< Mark 4 >

1 Yesu ni mu mummlan a hla tre ma ni gbugbu ndi waba shuti ni Yun nei. A lude ri ni mi gyue ni mi-nei.
ئۇ يەنە دېڭىز بويىدا [خەلققە] تەلىم بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا زور بىر توپ ئادەملەر ئولىشىۋالغاچقا، ئۇ بىر كېمىگە چىقىپ دېڭىزدا ئولتۇردى؛ پۈتكۈل خالايىق بولسا دېڭىز قىرغىقىدا تۇرۇشاتتى.
2 A lla tre ma u-jaji gbugbu da ka yiyi ani.
ئۇ ئۇلارغا تەمسىل بىلەن نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆگەتتى. ئۇ تەلىم بېرىپ مۇنداق دېدى:
3 Wo-me, idi uron a ban ibi hichu ni rjumaa
ــ قۇلاق سېلىڭلار! ئۇرۇق چاچقۇچى ئۇرۇق چاچقىلى [ئېتىزغا] چىقىپتۇ.
4 a chu bari ba kuhle ni kon u chichen ba tanri
ئۇرۇق چاچقاندا ئۇرۇقلاردىن بەزىلىرى چىغىر يول بويىغا چۈشۈپتۇ، قۇشلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ.
5 bari ba khule ni tu han iwa ama hei mi meme gbugbun a warju.
بەزىلىرى تۇپرىقى ئاز تاشلىق يەرگە چۈشۈپتۇ. توپىسى چوڭقۇر بولمىغانلىقتىن، تېزلا ئۈنۈپ چىقىپتۇ،
6 Irji rju hongan wa kue niwa in-jah ma na gburonkonna.
لېكىن كۈن چىقىش بىلەنلا ئاپتاپتا كۆيۈپ، يىلتىزى بولمىغاچقا قۇرۇپ كېتىپتۇ.
7 Bari ba kuhle ni zahchon, I Chon ba gburon ti rigra da k tiwu wa ti me me.
بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر ئۆسۈپ مايسىلارنى بوغۇۋېلىپ، ئۇلار ھېچ ھوسۇل بەرمەپتۇ.
8 Bari kuma ku “lle ni “llar meme didima da gburon na ni sho bari, I wulon iknutra, bari I wulon ikpu tanne, bari I wulon kpu wulon.
بەزىلىرى بولسا، ياخشى تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۇلار ئۆسۈپ ئاۋۇپ چوڭ بولغاندا ھوسۇل بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوتتۇز ھەسسە، بەزىلىرى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بەزىلىرى يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ.
9 Yesu tre indi wa a hei ton u wo kawo
ــ ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! ــ دېدى ئۇ.
10 Wa Yesu a ye he ni kriji ma bi wa ba hei niki ni mimriko ma wulon don ha, ba miyen tu tree ka yiyi a.
ئۇ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ھەم ئون ئىككىيلەن بىلەن يالغۇز قالغاندا، ئۇلار ئۇنىڭدىن تەمسىللەر توغرۇلۇق سوراشتى.
11 A biyi yi ba “llar you wawu multi Irji wa, a ririn, mibiwa ba he nira ba tree ni ka yiyin me.
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرىنى بىلىشكە سىلەر نېسىپ بولدۇڭلار. لېكىن سىرتتىكىلەرگە ھەممە ئىش تەمسىللەر بىلەن ئۇقتۇرۇلىدۇ؛
12 Ni duba ye ama da na toh na ni duba wo “llan da na toh “llan na I ba wo na kame ye Irji ni wuru “lle ni bwu.
بۇنىڭ بىلەن: «ئۇلار قاراشنى قارايدۇ، بىراق كۆرمەيدۇ؛ ئاڭلاشنى ئاڭلايدۇ، بىراق چۈشەنمەيدۇ؛ شۇنداق بولمىسىدى، ئۇلار يولىدىن ياندۇرۇلۇشى بىلەن، كەچۈرۈم قىلىناتتى» [دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ].
13 A miyen ba bina to tu itre u ka you na?
ئاندىن ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەر مۇشۇ تەمسىلنىمۇ چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ ئۇنداقتا، قانداقمۇ باشقا ھەرخىل تەمسىللەرنى چۈشىنەلەيسىلەر؟ ــ دېدى.
14 Bi ya di bi to wawu u?
ئۇرۇق چاچقۇچى سۆز-كالام چاچىدۇ.
15 Idi ichu a ni chu tre.
ئۈستىگە سۆز-كالام چېچىلغان چىغىر يول بويى شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان شەيتان دەرھال كېلىپ ئۇلارنىڭ قەلبىگە چېچىلغان سۆز-كالامنى ئېلىپ كېتىدۇ.
16 Ni tu kon ba a bubu wa ba chutre iba wo meme brji a ye, wa vuba kpa tre wa ba chusa.
بۇنىڭغا ئوخشاش، تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا، سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ.
17 Bana he ni ja na ni mi bana. Ama ba vu sunron mu ni mi iton fie me, na joku ni ton uya.
ھالبۇكى، قەلبىدە ھېچ يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت ۋاقىتلىق تۇرىدۇ؛ سۆز-كالامنىڭ ۋەجىدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ئۇلار شۇئان يولدىن چەتنەپ كېتىدۇ.
18 Bi wa ba kpa tre na kalle ni
تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىلغىنى شۇنداق بەزى ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، بۇ ئادەملەر سۆز-كالامنى ئاڭلىغىنى بىلەن،
19 tu gbi gbugbulu yo khlen, iko bari kpii bari naki, iri mba ba chu wa a khule ni chon. (aiōn g165)
لېكىن كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى، بايلىقلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشى ۋە باشقا نەرسىلەرگە بولغان ھەۋەسلەر كىرىۋېلىپ، سۆز-كالامنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇ ھېچ ھوسۇل چىقارمايدۇ. (aiōn g165)
20 Bi wa ba kpatre rji da vusuron na ni ji ndi ye nitre rji baba yi ba ichu wa kulle ni meme didi wa a ni klo 30-30 60-60 100-100
لېكىن ياخشى تۇپراققا چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا ــ سۆز-كالامنى ئاڭلىشى بىلەن ئۇنى قوبۇل قىلغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ھوسۇل بېرىدۇ، بىرسى ئوتتۇز ھەسسە، بىرسى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بىرسى يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ.
21 A miyen ba, Indi ba zi fitila ni mi sisen ko ba zi ni zah tebru? Ba zi nitu tebur, di du kpan ni Indi bi koh.
ئۇ ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: ــ چىراغ سېۋەت ياكى كارىۋات ئاستىغا قويۇلۇش ئۈچۈن كەلتۈرۈلەمدۇ؟ ئۇ چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويۇلۇش ئۈچۈن كەلتۈرۈلمەمدۇ؟
22 Ikperi na riri na, see ka he ni rira ni ndi ba ka to na hlar.
چۈنكى يوشۇرۇلغان ھېچقانداق ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، شۇنىڭدەك ھەرقانداق مەخپىي ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئايان بولماي قالمايدۇ.
23 Indi wa ahei niton u wo ka wo.
ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن!
24 A hla bawa, srenton ni wo kpie wa bi wo. Kongo wa wu tsar niwu, ni ki ba tsar niwu.
ئاڭلىغانلىرىڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار! چۈنكى سىلەر [باشقىلارغا] قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىسەڭلار، سىلەرگىمۇ شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىلىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قوشۇپ بېرىلىدۇ.
25 Indi wa a heiwu, ba ka fon surwu Indi wa ana hei niwuna, baka vukpa fie wa a hei niwua.
چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ.
26 A tree, mulki Irji a hei nawa indi ani ban bikpie hichu nimeme.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يەنە بىرسىنىڭ تۇپراققا ئۇرۇق چاچقىنىغا ئوخشايدۇ:
27 Indi ni kruna, na shime ni rji, biri nirju na gbrun, wana tohna.
ئۇ ئۇخلايدۇ، ئورۇندىن تۇرىدۇ، كېچە-كۈندۈزلەر ئۆتۈۋېرىپ، ئۇرۇق بىخ ئۇرۇپ ئۆسىدۇ. لېكىن چاچقۇچى قانداق يول بىلەن ئۆسىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
28 Menme nina biri kima ani yarbe ku nira, ngwugwu ka fu wa ka gbrun nikle ma da ti wolo.
تۇپراق ئۆزلۈكىدىن ھوسۇل بېرىدۇ؛ ئۇرۇق ئاۋۋال بىخ ئۇرىدۇ، كېيىن باش چىقىرىدۇ، ئاخىردا باشاقلار تولۇق دان تۇتىدۇ.
29 I dan biri a weri u ba cham.
دان پىشقاندا، [چاچقۇچى] دەرھال ئورغاق سالىدۇ، چۈنكى ھوسۇل ۋاقتى كەلگەن بولىدۇ.
30 Ki ya tree mulki rji ahe naki kā ki tsar ba bawu?
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى نېمىگە ئوخشىتىمىز؟ ياكى قانداق بىر تەمسىل بىلەن سۈرەتلەپ بېرەلەيمىز؟
31 Ga aheifieme na wolo mustard wa i dan u chu ani rju da gburon.
ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. ئۇ يەرگە تېرىلغاندا، گەرچە يەر يۈزىدىكى بارلىق ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى بولسىمۇ،
32 Har chinchen baka son ni wuma.
تېرىلغاندىن كېيىن، ھەرقانداق زىرائەتتىن ئېگىز ئۆسۈپ شۇنداق چوڭ شاخلايدۇكى، ئاسماندىكى قۇشلارمۇ ئۇنىڭ سايىسىگە قونىدۇ.
33 Naki tre mba ni kayiyi ni kon gbubu'u.
ئۇ شۇنىڭغا ئوخشاش خالايىق ئاڭلاپ چۈشىنەلىگۈدەك نۇرغۇن تەمسىللەر بىلەن سۆز-كالامنى يەتكۈزدى.
34 Ni kogie a tre ni ba wu ni ka yiyi duba tohtre a.
لېكىن تەمسىل كەلتۈرمەي تۇرۇپ ئۇلارغا ھېچقانداق سۆز قىلمايتتى. لېكىن ئۆز مۇخلىسلىرى بىلەن يالغۇز قالغىنىدا، ئۇلارغا ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى.
35 Ni yalu chachuki a tree diba zah gran hi komu.
شۇ كۈنى كەچ كىرگەندە، ئۇ ئۇلارغا: ــ دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتەيلى، ــ دېدى.
36 I ba lude niwume a ni mique na ka ndiba don.
خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئۇنى كېمىدە ئولتۇرغان پېتى ئېلىپ يۈرۈپ كېتىشتى. ئۇلار بىلەن بىللە ماڭغان باشقا كېمىلەرمۇ بار ئىدى.
37 Se ihen lude ni gbegbelen na wuru man sur ni mi guea ta shu.
ۋە مانا، ئەشەددىي قارا قۇيۇن چىقىپ كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن دولقۇنلار كېمىنى ئۇرۇپ، سۇ ھالقىپ كىرىپ، كېمىگە توشاي دەپ قالغانىدى.
38 Wa si kurna ni kogon mi gue iba shemme u du lude na ya duna kur kpahlena ndi ba ba kuhlema.
لېكىن ئۇ كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياستۇققا باش قويۇپ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. ئۇلار ئۇنى ئويغىتىپ: ــ ئى ئۇستاز، ھالاك بولۇۋاتقىنىمىزغا كارىڭ يوقمۇ؟ ــ دېدى.
39 Iwa lude da yarhan ni kikle gwugwu mba ima duba son nigbagbi shishiman ba chu
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بورانغا تەنبىھ بېرىپ، دېڭىزغا: «تىنچلان! جىم بول!» دېۋىدى، بوران توختاپ، چوڭقۇر بىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى.
40 A miyen ba, age nuyi sisiri? Har zizan bina hei ni bangaiskiya na?
ــ نېمىشقا شۇنچە قورقىسىلەر؟ سىلەردە قانداقسىگە تېخىچە ئىشەنچ بولمايدۇ؟ ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا.
41 Iba tie sisiri, adi a indi birimen nayi a tre ni gwugwu ba I ma u ba wo niwu.
ئۇلارنى ئىنتايىن زور بىر قورقۇنچ باستى، ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟ ھەتتا شامال ۋە دېڭىزمۇ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىكەن-ھە! ــ دەپ كېتىشتى.

< Mark 4 >