپىنچاڭنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋالساق دەپ ئۆتۈندى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساقايدى.

< Mark 6 >